-
پەيزىۋاتتىكى قەدىمىي شەھەرلەر ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2010-06-19
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66481897.html
پەيزىۋات ناھىيىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ، قەشقەر تۈزلەڭلىكىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي بۇرجىكىگە ، قىزىل دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا جايلاشقان . بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ، ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىچە بولۇپ قوغۇنى داڭلىق .
پەيزىۋات ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە ئورنى ۋە كۆلىمى ئېنىق بېكىتىلگەن تۆت قەدىمىي شەھەر بار . ئۇلار : مورتۇم قەدىمىي شەھىرى ، دەقيانوس قەدىمىي شەھىرى ، جالاتىم قەدىمىي شەھىرى ۋە خەنزۇ شەھىرىدىن ئىبارەت ، شۇ يەردىكى خەلقلەر بۇلارنى تۆت چوڭ قەدىمىي شەھەر دەپ ئاتىشىدۇ .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ئارقا – ئارقىدىن كاما دۆڭ ئىزى ، ئاپئاق خوجا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى قەدىمىي شەھەر ئىزى ، قالغۇچ مەيدانىدىكى مۇراتىم ئىزى ، ئالتۇن دۆڭ ئىزى ، لۇڭكۇ كۆۋرۈك ئىزى ، يامىچى مەھەللىسىدىكى مېتال ئېرىتىش خۇمدان ئىزى ، شېھدلىرىم مازىرى ئىزى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى بايقىدى . بۇلار شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى ، پەيزىۋات دېگەن بۇ يەر قەدىمكى دەۋردىن تارتىپلا پەيزى ھەم ئاۋات بولۇپ كەلگەن . بۇ يەر قەدىمكى ‹‹ يىپەك يولى ›› كېسىپ مۇھىم بىر ئۆتەڭگە ئايلانغان ۋە بۇ ئۆتەڭ قەشقەر شەھىرىگە 75 كىلومېتىر كېلىدىغان پەيزىۋات بازىرى ئەتراپىدا بولغان .
ھازىرقى پەيزىۋات ناھىيىسىدە 360 مىڭ نوپۇس بار . ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈك ئىچىدە ئاق پوتەي دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي شەھەر ئىزى بار ، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى ‹‹ ئۆلۈك شەھەر ›› دەپ ئاتايدۇ .
پەيزىۋات ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى روزاجى ئابلانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 1990 – يىلى 13 – سېنتەبىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتى پەيزىۋات ناھىيىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . مۇشۇ جەرياندا پەيزاۋات ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قەدىمىي شەھەر ئىزى خارابىلىرىنى بايقىغان ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى باھالاپ بېكىتكەن ، ئاخىرىدا 18 ئورۇندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزى قوغداش دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن . ئۇنىڭ ئىچىدە يىل دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرى غەربىي خەن سۇلالىسىگە ئۇلاشقان ، مەدەنىيەت تارىخى ۋە قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغىنى : يۇقىرىقى تۆت خارابە ئىزى بولغان . بۇ خارابە ئىزلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدلىكى شۇكى ، ئۇ يەرلەردە تۈرلۈك رەڭدىكى ساپال بۇيۇملار ، قاشتېشى بۇيۇم پارچىلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇنىڭدىن 1000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قارا دۆڭ ( جالانىم ) خارابە ئىزىنىڭ كۆلىمى ئىككى كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدە ، غەربتىكى تۆت مۇھىم بازارنىڭ بىرى بولغان سۇللاغ بازىرى ( قەشقەر ) نىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا سېلىنغان سېپىل ، خەندەك ، مېتال تاۋلاش ، خىش پىشۇرۇش مەيدانلىرىنى بىر قەدەر ئوڭاي قىياس قىلغىلى بولىدۇ . قىزىلسۇ يېزىسى تەۋەسىدىكى مورتۇم قەدىمكى شەھەر خارابە ئىزىنىڭ كۆلىمى 375 كىلومېتىرغا يېتىدۇ ، بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە ، ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر ، كەڭلىكى 15 كىلومېتىرغا سوزۇلغان . بۇ قەدىمىي شەھەر — ئىچكى شەھەر ، تاشقى شەھەرگە ئايرىلغان . تاشقى شەھەر دائىرىسىدە زەمبىرەك سۇپىسى ( پوتەي ) ، مۇداپىئە خەندىكى ( ئايلانما سۇ يولى ) بولغان . ئىچكى شەھەردە ئالتە ئورۇندا ناھايىتى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بۇددا ئىبادەتخانا ۋە مۇنارى ۋە مەھەللە بولغان .
历史上的今天:
بلوگىڭىزنى بىزىۋېلىڭ (چىرايلىق سائەتلەر.4) 2010-06-19بلوگىڭىزنى بىزىۋېلىڭ (چىرايلىق سائەتلەر.3) 2010-06-19بلوگىڭىزنى بىزىۋېلىڭ (چىرايلىق سائەتلەر.2) 2010-06-19بلوگىڭىزنى بىزىۋېلىڭ (چىرايلىق سائەتلەر.1) 2010-06-19
收藏到:Del.icio.us