• ئالەم ۋە ئادەم (2)

    2010-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/65843601.html

    «ئوغۇزنامە» دىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بايان بار. ئوغۇزخاننىڭ چوڭ خوتۇنى كۆكتىن چۈشكەن شولىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ، كىچىك خوتۇنى دەرەختىن تۇغۇلىدۇ.

    خەنزۇلارنىڭ ئەپسانىۋى قىسسىسى «غەربكە ساياھەت» تە : خۇاگۇسەن تېغىدا بىر تاش بار ئىدى، يىللار ئۆتۈپ ئۇ تاش ھامىلدار بولدى. بىر كۈنى تاش يېرىلىپ، يۇپ-يۇمىلاق بىر تاش تۇخۇم تۇغدى ۋە ئۇزاققا قالماي، ئۇ بىر تاش مايمۇنغا ئايلاندى دەپ رىۋايەت قىلىندۇ.

    جىنىسىز كۆپىيىشكە دائىر بۇ رىۋايەتلەردە مۇنداق ئىككى مۇھىم قاراش ئىپادىلەنگەن:

    بىرىنچى، ئادەم توپىدىن يارالدى دېگەن قاراش. ھازىر ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل پەرەزلەر بار، كۆپىنچىسى ھاياتلىق توپىدىن يارالدى دېگەندىن يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ. بەزىلەر چوڭ پارتلاشتا توزۇپ كەتكەن، تەركىبىدە ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت، كاربونلار بولغان چاڭ-توزانلار ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈندۈرمىسىنى شەكىللەندۈرگەن دەيدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋىرسى شىتاتىدىكى تەتقىقاتچىلار ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان ئامىنو كىسلاتانىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتقا ئىگە ئىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 1969-يىلى يەر شارىغا چۈشكەن مەيچىشىڭ ناملىق مىتېئورىتتا ئامىنو كىسلاتا كۆپ ئىكەن. ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرىمۇ ھاياتلىق ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن دەپ قارىغان ۋە ھاياتلىقنى تۈزگۈچى نۇرغۇن تەركىبلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى تەجرىبە بىلەن ئېنىقلىغان. ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇلتۇزلار ئارا بۇلۇت قاتلاملىرىدا شەكىللەنگەن كاربون ۋە ھىدروگېنلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىت بىلەن سۇنى 226.7- سېلسىيە گىرادۇستا بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئولترا بىنەپشە نۇر چۈشۈرگەندە، %10 چە كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىتنىڭ ئىسپىرىت، ئېتېل، كېتونلارغا ئايلانغىنىنى بايقىغان. بۇ بىرىكمىلەر مىتىئورىت تەركىبىدىكى بىرىكمىلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بەزىلەر ھاياتلىق دەسلەپكى جانسىز ماددىدىن، ئانئورگانىك ماددىدىن پەيدا بولغان دەيدۇ. جانسىز ماددىدىن ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلدىغىنى ـ توپىدۇر. ئەنگلىيە گلازگو ئونىۋېرستېتىنىڭ بىر پىروفېسسورى 1960-يىللىرى ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدىغان بىۋاستە خىمىيۋى ئۆزگىرىش لايدا يۈز بېرىدۇ دەپ قاراپ «سېغىز توپىنىڭ ئۆسۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1970-يىللىرى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسنىڭ ئالىملىرى بۇ قاراشنى دەلىللەش ئۈچۈن بىر قاتار تەجىربىلەرنى ئىشلەپ، سېغىز توپىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش، توشۇش، يەتكۈزۈش خۇسۇسىيتى بارلىقىنى بايقىدى. ئېنېرگىيىنى ساقلاش-توشۇش ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ئامىللاردۇر. بۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلار 1982-يىلى 2-ئاپرېل كۈنى «ھاياتلىق سېغىز توپىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گېپوتېزا (ئىلمى پەرەز) نى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئىككىنچى، ئادەمنى خۇدا ياراتتى دېگەن قاراش. ھازىر بەزى ئالىملار ئىنسانلارنى تاشقى پلانېتا ئادەملىرى ياراتقان دەۋاتىدۇ. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يەر شارىدا جانلىقلار كۆپ قېتىم زور ھالاكەت دەۋرىنى بېشىدىن كۆچۈرگەن. 600 مىليون يىل بۇرۇن يەر شارىدا تۇنجى ھايۋانلار پەيدا بولغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 13 قېتىم ھالاكەت يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن بەش قېتىملىقى زور ھالاكەت بولۇپ، ھەر قېتىمدا جانلىقلار تۈپتىن تۈگەپ، كېيىن يېڭى جانلىقلار پەيدا بولغان. لېكىن، ئەزەلدىن ئادەم پەيدا بولۇپ باقمىغان. لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى «ئادەم- تاشقى پلانېتا ئادەملىرنىڭ تەجرىبە بۇيۇمى» دېگەن كىتابىدا : «ئىلاھ (خۇدا) تاشقى پلانېتىدىن كەلگەن ئەقىللىق جانلىقلاردۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە 50 مىڭ يىللار ئىلگىرى بىر تۈركۈم تاشقى پلانېتا ئادەملىرى يەرگە چۈشكەن، ئۇلار ئىنتايىن ئەقىللىق بولغان. ئۇلار يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە ئولتۇراقىشىشىغا ماسلاشمايدىغانلىقىنى بىلگەن چاغدا، يەر شارىدىكى ئەقلى بىر قەدەر يۇقىرى چىشى مايمۇنلارنى تاللىۋېلىپ، ئۇلارغا تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ گېنلىرىنى كىرگزۈپ ئۆز-ئارا چېتىشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، ھازىرقى ئىنسانلار پەيدا بولغان، مۇندىن 15 مىڭ يىلچە بۇرۇن توپان بالاسى يۈز بەرگەندە، تۈزدىكى بارلىق ئىنسانلار شەھەرلىرى بىلەن بىللە تۈگەشكەن، پەقەت تاغ چوققىلىرىدا ياشايدىغان بەزى قەبىللەر ۋە ئازراق چارۋىچىلارلا ئامان قالغان. ئۇلار كېيىنچە تۈزگە چۈشۈپ ئاۋۇغان ۋە بارا-بارا يەرگە ئۇرۇق سېلىپ زىرائەت ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىپ، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق تۇرمىشىدىن تېرىقچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچكەن.

