• ئالەم ۋە ئادەم (1)

    2010-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/65843302.html

    ئالەم ۋە ئادەم 

    يولۋاس راشىدىن

     

    ئالەم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىر قېتىمدىلا پەيدا بولغانمۇ ياكى تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەنمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا، ئالەمنى خۇدا ياراتقانمۇ ياكى ئۆز-ئۆزىدىن بارلىققا كەلگەنمۇ؟ ئەجدادلار ئالەم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مول تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەسەۋۋۇرلار دىن، ئەپسانە ۋە رىۋايەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئەۋلادلارنى تارىخ-ئەنئەنە، ئەدەب-ئەخلاق، قەھرىمانلىق-باتۇرلۇق، ياخشىلىق-يامانلىق توغرىسىدا تەربىيلەش دەستۇرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

    ئىنسانلار 6 مىڭ يىللار بۇرۇن يېزىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى مەدەنىي چاغلاپ، يېزىق بىلمەيدىغان ئەجدادلىرىنى «ياۋايىلار» دەپ چېنىپ، ئۇلارنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنى تارىخىي-ئىجتىمائىي ھادىسلەرنىڭ بۇرمىلىنىشى دەپ مەسخىرە قىلدى. ھالبۇكى، ھازىر ئالەم 20 مىليارد يىل بۇرۇنقى چوڭ پارتىلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قارىلدۇ. بۇ قاراش بويچە كۈن 5 مىليارد ياش، يەر 4.6 مىليارد ياش بولىدۇ. بۇ تۈسى قويۇق قاراشنى توغرا دەپ قارىغاندىمۇ، 6 مىڭ يىللىق يېزىق تارىخى شۇنچە ئۇزۇن يەر شارى تارىخىنىڭ ئەرزىمەس بىر قىسمىدۇر. مۇنچە قىسقا تارىخنىڭ شۇنچە ئۇزۇن تارىخنى يوققا چىقىرىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق!

    بۇلا ئەمەس. ئېنگىلىز بىئولوگ چارلىز دارۋىن (1809-1882) 1859-يىلى (مۇندىن بارى-يوقى 140 يىل بۇرۇن!) «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» نى ئېلان قىلىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەزىرىيىنىڭ نېگىزى «ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن» دېگەندىن ئىبارەت. دۇنيا كەسكىن مۇنازىرىلەر ئارقىلىق، بۇ نەزەرىينى قوبۇل قىلدى ۋە سانسىز ئاسترونوملار، گېئولوگلار، پالىيانتولوگلار، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ ياردىمى بىلەن پەلەككە بوي تارتقان «تەدرىجىي تەرەققىيات مۇنارى» نى تىكلىدى. مۇنارنىڭ تەكتىدە ئادەملەرنىڭ ئەجدادى دەپ قارالغان مايمۇنلار ياتىدۇ.

     2 مىليۇن يىللار ئىلگىرى جەنۇب قەدىمكى مايمۇنلىرىنىڭ بىر توپى تۇيۇقسىز ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە كېلىدۇ ۋە بارا-بارا ئادەملىشىشكە باشلاپ، تۈكلىرى چۈشۈپ، قۇيرۇقى يوقاپ، مايمۇنسىمان ئادەملەرگە ئايلىنىۋالىدۇ. 600 مىڭ يىللار ئىلگىرى تاشتىن سايمان ياساشنى بىلىۋالىدۇ، 200 مىڭ يىللار بۇرۇن قەدىمكى ئادەملەرگە ئايلىنىپ بولىدۇ. 50 مىڭ يىللار بۇرۇن يېڭى ئادەم (ھازىرقى بىزنىڭ شەكلىمىز) گە كېىشنى تاماملايدۇ. دېمەك، بۇ مۆجىزلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى بولمىش ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئالەمدە ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق ھېسابلاپ، مۇنارنىڭ چوققىسنى قامال قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر ھەر بىر ئىلىم ئۇتۇقى ۋە ئارخېئولوگىك قېزىلما نەتىجىلىرىنى مۇشۇ مۇنارنى مۇستەھكەملەش ۋە يوچۇقلىرىنى ياساشقا ئىشلەتتى. يوچۇق ياساشقا توغرا كەلمەيدىغان قاراشلارنى قىلچە ئىككىلەنمەي چۆرۈۋەتتى. ئىنسانلار ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلاپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئاران 84 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئايغا چىقىپ چۈشكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئالەمدە ئەقىللىق مەخلۇق پەقەت يەر شارىدىكى بىزلا دەپ جاكارلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئالەمنىڭ مەركىزى قىلىۋالدى. كوپېرنىك (1473-1543) تىن كېيىن ئۆزلىرى كۈچەپ رەت قىلغان ئوتتۇرا ئەسىر روھانىيلىرىنىڭ «يەر مەركەز تەلىماتى» نىڭ يېڭى ھامىيسىغا ئايلاندى.

