• ‹‹تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل››

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67104119.html

    مەرىكە – مۇراسىملىرىمىزدىكى ھەشەمەتچىلىك ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ
    ھەشەمەتلىك رېستوراندا ‹‹چوڭ چاي›› ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. يىگىت تەرەپ باشلاپ كەلگەن ئون ئۈستەللىك مېھمانغا قىز تەرەپ ھەمراھ قىلىپ چاقىرغان ئون ئۈستەللىك مېھمان ھەمداستىخان بولۇپ يەپ – ئىچمەكتە ئىدى… بىر چاغدا ساھىبخانا تەرەپ رېستوراننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا تۆت ئۈستەلنى جۈپلەپ تىزىپ، ‹‹ساندۇق ئاچتى››نى باشلىدى.
    قائىدە بويىچە ئاۋۋال ئوغۇل تەرەپ ساندۇق ئاچتى، ساندۇق ئېچىشقا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئايال گەپدان ئىدى. تەبرىك ۋە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قاملاشتۇرۇپ سۆزلەيتتى. تويلۇق بۇيۇملارنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغاندەك، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماختاپ ھارمايتتى. ‹‹ مانا بۇ كورىيىنىڭ نوركا پەلتۇسى، ئىتالىيىنىڭ خۇرۇم پەلتۇسى، تۈركىيىنىڭ ئابايىسى، شۋېتسارىيىنىڭ ئالتۇن سائىتى، مانا ماۋۇ بىلەزۈكى، 300مىسقال، مانا ماۋۇ زەنجىرى، بۇمۇ 300مىسقال، مانا ماۋۇلار 80مىسقاللىقتىن تۆت دانە ئۈزۈكى… ›› ئايال تويلۇق زىبۇ – زىننەت ۋە كىيىم – كىچىكلەرنى بىرمۇ – بىر تونۇشتۇرۇپ ماختىدى. ھەتتا ئۇ ماختىمىغان قىزنىڭ ئىچ كىيىملىرىمۇ قالمىدى. ئاندىن يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسى ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن 90كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئۇزاققىچە پۇلاڭلىتىپ، يىگىت تەرەپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرۇي – ئىناۋىتى ھەققىدە ماختاندى. كېيىن توينىڭ ئاشسۈيىگە ئاتالغان 30مىڭ يۈئەن نەق پۇلنى سىنغا ئېلىۋاتقان يىگىتنىڭ قولىدىكى تېلېكامىراغا توغرىلاپ شارىلدىتىپ ۋاراقلاپ كۆرسەتتى…
    ئارقىدىن قىز تەرەپ ساندۇق ئاچتى، قىز تەرەپنىڭ رىياسەتچىسىمۇ بوش كەلمىدى، ‹‹مانا بۇ كۈيئوغلىمىزغا ئاتاپ ئالغان كاستۇم – بۇرۇلكا، ئىتالىيىنىڭ جىڭ مېلى، باھاسى 8000يۈئەن، ماۋۇسى شىبلىتى، باھاسى 2800يۈئەن، يەنە كۆينەك ۋە گالىستۇكى بار. مانا ماۋۇ يىگىتىمىزگە ئاتاپ ئالغان 100مىسقاللىق ئالتۇن ئۈزۈك››. رىياسەتچى گويا سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زاڭ ماللارنى كۆرسەتكەندەك، ئۈزۈكنى تۆت ئەتراپتىكى مېھمانلارغا تەپسىلىي كۆرسەتتى. ئاندىن قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى قىزىغا ئېلىپ بەرگەن ئاق ئالتۇن ۋە زالتوي ئالتۇن قاتارلىق ئىككى يۈرۈش زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى، نەچچە يىلدا كىيىپ تۈگىتەلمىگۈدەك كىيىم – كېچەكلەرنى كۆرسىتىپ ماختاندى. ئاندىن يىگىت تەرەپ ئېلىپ بەرگەن 90كۋادرات مېتىرلىق ئۆينى قىز تەرەپنىڭ 60مىڭ يۈئەن خەجلەپ بېزىگەنلىكىنى ۋە ئۇ ئۆيگە ياراشتۇرۇپ ياپونىيىنىڭ ‹‹سونىي›› ماركىلىق بىر يۈرۈش ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى دانىمۇ – دانە قىلىپ سۆزلىدى…
    چايغا كەلگەن ئاياللار كۇسۇرلاشماقتا ئىدى.