    توپان بالاسى توغرىسىدا دىن ۋە ئەپسانىلەردە ئەڭ كۆپ خاتىرلەنگەن. بۇ توغرىدا ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ. بەزىلەر توپان ئىنسانلارنىڭ خىياىي تەسەۋۋۇرى دېسە، بەزىلەر تارىختا راس بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقى پاجىئە دەيدۇ. ئەنگىلىيە مىللەتشۇناسى فرىز: شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكىلاردىكى 130 نەچچە ئىندىئان قەبىللىرىدىن توپان تېما قىلىنغان ئەپسانىسى بولمىغان بىرمۇ قەبىلە يوق دەيدۇ. ھالبۇكى، دۇنيادىكى ھەر قايسى قۇرۇقلۇقلاردا ياشايدىغان قەۋملەرنىڭ ھەممىسنىڭ دېگۈدەك توپان ھەققىدە ئەپسانىلىرى بار ۋە ھەممە ئەپسانىلەردە ئازلا كىشى ساق قالىدۇ. قاتناش تەرەققى قىلمىغان ئەشۇ زامانلاردا توپان ھەققىدىكى ئاساسەن ئوخشاش رىۋايەتلەرنىڭ مۇنچە كەڭ ئومۇملىشىشى كىشىنى بۇ ھەقتە ئويلاندۇرماي قويمايدۇ.

    «قىسەسۇل ئەنبىيا» دا توپان ھەققىدە ئىنتايىن گۈزەل ئەپسانىلەر بار. ئېيتىلىشىچە، توپان بالاسى «سەپەر ئېيىنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، بارات ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئاياقلىشىدۇ»، «نوھ ئەلەيھىسسالام 6 ئاي كېمىدە يۈرىدۇ»، نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل-كېلىنلىرى ھەم باشقىلار قوشۇۇپ جەمئىي 80 كىشى كېمىدە ئولتۇرۇپ توپان بالاسىدىن ئامان قالىدۇ.