    «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسى» شۇنچە مۇكەممەل نەزەرىيىمۇ؟ راستىنلا ھازىرقى «زامانىۋى پەن» ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراستىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ؟ لېكىن، مۇنۇ ھادىسىلەر ئالدىدا بۇ «زامانىۋى پەن» تىرنىقىنى تاتلاپ قالىدۇ:

    1. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا بايقالغان 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە «كىرورەن گۈزىلى» نىڭ تىنىگە 0.5-1 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا ئاچ سېرىق رەڭلىق بىر قەۋەت ماددا سۈرتۈلگەنلىكتىن مۇكەممەل ساقلانغان. ئالىملار بۇ ماددىنىڭ ئانئورگانىك ماددا ياكى كراخمال تۈرىدىكى ماددا ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقتى، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق ماددا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىدى. بۇ سىرلىق ماددىنى كىم ياسىغان؟

    2. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ئەمىنىيە قەبرىستانلىقىنى قېزىش جەريانىدا ئىككى يېرىم مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇجىيەننىڭ قىلىچى تېپىلدى، قىلىچ داتلاشمىغان، پارقىراقلىقىنى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتمىغان ئىدى. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭغا خروم يالتىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. مەلۇمكى، خروم تاغ جىنسلىرىدىكى مىقدارى بەكمۇ تۆۋەن، چەككىلەپ ئېلىش تولىمۇ تەس بولغان چىرىشكە قارشى مېتال. ئۇ يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق بولۇپ، 4000 سېلسىيە گىرادۇستا ئېرىيدۇ، 20 نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئامېرىكا ئالىمى يۇقىرى ھارارەتلىك توك ئوچاقتا ئۇنى تۇنجى بولۇپ ئېرىتىپ ئالغان. ئەمسە، ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن قىلىچقا خرومنى كىم يالاتقان؟

    3. 1938-يىلى جۇڭگو ئارخېئولوگلىرى چىڭخەينىڭ جەنۇبىدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدىن قېلىنلىقى 2 سانتىمېتىر كېلدىغان 716 پارچە تۆرۈك گرانىت تاش قېزىۋالىدۇ، تاشلارنىڭ ئۈستىگە بەلگىلەر ئويۇلغان، ئۆلچەش ئارقىلىق بۇ تاشلار 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇيۇملار دەپ بېكىتىلگەن. 1962-يىلى ئالىم شۈخۇەيرۇ تاشتىكى بەلگىلەرنىڭ مەنىسى: «تېلوبالار بۇلۇتتىن چۈشكەن، ئۇلارنىڭ ئولتۇرغىنى قەدىمكى ئالەم كېمىسى» بولدىغانلىقىنى ئوقۇدى. ئالەم كېمىسى ياساش 30-40 يىل بۇرۇنقى ئىش. ئەمىسە، 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئالەم كېمىسىنى كىملەر ياسىغان؟

    4. 1929-يىلى ئىستانبۇلدىكى بىر كۈتۈپخانىدىن تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى لەيىس 1513-يىلى ئىمزا قويغان خەرىتە تېپىلغان، ئۇ ئەسلى نۇسخا ئەمەس، كۆچۈرۈلمە ئىكەن. خەرىتىدە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايونلار ھەم ھازىر مىڭ مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز تېگىدە ياتقان جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ تاغ تىزملىرى ئېنىق چۈشۈرۈلگەن. 1953-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز ئاستىدىكى تاغ تىزملىرىنى ئىلغار سۇنار تېخنىكىسى بىلەن ئۆلچەپ، ئۇنى لەيىسنىڭ خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن ھەيران قالدى. بۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ مۇز بىلەن قاپلانغىنىغا 15 مىڭ يىلدىن ئاشتى. جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ 15 مىڭ يىل بۇرۇنقى خەرىتىسىنى كىم سىزغان؟

    5. تۈركىيىدىن تېپىغان 1559-يىلغا تەئەللۇق يەنە بىر خەرىتىدە ئالياسكا بىلەن سىبىرىيە تار قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ تار قۇرۇقلۇق چۆكۈپ، بىرىنگوۋ بوغۇزى شەكىللەنگىنىگە 10 مىڭ يىلدىن ئاشتى. 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى يەر شەكلىنى كىم خەرىتىگە ئالغان؟

    6. يېقىندا مىسىردىكى پىرئوننىڭ قەبىرىسىدىن 4000 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن رەڭلىك تېلېۋىزور تېپىلغان، ئۇنى ھازىرمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. تۇنجى تېلېۋىزور كەشىپ قىلىنغان 1947-يىلدىن ھېسابلىغاندا، تېلېۋىزورنىڭ تارىخى ئاران 50 نەچچە يىل تۇرسا، 4 مىڭ يىل بۇرۇن بۇ تېلېۋىزورنى كىملەر ياسىغاندۇ؟

    7. يېقىندا مىسىر ئەلئېھرامىدىكى 10 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ كۆكرىكىدىن سۈنئىي يۈرەك تېپلغان، بالا ئۆلگىنىگە 10 مىڭ يىل بولغان سۈنئىي يۈرەك 10 نەچچە يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن تۇرسا، 10 مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ سۈنئىي يۈرەكنى كىم ياسىغاندۇ؟

    8. يېقىندا كۇبا ئەتراپدىكى سۇ تېگىدىن چۆكۈپ كەتكىنىگە 10 مىڭ يىلدىن ئاشقان 5 گېكتار چوڭلۇقتىكى تاش شەھەر تېپىلدى. شەھەردە تاش ياتقۇزۇلغان كوچىلار، تاش ئىشىك، تاش ھەيكەللەر بار ئىكەن. 10 مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسانلار ئەمدىلەتتىن تاش قۇرالى دەۋرىگە كىرگەن تۇرسا، ئۇ چاغدا مۇنداق يۇقىرى قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى قوللىنالامدۇ؟

    9. 1972-يىلى ئالىملار ئوكلو رايونىدىن قەدىمكى يادرو رېئاكتورىنى بايقىغان، بۇ رېئاكتور 2 مىليارد يىل بۇرۇن ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، 500 مىڭ يىل ئىشلىگەن. تۇنجى يادرو رېئاكتورى 20-ئەسىرنىڭ 40-يىلىرى قۇرۇلغان تۇرسا، مايمۇنلار 2 مىليون يىل ئىلگىرى ئادەمگە ئۆزگىرەيمۇ قانداق دەپ ئىككى خىيال يۈرگەن تۇرسا، شۇ زامانلاردا بۇ يادرو رېئاكتورىنى كىملەر قۇرغاندۇ؟