    —قىز تەرەپمۇ بوش كەلمەپتۇ جۇمۇ، ھال – كۈنى خېلى ياخشى ئوخشىمامدۇ؟
    — ۋاي نەدىكىنى، ئۇ بىر كىشىلىك مۇئاشقا قاراشلىق ئائىلە، قىز بىلەن قىزنىڭ ئانىسى ئوغۇل تەرەپ شۇنچە پۇل خەجلىگەن يەردە، بىز بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋېلىپ قاراپ تۇرساق سەت ئەمەسمۇ، دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇدەك، شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ دادىسى بىر ئاماللارنى قىلىپ 100مىڭ كوي پۇلنى جۆندەپ بېرىپتۇدەك.
    — ۋاي خۇدايىمەي، ‹‹يېڭىدىن مۇقام چىقتى، ئۆگىنەلمەي جېنىم چىقتى›› دەپ، نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ كۈندىكى تويلاردا…
    ئەتىسى كەچتە، يەنە شۇ ھەشەمەتلىك رېستوراننىڭ تۆت ئۈستەللىك ئايرىمخانىسىدا يىگىتنىڭ ‹‹مەسلىھەت چېيى›› بولدى. يىگىت قولدىشى رۇمكىلارنى يۈرۈشتۈرگەچ، يىگىتنىڭ مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغان ئاغىنىلەرنىڭ تويلىرىدا كۆرسەتكەن مەردلىكى – سېخىيلىقلىرى، قىزنى ئىندەككە كەلتۈرگىچە خەجلىگەن پۇللىرى، قىلغان ئولتۇرۇشلىرى، تويغا خەجلىمەكچى بولغان پۇللىرى ھەققىدە ئۇزاقتىن – ئۇزاق گەپ ساتتى. چوڭلارنىڭ 1500باغاق تارقاتقانلىقى، يىگىتنىڭ 300باغاق تارقاتماقچى بولغانلىقىنى ئەسلەتتى. چوڭلارنىڭ مېھمىنى ئۇزىغىچە ساز چالىدىغان مۇزىكا ئەترىتى، قىزنى يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن توينى قىزىتىدىغان مۇزىكا ئەترىتى، سىنچى، سۈرەتچى، قىز كۆچۈرۈشكە بارىدىغان گارمونچى، قىز كۆچۈرىدىغان ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ، ناغرا – سۇنايچىلار ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىل، يول ئېچىپ ماڭىدىغان ‹‹تويوتا›› ماركىلىق پىكاپ قاتارلىقلارنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى… يەپ – ئىچىش ئەۋجىگە چىققاندا، كىملەردۇر ‹‹كادىلاك››تىن بىرنى، ‹‹ئوۋدىي››دىن ئىككىنى ئەكىلىشكە ۋەدە قىلىپ مەيدىسىگە ئۇردى. كىملەردۇر قاتناش – ساقچى ئەترىتىدىكى ئاغىنىسىگە دەپ، توي يۆتكەش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ شەھەر كوچىلىرىدا خالىغانچە مېڭىپ، توختىشى ھەققىدە ئىجازەت ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ پو ئاتتى…
    توي ئۆز قەرەلىدە ھەشەم – دەرەم بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. مىڭلاپ مېھمان ئۇزىتىلدى. ھېسابسىز سوۋغا – سالاملار قوبۇل قىلىندى. ئۈچ ‹‹كادىلاك››قا ئەگەشكەن ئوتتۇز نەچچە ئالىي پىكاپ شەھەرنى تولۇق ئايلىنىپ چىقتى. يىگىت كۈلەتتى، قىز كۈلەتتى. تويچى بالىلار ئىسقىرتىپ، كۈلۈشۈپ، جاھاننى بېشىغا كىيەتتى. پۇللار غازاڭدەك ئۇچاتتى. ئۈستەللەر نازۇ – نېمەتلەر بىلەن تولاتتى. يەپ – ئىچىش،ئىسراپ قىلىش ئەۋجىگە چىقاتتى.توي شادلىقى پەلەككە يېتەتتى…
    مانا بۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم بىر يىگىت – قىز تويىنىڭ ئىخچام تەسۋىرى. يېڭى – يېڭى ‹‹مەزمۇن››لار بىلەن بېيىپ، ھەشەمىتى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقان مەرىكە – مۇراسىملىرىمىز ھەققىدە تەپسىلىي يېزىپ كەلسەك، بۇ يازمىلار بىر توم بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ يەردە جامائەتچىلىكىمىزنىڭ ئىسراپخورلۇق خاھىشىدىن پەيدا بولغان يېمەك – ئىچمەك ھەشەمەتچىلىكى، مەنمەنچىلىكىدىن كېلىپ چىققان كىيىم – كېچەك ھەشەمەتچىلىكى، ماختانچاقلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل ھەشەمەتچىلىكى، ئابرۇيپەرەسلىكىدىن كېلىپ چىققان مېھماننى زىيادە چاقىرىش ھەشەمەتچىلىكى، داستىخان ھەشەمەتچىلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلماقچى.