    «ئىنجىل. دۇنيانىڭ يارالمىش تارىخى» دا يېزىلىشچە، نوھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى توپان باشلىندۇ. 40 كېچە-كۈندۈز ئۈزمەي يامغۇر ياغىدۇ، توپان 7-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە 150 كۈن داۋام  قىلىدۇ. بۇ بالادىن نوھ، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئۈچ ئوغلى، ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى بولۇپ سەككىز كىشى ساق قالىدۇ. ھەر قانداق ئېگىز تاغمۇ 15 گەز سۇ تېگىدە قالىدۇ.

    جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىمۇ فۇشى ھەققىدە گۈزەل بىر ئەپسانە تارقالغان: بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر تاغدا بىر ئائىلە تۇردىكەن. ئاتا تېرىقچىلىق قىلدىكەن، بىر ئوغۇل، بىر قىزى غەمسىز ئوينايدىكەن. بىر كۈنى چاقماق ئىلاھى لىگۇڭنىڭ قەھرى تۇتۇپ، ئىنسانلارغا ئاپەت ياغدۇرۇپتۇ. ئۇ قاتتىق چاقماق چاقتۇرۇپ، چىلەكلەپ يامغۇر ياغدۇرۇپ، يوغان پالتىسنى كۆتۈرۈپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە زېمىنگە چۈشۈپتۇ. باتۇر ئاتا قىلچە قورقماي، چاپچىسنى لىگۇڭغا بىر سانچىپ، ئۇنى قەپەزگە قامىۋاپتۇ. ئاتا ئەتىسى بازارغا مېڭىش ئالدىدا بالىلىرىغا: «ئۇنىڭغا ھەرگىز سۇ بەرمەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ. ھىيلىگەر لىگۇڭ يالغاندىن ئاغرىق بولۇۋېلىپ بالىلارنى ئېزىقتۇرۇپتۇ، ئاقكۆڭۈل قىز نەچچە يۇتۇپ سۇ بېرىپتۇ. لىگۇڭنىڭ كۈچى ئەسىگە كېلىپ قەپەزدىن قۇتۇلۇپتۇ. ئۇ قىزغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر تال چىشىنى سۇغۇرۇپ بالىلارغا بېرىپتۇ ۋە «بۇنى يەرگە كۆمۈڭلەر، بىرەر ئاپەت بولسا، ئۇنىڭ مېۋىسى ئىچىگە كىرىۋېلىڭلار» دەپتۇ-دە، ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئاتا بازاردىن كەلسە لىگۇڭ يوق تۇرغۇدەك، ئۇ بىرەر ئاپەتنىڭ كېلىدىغىننى پەملەپ، ياغاچلاردىن كېمە ياساپتۇ، بالىلار ھېلىقى چىشنى كۆمۈپتۇ. ھەش-پەش دېگۈچە يوغان بىر قاپاق چۈشۈپتۇ، ئۇلار قاپاقنى ھەرىدەپ، لەشلىرىنى ئېلىۋىتىپ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ. بۇ چاغدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، زېمىننى توپان بالاسى بېسىپتۇ. ئېگىز تاغلار سۇ تېگىدە قاپتۇ. ئاسماندىكى ئىلاھلار ئاسمان دۆلىتىنىمۇ سۇ بېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، لىگۇڭدىن توپان سۈيىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. سۇ تېز قايتقاچقا، ئاتا كېمىسى بىلەن پەلەكتىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ، ئىككى بالا ئامان قاپتۇ، ئاكىسىنىڭ  ئېتى فۇشى ئاكا، سىڭلىسىنىڭ ئېتى فۇشى سىڭىل ئىكەن. كېيىنكىلەر ئەشۇ ئىككىسنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.

