• ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت (3)

    2010-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/65846874.html

    ئايكۆل ـــ ئاقسۇدىن چىقىپ ئايكۆل يېزىسىغا كەلدىم. ئىككى –ئۈچ ئارشىن قېلىنلىقىدا بەك قېرى دەرەخلەرنى ئېتىبارغا ئالغاندا بۇ يۇرت خېلى قەدىمىي بولسا كېرەك. بۇ يەردە مەۋلانا سەييىد جالالىدىدىن  بۇخارى دېگەن بىر ئەۋلىيانىڭ قەبرىسى بار. قەبرىنى زىيارەت قىلىپ، شەيختىن ئايكۆل ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سورىغانىدىم:

    ـــ قەدىم زاماندا ئاسماندىكى ئاي يوقىلىپ كېتىپ ئالتە ئايغىچە كۆرۈنمىگەن. كېيىن بۇخارايى شېرىپتىن مەزكۇر ۋەلى كېلىپ دۇئا قىلغان ئىكەن. ئاي مانا مۇشۇ كۆلدە كۆرۈنگەن ئىكەن،ـــ دېدى. بۇ بىچارە ئاي، نەسىرىدىن ئەپەندى زامانىدىمۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ ھالاك بولغانىدى. ئىسىت.

    ئىككى كۈن يۈرۈپ، سۇناي ئېرىق، شوتا قۇدۇق دېگەن مەنزىللەردىن ئۆتۈپ چىلان دېگەن يۇرتقا كەلدىم. بۇ يەردە يېمەك-ئىچمەكنى شەھەرلەردىن ئېلىپ كېلىپ يولۇچىلارغا سېتىش بىلەن كۈن كەچۈرىدىغانلار بار ئىكەن. چۈنكى بۇ يەرلەر قۇملۇق، چۆل. مۇندا يامغۇر ياغمايدۇ، زىرائەت ئۈنمەيدۇ، توغراق، يۇلغۇن دېگەن ئوتۇنلارلا چىقىدۇ، ئېقىن سۇلار يوق، قۇدۇق سۇلىرى ئاچچىق، تۇزلۇق.

     

    ـــ تاتارچە «شۇرا »ژورنىلىنىڭ 1915-يىللىق سانلىرىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابلىز ئورخۇن

     

     

     

     

     

    يېرى باينىڭ ئېلى باي

     

    بۇ ماقال  ئېيتىلغان زامانىغا قارىغاندا بەك توغرا، بەك لايىق ۋە بەك تەبىئىيدۇر. بىراق، بۇ ماقال بەدەۋىيلىك زامانىدا ئېيتىلىپ قالغان بولسا كېرەك. چۈنكى چارۋىچىلىقتىن باشقا ھۈنىرى بولمىغان خەلقلەرنىڭ بايلىقلىرى يەر بايلىقىدۇر. توغرىسى يەرنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇشى بەلگىلىك. بۇنىڭغا مىسال كېرەك بولسا قىرغىز، قازاقلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    قازاقلار يەرلىرى كەڭ ۋە باي زامانلاردا ناھايىتى باي بولۇپ، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى. يەرلىرى قولدىن كەتكەن-ئازايغان پەيتلەردە قىشلاق تۇرمۇشىمۇ قىيىنلىشىشقا باشلايتتى. مال ئازايدى. كىگىز ئۆي ئىچىدە كۆلگىدە كېرىلىپ ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپ قورساق تويغۇزۇپ، گۆش يەپ، قىمىز ئىچىشلەر شىرىن چۈشتەك ئېغىزدا قالدى. ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ خەقنىڭ ئىشىنى قىلىپ كۆرمىگەن، ھەتتا ئۆز ئىشلىرىنىمۇ قىلىشتىن ئېرىنىدىغان ئەركەكلەر يۇۋاشلىشىپ مۇھاجىر رۇسلارغا قارا ئىشچى بولۇپ خىزمەتكە كىرىشكە باشلىدى. ئاچ قورساق يۈرۈشكە بولمايدىغۇ ئاخىر. بىرگىنە مال بېقىشنىڭ ئۆزى بىلەن قېرىن تويمايدىغۇ. زامانلار ئۆزگەردى. كىگىز ئۆيدە يانپاشلاپ يېتىپ قورساق تويغۇزۇشقا مۇمكىن بولماي قالدى.