    10. 1969-يىلى تۇنجى ئايغا چىققۇچى دەپ قارالغان ئامسترام ئايدا 20 نەچچە ئادەم ئىزىنى بايقىغان. رادىئو ھەۋەسكارلىرى ئامسترام يەر يۈزى قوماندانلىق مەركىزى بىلەن ئالاقە قىلغاندا، تەئەججۈپلىنىپ: «بۇ نەرسىلەرنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ۋاي خۇدايىمەي، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. مەن سىلەرگە دېسەم، بۇ يەردە باشقا ئالەم كېمىلىرى بار ئىكەن، ئۇلار ۋولقاننىڭ ئۇ تەرىپىگە تىزىپ قويۇلغان، ئۇلار ئايدا بىزنى كۆزەتمەكتە» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. بۇ ئالەم كېمىلىرى نەدىن كەلگەن؟

    11. 1930يىلى ئالىملار ئامېرىكىنىڭ كېنتوككى شىتاتىدا ئادەم ئىزنىڭ 10 تاشقاتمىسنى بايقىغان، تارىخى 250 مىليون يىل. 1968-يىلى يەنە ئامېرىكىنىڭ يوتا شىتاتىدىن ئادەم ئىزىنىڭ ئىككى تاشقاتمىسنى تاپقان. ئۇنىڭ تارىخى 500 مىليون يىل. مايمۇنلار ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە كېلىشتىن نەچچە يۈز مىليون يىللار بۇرۇن بۇ يەرلەرگە كىملەر ئاياغ باسقاندۇ؟

    12. ئامېرىكىدا ياشىغان مايالار 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى يەر شارى يىلىنىڭ 365.242129 كۈن بولدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، ھازىرقى ھېساب بويچە 365.242198 كۈن. 4 مىڭ يىل بۇرۇن مسسوپوتامىيىدە ياشىغان سۇمېرلار ھېسابلاپ چىققان ئاينىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىراش ۋاقتى ھازىرقىدىن 0.4 سېكۇنتلا پەرق قىلىدۇ. ئۇلار قانداق قىلىپ مۇنچە توغرا ھېسابلىيالىغان؟

    13. ئامېرىكىدىكى مايالاردىن نۇرغۇن ئېھراملار قالغان. بۇ ئېھراملاردىن نەپىس ئەينەك، ئاككۇمۇلياتور، ترانسفورماتور، داتلاشماس پولات ۋە بىرىكمە مېتال بۇيۇملار چىققان. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ياسىغان؟

    14. مىسىردىكى گىزا ئەلئېھرامى مۇندىن 4000 يىل بۇرۇن 2 مىليون 600 مىڭ پارچە تاشتىن قوپۇرۇلغان، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 12 توننا. مىسىرلىقلار بۇ تاشلارنى قانداق  قوزغىغان ۋە تىزغان؟

    15. ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتدىكى مۇندىن 5000 يىللار بۇرۇن ۋەيران بولغان ماشاڭزودام شەھىرىدىن ئاتوم بومبىسى پارتلىغانلىقنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان. تۇنجى ئاتوم بومبىسى 1945-يىلى تاشلانغان تۇرسا، بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلغان ئاتوم بومبىسىنى كىملەر ياسىغاندۇ؟

    «تەدرىجى تەرەققىيات مۇنارى» نىڭ يوچۇقلىرىنى ياساشقا توغرا كەلمەيدۇ دەپ قارالغان مۇنداق ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار، ئاسترونومىك ھادىسلەر ۋە سىرلىق  ئەھۋاللارنىڭ ھەد-ھېسابى يوق. بۇ پىكىرلەر «زامانىۋى پەن» نىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ، ئاڭلىغۇسى كەلمەيدۇ. ھەتتا، بۇ «مۇنار» نىڭ ئۆزىدىمۇ يېپىش مۇمكىن بولمايدىغان، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، گۇمانلانغانلارنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىدىن، بىلىپ قالغانلارنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشدىن ئەنسىرەيدىغان يوچۇقلار ئاز ئەمەس. بۇلاردىن بىر قانچىسىنى مىسالغا ئالساق:

    1. ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەيدىغانغا ھازىرغىچە ئالىملار تاپقان تاشقاتمىلار تولىمۇ ئاز. ئارخېئولوگلار تېخى بىرەر مۇكەممەل باش سۆڭىكىنىمۇ تاپالىغىنى يوق. ئۇلار تاپقان بىر نەچچە تال سۇنۇق چىش، يېرىم-يارتا سۆڭەكلەرگە قاراپلا، بۇ مايمۇنلار ئادەمگە ئايلانغان پالانى دەۋرگە تەئەللۇق دەپ قىياس قىلىشىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ مۇندىن 1 مىليون 700 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان دېيىلگەن «يۈەنمۇ  ئادىمى» نىڭ بىردىنبىر دەلىلى يۈننەننىڭ يۈەنمۇ رايوندىن تېپىلغان ئىككى تال چىشنىڭ تاشقاتمىسىدىن، 800 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېگەن «لەنتىيەن ئادىمى» بولسا شەنشىنىڭ لەنتىيەن رايونىدىن تېپىلغان بىر پۇچۇق باشنىڭ تاشقاتمىسدىن؛ 400-500 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېيىلگەن «بېيجىڭ ئادىمى» نىڭ دەلىلى جۇكۇدىيەندىن تېپىلغان 40 نەچچە پارچە قالدۇق سۆڭەكلەردىن ئىبارەت. پۈتۈنلەي قىياسقا ئاساسلانغان «مايمۇنسىمان ئادەم» لەرنىڭ دەۋرى نەچچە يۈزمىڭ يىلدىن بېرى كېلەلمەيدۇ، يېڭى ئادەملەر پەيدا بولدى دېيىلگەن 50 مىڭ يىلدىن بېرىقى دەۋرگە تەئەللۇق تاشقاتمىلار بولسا يوق. شۇڭا، مايمۇنسىمان  ئادەملەرنىڭ قەدىمكى ئادەملەرگە، قەدىمكى ئادەملەرنىڭ يېڭى ئادەملەرگە ئايلىنىش جەريانى تېخى بىر بوشلۇق تۇرماقتا.