    مىلادىدىن 3500 يىل بۇرۇنغا تەئەللۇق سۇمېرلىقلارنىڭ بىر كىتابىدا توپان مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «ئەتىگەندە يامغۇر بارغانسېرى كۈچەيدى. مەن كۆككە قاراپ قورققىنىمدىن قېتىپ قالدىم...تۇنجى كۈنى كۈچلۈك جەنۇب بورىنى چىقتى، كىشىلەر ئۇرۇش بولغان چىغىۋا دەپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي تاغقا قاچتى، ئۇلار ھېچنىمىگە قارىماي، جېنىنىڭ بارىچە قاچاتتى...»

    بابىللىقلارنىڭ داستانى «گىلگامىش» تا سۇ ئىلاھى: «ئۇبارنىڭ ئوغلى داۋۇت ئۆيىنى بۇزۇپ كېمە ياسىسۇن، مال-مۈلىكىنى ئويلىمىسۇن، جېنى ئامان قالسىلا بولدى» دەپ ئاگاھلاندۇردۇ. بۇ داستان توپان بالاسى ئەڭ تۇلۇق خاتىرلەنگەن ماتېرىيال دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئېپوس توپاندىن ئامان قالغان سىنابىسىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئاغزاكى بايان قىلغىنىغا ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن. بۇ ئېپوستا توپان 12 كۈن داۋاملىشىپ، ئاندىن قايتىشقا باشلىغانلىقى، 129-كۈنى پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

    مېكسىكىلىقلارنىڭ ئاستايكا ھەققىدىكى رىۋايىتىدە چىتراكاۋان ئىسىملىك ئىلاھ ناتاغا يېقىندا ئاپەت بولىدۇ دەپ سىگنال بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭ كېمە ياساپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشىنى ئېيتىدۇ. توپان كەلگەندە ھەممە سۇ ئاستىدا قالىدۇ. ناتا خۇتۇنى بىلەن ساق قالىدۇ.

    تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن ئاراللاردا تارالغان رىۋايەتلەردىمۇ نامەلۇم بىر كىشى توپاندىن ئاگاھ بېرىدۇ ۋە كېمە-قولۋاق ياسىغانلار ئامان قالىدۇ. بېرمىنىڭ «يىللار» دېگەن كىتابىدىمۇ قارا كىيىملىك بىر كىشى ھەممىلا يەردە ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن ئاپەتتىن بىشارەت بېرىدۇ ۋە توپاندىن ئازغىنە كىشى ساق قالىدۇ.

    يۇنانىستان داستانلىرىدا توپان مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «بەزىلەر تاغلارغا چىقىپ پاناھلاندى، بەزىلەر قولۋاقلارغا ئولتۇرۇپ يېڭىلا تېرىلغان يەرلەرنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈپ يۈردى، يەنە بەزىلەر دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىن بېلىق تۇتۇپ يىدى».

    مۇشۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى توپان بالاسى ئالدىنقى ھالاكەتلەردەك ئېغىر بولمىغان. بۇ بالادا ھېچبولمىغاندا  ئادەم ۋە باشقا جانلىقلار ئاز-تولا ئامان قالغان، توپان قايتقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئاۋۇغان.

    ئادەمنى تاشقى كۈچ (خۇدا) ياراتتى ۋە ئادەم توپىدىن ئاپىرىدە بولدى دېگەن قاراشلار ھازىرقى «ئاقىللار» نىڭ كاللىسىغا تېخى يېقىندىلا كەلدى. ھالبۇكى، بۇلار «ياۋايى»  ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن ئىشلاردۇر. پەقەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىننى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئەقلىمىز سىغدۇرالماس دەرىجىدە ئەركىن بولغان، خالاس.

    بۇرۇنقىلارنىڭ جىنىسىز كۆيىپىش ھەققىدە بىزنىڭ ئېڭىمىز قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەن تەسەۋۋۇرلىرىمۇ تولا. بۇ تەسەۋۋۇرلاردا خۇدا ئادەم يارىتىش ئۈچۈن لايدىن ھەيكەل ياساپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى ئايال جىنىسنى ئەرگە يولاتماي تورۇپلا ھامىلىدار قىلىدۇ.

