• ئاياللارنىڭ پەرزەنت، جەمئىيەت ئالدىدىكى رولى ۋە مەسئۇلىيەت

    2010-06-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66483654.html

    ئاياللار ئۇلۇغ ئىنساندۇر. ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. ئاياللار مىللەتنىڭ ، دۇنيانىڭ ئانىسىدۇر. بۇ تەبىرلەر ئاياللارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، بۇ دۇنياغا ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىدىن سۈيۈندۈرىدۇ. بۇ ئۇلۇغلۇققا ئانىلىق، ئاياللىق، پۇقرالىق مەسئۇلىيەت سىڭگەن بولىدۇ ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى دەۋردە ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ھەقىقەتەن ئېغىر. ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئائىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇشى، پەرزەنتلەرنى ياراملىق، ئەدەپ ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلىشى ھەم دەۋرنىڭ تەرققىياتىغا ماسلىشىپ جەمئىيەتتىمۇ ئۆز رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مانا بۇلارنى تولۇق ۋە نەتىجىلىك ئورۇنداش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. لېكىن بۇ يەنىلا ئاياللارنىڭ باش تارىتپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئۇنىڭ كونكىرت مەزمۇنلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
    ئاياللارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى رولى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. پەرزەنتلەرنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپ قىسمى ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلىشى ئەڭ ئىجاتچانلىققا، يېڭىلىق يارىتىشقا باي، يۇقۇرى ماھارەت ۋە بىلىم تەلەپ قىلىدىغان مۇكەممەل جەريان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

    ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بالاغىتى- ئانىلىقتۇر. ئانىلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇش ئاياللارنىڭ ئاياللىق گۈزەللىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئانا بولۇش ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ۋە مۈشكۈل ئىش. ئۇ پەرزەنتكە ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى دېسەك، ئۇ ئايال شۇ شەرىپى ئۈچۈنلا ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ناۋادا ئۇ ئايال پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتىنى توغرا يولغا يېتەكلىسە، بۇ ئانىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور بولىدۇ. دېمەك، ئانىلىق،مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىق ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقانلىقتۇر.
    قايسى بىر ئىنسان بەختلىك ياشاشنى خالىمايدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممە كىشى بەختلىك ياشاشنى خالايدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ئەڭ زور خوشاللىقى ۋە بەختى نىمە؟

    بۇ خوشاللىىق ۋە بەخت ئۆز پەرزەنتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە بەختىنى كۆرۈشتۇر. پەرزەنت، ئاتا- ئانىنىڭ خوشاللىقى ۋە بەختى. بۇ بەخت ۋە خوشاللىقنى يەنىلا شۇ ئانا يارىتالايدۇ. شۇڭا لاياقەتلىك ئانا بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەر بىر ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

    ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە رولى ئىنتايىن چوڭ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئانىلىق ۋە ئاياللىق گۈزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بىر كىشلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتەلىگەندە ئۆز قەدىر قىممىتىنى تاپالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ چىن مەنىدىكى ئىجتىمائى ئورنىنى بېكىتەلەيدۇ.
    ئاياللار بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بىلىم ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. شۇڭا ئاياللار بىلىم ئىگىلەش، كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش تۈپەيلى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر نوقۇل ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇريەتنىلا تەكىتلەپ، بىلىم ئىگىلەشكە سەل قارىغاندا، دەۋر روھىغا ماسلاشقىلى بولماي قالىدۇ- دە، بۇ خىل ئەھۋالدا لاياقەتلىق ئانا بولۇشقا يەنە مەلۇم نوقسانلار يېتىپ قالىدۇ.
    ئادەمنىڭ ئۆمۈرى چەكلىك. دېمەك شۇ چەكلىك ئۆمرىدە ئائىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش، ئەرگە يار- يۆلەك بولۇش، پەرزەنتلەرنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش، زامانىۋىي بىلىم بىلەن قوراللىنىپ، جەمئىيەتتە تېگىلشلىك تۆھپە يارىتىش- دەۋرىمىز ئاياللىرىنىڭ پەخىرلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us