    2. تېپىلغان تاشقاتمىلارنىڭ يىل دەۋرى ئادەتتە كاربون 14 ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلىندۇ. ھالبۇكى، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزدىمۇ مەسلە ئاز ئەمەس. تاشقاتمىلارنىڭ يىلى قانچە بۇرۇن بولسا، خاتالىق پەرقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ پەرق 3500 يىلدا 200 يىل، 5500 يىلدا 700 يىل بولىدۇ. يىل بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولسا، بۇ پەرقنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىل، ھەتتا نەچچە يۈزمىڭ يىل بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېنىق. ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىز، پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالىملار ئادىمىزات 4 مىڭ يىل بۇرۇن پەيدا بولغان دەپ قارىغان، كېيىن 10 مىڭ يىلغا ئۇزارغان، ئاندىن 25 مىڭ يىل دېيىلگەن، ئاخىردا 40 مىڭ يىل دېيىلگەن، ھازىر بەزىلەر 50 مىڭ يىل دەپ ھېسابلىماقتا. 1998-يىلى 23-ئىيۇن كۈنى  ئالىملار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كېپتائۇننىڭ غەربىي شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز قىرغىقىدىن بىر ئايالنىڭ 117 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىزىنى بايقىدى ۋە ئۇنى «ھاۋا ئانىنىڭ ئىزى» دەپ دەلىللىدى. دېمەك، ئادىمىزات پەيدا بولدى دېيىلگەن 50 مىڭ يىلمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. مۇنداق ئېنىقسىزلىق ۋە تۇراقسىزلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسىگە كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايدۇ.

    3. مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ ماڭغاچقا، ئۇمۇرتقىسىغا چۈشىدىغان بېسىم تارقاقلىشىدۇ. بىئولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ تولىمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق ھالەت. ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا، ئومۇرتقىسىغا زو بېسىم چۈشىدۇ، بۇ ئەھۋال مايمۇنلاردا بولىدىغان ئەۋزەللىككە يەتمەيدۇ. ئۇنى ئاز دەپ، ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا مەقئەتكە چۈشىدىغان بېسىم ئېشىپ، ئوڭايلا بوۋاسىر بولىدۇ. تۆت پۇتلۇق مەخلۇقلارنىڭ ھەر قاندىقىدا مۇنداق مەرەز كېسەل يوق. ئادەملەردە بولدىغان يوقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى دېگەنلەرمۇ ھايۋانلاردا بولمايدۇ. مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ مېڭىشنىڭ شۇنچە ئەۋزەللىكىلىرىنى تاشلاپ، نېمىشكە ئۆرە مېڭىشنى خالاپ قالىدۇ؟ بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، مايمۇنلارنىڭ ئادەمگە ئۆزگىرىشى تەدرىجى تەرەققىياتمۇ ياكى تەدرىجىي چېكىنىشمۇ؟ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسىنىڭ قارىشىچە، قول ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، مايمۇنلار قويۇق ئورمانلىقتا تەييار نېمەتلەرنى يەپ بەھۇزۇر ياشاشنى خالىماي، جاپا تارتقۇسى كېلىپ، تۈزگە چۈشۈپ يىلتىز قېزىپ يەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قولى پەيدا بوپتۇ. پاكىت شۇكى، مايمۇنسىمان ئادەم دېيىلگەن دەۋرگە تەئەللۇق 800 مىڭ يىل بۇرۇنقى لەنتىيەن ئادەملىرىمۇ، يېڭى ئادەم دېيىلگەن دەۋرگە تەئەللۇق 17-18 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۆڭكۈر ئادەملىرىمۇ قويۇق ئورمان ۋە ئوت-چۆپلۈكتە ياشىغان. مۇنداق شارائىتتا تۆت پۇتلاپ مېڭىش ئىككى پۇتلاپ مېڭىشتىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ قول بىلەن پۇتنى ئايرىشنىڭ نېمە  ئەھمىيتى بار؟ تېخى ئوۋ ئوۋلىغاندا ياكى رەقىبلىرىدىن قاچقاندا، تۆت پۇتلاپ تېز يۈگۈرگىلى بولىدۇغۇ؟

    4. مايمۇنلار ئادەملىشىپ ئۆرە ماڭغاندا، كۆرۈش دائىرسى كېڭىيىپ، تەپەككۇرى تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مېڭىسىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بارغان دىيىشمۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىر مۇھىم نوقتىئىنەزەرى. يەردە ئۆرە تۇرغان مايمۇن يىراقنى كۆرەمدۇ ياكى دەرەخ ئۈستىدىكى مايمۇن يىراقنى كۆرەمدۇ؟ ئەگەر، يىراقنى كۆرەلىگەننىڭ مېڭىسى تەرەققى قىلسا دەرەخ ئۈستىدە ياشايدىغان مايمۇننىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلمامدۇ؟ بۇ ھالدا زىراپىمۇ ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق بولاتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈن زىراپە ھازىرغىچە بىرەر چارە ئويلاپ گۆشخورلارنىڭ ئوزۇقى بولۇش تەقدىردىن قۇتۇلالمايدۇ؟

