• ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺧﯘددى ﻳﻮﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﺪەك ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﻳﯧﺰا ﺋﻮرﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﺑﯚﻟﯜم، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪارە - ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﯘﻗﯘپ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚز ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ زەﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﭗ، دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩلاردا دورا ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
    ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻗﻮل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮالارﻧﻰ ﺋﻪرزﯨﻤﻪس ﺋﯩﺸلار ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﻳﯟە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻧﻰ ﺋﺎﯕلاپ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﮬﻪم ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻏﺎ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ۋە ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺑﻪرﮔﻪن؟ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋە ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﻰ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚز ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ۋە ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘپ ۋەزﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎ، رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﭙلا ﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﮬﯚﻛﯜرەپ ﮬﻪﻳﯟە ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜرﺳﻪ، ﺋﯘلار ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازى ﺧﯩﺮەﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟

  • بىز ئەمدى گۆش يىيىشكە باشلىساق، سىلەر كۆكتات يىيىشكە قايتىدىن يۈزلەندىڭلار.
    بىز ئەمدى توي قىلالىساق، سىلەر تەنھالىق شۇئارىنى توۋلاشقا باشلىدىڭلار.
    بىز ئەمدى قەنىت چىشلىسەك، سىلەر قەنىت سىيىشكە باشلىدىڭلار.
    بىز ئەمدى ئارام ئىلىپ تەرلىرىمىزنى سۈرتسەك، سىلەر چىنىقىش ئۆيى ۋە ھورداقخانىغا بىرىپ تەرلىنىشكە باشلىدىڭلار.
    بىز ئەمدى تېلېفۇن ئورناتساق، سىلەر توردا سۆزلىشىشكە باشلىدىڭلار.
    بىز ئەمدى كىنوخانلاردا ئۇچىرشىشنى ئۈگەنسەك، سىلەر توردا مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدىڭلار.
    بىز ئەمدى قورسىقىمىز توق كىيمىمىز پۈتۈن بولسا، سىلەر ئەكىسچە ئورۇقلاشقا، كىندىكىڭلارنى ئىچىپ قويۇشقا باشلىدىڭلار.
    بىز ئەمدى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا باشلىساق، سىلەر چەتئەللەردە ئوقۇشقا باشلىدىڭلار.

  • تور بەتلەرنى ئاچساملا، ئېلان كۆپ؛
    ئېلانلارنىڭ ئارىسىدا قاتىللىق، باسقۇنچىلىق،پەسكەشلىكلەرگە دائىر خەۋەر كۆپ؛
    يازمىلاردا ئىملا خاتالىقى كۆپ؛
    بىمەنە خەۋەر-رەسىملەرنىڭ چېكىلىش سانى كۆپ؛
    مۇنبەرلەردە ئۇرۇش-جىدەل كۆپ؛
    «قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن» ۋە چاۋاك كۆپ؛
    ئويۇن-تاماشا كۆرۈدىغانلار كۆپ؛
    ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى يوق، سادام، قازافىلارھەققىدىكى پاراڭ كۆپ؛
    مىللەتشۇناسلاردىن ئىللەتشۇناسلار كۆپ؛

  • بىر قانچە قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ رەڭلىك سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئېسىل شاراب ۋە ھەرخىل ھالالمۇ، ھاراممۇ بىلگىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ-ئىچىپ، « ئاللا، بەرگەن نازۇ-نېمەتلىرىڭگە كۆپ رەھمەت» دەپ دۇئا قىلىۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.
    چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋېلىپ، قۇلاقلىرىغا ھالغا ئېسىۋالغان يىگىتلىرىمىزگە توۋا دەيمەن.باشقىلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزىۋاتقان، بالىلارنى يىتىم قىلىۋاتقان، ئىچىدىن زەھەر تامىدىغان ھەسەتخور كىشىلەرگە توۋا دەيمەن.ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن شۇنچىلىك ياخشى تەربىيە ئالغان، غورۇرلۇق دەپ ئويلىغان شۇ قىزنىڭ، بىر ھاراقكەش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، قىزلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان يىگىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن غورۇرىنى يوقۇتۇپ بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي يۇرىۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.ئەكسىچە، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان ئاقكوڭۈل، ئېغىر-بېسىق يىگىتلەرگە، بىرەر قىزنىڭمۇ كۆڭلى چۈشمەيۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.« مودا » دەپ ھەرخىل ياسىنىپ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ « سودا » بولىۋاتقىنىنى بىلمەيۋاتقان قىزلىرىمىزغا توۋا دەيمەن.