    «قىسەسۇل ئەنبىيا» دا: «ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ بۈۋى مەريەمنىڭ ئاغزىغا دەم سالغان ئىدى، شۇ زامان بۈۋى مەريەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ناھايتى شېرىن لەززەت پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولدى» دەپ بايان قىلىنىدۇ ۋە ئەيسا «ئاتىسىز ئوغۇل» دېيىلىدۇ.

     

    «تەيپىڭ تيەنگو يىللىرىدا خان يارلىقى بىلەن تۈزۈلگەن كىتابلا قامۇسى» دا بايان قىلىنىشچە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدا پاتالىپوترا دۆلىتى بولۇپ، بۇ ئەلدىكى پاتالىپوترا ئىسىملىك قىز شەرقتىكى لىيزى دېگەن يەرگە بېرىپ ئويناپ يۈرۈپ، تاسادىپەن ئىنتايىن چوڭ ئاياغ ئىزىنى بايقاپ قالىدۇ، ئۇ قىزىقسىنىپ، ئىزىنى بۇ چوڭ ئىز بىلەن سېلىشتۇرماق بولۇپ، ئۇ ئىزنى دەسسەيدۇ-دە، ئويلىغان يەردىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ ۋە فۇشى ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغىدۇ.

    يەنە شۇ كىتابتا خاتىرىلىنىشچە، شۈن ئاقساقالنىڭ ئەمىرى بىلەن سۇ ئاپىتىنى تىزگىنلەپ خىزمەت كۆرسەتكەن بۈيۈك يۈنىڭ ئاپىسى: «يۇلتۇزلار تىزمىسنى كۆرۈپ، چۈشىدە كۆڭلى يورۇپ، كېيىن يەنە خاسىيەتلىك كومۇلاچنى يۇتقان، شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك يۈنى تۇغقان».

    «دەسلەپكى بىلىم» دە ئېيتىلىشچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۈزلەڭلىك ئاقساقىلى خۇاڭدىنىڭ ئاپىسى قايسى بىر يۇلتۇزنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ئايلانغانلىقى ۋە قايسى بىر يۇلتۇزنىڭ دالانى يورۇتقانلىقىنى كۆرۈپ ھامىلدار بولىدۇ ۋە خۇاڭدىنى تۇغىدۇ.

    «تەرمىلەر» دە يېزىلىشىچە، قەبىلە ئاقساقىلى دىكۇنىڭ توقىلى قۇياشنى يۇتۇپ چۈش كۆرۈپ بىر ئوغۇل تۇغقان، كېيىن ئۇدا سەككىز قېتىم چۈش كۆرۈپ ھامىلدار بولۇپ، 8 ئوغۇل تۇغقان.

    ھازىرقى زامان «ئەقىللىقلىرى» يۇقىرىقىدەك تەسەۋۋۇرلارنى قانداقتۇر بىرەر بىرەر ھەقىقەتنىڭ سىماسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئۈستىدە قىلچە ئويلانمايلا «ئەپسانىلەر ئەخلەتخانىسى» غا سۈپۈرۈپ كىرگۈزۋەتكەن ئىدى. ئۆزلىرى 1953-يىلى ۋاتسون ۋە كرىكلار گېن ئىلمىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىنلا، جىنسىز كۆپىيىش ھەققىدە ئاز-تولا ساۋات چىقىرىشقا باشلىدى. ھازىرقى كۈندە ئادەم تېنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئايدىڭلاشتى: ئادەم تېنى 100 تىرىلىيون دانە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن، ھەر بىر ھۈجەيرىدە ئادېنىن (A)، تېمىن (T)، گۇئانىن (G) ۋە ستوزىن (C) دىن ئىبارەت تۆت خىل يادرو كىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە يادورسى بولىدۇ. ئۇDNA  مولېكۇلىسى دېيىلدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە  Aبىلەن T نىڭ ھەم G بىلەن C نىڭ گرام مولېكۇلا مىقدارى تەڭ (يەنى  A=Tۋە G=C) بولىدۇ. ھەر بىر ھۈجەيرە مولېكۇلىسى ئادەم تېنىنىڭ بارلىق ئىرسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ، ئىرسىي ئۇچۇر مىقدارى ئادەتتە «بىت» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ھەر بىر ھۈجەيىرىدە 5 مىليارد بىت ئۇچۇر ساقلىنىدۇ. دېمەك، ھەر بىر ھۈجەيرە بەدەننىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى قانداق تۈزۈش توغرىسىدىكى مۇكەممەل بۇيرۇق ئامبىرىدىن ئىبارەت. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈشكە باشلىغاندىلا، ئىككى گۇرۇپپا ئىرسىي فاكتور بۇيرۇققا ئاساسەن، ھامىلىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرى بويچە نۇسخىلىنىدۇ، ئاخىرى ھەممە ئەزاسى تۇلۇق مۇكەممەل ئادەمگە ئايلىندۇ. بىر ھۈجەيرىلىك ئاميۇبانىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن 400 مىليون بىت ئۇچۇر مىقدارى كېرەك، ئادەم ئۈچۈن بولسا، ھېلى ئېيتقىنىمىزدەك، 5 مىليارد بىت ئۇچۇر كېتىدۇ. مېڭە تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۇ 14 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن قۇرۇلغان، ھەر بىر ھۈجەيرە قوشنا ھۈجەيرىلەر بىلەن سانسىز ئالاقىلەردە بولىدۇ. چوڭ مېڭە پوستىلىقىدا مۇنداق ئالاقىلەر 10 تىرىليونغا يېتىدۇ. ناۋادا، چوڭ مېڭىدىكى بارلىق ئۇچۇر مىقدارى خاتىرىگە ئېلىنسا، 20 مىليون توم كىتاب بولۇر ئىدى. بۇلاردىن شۇ مەلۇمكى، يېتەرلىك تېخنىكا بولسىلا، ئادەمنى ياسىغىلى بولىدۇ.

    ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەردە 100 مىڭچە گېن بار. ھازىر ئالىملار بۇ گېنلارنىڭ ئورنى ۋە گېنلاردىكى يادرو كىسلاتاسىنىڭ ئېنىق تەرتىپىنى بەلگىلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ ئادەم تېنىدىكى 100 مىڭچە گېننى تەشكىل قىلغۇچى 3 مىلياردچە ئىشقارلىق ئاساسىنى C,G,T,A  تەرتىپى بويچە بىرىكتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار گېن ئىسخېمىسى ئىشلەپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ، 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان بۇ بىئو قۇرلۇشنى 2005-يىلى تاماملاش پىلانلغان. ئەگەر، بۇ پىلان ئىشقا ئاشسا (يېقىنقى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئالتە دۆلەت ئالىملىرى بىرلىشىپ «ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكى ئىسخېمىسى» نى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان، ئەمدى ئۇنى مۇكەممەلتۈرسىلا بولىدىكەن) ، ئىنسانلار گېنىنى ئېھتىياجغا يارىشا ئۆزگەرتىپ، سېمىزلەرنى ئورۇقلىتىش، ساغاملىقنى ئاشۇرۇش، چىرايلىق بالا بالا تۇغۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقستىگە يەتكىلى بولىدۇ. دوكتۇر ياڭ خۇەنمىڭ يېقىنقى بىر ماقالىسىدە گېن تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان 500 خىلدىن ئارتۇق ئىرىسىيەت كېسىلى ۋە ئىرىسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك راك، يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى، زىيابىت (ئوپقان)، يۇقىرى قان بېسىمى، روھىي كېسەللىك قاتارلىقلارنى داۋالىغلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇنىڭ دېيىشچە كىشىلەر «گېن» ئىسخېمىسى» غا ئاساسەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشىسە، ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىدا 150 يىل ئۆمۈر كۆرەلىشىدە گەپ يوق ئىكەن، ئادەم ئورگانىزىمىدىكى بىىئوسائەت مەسلىسى تۇللۇق ھەل قىلىنسا، 500 يىل ياشىيالايدىكەن. ئەنگىلىيىلىك ئالىم جون ھاررىسنىڭ دېيىشىچە، گېن تەتقىقاتدىكى بۆسۈش ئىنسانلارنىڭ 1200 يىل ياشىشىغا كېپىللىك قىلىدىكەن، نوھ ئەلەيھىسالام 1200 يىل، جەمشىد 500 يىل، مۇسا ئەلەيھىسسالام 150 يىل ئاشىغان دېسە، بەزىلەر بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەن دىنىي ئەپسانە دەيدۇ. ئەمسە، يۇقىرىدىكى ئالىملار مۆلچەرلىگەن 150، 500، 1200 يىللا پەننىي ئەپسانىمۇ؟ بۇلاردىن 150 مۇسانىڭ يېشىغا، 500 جەمشىدنىڭ يېشىغا، 1200 نوھنىڭ يېشىغا ئوخشىشى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟

    بۈگۈنكى كۈندە ئىرسىيەت ئىنژېنېرىيىسى تەرەققىي قىلىپ قورقۇنچلۇق باسقۇچتا يەتتى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ يېڭى تۈرلىرى ئۆزلۈكسىز «يارىتىلماقتا»، بەزىلەر «ئادەملەرنىڭ يېڭى تۈرى» نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدىمۇ ئىزدەنمەكتە. ھامىلە ئىككى جىنسنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى، ئۇ پەقەت ئالاھىدە ئەزا ـ بالياتقۇدىلا بولىدۇ دەيدىغان ئەنئەنىۋى – پەننىي قاراشلار ھازىر سەپسەتىگە چىقتى. ئالىملار تۇخۇمنى ئەينەك نەيچىدە ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ھامىلىنى تەن سىرتىدا پەيدا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سابىق سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ بىر ئالىمى ئۇرۇقلانغان ئادەم تۇخۇمىنى ئورنگۇتان بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ ئۇنى ھامىلدار قىلغان، ئورانگۇتان 9 ئايدىن كېيىن 3600 گرام ئېغىرلىقتا ئدەم بوۋاق تۇغقان. 1987-يىلى سىنگاپور ئالىملىرى ئىنەك ۋە ساغلىقلارنى ئادەم ئۇرۇقى بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇپ، مايمۇنغىمۇ، ئادەمگىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە يېڭى بىر تۈرنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەجىربىسى بىلەن شوغۇللانماقتا. 1902-يىلىلا ئاۋسترالىيە ئالىمى ھابرانت ئىسانلار ئاخىر بىر كۈنى جىنىسىز كۆپىيىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دەپ ئالدىن ئېيتقان. ھازىرقى كۈندە ئۆسۈملۈك، ھايۋان، ھەتتا ئادەملەرنىڭ خالىغان يېڭى تۈرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تېخنىكا جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن.

    ئادەم تېنىدىكى ھەر قانداق ئەزانىڭ ھۈجەيرە يادروسىدا بارلىق خروموسوملار تەل بولىدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ جىنسىي ھۈجەيرىلىرى (ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمى) نىڭ يادروسى ھەر قايسىسى پەقەت خروموسوما سانىنىڭ يېرىمىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ گەپنىڭ مەنسى شۇكى، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلەشكەندىلا، بىر ئادەمنىڭ يارىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق گېنلار ھازىرلىنالايدۇ. ئەمما، ئادەم تېنىنىڭ باشقا ھەر قانداق ئەزاسىنىڭ ھەر قانداق بىر ھۈجەيرە يادروسىدا ئادەمنىڭ يارىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق گېنلار تۇلۇق بولىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئورگانىزىمىدىن خالىغان بىر ھۈجەيرىنى ئويۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئايالنىڭ يادروسى ئېلۋېتىلگەن تۇخۇمى ئىچىگە سالسا، ئۇ بىر قاتار بۆلۈنۈشلەردىن كېيىن ھامىلىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنى خالىغان ساغلام ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزسە، ئاخىرى ئەسلىدىكى ئادەمگە تامامەن ئوخشايدىغان «ئادەم نۇسخسى» تۇغۇلىدۇ. مانا بۇ جىنىسىسىز كۆپىيىشتۇر. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، «ئادەم نۇسخىسى»نىڭ ئاتا-ئانىسى بولمايدۇ.

    1996-يىلى 7-ئايدا بارلىققا كەلگەن «كىلون قوي» ئەنە شۇنداق جىنسسىز كۆپىيىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. تېخى، 2000-يىلى 23-يانىۋار 2-ئەۋلاد كلون موزاي دۇنياغا كەلگەن. ياپونىيە ئالىملىرى 1999-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان 1-ئەۋلاد كلون موزاينىڭ قولىقىدىن بىر ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنى يادروسى ئېلىۋېتىلگەن ئىنەك تۇخۇمى بىلەن بىرىكتۈرۈپ، 4-ئايدا ئىنەكنىڭ بالىياتقۇسىغا سالغان، ئىنەك بوغاز بولغان، ئىنەكنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2-ئەۋلاد كلون موزاينى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغان. ئۇلار ھازىر 3-ئەۋلاد كلون موزاي ئېلىش تەجىربىسىگە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

    (ئۇيغۇرىيە بىلوگىنىڭ ئىزاھاتى: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئالىم، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ (Shoukhrat Mitalipov) ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇن تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلاپ چىققان. بۇ ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىشىدۇر (ئەنگىلىيە «تەبىئەت ژۇرنىلى» 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى))

    ئوخشاش تېخنىكا بىلەن «كلون ئادەم» گىمۇ ئېرىشكىلى، يەنى ئادەمنىمۇ نۇسخلىغىلى بولىدۇ. بىراق، مۇنداق تېخنىكىغا ئىگە دۆلەتلەر ۋە ب د ت بەزى سىياسى، ئىجتىمائى، قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كلون ئادەم ئلېلىش تەتقىقاتىغا چەك قويغان، بولمىسا بۇ چاغقىچە كلون ئادەممۇ دۇنياغا كېلىپ بولغان بولاتتى. 2000-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئاندىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى چەكنى بوشاتتى. ئەمدى ئۇزاققا قالماي كلون ئادەمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرىمىز.

    بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققان كىشى بۇرۇن يەر شارىدا يۈكسەك پەن-تېخنىكا دەۋرى بولغانمۇ-قانداق، باشقا پلانېتلاردا بىزدىن ئەقىللىق مەخلۇقلار بارمۇ-قانداق؟ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى زىيانلىق خىيالى تەسەۋۋۇر دېگەندەك كۆرە، ئۇنى ئەينى زاماندىكى ھازىرقىدىنمۇ ئىلغار پەن-مەدەنىيەتنىڭ ئەپسانە-رىۋايەت شەكلىدە ئىپادىلىنىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشى دېيىش تېخىمۇ ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ-قانداق دېگەن مەسىللەر ئۈستىدە ئويلانماي قالمايدۇ.

     

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1. نەسىرىدىن رابغۇزى: «قىسەسۇل ئەنبىيا»

    2. ئىمام ئەززالى: «دەقايىقۇل ئەخبار»

    3. «كىتابى بەھرى»

    4. لى ۋېيدۇڭ: «人是太空人的试验品» (ئادەم ـ كائىنات ئادەملىرىنىڭ تەجرىبە بۇيۇمى)

    5. ھاكىم غەنى: «دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشنى تىكلەش كېرەك»، «شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىستىتوتى ژۇرنىلى»

    6. ئابدۇراخمان ئابلىمىت: « ئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسى قىلىپ بەلگىلىنىشنىڭ ئاساسى» «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى»

     

    ئاپتور: يولۋاس راشىدىن 1938-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ كاندىدات ئالى مۇھەرىرى، پېنسىيىگە چىققان)

     

    «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى» 2001-يىل 2-ساندىن كىرگۈزۈلدى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us