    5. قان زەردابىدىكى ئاقسىل مولېكۇلىلىرنىڭ پەرقىنى مىقدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن قارىغاندا، ئورانگوتان ئادەمگە ئەڭ يېقىن ئىكەن. شۇنىسى قىزىقكى، 40 مىليون يىل بۇرۇنقى ئورانگوتانلار ھازىرغىچە ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن، يەنىلا پىرىماتلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ھايۋان. ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەنە 40 مىليون يىلدىن كېيىنمۇ ئورانگوتان پېتى قالىدىكەن. ئەمما جەنۇپ مايمۇنلىرى نېمە ئۈچۈن 2 مىليون يىل ئىچىدىلا ھازىرقى بىزلەرگە ئايلىنالىدى؟ ۋە ئۇلار داۋاملىق ئۆزگىرىۋەرمەي، ئادەمگە ئايلىنىۋېلىپلا ئۆزگىرشتىن توختاپ قالدى؟

    6. يېقىندا پارىژ ئونىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى لادىن ئافرىقىدىكى زايىر ئىپتىدائىي ئورمانلىقىدا ئومۇرتقىسى دۈمبىسىدىن نەچچە سانتىمېتىردىن نەچچە ئون سانتىمېتىرغىچە بۆرتۈپ چىققان بىر قەبىلە ئادەملىرىنى بايقىغان. ناۋادا، مايمۇنلار ئادەمگە يېقىنراق دەپلا، ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېيىلسە، قەبىلىنى دىنوزاۋېردىن ئۆزگەرگەن دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر، راستىنلا شۇنداق بولسا، ئادەم مايمۇندىن يارالغان دېگەن ھۆكۈمنىڭ نوپۇزى نەدە قالىدۇ؟

    7. 1992-يىلى ئامېرىكىلىق زوئولوگ دىلون غەربىي ۋېرگنىيىدكى بىر تاغ جىلغىسىدا بېشى ۋە گەۋدىس ئادەمگە، قولى شەپەرەڭ قانتىغا ئوخشايدىغان بىر مەخلۇقنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭ «شەپەرەڭ بالا» دەپ ئات قويغان. بۇنى ئادەمگە ئۆزگىرىۋاتقان شەپەرەڭ دېيىش كېرەكمۇ؟ مۇنداقتا ئادەمنىڭ ئەجدادى بىرلا مايمۇن بولماي قالدۇغۇ؟

    8. ئىرق مەسلىسىمۇ بىر مەسلە. ھازىر دۇنيادا ئاق، سېىق، قارا، قوڭۇر دەپ 4 چوڭ ئىرق بار. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسى پەقەت جەنۇب مايمۇنلىرىنىڭ بىر تارمىقىلا ئادەمگە ئايلانغان دەپ قارايدۇ. ئەگەر، بۇ نەزەرىيە كەمكۈتسىز بولسا، بىر رەڭدىكى مايمۇدىن 4 ئىرق كېلىپ چىققانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟

    «زامانىۋى پەن» ئەن شۇنداق ئاجىزلىقلىرىنى يېپىش، باشقىلارنى ئېغىز ئاچقۇزماسلىق ئۈچۈن ئوخشاشمىغان پىكىرلەرگە يول بەرمەيدۇ، ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى «ياۋايىلار» نىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرى، ھەتتا زىيانلىق نەرسە دەپ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.

    بىزنىڭچە، ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارىخنى تەتقىق قىلىشتا، تارىختىكى بەزى تەس مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم مەنبە، بۇرۇنقىلاردىن قالغان مو تارىخىي مىراس ھېسابلىندۇ. 19-ئەسىردە گېرمان ئارخېلوگ ھېنرىخ شۇلمان ئەپسانىلەرنىڭ ھەممىسنى خىيالىي تەسەۋۋۇر دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلاردا مۇئەييەن تارىخي چىنلىق بار دېگەن. ئۇ ھومېر داستانلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان ترويا شەھىرىنى ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇنىڭ خارابىسنى تاپقان، بۇرۇن ترويا شەھىرى ئويدۇرۇپ چىقىلغان دەپ قارالغان ئىدى.

    ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار  ئارسىدا كۆكتىن بىر ئوت تۈۋرۈك چۈشكەن دېگەن رىۋايەت بار ئىدى. گېئولوگلار رىۋايەت تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا ئاساسەن بىر مىتىئورىت ئازگىلنى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن رىۋايەتنىڭ مەلۇم چىنلىقى ئىسپاتلاندى.

    سۇمېر ۋەسقىلىرىدە توپان بالاسىدىن بۇرۇن ئەيلىدىئو، بابچىبىرا، لاراك، ھىپار، ھۇرپاك قاتارلىق بەش شەھەرنىڭ بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. مۇبادا، توپان بالاسى تارىختا بولمىغان بولسا، بۇ بەش شەھەرمۇ بولمىغان بولىدۇ، لېكىن ئارخېئولوگلار بۇ ۋەسقىلەر تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا ئاساسلىنىپ، بۇ بەش شەھەردىن ئۈچنى تاپتى.