    ھازىر مەرىكە – مۇراسىملىرىمىز تېخىمۇ كۆپىيىشكە ۋە زورىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. خەتنە توي قىلاي دېسە ئوغلى يوق، قىلماي دېسە كۆڭلى ئەمىن تاپالمىغان بەزى كىشىلىرىمىز ئىجاد قىلغان خەتنە تويغا باراۋەر كېلىدىغان يەنە بىر توي—كىچىك قىزلارغا ئاتالغان ‹‹گۈل توي›› مەيدانغا كەلدى. ئەسلىي ئاددىي ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن خەتنە توي ۋە بۆشۈك تويلار قىز – يىگىت تويىدەك ھەشەمەتلىك تۈسكە كىرىشكە باشلىدى. ھەتتا بۇ ئىككى توينىڭمۇ مەسلىھەت چايلىرى بارلىققا كەلدى. بۇلاردىن باشقا بىزدىكى خىلمۇ – خىل چوڭ – كىچىك چاي ۋە يىغىلىشلارنىڭ كۆپىيىشى، روشەنكى، كىشىلىرىمىزنىڭ بۇنداق مۇراسىملارنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم دەپ بىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى، ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت دىلمۇراد مەھمۇد بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەڭ ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ‹‹ئىسلاھاتلار››نىڭ ئارقىسىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوشۇرۇنغان. چۈنكى باشقىلارنىڭ مەرىكىسىگە سوۋغا قىلىنغان پۇل شۇنداق مەرىكە ئارقىلىقلا قايتىپ كېلەلەيدۇ. شۇڭا ‹‹سوۋغات››نى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سورۇندىن بىرنى ھازىرلىماي ئامال يوق. نەتىجىدە، بۇ سورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ‹‹ئادەمگەرچىلىكلەر›› ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ۋاقىتنى قۇربان قىلىش كېرەك. روشەنكى، بۇ بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش جەريانى، ناۋادا يەنە ئىككى، ئۈچ ئەۋلادتىن كېيىن يۇقىرىقىدەك يېڭىلىقلار رەسمىي ئەنئەنىمىزگە ئايلىنىپ قالغۇدەك بولسا، بۇ چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
    بىزدە توي ۋە چايلارنىڭ كۆپ ۋە ھەشەمەتلىك بولۇشىدا ئەنئەنىگە تۇتىشىدىغان يەنە بىر سەۋەب بار. ‹‹توي – تۆكۈن›› دېگەن سۆزنىڭ ئېتمولوگىيىسىدىن قارىغاندا، بۇ توقلۇق، قانائەت، ئېشىپ – تېشىشتىن دېرەك بېرىدۇ. توي – تۆكۈننىڭ ئەسلىي مەنىسى خۇشاللىقتىن، تائاملاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەل چاغلىرىدىن بىرلىكتە قانائەت تېپىش ئىدى. لېكىن شەھەرلىشىش دولقۇنى ئىچىدە بۇ مۇراسىملارنىڭ تەبىئىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولدى، يەنى بەسلىشىش، ئابرۇي قوغلىشىش، ئۆزىنى كۆرسىتىش گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇ يەردە يۇقىرىقى ھادىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى ئاشكارىلىنىدۇ. ئابراھام ماسلوۋنىڭ تەھلىلى بويىچە، ئىنسان ئۆزىنى چۈشۈرىدىغان، كەمسىندۈرىدىغان، ئاجىز، قىممىتى يوق، رەزىل، نومۇسسىز ھېس قىلدۇرىدىغان ھەر قانداق بىلىم (ئۇچۇر)دىن قورقۇش خاھىشىدا بولىدۇ ھەم ھەرخىل ۋاسىتىنى قوللىنىپ ئۆزىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوبرازىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ. دېمەك، بىر مەرىكىدە ئۈچ قېتىم كىيىم ئالماشتۇرۇشقىچە بېرىپ يەتكەن ھەشەمەتچىلىكلەرنىڭ ئارقىسىدا رېئاللىقنى بىلىش ھەم ئېتىراپ قىلىشتىن قورقۇش خاھىشى بار. ئۇ كەمبەغەللىكتۇر ياكى باشقىلارغا قارىغاندا كەمبەغەل سانىلىپ قېلىشتۇر. كەمبەغەللىك ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ، ئۇلارنى كەمسىندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەم ئۇنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچىدۇ. لېكىن شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بىر جەمئىيەتتە ھۆرمەت ۋە ئىناۋەت مەنىۋى بايلىق بىلەن ئەمەس، ماددىي بايلىق بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولسا، ئۇنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇدۇر.
