-
红牛 ئىچىملىكى تەركىبىدە كوكايىن بايقالدى
2009-06-12
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40893317.html
تەيۋەن ئاۋىستىرىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان قىزىل كالا ئىچىملىكى تەركىبىدە كوكايىن بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىدى
تەيۋەن جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاۋستىرىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان داڭلىق ئىچىملىك قىزىل كالائىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوكايىننىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىدى . تەيۋەن دائىرلىرى تەيبىي شەھىرىدە 30 - ماي تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ قىزىل كالا ئىچىملىكى ئىشلەپچىقارغان شىركەتنىڭ ئىككى جايدىكى مال ئامبىرىنى تەكشۈرۈپ ، 17165 يېشىك قىزىل كالا ئېنىرگىيە ئىچىملىكىنى پېچەتلىگەن .
تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىچىملىككە زەھەر ئارىلاشتۇرۇلغان دىلو بولۇپ ، گەرچە قىزىل كالائىچىملىكىدىكى كوكايىننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ ، بىراق تەيۋەننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن تەركىبىدە كوكايىن بولسىلا قانۇنغا خېلاپ ھېسابلىنىدىكەن . تەكشۈرگۈچى تارماقلار ئىچىملىك سېتىۋالغۇچى خوجايىنلارغا مۇشۇ تۈردىكى قىزىل كالائىچىملىكىنى ئىمپورت قىلماسلىقنى ، بولمىسا قانۇنغا خېلاپ بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى .
ئىگىلىنىشىچە قىزىل كالا ئىچىملىكى ئەڭ دەسلەپتە تايلاندتا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ھازىر ئاۋىستىرىيىدىكى قىزىل كالا شىركىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 120 نەچچە دۆلەتتە ئىشلەپچىقارغان ھەم ساتقان ئىكەن .
تۆۋەندىكى تور بەتتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى .
http://info.china.alibaba.com/news/detail/v8-d1005465110.html
تۆۋەندىكى تور بەتتە جۇڭگو قىزىل كالا ئىچىملىكى شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بار ئىكەن .
http://www.cnr.cn/gundong/200906/t20090601_505351922.html>历史上的今天:
ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت (3) 2010-06-12ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت (2) 2010-06-12ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت (1) 2010-06-12ئۇيغۇرلار 2010-06-12ئالەم ۋە ئادەم (2) 2010-06-12
<< ئويلاپ باقسام گۇناھ ئەرلەردەئىكەن....ھە؟ | باش بەت | 1مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا >>