• ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت (1)

    2010-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/65845166.html

     

    ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت

     

    نوشىرۋان يائۇشېف(روسىيە)

     

    نۇسرەت تۇردى
    ئابلىز  ئورخۇن

     

    كىمىكىم ئۇنۇتماس ئۆتمۈش ئەلەمنى،

    كەلگۈسىگە قويار توغرا قەدەمنى.

                            ـــ  ئا. ئۆتكۈر

     

    تارىخ ھەرگىزمۇ ئاددىي يوسۇندىكى ۋاقىت ئۇقۇمىدىنلا دېرەك بەرمەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىشمۇ ئۆتكەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. ئۆتمۈشتىن خىلمۇ –خىل ۋاستىلارغا تايىنىپ كەلگەن ئۇچۇرلاردا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل –پاراسىتى، قايغۇ-ئەلەملىرى، شان –شەرەپلىرى، ئار-نومۇسلىرى... بەزىدە روشەن، بەزىدە خىرە جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز ئەنە شۇ نەرسىلەردىن بۈگۈنىمىزنى، بۈگۈنكى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى، كۈلكىلىرىمىز ۋە يىغىلىرىمىزنى ھەقىقىي كۆڭۈل كۆزىدىن بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالايمىز. ئېھتىمال، بۇ تارىخ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم قىممەتلىرىدىن بولسا كېرەك.

    بىز ئۇزاقتىن بۇيان ئادەتلىنىپ كەتكەن مۇشۇ ئەسىر سۆزى بىلەن ئاتاپ كەلگەن 20-ئەسىر ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتكەن ئەسىرگە، توغرىسىنى ئېيتقاندا، تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. ئەمما، 20-ئەسىر قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر، ئاشۇ ئەسلىمىلەر، مەيلى ئۇلار بىزنى خۇشال قىلسۇن ياكى يىغلاتسۇن، يەنىلا روھىمىزنى مەھكەم ئوراپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى، 20-ئەسىر بىزنىڭ بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈچۈن قىلغان خىلمۇ-خىل تىرىشچانلىقلىرىمىز، ئورۇنۇشلىرىمىز بىلەن تارىخىمىزدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتىدىغان بىر ئەسىردۇر.  شۇڭا، مۇشۇ ئۆتكەن بىر ئەسىر توغرىلىق سالماقلىق ۋە سوغۇق قانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرۈش، ئىلمىي يەكۈن چىقىرىش تولىمۇ زۆرۈر بولسا كېرەك.

    دەل شۇ ۋەجىدىن بىز نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنى(1914-يىلىدىن1917-يىلىغىچە)شىنجاڭدا قىلغان ساياھىتىگە ئاساسەن يېزىلغان خاتىرىلىرىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرىمىز. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تىل جەھەتتىن يېقىن زىيالى بولغاچقا يەرلىك خەلقتىن ئۇچۇر ئىگىلىشى ناھايىتى ئاسانغا چۈشكەن ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلىگەچكە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئىشەنچىلىك، قىممەتلىك ماتىرىيال دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ باشقا سەيياھلارغا ھەممىدىن ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ يېڭىچە مائارىپ قارىشى بىلەن قوراللانغان ھەمدە ئۇيغۇرلاردا بۇ ئىدىيىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئۆز بۇرچى دەپ قارىغان تاتار زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنى روھىي جەھەتتىن كۆزىتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ھەتتا مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيلەشكە ئوخشاش ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تۈرلۈك ئىدىيۋى كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىنى بىۋاستە ھېس قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدى.

    ئۇنىڭ قەلىمى ئاسىتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ۋەيرانلىق، ئىجتىمائىي ئاڭ جەھەتتىكى زەئىپلىك، ئېتىقادتىكى خۇراپىيلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. گەرچە بىز بۇلارنى ئۇنىڭ بايانلىرىدا نەق مۇشۇ ئۇقۇملار بىلەن ئۇچرىشالمىساقمۇ، ئەمما تەپسىلاتلاردىن ھامان ھېس قىلىپ تۇرىمىز. توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان كوچىلار، ۋەيرانە ئىمارەتلەر، جۇل-جۇل كىيىملەر، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا بېرىلگەن كۈلكىلىك جاۋابلار ۋە ئۇنىڭغا قويۇلغان سوئاللار، ئوينالغان پېرە ئۇسۇللىرى، قىمارۋازلار، پاھىشىلەر... ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدىكى بەلگىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ. گەرچە بىز بۇ بايانلارنى ھېسسيات جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى بەك خالىمىساقمۇ، ئەمما باشقا سەيياھلارنىڭ بەك تەپسىلى بولمىسىمۇ قىلغان بايانلىرىدىن ئۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. نوشىرۋان يائۇشېف كۆرگەندىكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان رېئاللىقىمىزمۇ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تارىخنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىزمىز.

    گەرچە بىز نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ بايانلىرىغا ئارتۇقچە مەنە بېغىشلاشنى ياكى قاراشلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ تەبىرىنى مەجبۇرىي تېڭىشنى خالىمىساقمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ بايانلىرى بىزنى نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇستىدە ئويلىنىشقا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ قالاقلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى بارلىق يېڭىچە مائارىپچىلارغا ئوخشاش مائارىپ يولىدىن، يېڭىچە مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشتىن باشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە «سىزلەرگە ئوخشاش يېڭىچە مائارىپ ئۇسۇلى ھارام دەپ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتمەي، قەدىمكى ئۇسۇللىرىدا تۇرغان ئادەملەر، مەڭگۈ قۇللۇق، ئاسارەت، سېتىلىشتىن خالاس بولالماي، خارلىق، زەبۇنلۇقتا كۈن كەچۈرۈپ قېلىۋېرىدۇ» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، قۇللۇق ـــ روھىي قۇللۇقتىن باشلىنىدۇ. ئەقلىيلىكنىڭ بولماسلىقى ياكى ئەقلىيلىكنى رەت قىلىدىغان ئېتىقاد خۇراپىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەقلىيىلىك ھۆرمەت قىلىنمىغان جايدا ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇراپىيلىق، بىر تەرەپلىمە قاراش بىر جەمئىيەتتە ئومۇمىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلانغىنىدا، ئۇ شۇنداق بىر كۈچ ھاسىل قىلىدۇكى، ئۇ ھەربىر شەخىسنىڭ تەپەككۇرىنى بوغىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىش غەيرىتىنى سۇندۇرىدۇ. پەقەت ئەقلىيلىك بىلەن ئېتىقاد بىرلەشكەن چاغدىلا ياكى ئېتىقاد ئەقلىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان چاغدىلا خۇراپىيلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا، نۇشىرۋان يائۇشېف ئۇيغۇرلارنى يېڭىچە مائارىپقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، يېڭىچە مائارىپ ياشلارنى مىللىيەت روھىدا تەربىيىلەپ چىن ۋە ھەقىقىي ئىنسان قىلىدىغان يېڭى ئۇسۇلدۇر، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئەقلىيلىك، ئىنساندىكى بىلىشكە ئىنتىلىش ئىستىكىنىڭ نەتىجىسى بولغاچ، ئالدى بىلەن تەربىيىدىن، بىلىم ئېلىشتىن، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئەقلىيلىك مەشىقلەندۈرۈلىدىغان مائارىپتىن باشلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى تونۇشتا، بىر نەرسىگە ئىشىنىشىدە نوپۇز ئەمەس، ئىسپات تەلەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەقلىيىلىك ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەرنى تەپەككۇر جەھەتتىكى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ ، ئىجادقا، يېڭىلىققا باشلايدۇ.

    نوشىرۋان يائۇشېف ئۆز بايانلىرىنى يازغىنىدا، بىزنىڭ ھازىرقى كۈندىمۇ تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغمايدىغان، ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ يەتكەن. بىراق، ئۇنىڭ بايانلىرى بىزنى مانا مۇشۇنداق ئويلاشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ.

    20-ئەسىر بىزدە يېڭى ئاڭ، يېڭى قاراش ئويغانغان بىر ئەسىر. بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز خۇددى نوشىرۋان يائۇشېف ئويلىغىنىدەك يېڭىچە مائارىپچىلىق دولقۇنىدىن باشلاندى. قېتىپ قالغان، خۇراپىيلىقنىڭ تەقىبى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان تەپەككۈر ئويغىنىشقا، «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ ئويلىنىشقا باشلىدى. قارىماققا بۇ ئۆزگىرىش تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيە تارىخىمىزدا كەلگۈسىدە تۇتىدىغان ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىدە ھېچكىمدە گۇمان بولمىسا كېرەك.

    بىز بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ خاتىرىلىرىدىن نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە ئەينى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان نامراتلىق توغرىسىدا دادىل بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش دىنىي ئەقىدىلەردىكى، كىشىلەرنى بۇ دۇنيادىن بەزدۈرىدىغان، نامراتلىقنى ئىماننىڭ بەلگىسى، تۈۋرۈكى، دەپ قارايدىغان تەركىدۇنياچىلىق، يەنى بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئۇ دۇنيالىق تەييارلىق دەپ قارايدىغان پاسسىپ قورۇقچىلىقلارغا قارشى، بايلىق ئىماننىڭ تۈۋرۈكىدۇر، دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نامراتلىق ، پېقىرلىق، موھتاجلىق دىنغا، ئۇلۇغۋار روھقا نۇقسان يەتكۈزىدۇ،دەپ قارايدۇ. بىز بۇ جايدا ئۇنىڭ بۇ قارىشىنىڭ تولىمۇ زىل ۋە ۋەزنى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىقتىسادىي بايلىق بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتنىڭ تۇرمۇشىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپتۇر. چۈنكى، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىقتىسادىي نامراتلىق ئىنساندا موھتاجلىق پەيدا قىلىدۇ؛ موھتاجلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا غۇرۇرنىڭ سۇنۇشىدۇر. غورۇر بولمىسا مۇستەھكەم ئېتىقادنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.

    نوشىرۋاننىڭ قارىشىدىن قارىغاندا، بۇ دۇنيالىق بەختنى قوغلىشىشمۇ ئىنسان ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم بۇرچلارنىڭ بىرى. بۇ بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بېيىماق، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرماق لازىم بولىدۇ. بىزنىڭچە، ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى ئارتۇقچە ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئىقتىسادى جەھەتتىكى يۈكسىلىش بىۋاستە ھالدا كىشىلەرنى موھتاجلىق ۋە نوقۇل ھالدىكى قورساق بالاسى ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، روھ ئۈستىدە، ئىلىم- مەرىپەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېتىقاد ئارقىلىق نامراتلىقنى ئاقلاش، بەخت-سائادەت قوغلىشىشنى چەكلەش سېپى ئۆزىدىن خۇراپىيلىق، ھەتتاكى ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، بەخت –سائادەت قوغلىشىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزۈش ئېتىقادقا ئوخشاشلا ھەربىر ئىنساننىڭ تۈپكى ھوقۇقىدۇر. بۇلارغا كاپالەتلىك قىلىش،  بۇلارنى قوغداش، ھۆرمەت قىلىش تېگىدىن ئېيتقاندا ئىنسانغا بولغان ئەڭ ئەقەللىي ھۆرمەتتۇر.

    ئەينى دەۋردە نوشىرۋان يائۇشېف بۇ مەسىلىلەرنى ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزەتكەن ۋە ئۆتكۈر تىللار بىلەن بايان قىلغان بولسىمۇ، بىراق  ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدىكى بايانلىرى ۋە ئۇلارغا قىلغان سەمىمىي خىتابلىرىنىڭ تەسىرى، بىزنىڭ تەتقىقاتلىرىمىزدىن مەلۇمكى، ئەينى چاغدىكى مەتبۇئات چەكلىمىلىكى ۋە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى تۈپەيلىدىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. شۇنداقتىمۇ، بىز كېيىنكى چاغدىكى يېڭىچە مائارىپ ھەرىكەتلىرىنىڭ يولباشچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ياندىشىپ كېتىدىغان ئىدىيىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇرلاردا قوزغالغان يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمىز. ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭ خاتىرىلىرى بىلەن ئاز كەم بىر ئەسىردىن كېيىن ئۇچرىشىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇچۇر جەھەتتىكى تولىمۇ زور كېچىكىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نوشىرۋان يائۇشېف خۇددى ئۆز ۋەتىنىدەك ئەزىز بىلىپ سۆيۈنگەن مۇشۇ يۇرت ھەققىدە ھەمدە قېرىندىشىدىن ئارتۇق بىلىپ يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ يازغانلىرىنىڭ ئەينى دەۋر زىيالىيلىرىدا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات يۈرگۈزگەن ياپون ئالىمى ئوئىشى شىنئىچىرۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇندىن كېيىنكى بىر قاتار جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ ۋە ناملارنى قوبۇل قىلىشىنى نوشىرۋان يائۇشېف ئەسەرلىرىنىڭ ئىجابىي نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. نوشىرۋان يائۇشېف ھايات ۋاقتىدا قەشقەردە پەقەت ئابدۇقادىر داموللا بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق زات نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت بىلەن«شۇرا»ژورنىلى ئارقىلىق تونۇشقان. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە نوشىرۋان يائۇشېف ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان ۋە ئۇنىڭ يازغانلىرىغا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرغان بىردىنبىر كىشى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت بولسا كېرەك. دېمەك، نوشىرۋان يائۇشېف ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇرغان ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە يۈز پارچىغا يىقىن ماقالە ۋە خەۋەر يازغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىنكاس ۋە نەتىجە كۆرەلمىدى. ئۆمرىمۇ، سىياسىي ۋەزىيەتمۇ ئۇنىڭغا يار بەرمىدى. قەشقەردىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتىپ ئۆز ۋەتىنىگە جان پىدا قىلىش ھارپىسىدا تۇرغاندا تاشكەنتتە بىمەزگىل 30 يېشىدا ۋاپات بولدى. لېكىن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بۇ خاتىرىلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتى باشلىنىش ھارپىسىدىكى ئۇيغۇر مەنىۋى ۋە ماددىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ماتىرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە تارىخىي قىممەتكە ئىگىدۇر.

    نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ چىن يۈرىكىدىن بىزگە خىتاب قىلىپ ئېيتقانلىرىنى دەۋر ياراتقان ئىمكانىيەتلەر سەمەرىسىدە ئاز كەم بىر ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا يۈز بەرگەن دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى غايەت زور سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، «شۇرا»ژورنىلىنىمۇ، نوشىرۋان يائۇشېفنىمۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئۇنتۇلدۇردى، ئەينى زامان بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز كېڭەيگەنسېرى ھەممە نەرسە غۇۋالىشىپ، ھەتتا نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ كىملىكىنى بىلىشمۇ قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلاندى. قىسقىغىنە ئىلمىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بۇ زات ھەققىدە تۈزۈك بىر ئىلمىي تەتقىقات بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەقەللىي ساۋاتمۇ، قىسقىغىنە تەرجىمھالىنىڭمۇ بولماسلىقى كىشىنى قاتتىق ئۆكۈندۈرىدۇ. خۇسۇسەن مەن 1990-يىللاردا نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقانىدىم. نوشىرۋان يائۇشېف شۇ قېتىمقى خوتەن سەپىرى جەريانىدا قاراقاشلىق ئەيسا قازى دېگەن كىشىدىن شاھ مەخمۇت جۇراسنىڭ «تارىخ» ناملىق پارىسچە تارىخىي ئەسىرىنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇنى تاتار تىلىغا تەرجىمە قىلىپ «ئالتە شەھەر تارىخىدىن بىر پارچە» دېگەن نامدا «شۇرا»ژورنىلىنىڭ بىرنەچچە سانىغا زۆرۈر ئىزاھاتلار بىلەن ئۇلاپ بەرگەن. مەن قولۇمغا چۈشكەن قىسىملىرىنى شۇ زامان ئۇلۇغلىرى ياراتقان ئورتاق تىل خاسىيىتى بىلەن ھېچقانچە مۇشەققەت تارتماي ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئايلاندۇرۇپ «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىنىڭ 1993-يىللىق سانلىرىدا قىسقىغىنە ئىلاۋە بىلەن ئېلان قىلغانىدىم. ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئىگىسى بولغان نوشىرۋان يائۇشېف ھەققىدە ھەرقانچە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشقان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەي كەلگەنىدىم. ھېلىھەم قولىمىزغا ئالىم ھاياتىنى يورۇتقۇدەك بىۋاستە ماتىرىياللار چۈشكىنى يوق. ئالدىنقى يىلى ياپون ئالىمى ئوئىشى شىنئىچىرۇنىڭ نوشىرۋان يائوشېفنىڭ ساياھىتى ھەققىدە(‹شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى›2004-يىللىق 2-سان)ناملىق ماقالىسىنىڭ يورۇققا چىقىشى بىلەن بۇ ھەقتە نىسبەتەن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشتۇق. راستىنى ئېيتقاندا، ئۆز قېرىندىشىنىڭ قايغۇسىنى قىلىپ ھەسرەت-نادامەتتە كەتكەن ئالىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يادلىنىپ تەتقىق قىلىنىشى بىزنى ھەقىقەتەن ئۇياتقا قويدى. ئالىم ئېيتقان يۈز يىل ئىلگىرىكى  بوشاڭلىق، پەرۋاسىزلىقنىڭ تا ھازىرغا قەدەر روھىيىتىمىزدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆكۈندۇق. شۇڭا بىز بۇ قېتىم ئالىم ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزى قاتتىق پەخىر ئىپتىخار تۇيغۇسى بىلەن سۆيگەن ۋە قاتتىق ئېچىنغان بۇ يۇرتتا قايتا يورۇقلۇققا چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن روھىنىڭ خۇشلۇقى، ئەمىنلىكىنى تىلەپ، ئوئىشى شىنئىچىرۇنىڭ ئەمگىكى ئاساسىدا ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىنى قايتا ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق.

     

    نوشىرۋان يائۇشېف 1880-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشقىرتىستاننىڭ ئۇفا ۋىلايىتىدە ئوتۇن كۆمۈرى ساتىدىغان شىريەزدان ئەخمەت ئوغلى يائۇشېف ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلغان مىڭتال كەنتى ئاقسۆڭەكلەر رايونى بولسىمۇ، لېكىن نوشىرۋانلارنىڭ ئائىلىسى غورىگىل كۈن كەچۈرىدىغان ئائىلە بولغان. نوشىرۋان سەككىز يېشىدىن 11يېشىغىچە كەنتتىن ئۈچ-تۆت كىلومىتىر يىراقلىقتىكى باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان.1907-يىلى شەيخۇللا شەربېكوف ئىسىملىك موللىدا ئوقۇغان. موللىنىڭ تەسۋىرلىشىچە شۇ چاغدا نوشىرۋاننىڭ ئۈستىبېشىغا كېيگىنى ناھايىتى ئاددىي كەمبەغەل كىيىمى ئىدى. ئۇ 1907-يىللاردا بولسا كېرەك، ئۇفا شەھىرىدەزېرىپ ئەپەندى، زىيائىددىن كامالى قاتارلىق بايلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىدە ئېچىلغان، شۇ زامانغا نىسبەتەن خېلى ئىلغار بولغان ئالىيە مەدرىسىگە كىرىپ ئالىي مەلۇمات ئالغان. ئالىيە مەدرىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن. ئۇفانىڭ جەنۇبىدىكى قازاق دالىسىغا بېرىپ قازاق بالىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

    ئۇزاق ئۆتمەيلا قىرىم تاتارلىرىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ئىسمايىل غاسپىرالى 1880-يىللاردا باشلىغان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسى نەتىجىسىدە مەركىزىي ئاسىياغا قىلىدىغان سەپىرىنى باشلىغان.1912-يىلى«ۋاقىت » گېزىتىدە«مەركىزىي ئاسىيانىڭ دېھقانچىلىقى»دېگەن ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا ئاساسەن، ئوئىشى ئەپەندى ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن باشلانغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. نوشىرۋان يائۇشېف شۇ مېڭىشىدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەشھۇر قەدىمىي شەھەرلىرىدىن سەمەرقەند، بۇ خارا، تاشكەنت قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغاچ، تۈرلۈك ئېقىمدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بىلىمىنى يېڭىلايدۇ، كۇتۇپخانىلارنى ئارىلاپ ئۆزى يازماقچى بولغان تارىخ كىتابى ئۈچۈن ماتىرىيال توپلايدۇ. شۇ جەرياندا پارىس تىلىنى ئۆگىنىدۇ. سەمەرقەندتە ئۆزبېك جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى مەھمۇت خوجا بەھبۇدى بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىدۇ. بۇ جايلاردىكى زىيارىتىدىن 20پارچىدەك ماقالە يېزىپ قازاندا چىقىدىغان «قۇياش» گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.

    1914-يىلى نوشىرۋان يائۇشېف دۇنيانى ساياھەت قىلىش ئىستىكىدە بولغان. ئۇنىڭغا سەمەرقەندتە ئۇچراشقان بۇخارالىق مۇددەرىس دۇنيانى كېزىپ چىقىشنىڭ تەسلىكى، شۇڭا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان.

    مانا شۇنداق قىلىپ نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قىلغان ساياھىتى باشلانغان. 1914-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سەمەرقەندتىن پويىز بىلەن قوقانغا ئاتلانغان. 1914-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن25-كۈنىگىچە بولغان ئارىلقتا شىخو، ماناسلاردىن ئۆتۈپ، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كۇچاغا يېتىپ كەلگەن. 1915-يىلىدىن باشلاپ ئورېنبۇرگدا چىقىۋاتقان «ۋاقىت»گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەرنى مەزكۇر گېزىتكە ۋە بۇ گېزىت ئورگىنى تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان يېرىم ئايلىق «شۇرا» ژورناللىرىغا ئەۋەتىپ تۇرغان. سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرىلا چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن تىلغا ئالغان بۇ رايوننىڭ رېئاللىقى ئۇنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇرغان. نۇرغۇن مەنزىرىلەرنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايلا قالغان. ناھايىتى ئاز نەرسىلەردىن سۆيۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان كۆڭۈلسىز مەنزىرىلەر ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆرتىگەن. بۇ ھال ئۇنىڭ قەلىمىنى ھەدەپ ئىشقا سېلىپ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە قارشى ئوت ئېچىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي يەنە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، بالا تەربىيلەپ باشلامچى بولۇپ ئۈلگە كۆرسەتكەن. بۇ ئىشتىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن نوشىرۋان يەنىلا ئۆتكۈر قەلىمىگە مۇراجىئەت قىلىپ، جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، نامراتلىق، موھتاجلىق ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان تۈرلۈك ماقالە، خەۋەرلەرنى يېزىپ، خەلقنى يېڭىچە مائارىپقا چاقىرغان. نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ئالتە شەھەردىكى پائالىيىتىنىڭ شۇ قەدەر كۆپ ماقالىلەرگە سەۋەب بولۇشى، پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھەربىر پالاكەت، ھەربىر مۇدھىش مەنزىرە ئۇنى توختىماي قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلغان.

    ئۇ كۇچادا تۆت ئاي تۇرغاندىن كېيىن، يەنى 1915-يىلى 4-ئاينىڭ5-كۈنى كۇچادىن ئاتلىق يولغا چىقىپ، ئاقسۇ، مارالبېشى، پەيزىۋاتلاردىن ئۆتۈپ28-چىسلا قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قەشقەرگە كېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى خەلقنى يېڭىچە مائارىپقا ئۈندەشتىن سىرت، ئۆزى يازماقچى بولغان تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى يېغىش، بولۇپمۇ«تارىخى رەشىدى»نىڭ قوليازمىسىنى ئىزدەش ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇچراتقان قوليازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى  ئاجايىپ- غارايىپ ئەپسانىلەرگە تولغان ئەھمىيەتسىز كىتابلار بولۇپ چىقىدۇ. قەشقەردىكى ۋەزىيەتنىڭمۇ كۇچادىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرگەن نوشىرۋان يائۇشېف ئۈمىدسىزلىك ۋە غەشلىك ئىچىدە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ سەپەر قىلىدۇ. قەشقەردىكى ئۈچ يېرىم ئايلىق پائالىيىتى جەريانىدا ھېسابسىز كۆڭۈلسىز مەنزىرىلەردىن سىرت يەنە خېلى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغىمۇ شاھىد بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئابدۇقادىر داموللا بىلەن ئۇچرىشىش ۋە قەشقەردە بىخلىنىۋاتقان يېڭىچە مائارىپ شاماللىرى ئىدى. لېكىن بۇلارمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرالمايدۇ.

    1915-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەردىن ئاتلىنىپ يېڭىسار، قىزىللاردىن ئۆتۈپ 19-چىسلا يەركەنتكە يېتىپ بارىدۇ. يەركەنتتە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ9-ئاينىڭ16-كۈنى يەنە ئاتلىنىپ قاغىلىق، گۇمىلاردىن ئۆتۈپ، 10-ئاينىڭ6-كۈنى خوتەنگە يېتىپ كېلىدۇ. خوتەندە يېڭىچە مەكتەپلەرنى ئېچىشقا بايلار ۋە تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنى دەۋەت قىلىدۇ، كونا قوليازمىلارنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ جەرياندا قاراقاشلىق ئۆلىما ئەيسا قازى دېگەن كىشىدىن مەھمۇت جۇراسنىڭ تارىخىي ئەسىرىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭ پۈتكۈل سەپەر جەريانىدىكى ئەڭ خۇشاللىق نەتىجىسى شۇ بولسا كېرەك. ئۇ بۇ ئەسەرنى شۇ سەپەر جەريانىدىلا تەرجىمە قىلىپ «شۇرا» ژورنىلىغا ئېلان قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

    ئۇ خوتەندە بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنى يولغا چىقىپ 9-كۈنى كېرىيىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ كېرىيىدە ناھايىتى كاتتا قارشى ئېلىنغان. ئۇ ئالدىنقى سەپەرلىرىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان قاسىم ھاجى دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇنغا كېرىيىدە مەكتەپ ئاچقۇزغان. ئۆزى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىككى- ئۈچ ئاي ئون نەچچە بالىغا ئانا تىلىدا يېزىش-ئوقۇشنى ئۆگەتكەن.

    ئۇ 1916-يىلىنى خوتەندە ئۆتكۈزۈپ، 1917-يىلىنىڭ بېشىدا ئەسلى كەلگەن يولى بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ھەمدە تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈش تەييارلىقىغا كىرىشكەن. دەل شۇ پەيتتە رۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. يائۇشېف سەپەرنى بىردىن توختىتىپ يۇرتى رۇسىيىدىكى ئىنقىلاب ۋە ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن 4-ئايدا قەشقەردىن يولغا چىقىپ، 5-ئاينىڭ3-كۈنى تاشكەنتكە يېتىپ بارغان.

    نېمە سەۋەبتىندۇر، شىنجاڭغا سەپەر قىلىپ كەلگەن نوشىرۋان يائۇشېفقا تاشكەنتتىكى تاتارلار سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان. نوشىرۋان يائۇشېف بۇ ئىشلارغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنىمۇ يوشۇرۇپ قالالمىغان ھەمدە تېزلا بۇ يەردىن ئايرىلىپ سەپىرىنى قايتا باشلاشقا تۇتۇنغان.

    مىڭ ئەپسۇسكى، بۇ ياش ئالىم ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ بىرەر ئاي ئۆتمەيلا يەنى 11-ئاينىڭ23-كۈنى تاشكەنتتە 30 يېشىدا ھېسابسىز ئارمانلارنى يۈكلىگەن پېتى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندا ئاتاقلىق ئالىم، «شۇرا»ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى رىزائىددىن ئىبنى پەخرىدىن ھەزرەتلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق ئېچىنىپ، ئۇنىڭ زامانداش ئەل- ئاغىنىلىرىنى ئۇنىڭ سەپەر خاتىرىلىرى ۋە ماقالىلىرىنى يىغىپ، رەتلەپ كىتاب قىلىپ قويۇشقا چاقىرغان. بىراق، بۇ چاقىرىقنىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئاشقىنى بىزگە قاراڭغۇ.

    ئەڭ ئاخىرىدا، بىزنىڭ بۇ خاتىرىلەرنى كۆرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ياش تارىخچى، يولداش ئۆمەرجان نۇرىغا سەمىمى رەھمەت ئېيتىمىز!

    بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە ئەسلى ئەسەردىكى بىر قىسىم جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ ۋە مىللەت ناملىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تارىخىي مۇجمەللىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تۈردە يەشمە، ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىمىز ۋە قىسمەن جايلارنى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىسقارتقانلىقىمىز توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىش بېرىمىز. بۇ سەۋەبلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز.

    بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە ئەسلى ئەسەردىكى بىر قىسىم جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ ۋە مىللەت ناملىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تارىخىي مۇجمەللىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تۈردە يەشمە، ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىمىز ۋە قىسمەن جايلارنى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىسقارتقانلىقىمىز توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىش بېرىمىز. بۇ سەۋەبلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز.

     

    مەركىزى ئاسىيا

     

    سىبىرىيە، بالقاش كۆلى، قىرغىز دالىسى، ئورال كۆلى، ھەزەر دېڭىزى، ئىران مەملىكىتى، ئافغانىستان، ھىندىستان، چىن ۋە موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىداش بۈيۈك بىر ئۆلكىدە بىر نەچچە ئەسىرلەر قەدىمىي تۈركىي تىللىق خەلقلەر ۋە موڭغۇل خەلقلىرى ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى. بۇ خانلىقلار يەر يۈزىدە مەدەنىيەت ئاساسىنى قۇرغان، زىرائەت، تىجارەت ۋە سانائەتتە پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىدىن ئۈستۈن چىققان، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت بىلەن يەر-يۈزىگە مەشھۇر بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچىلىكنى ئالغان ياۋروپالىقلار ئۆتمۈشتە مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىغائەسىر ئىدى. ھازىر بولسا شۇ ياۋروپالىقلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاسارە- ئەتقىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىن مۇتەخەسىسىس، ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرماقتا ۋە شۇ يولدا مىڭلاپ ۋە مىليونلاپ پۇل سەرپ قىلماقتا.

    دېمەك، مەركىزىي ئاسىيا يەر يۈزىدىكى قەدىمىي تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەسلىي يۇرتلىرىدۇر. بىراق، ئۇلار قۇرغان خانلىقلار ئۇزاق ياشىيالمىدى، مۇنقەرز بولدى. بۇ خانلىقلار ھالاك بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يۇرتلارنىڭ نامى يوقالمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوقالمايدۇ ۋە قىيامەتكىچە قالىدۇ... ...