    ئىنجىلشۇناسلار نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى تۈركىيە تەۋەسىدىكى بىر يەردە توختاپ قالغان دەپ قارايتتى، دېگەندەك بىر نەچچە يىل بۇرۇن كىشىلەر تۈركىيىدىكى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئىككى چوققىسى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇ كېمىنى تاپتى.

    خۇددى ئېنگېلس دىن ئىستىخيىلىك پەيدا بولغان، «ئۇ يېڭى پەيدا بولغاندا ئالدامچىلىق خاراكتىرى يوق ئىدى» دېگىندەك، ئەپسانە-رىۋايەتلەر بىر تارىخىي چىنلىققا ھامىلدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.ئەپسانىلەرنى ھازىرقىلار ئوڭاي قوبۇل قىلالمسالىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ىپادىلەش ئۇسۇلى ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ھازىرقى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئۆگىنىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن زادىلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بىلىندۇ، خالاس.

    جىنىسسىز كۆپىيىشنى مىسالغا ئالايلى.

    كۆيىپىش ـ جانلىقلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ھادىسسى، ئۇ جىنىسىز، جىنسىلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. جىنىسىز كۆپىيىش جىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ قوشۇلۇشسىز ئەۋلاد قالدۇرۇش شەكلى. ئۇنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىش، سپورىلىق كۆپىيىش ۋە بىخلىنىپ كۆپىيىش شەكىللىرى بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار مۇشۇ ئۇسۇلدا كۆپىيىدۇ. جىنسىلىق كۆپىيىش جنسى ھۈجەيرىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەۋلاد قالدۇرۇش شەكلى، بۇ جانلىقلار دۇنياسىدا ئەڭ ئومۇمىي كۆپىيىش شەكلىدۇر. مۇنداق قارىغاندا، قىنسىلىق كۆپىيىش تىپىغا كىردىغان ئىنسانلارنىڭ جىنىسىز كۆپىيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، بۇرۇنقىلار ئالەم ۋە ئادەمنىڭ يارىلىشى توغىرسىدىكى ئەپسانىلىرىدە ئىنسانلارنىڭ جىنسسىز كۆپىيىشى توغىرىسىدا مول ۋە گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرغا قويغان.

    ئالەمنىڭ يارىلىشى توغىرىسدا «دەقايىقۇل ئەخبار» دا: « ئاللاتائالا ئەڭ ئاۋۋال جانابى ھەزرەتنىڭ (مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ) پاك نۇرىنى ياراتتى...ئاندىن ئاللاتائالا ئۇ نۇرغا رەھمەت نەزەرى بىلەن قارىۋىدى، ئۇ نۇر تەرلىدى، بېشىدىن چىققان تەردىن مالائىكىلەرنى ياراتتى، يۈزىدىن چىققان تەردىن ئەرشى، كۇرسى، لەۋھۇلقەلەم، ئاسمان، زېمىن، ئاي، كۈن، يۇلتۇزلارنى ياراتتى، كۆكرىكىدىن چىققان تەردىن ئەنبىيا، ئەۋلىيا، ئالىم، شېھىت، سالىھلارنى ياراتتى، ئىككى قېشىدىن چىققان تەردىن جەمئىي ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى ياراتتى، قۇلاقلىرىدىن چىققان تەردىن جوھۇت، يەھۇدى، ناسارا، ئاتەشپەرەس، بۇتپەرەس، مەجۇسىيلارنى ياراتتى، ئىككى ئايىغىدىن چىققان تەردىن ھەممە جانىۋارلارنى ياراتتى» دېيىلدۇ. بۇ يارالمىشنىڭ كونكرېت ۋاقتى توغرىسىدا «كىتابى بەھرى» دە:«ھەزرەت جالال (خۇدايىتائالا-ئا) ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى ئالتە كۈندە بەرپا قىلدى؛ يەتتە قات يەرنى يەكشەنبە كۈنى ياراتتى؛ دۈشەنبە كۈنى يەتتە قات ئاسماننى، ئاي، كۈن، يۇلتۇزلارنى ياراتتى؛ سەيشەنبە كۈنى تامام مەخلۇقات-جانلىقلارنى قۇرت، پاشىغىچە ياراتتى؛ چارشەنبە كۈنى تامام دەريا، بۇلاق، دەرەخ، گىياھلارنى ياراتتى ھەم مەخلۇقاتلارغا رىزقى ئۈلەشتۈردى؛ پەيشەنبە كۈنى بىھىش، دوزاخ، رەھمەت ۋە ئازاب پەرىشتىلىرىنى، ھۆر-غىلمانلارنى ياراتتى؛ جۈمە كۈنى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ياراتتى؛ شەنبە كۈنى تامام مەخلۇقاتلارنى شىكارغا قويۇپ بەردى» دېيىلدۇ.