  • ﺋﯚزﺋﺎرا ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺶ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ داﺋﯩﻢ ﻳﺎر - ﻳﯚﻟﻪك ﺑﻮﻟﯘش، ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﭗ ﮬﺎل - ﻣﯘڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘپ ﺗﯘرۇش - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪر زەﻧﺠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﺪۇر. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮﯨﺪۇر. ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪت ۋە ﻣﯩﺠﻪزﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪپ ﺗﯘرۇﺷﺘﺎ، ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﺘﻪ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﻣﯘۋازﯨﻨﻪت ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪۇر. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا دوﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ۋەدﯨﻠﯩﺸﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.ﺧﻮش، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﯘ ﺷﯘ ﺗﻪرﯨﺰدە داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر: «ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺳﺎداﻗﻪت، ﺗﻪﻣﻪﺳﯩﺰ ﻳﺎردەم، ﻏﻪرەزﺳﯩﺰ ﺑﺎراۋەرﻟﯩﻚ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺟﺎۋاﺑلارﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺟﺎۋاﺑلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ؟

  • ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎراڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﯕﻤﻪن ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﯟﯦﺪى، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ «ﺋﺎﺷﻘﺎزﯨﻨﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﮔﯧﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ» دەپ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﺪۇم. دەل ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪن ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى! ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﯧﺨﻰ ﮬﯧﻠﯩلا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﯚﭼﯜرە ﺋﯩﭽﯩﯟاﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن» دەپ ﮔﻪپ ﻳﺎﺳﺎپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩلا، ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮلاﺗﺘﻰ

  • ۋاڭ يۈلىننىڭ ماقالىسىدىكى ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﭼﻰ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞﺋﻪﻥ-ﺋﻪﻧﯩﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
    ﻫﺎﻛﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻰﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﻫﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﯦﻬﯩﻘﺎﻧﻼﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ « ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ» ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻫﯧﭽﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺗﻪﺩﯨﺒﯩﺮﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻫﺎﻛﯩﻢ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﻩﻝ « ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ » ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

  •   

  • ﺑﯩﺰ ﻧﺎﻣﺮاﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎي ﻳﯜرﮔﻪن ﭼﺎﻏلاردا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯘدەك ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﺋﯩﺸﺘﺎن، ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﻳﻮﭘﻜﯩلارﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﻛﯚﯕﻠﻪك - ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﯩﻴﻤﻪي ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﭽﻪ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
    ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰ زاﻏﺮا ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘلاﻟﻤﺎي ﭼﯩﺮاﻳﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻧﺎن ﻳﻪپ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﺎق ﻧﺎن ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ، زاﻏﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
    ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎﻛﯘل ﺳﯘۋاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻛلاپ ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻛلاپ ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺮلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛلاش، ﺳﯩﺮلاش داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺷﯩﺪدەت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﭼﯧﭽﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺷﻮﺗﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘدەك ﺋﻪﻟﭙﺎزى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ!
    ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﮬﺎﺟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪۋرﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯜرﺗﯜﺷﻜﻪ ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻏﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻗﻪﻏﻪز ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎردى. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎران دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻛﯚﻧﯜۋاﺗﺴﺎق، ﺋﯘلار ﺋﻪﻣﺪى ﻗﻪﻏﻪز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!

  • 1.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻗﯘﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻛﯜﭺ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻗﯘﻳﺪﯗ .

    2.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻣﻪﺳﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﺳﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭺ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .

    3.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﻮﻝ ﺋﯚﺯﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .

    4. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ .

  • ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ” ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “،” ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ ” ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﺎﺕ -ﺗﯜﮔﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﯘﻟﻰ ﺋﯧﭽﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .

  • نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىززىققۇچى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىپلا قالماستىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قىززىققۇچىلارنىڭ ھەسسىلەپ ئارتىپ بارماقتا . ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەۋەرلەر ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا .
    7- ئاينىڭ 17- كۈنى ، گېرمانىيە تېلىۋىزىيە قانىلى A RTE قانىلىدا فىرانسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى قېزىش جەريانى ئەكد ئەتتۈرۈلگەن بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلدى .

  • بىراق نۇرغۇنلىغان چولپانلار قېرىشقاندەك ئەسلىدىكى بەدەن ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر بار. مەسىلەن، روھى جەھەتتىن ئوڭۇشسىشلىققا ئۇچراش، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىن قويىۋېتىش، ياشنىڭ چوڭىيىشى قاتارلىقلار. <<تۈرمىدىن قېچىش>> فىلىمىدىكى باش رولچى michael نىڭ كوچىدا كىتىپ بارغان يوغان قورساق ھالىتى ئۇنىڭ نۇرغۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلدى. بىز بۇ يەردە يەنە بىر قانچىلىغان ئەر چولپانلارنىڭ كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان ھالىتىنى تېپىپ چىقتۇق، ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇلارنىڭ قايسى چولپانلار ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى!

  •  ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ - ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ - ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﻰ. ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯗﺭ. ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﯞﻩﭖ - ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﭘﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

     

     

  • http://www.weste.net/Files/UpFiles/2005/2005-02/03/2005020313403049231.jpgبىرەر يىغىلىشلارغا ياكى يىغىنلارغا بارغىنىڭىزدا كاستىيوم بۇرۇلكا كىيىپ، گالاستۈك تاقىسىڭىز تېخىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنىسىز. ئەمىسە گالاستۈك چىگىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ قويۇڭ. 
    تۆۋەندە گالاستۈك چىگىشنىڭ 10 خىل ئۇسۇلى كۆرسىتىلىدۇ. بىر قېتىمدا ئۆگىنەلمىسىڭىز قايتا-قايتا سىناپ مەشق قىلىڭ

  •  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ئارقا – ئارقىدىن كاما دۆڭ ئىزى ، ئاپئاق خوجا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى قەدىمىي شەھەر ئىزى ، قالغۇچ مەيدانىدىكى مۇراتىم ئىزى ، ئالتۇن دۆڭ ئىزى ، لۇڭكۇ كۆۋرۈك ئىزى ، يامىچى مەھەللىسىدىكى مېتال ئېرىتىش خۇمدان ئىزى ، شېھدلىرىم مازىرى ئىزى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى بايقىدى . بۇلار شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى ، پەيزىۋات دېگەن بۇ يەر قەدىمكى دەۋردىن تارتىپلا پەيزى ھەم ئاۋات بولۇپ كەلگەن . بۇ يەر قەدىمكى ‹‹ يىپەك يولى ›› كېسىپ مۇھىم بىر ئۆتەڭگە ئايلانغان ۋە بۇ ئۆتەڭ قەشقەر شەھىرىگە 75 كىلومېتىر كېلىدىغان پەيزىۋات بازىرى ئەتراپىدا بولغان .

  • ﺩﻩﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﮕﻪﻥ، ﺋﯘ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﻰ، ﮬﺎﻛﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﮬﻜﯜﻡ، ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ﯞﻩ ﺯﻩﺑﯘﻧﻠﯘﻕ ﺯﺍﻻﻟﯩﺘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺖ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻮﻗﯘﻕ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ، ﻳﺎﻟﻼﻧﻤﺎ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻰ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ بوﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯜﭼﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻏﻰ ﺋﯧﺮﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺩﺍﻣﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﮬﺎﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.

  • تاماكا چىكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا تاماكا تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈسىتدە ئىزدەنگۈچىلەر بارغانىسرى كۆپەيمەكتە. بىييرۇتتا نەشر قىلىندىغان << ئەرەب تىببىي ئىلمىنىڭ سىرى>>دا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تاۋۇزغا ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ يىسە تاماكا خۇمارىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۈگەتلىكى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق؛ تاۋۇزنى ئىككى پارچە قىلىپ، بىر پارچىسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۆشىنى تاكى شاپىقىغا قەدەر يۇمشىتپ ئۇنىڭ ئۈستىگە 400 گرام ساپ ھەسەل قويۇپ، دوخۇپكىدا 150سىلىسىيە گىرادۇستا ئىككى مىنۇت قىزدۇرۇپ، سوۋۇغاندىن كىيىن ھەركۈنى بىر قوشۇقتىن يەپ بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا تاماكا خۇمارىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

  • ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئاپتۇنۇم رايۇنىدا يولغا قۇيۇۋاتقان، ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ سىياسەتكە ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺭﭖ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﯞﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﺍﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯗ ؟

  • ئۇيغۇرلارنڭ قانلىق تارىخى1918-ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯨﺖ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ.
    ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯩﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ – ﻗﯘﻳﯘﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ،
    ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ
    ﺑﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،
    ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺟﺎﺭﺍھﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .
    ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﯞﯨﺖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯜﻧﭽﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ؟

  • ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﮔﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﺪﻩ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮلنىڭ ﻣﯘﺷﯘ «ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ» ناملىق كىتاۋىنى ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ ﻓﯩﻠﯩﭙﯩﻨﻠﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﮔﻮﻳﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮔﻮﻳﺴﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯔ «ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ» ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . 24 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻮﻳﺴﺎﺭ ﻓﯩﻠﯩﭙﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻟﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ 17 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﺠﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

  • ﻳﺎﺷﺎش ـــ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ. ﻳﺎﺷﺎش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎج ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪرﻛﯩﻢ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرزۇﺳﻰ ۋە ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪر ۋە ﮬﯜﻧﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى - ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯘرﻣﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى- ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ.

  • ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﻮﯞﻏﺎﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻧﯩﺲ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯜﺑﮭﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ، ﺋﺎﯞﺍﺯﺳﯩﺰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻏﯘﺑﺎﺭﺳﯩﺰ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﭘﺮﺍﮔﻤﺎﺗﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﯨﺸﻜﺎﺭﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

  • بۇ رەسىملەرنى ئاۋىستىرالىيىلىك داڭلىق تارىخشۇناس George Ernest Morrison(1862_1920) 1910-يىللىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىدە تارتقان بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .

  • غۇرۇر ئىنتايىن غەيرى نەرسە: ئاسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىدە) ھەممىدىن جاھىلى غۇرۇردۇر، يەنى ئاسسىمىلاتسىيە "تىل"دىن باشلىنىپ، "مەدەنىيەت" جەھەتتىكى نۇرغۇن توقۇنۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، "غۇرۇر"نىڭ جاھىللىقىدا ئۇزۇن يىللار سۆرۈلۈپ، مىڭبىر جاپادا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن --- پەقەتلا مۇمكىن (يەھۇدىلارنى دەل ئۇلاردىكى جاھىل غۇرۇر ئۇلارنىڭ تاشلىۋەتمەي ئەپكەلگەن مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ ساقلاپ قالغان)؛ دىسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتنىڭ پارچىلىنىشىدا) ھەممىدىن راۋانى يەنە شۇ غۇرۇر --- گەرچە دىسسىمىلاتسىيەمۇ ئوخشاشلا "تىل"دىن باشلانسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقتلاردا يۈرۈش قەدىمى ھەممىدىن تېز بولىدىغىنى "غۇرۇر"دۇر، بۇ جەريانلارنى "مەدەنىيەت" ھەتتا سەزمەيلا قېلىشىمۇ مۇمكىن. (بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغىنى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بولسا كېرەك.) غۇرۇر خۇددى بىر ماگنېت تاياقچىسىغا ئوخشايدۇ: ئىككى قۇتۇبى بار، ئەگەر ماگنېت تاياقچىسى مەلۇم بىر جايدىن ئۈزۈلسە، يېڭىدىن شەكىللەنگەن ھەر ئىككى پارچە ماگنېت تاياقچىسىدا دەرھاللا قۇتۇپ ھاسىل بولىدۇ --- ھەر بىر تال تاياقچە مۇستەقىل ماگنېتقا ئايلىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش بولسا ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس --- ئىككىسى بىرگە تۇرالىغان تەقدىردىمۇ قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ.

  • 1.  1-1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جەمئىي ئۈچ كۈن؛2. چاغان: 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە، جەمئىي 7 كۈن؛ 2-ئاينىڭ 20-كۈنى(شەنبە)، 21-كۈنى(يەكشەنبە) نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.3. چوكانتال بايرىمى: 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، جەمئىي 3 كۈن؛4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جەمئىي 3كۈن؛5. تاڭزۇڭزا چاغىنى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، جەمئىي 3 كۈن؛ 6-ئاينىڭ 12- ۋە 13-كۈنلىرى نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.6. تاۋۇز چاغىنى: 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، جەمئىي 3كۈن؛ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 25-كۈنى نۇرمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.7. دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جەمئىي 7كۈن؛ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 9-كۈنى نۇرمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

  • ئەرلەرنىڭ چىرايلىق قىزلارغا ئامراق بولىشى ئۇلارنىڭ ماھىيىتى بولۇشتىن باشقا ، يەنە ئۇنىڭ پايدىلىق يەرلىرىمۇ بار ئىكەن .ئەنگىلىيىلىك دوختۇرلۇق ئىلمىي ژورنىلىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئەرلەر ھەركۈنى نەچچە مىنۇت چىرايلىق قىزلارغا قاراپ بەرسە ئۆمرى 4-5 يىل ئۇزۇرايدىكەن . ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرى 5 يىل ئىچىدە 200 گە يېقىن ئەردىن سىناق ئالغان ، نەتىجىدە ھەركۈنى چىرايلىق قىزلارغا قارايدىغان ئوغۇللارنىڭ قان بېسىمى بىرقەدەر تۇراقلىق ، قان-تومۇر سوقۇشى بىر قەدەر ئاستا ، يۈرەك كېسەللىكلىرىمۇ بىر قەدەر ئاز بولغان . تەتقىقاتتا ئاشكارلىنىشىچە ، ئوغۇللارنىڭ يوشۇرۇنچە چىرايلىق قىزلارغا قارىشى خۇددى بىر پارچە رەسىمگە قارىغانغا ئوخشاش بولۇپ ، مەنىۋى ساغلاملىققا پايدىسى بار ئىكەن . بەدەن چېنىقتۇرۇش دەرىجىسىگە سۇندۇرغاندا ، 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەن .

  • " ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ 100 ﻳﯩﻞ "ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ چىقتى "ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭘﯩﮕﺎﺳﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﭼﻰ ﺟﻮﺭﺝ ﻓﺮﻳﯧﺪﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺷﻪﻧﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﮔﯜﻧﺴﻪﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ 21 ‏ - ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﺭﻩﺯ‏ - ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ، ﻛﯚﺯ ‏ - ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ، 21 ‏ - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ‏ - ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﻥ ‏ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭ ‏ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ.

  • تەيۋەن جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاۋستىرىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان داڭلىق ئىچىملىك قىزىل كالائىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوكايىننىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىدى . تەيۋەن دائىرلىرى تەيبىي شەھىرىدە 30 - ماي تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ  قىزىل كالا ئىچىملىكى ئىشلەپچىقارغان شىركەتنىڭ ئىككى جايدىكى مال ئامبىرىنى تەكشۈرۈپ ، 17165 يېشىك قىزىل كالا ئېنىرگىيە ئىچىملىكىنى پېچەتلىگەن .تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىچىملىككە زەھەر ئارىلاشتۇرۇلغان دىلو بولۇپ ، گەرچە قىزىل كالائىچىملىكىدىكى كوكايىننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ ، بىراق تەيۋەننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن تەركىبىدە كوكايىن بولسىلا قانۇنغا خېلاپ ھېسابلىنىدىكەن . تەكشۈرگۈچى تارماقلار ئىچىملىك سېتىۋالغۇچى خوجايىنلارغا مۇشۇ تۈردىكى قىزىل كالائىچىملىكىنى ئىمپورت قىلماسلىقنى ، بولمىسا قانۇنغا خېلاپ بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

  • بۇئىككى پارچە رەسىم پىسخولوگىيە ئالىملىرى  ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىپ ،دۇنيادىكى كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى «چىرايلىق » ئۆلچىمىگە ئاساسەن سىزىپ چىقىلغان بىر ئەر بىرئايالنىڭ رەسىمى بولۇپ ، خەلقئارادىكى نۇرغۇن مىللەت ۋە رايون كىشىلىرىنىڭ دۇنيابويىچە ئەڭ چىرايلىق كىشى  دىگەن ئىتراپىغا ئېرىشكەن .