    مەرىكە – مۇراسىملىرىمىزدىكى كىيىم -كېچەك ھەشەمەتچىلىكى ھەققىدە گەپ بولغاندا، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر – بىرىنىڭ كىيىمىگە سەپسېلىپ، بىر – بىرىنىڭ قىممىتىنى ئۇچىسىدىكى لاتا ۋە مېتاللار بىلەن باھالايدىغان سەۋىيىدىن تېخى ھالقىپ كېتەلمىدى. ئۇلار كىيىمنى كۆز – كۆز قىلىش رەۋىشىدە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ھۇزۇر سۈپىتىدە كىيسە بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، كىيىم ئادەم ئۈچۈن خاراكتېردىكى ئاجىزلىقنى بېزەيدىغان ئالامەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتى ئىدى. بىنادا ئۆيىگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەم مېڭىۋاتقان پەشتاقنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ، كىيىم – كېچەككە كۆزى تويغان ئادەملەر ئۈچۈن كىيىممۇ ئەنە شۇنداق نەرسە. كىيىم – كېچەك ئارقىلىق ئۆزىنى ھېسابقا ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىيەتتە، نامراتلىقنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ، كىيىمگە بولغان مەستانىلىك ئىنساننىڭ خاراكتېرى ۋە ۋۇجۇدىدىكى بىباھا گۈزەللىكنى خاراب قىلىدۇ، بۇ خۇددى كۆزنى ئويۇپ بېرىش بەدىلىگە كۆزئەينەككە ئېرىشىشكە ئوخشايدۇ.
    توي – تۆكۈنلەردە ئاپتوموبىل ئىشلىتىپ قىز كۆچۈرۈش شەھەرلىشىشتىن كېيىن پەيدا بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئىقتىساد يار بەرگەن ئەھۋالدا، بىر نەچچە ئاپتوموبىلنى كىرا قىلىپ قىز كۆچۈرۈش، ئەلۋەتتە، توينىڭ شادلىقىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ ھەم توينىڭ يارىشىقى. قىزنى ئاتقا مىندۈرۈپ ياكى خادىككە ئولتۇرغۇزۇپ كۆچۈرۈش ئەنئەنىسى يېزىلىرىمىزدا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما ھەددىدىن زىيادە ئاپتوموبىل كىرا قىلىش ياكى قوشنا رېستوراندىن ئاپتوموبىل بىلەن قىز يۆتكەش —ئاپتوموبىلىنى سەلتەنەت، بەخت – سائادەت، سۆلەت ۋە سۈر – ھەيۋىنىڭ سىمۋولى قىلىۋېلىش ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى بىلەن ھېسابلاشماي، باراڭ كۆرسەتكەنلىك خالاس.
    رېستورانلىرىمىزدىكى ئىسراپچىلىق ھەققىدە يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن مۇنداق دېدى: كۈنلىرىمىزنى كەيپ – ساپا ھارام قىلماقتا. ئايىغى ئۈزەلمەيدىغان، كۆلىمى كۈندىن – كۈنگە كېڭىيىۋاتقان توي – تۆكۈنلىرىمىز، ئولتۇرۇش – بەزمىلىرىمىز ئەس – ھۇشىمىزنى يوقىتىپ، يىلىك – يىلىكىمىزنى قۇرۇتماقتا. بىز شۇنداق ساراڭ بايۋەتچىلەرگە ئايلاندۇقكى، بايلىقلىرىمىزنى رېستوراننىڭ سۇلياۋ داستىخانلىرىغا ئوراپ بىراقلا ئەخلەتكە تاشلايدىغان بولدۇق. ئەۋلادنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاش ، ئەۋلادىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن زاپاس تەييارلاش كۈنتەرتىپىمىزدىن چىقىپ كېتەي دەپلا قالدى. شۇڭا،‹‹تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل›› دېگەن ھېكمەتنى ئەل – ئاۋامغا قايتا بىلدۇرمىكىمىز زۆرۈردۇر .
    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us