    خەنزۇ ۋە مياۋزۇلارغا ئورتاق بولغان «پەنگۇ رىۋايىتى» دە مۇنداق ھېكايە قىلىندۇ: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ بولمىغان ئىكەن. ئالەم چوڭ بىر تۇخۇم بولۇپ، تۇخۇمدا پەنگۇ پەيدا بولغان ئىكەن، پەنگۇ بارا-بارا چوڭ بوپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئۇخلايدىكەن، شۇ ئۇخلىغىنىچە 18 مىڭ يىل ئۇخلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئويغىنىپتۇ، كۆزىنى يىرتىپ ئېچىپ قارىسا، ئالەم قاراڭغۇچىلىق ئىكەن، ھېچنېمىنى كۆرەلمەپتۇ. ئۇ قەيەردىندۇر پالتا تېپىپ قاراڭغۇلۇققا قارىتىپ شىلتىغان ئىكەن، تۇخۇم چېقىلىپتۇ. تۇخۇمدىن بەزى يەڭگىل نەرسىلەر لەيلەپ چىقىپ ئاسمان بوپتۇ. ئېغىرلىرى زېمىن بوپتۇ، بىراق، ئەمدىلا پەيدا بولغان ئاسمان تۇرغۇن بولماي تۆۋەنلەشكە باشلاپتۇ. پەنگۇ ئاسماننى بېشىدا تىرەپ تۇرۇۋاپتۇ ۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپتۇ. شۇنداقتىمۇ، ئاسماننىڭ چەت-چۆرىسى زېمىن بىلەن تۇتىشىپ قاپتۇ. پەنگۇ بىر قولىغا ئىسكىنە، بىر قولىغا پالتا ئېلىپ، ئاندا چېپىپ، مۇندا تېشىپ، ئاران دېگەندە تۇتاشقان يەرلەرنى ئاجرىتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئاسمان ھەر كۈنى بىر جاڭ ئۆرلەپتۇ، زېمىن بىر جاڭ قېلىنلاپتۇ، پەنگۇ بىر جاڭ ئۆسۈپتۇ. يەنە 18 مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ، پەنگۇ 90 مىڭ چاقىرىم ئۆسۈپتۇ. پەنگۇ ئەمدى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدىغانغان كۆزى يەتكەندىن كېيىن يىقىلىپ جان بېرىپتۇ. ئۇ ئۆلگەندە ئاغزىدىن چىققان نەپەس شامال ۋە بۇلۇت بوپتۇ، ئاۋازى گۈلدۈرماما بوپتۇ، سول كۆزى قۇياش، ئوڭ كۆزى ئاي بوپتۇ، پۇت-قوللىرى تاغ بوپتۇ، قېنى دەريا-ئېقىن بوپتۇ، چېچى يۇلتۇز بوپتۇ، گۆشى تېرىلغۇ يەر بوپتۇ، چىش-ئۇستىخانلىرى مېتال، تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت بوپتۇ. تېرە تۈكلىرى دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ بوپتۇ، تەرلىرىمۇ قار-يامغۇر بوپتۇ. بۇ رىۋايەتتە پەنگۇ تۇنجى ئادەم بولسىمۇ، ئۆزىدىن باشقا ئادەم ياسىمايدۇ.

    پەنگۇ ئەپسانىسىدە ھزىرقى زاماندىكى ئالەمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش نەزەرىيسى ئەكىس ئەتكەن. ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا ھازىر ھۆكۈم سۈرۋاتقىنى چوڭ پارتلاش نەزەرىيسىدۇر. بۇ نەزەرىيە بويچە، 20 مىليارد يىل بۇرۇن نۆلگە تەڭ بولمىغان يۇقىرى زىچلىقتىكى يوقلۇق نوقتىسى (دىئامېتىرى 10^-34 سانتىمېتىر بولغان نوقتا) تۇيۇقسىز پارتىلاپ، ھازىرقى ئالەم پەيدا بولغان. پارتىلاشتىن كېيىنكى بىر سېكۇنتتا تېمپېراتۇرا 10 مىليارد گىرادۇس بولغان، ئالەم دەسلەپكى 10^-34 سېكۇنت ئىچىدە 10^-100 سانتېمېتىر كەڭەيگەن. پارتلاش تېزلىكى نۇر تېزلىكى (سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر) نىڭ 16.3 ھەسسىگە تەڭ بولغان. كېيىن ئالەم بارا-بارا سوۋۇغان. ئاسمان جىسىملىرى ھازىرمۇ پارتلاش مەركىزىدىن ھەم بىر-بىرىدىن داۋاملىق يىراقلاپ، ئالەم ئۆزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. پەنگۇ ئەپسانىسىدە يەر بىلەن ئاسمان بۇرۇن تۇتاش بولۇپ، كېيىن بىر-بىرىدىن يىراقلاشقان دەيدىغان ئالەمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش قارىشى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن،ئەزالىرىدىن ھەر خىل نەرسىلەر ھاسىل بولغانلىقى بولسا، ئالەم يېتەرلىك سوۋۇۇپ، يەر پوستى شەكىللىنىپ، بارا-بارا ھاياتلىق پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

    ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدا ھەممە دىن-ئەپسانىلەردە دېگۈدەك ئادەم توپىدىن يارالغان دېيىلىدۇ، پەقەت ئىپادىلەش ئۇسۇلىلا پەرق قىلىدۇ. ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ئالدىنقىلارنىڭ جىنىسىز كۆپىيىش توغرىسىدىكى ئەڭ گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرى ھېسابلىندۇ.

    «قىسەسۇل ئەنبىيا» دا : «ھەزرەت ئەزرائىل... بىر چاڭگال تۇپراقنى تامام روي زېمىندىن ئالدى، بۇ تۇپراقتا قارا، قىزىل، كۆك، سېرىق، يېشىل ھەررەڭ، يۇمشاق، قاتتىق، ئېرىقسىز، شور، تاتلىق، ئاچچىق ھەر قىسىم تۇپراقتىن بار ئىدى» دېيىلدۇ. خۇدايتائالا بۇ تۇپراقتا لاي ئېتىپ ئادەم ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭغا جان بېرىدۇ. «دەقايىقۇل ئەخبار» دا تۇپراق ئېلىنغان جايلار تەپسىلى بايان قىلىنىپ، «ئاللائاتالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەسىدىنى بىر نەچچە ئىقلىمنىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتى: ئوڭ قولىنى كەئىبىنىڭ تۇپرىقىدىن، ئىككى پۇتىنى ھىندىستان تۇپرىقىدىن، بېشىنى بەيتۇلمۇقەددەس (ھازىرقى يېروسالىم-ئا) تۇپرىقىدىن، ئىككى پۇتىنى ھىندىستان تۇپرىقىدىن، ئۇستىخانلىرىنى جەبىل نۇرنىڭ تۇپرىقىدىن، ئەۋرىتىنى بابىلنىڭ تۇپرىقىدىن، ئارقىسنى ئىراقنىڭ تۇپرىقىدىن، تىلىنى تائىپىنىڭ تۇپرىقىدىن، يۈزىنى جەننەتۇل مەئىۋانىڭ تۇپرىقىدىن، چىش ۋە كۆزلىرىنى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ تۇپرىقىدىن، دىلىنى جەننەتۇل پىردەۋسىنىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتى» دېيىلدۇ.