    ئۇغۇ شۇنداق، لېكىن بىزدە بۇ ھەقتە كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر قۇسۇر بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ ئۇلۇغ يۇرتقا بېغىشلانغان مۇكەممەلرەك بىر تارىخ كىتابى يازالمىغانلىقىمىزدۇر. تاتار تارىخى، ئوسمانلى تارىخى، قىرىم ۋە كافكاز تارىخى دېگەندەك توپلارغا ئايرىپ يېزىلغان ئۇششاق-چۈششەك تارىخلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇمىي بۇ زېمىندىكى خەلقلەرگە بېغىشلانغان تارىخ كىتابى يوق دېمەكتۇر.

    مەركىزىي ئاسىيادىن چىققان ئاسارە –ئەتىقىلەر بىلەن ياۋروپا موزېيىلىرى توشقان. ئۇلار دائىم مەركىزىي ئاسىيادىن چىققان تەگمىشلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تۇرماقتا. ئۆتكەن يىلى گېرمانىيىلىك بىر سەيياھ كونا نەرسىلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۇچا شەھىرىگە كېلىپ سەككىز ئاي تۇرغان. مىڭ ئۆي دېگەن يەرنى قازدۇرۇپ بەك كۆپ قەدىمىي ئەسەرلەر، تارىخىي يازمىلار، تاشتىن ياسالغان سۈرەت ۋە ھەيكەللەرنى تېپىپ ئېلىپ كەتكەن.

     بۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت يىل ئىلگىرى ياۋروپالىق سەيياھلار كېلىپ كونا تۇرپاننىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى دەقيانۇس دېگەن ئەسكى شەھەر خارابىسىنى قېزىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاپقان. ئەمما بىزلەر يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئەسەرلەرنى ئىزدەش تۈگۈل، يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلارنىمۇ ساقلىيالمايمىز. بىزدە ئۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتمۇ يوق. قولىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىلا يوقىتىپ قويماي تۇتۇپ تۇرالىساقمۇ بەك ئۇلۇغ ئىش قىلغان بولاتتۇق. سەمەرقەندتىكى قىممەتلىك ئەسەرلەر، ئۆزكەنت ۋە توقماقتىكى مىڭ يىللىق مۇنارىلەر يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ... ...

    مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىچىكرەك بولسىمۇ بىر جەمئىيەت تەشكىللەپ، شۇ جەمئىيەت ئارىچىلىقى(ۋاستىسى)ئارقىلىق مەزكۇر ئەسەرلەرگە مەخسۇس بىر موزېي ئېچىش ياكى كونا بويۇم ۋە يازمىلارنى يىغىپ قويۇش كېرەك ئىدى.  مەركىزىي ئاسىيادا تۈرك ۋە موڭغۇل خەلقلىرىگە تەئەللۇق تۈركىيىچە ۋە مانجۇچە تارىخىي ئەسەرلەر كۆپ تېپىلىدۇ.

    مەركىزىي ئاسىيادا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر نەرسە باركى، ئۇ بولسىمۇ تىلدۇر. يۈزدە بىر پىرسەنت پارسىي، ئەرەبىي، خەنزۇچە ۋە موڭغۇلچە سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەڭ ساپ تىل ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى دېسەم ھەرگىز خاتا سۆزلىگەن بولماسمەن. پارىس تىلى ناھايىتى قەدىمىي بىر تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككىنىچى بىر تىل ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ كىرىشى تەبىئىيدۇر. بۇنىڭدىن رۇس ۋە فرانسۇز تىللىرىمۇ ئۈلۈشسىز قالمىغان. يەكشەنبە، دۈشەنبە، سەيشەنبە، چاھارشەنبە، پەنجىشەنبە... بىزلەر كۈن ئىسىملىرىنىمۇ ئۇنۇتقاندۇرمىز.

    بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى يەنى ئۆز تىللىرىمىز ئۇنتۇلۇپ، پارىسچە، ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئۆز بوشاڭلىقىمىزدىندۇر. بىزنىڭ بەزىبىر مۇتەئەسسىپ سوپىلىرىمىز ئىشنى تەتۈرسىگە بۇراپ بۇزۇقچىلىققا تارتىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆز تىلى بار تۇرۇقلۇق پارسچە ۋە ئەرەبچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىشىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us