    «ئىنجىل» دا: «تەڭرى زېمىن تۇپرىقىدىن ئادەم ياراتتى ۋە بۇرنىغا دەم ئۇرۇپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى» دېيىلدۇ. ئېيتىلىشچە، ئادەم قىزىل توپىدىن يارالغان ئىكەن، «ئادەم» دېگەن سۆزمۇ «قىزىل توپىدىن يارالغان» دېگەن مەنىنى بېرەر ئىكەن. «قىسەسۇل ئەنبىيا» دا بايان قىلىنىشچە، ئادەم: «سىز نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاتالدىڭىز؟» دېگەن سۇئالغا ئەرەبچە: «لانى خلقت من اديم الارخد» (لىئەننى خۇلىقتۇ مىن ئەدىمىل ئەرزى) دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، بۇ «مەن يەرنىڭ تېرىسىدىن يارىتىلدىم» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك ئادەم ئۆز ئېتى «ئەدىم» (تېرە) دىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. «يەرنىڭ تېرىسى» ـ توپا دېمەكتۇر.

    خەنزۇ ئەپسانىلىرىدە ئادەم سېرىق توپىدىن يارىتىلدۇ. «ئۆرپ-ئادەت توغرىسىدا» دا يېزىلىشچە يىراق قەدىمكى زاماندا پەنگۇ تۈرلۈك مەۋجۇداتلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئادەم ياسىمايدۇ. نۈيۋا سېرىق توپىدىن لاي ئېتىپ، ئۆز شەكىلىگە ئوخشىتىپ نۇرغۇن ئەر-ئايال ئۇششاق ئادەملەرنى ياسايدۇ، ئۇلار نۈيۋانى ئايلىنىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ، نۈيۋا زېمىننى مۇشۇنداق جانۋارلار بىلەن توشقۇزماقچى بولىدۇ. بىراق زېمىن چوڭ بولغاچقا توشقۇزالماي، ئۇزۇن ھەپلىشىپ ھېرىپ كېتىدۇ. ئاخىرى ئۇ بىر ئارغامچىنى لايغا مىلەپ كۈچەپ پىرقىرتىدۇ. لاي چاچرىغان يەرلەردىن ئۇششاق ئادەملەر پەيدا بولىدۇ ۋە زېمىنگە تارايدۇ.

    ياۋزۇلارنىڭ رىۋايىتىدە دەسلەپ ئالەم قاراڭغۇ بولۇپ ھېچنېمە يوق ئىدى. باشتا شامال پەيدا بولدى، شامال قۇيۇندىن مەۋجۇداتلارنىڭ ئەجدادى پەيدا بولدى دېيىلدۇ. ناشىزۇلارنىڭ رىۋايىتىدە بۇرۇن ئاسمان-زېمىن ئايرىلمىغان چاغدا ئەر ئىلاھ بىلەن ئايال ئىلاھ ھەممىنى ئىلكىدە تۇتاتتى دېيىلدۇ. بابىللىقلار بۇرۇن ھەممىلا يەر سۇ ئىدى، سۇدىن راھىم ۋە راھام ئىككى ئىلاھ پەيدا بولغان، ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئاسمان ئىلاھى بىلەن زېمىن ئىلاھى تۇغۇلغان دېيىلدۇ.

    ھاۋا ئانىنىڭ يارىلىشىمۇ جىنىسىز كۆپىيىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

    «قىسەسۇل ئەنبىيا» دا ئادەم خاۋالۇت ئۇخلاۋاتقاندا خۇدا ئۇنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن بىر تال ئېلىپ، ھاۋا ئانىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا جۈپ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. «ئىنجىل» دىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بايان بار.

    «قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دا ئۇيغۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدا مۇنداق رىۋايەت بار: «بىر كۈنى كەچتە ئاسماندىن دەرەخكە شولا چۈشۈپتۇ، ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ دەرەخ خۇددى ئادەم قورساق كۆتۈرگەندەك قورساق سېلىپتۇ. بۇ شولا دەرەخكە ئۇدا توققۇز ئاي 10 كۈن چۈشكەندىن كېيىن، ھېلىقى دەرەخنىڭ قورسىقى يېرىلىپتۇ، ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ. شولىدىن ھامىلدار بولۇش ۋە دەرەخنىڭ ئادەم توغۇشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدۇ. ئەگەر، بىز شولىنى ئىلاھ (ياكى تاشقى پىلانېتا ئادىمى)، دەرەخنى يەردىكى بىرەر ئەقىللىق مەخلۇق دەپ پەرەز قىلساق، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى خۇدا (ياكى تاشقى پىلانېتا ئادىمى) نىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى غايەت ئەركىن تەسەۋۋۇر بىلەن تولىمۇ پاساھەتلىك ئىپادىلىگىننى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us