    بۇ يەر ئالتە شەھەرنىڭ يېرىمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، خەلقى كۈندىن كۈنگە نامراتلىشىپ، قەددى پۈكۈلۈپ ۋەيران بولۇشقا باشلىدى. نېمىشكە شۇنداق بولىدۇ؟ ياق، يۇقىرىقى ماقال توغرا ھەم مۇشۇ زامانغىمۇ لايىق. پەقەت بۇ ماقال ئازراق شەرھى ۋە ئىزاھقا مۇھتاج.

    «يېرى باينىڭ ئېلى باي» دېگەن سۆز بۇرۇنقى زامانلاردا مۇتلەق شۇنداق مەنىدە ماڭسىمۇ، بۇ زامانغا بىر شەرت بىلەن تەدبىق قىلماي بولمايدۇ. يەنى يېرى باينىڭ ئېلى باي بولۇر، ئەگەر ئۇنىڭدا ئىلىم ۋە تېخنىكا بولسا.بۈگۈنكى دەۋردە يەر ھەرقانچە كەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۆتمۈشتىكىدەك ئۇنچىلا كەڭ ئەمەس. بەس، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق بىلەنگىنە باي بولۇش مۇمكىن ئەمەس.

    ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە ئۆز قوللىرى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان لازىمەتلىكلىرى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي ئېتىباردىن قالدى. زاۋۇت ۋە فابرىكا ماللىرى كېلىپ نەپىسلىكى ۋە ئەرزانلىقى بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ خەلقنى ئۆزىگە قاراتتى، قول ئىشلىرىغا خېرىدار ئازايدى. شۇ سەۋەبلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ بازىرى ئۆلدى. يۇرتقا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ بارچىسى ئاقچا ھېسابىغا كېلىدىغان بولدى. بىراق قولدا پۇل يوق. پۇل كېلىدىغان يوللارمۇ قۇم باسقاندەك ئېتىلدى. مانا شۇ سەۋەبلىك «بايلىق»مۇ ئالتە شەھەرلىكلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ ھۈنەرلىكلەرگە يۈز كۆرسىتىشكە باشلىدى.

    دېمەك، يەرنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ بېيىش ئىلىم ۋە تېخنىكىغا باغلىق. ئەگەر بۇ ماقال ياۋروپالىقلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ، شۇلارنىڭ ئۆزىگە ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئۇ چاغدا بۇ سۆزنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىغان بولاتتى.

    «يېرى باي »دېگەندە ئۇ يەرنىڭ تېرىقچىلىقتىكى ھوسۇلدارلىقىلا ئەمەس، بەلكى سانائەت جەھەتتىكى مەدەن بايلىقىمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەندىلا ئاندىن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يېرى باي بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ گاداي ۋە موھتاجلىقتا قېلىشلىرىنىڭ سەۋەبى ئوچۇق مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى بىزدە ئىلىم-تېخنىكا يوق. يەرنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا، ئۇنىڭدىكى پايدىلىق نەرسىلەرنى تونۇش ۋە بىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىلىم كېرەك. بەس، شۇڭا، ماقالنىڭ ھېچقانداق نامۇۋاپىق يېرى يوق.

    مانا، ئالتە شەھەر، بۇ يەر دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ يەردە ئالتۇن، كۈمۈش، قوغۇشۇن، مىس، تۆمۈر، يەر كۆمۈرى، نېفىت ۋە كىرسىن بار.تۇپرىقى پۈتۈنلەي مۇنبەت بولمىسمۇ، سۈيىنىڭ موللۇقى، ھاۋاسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن كېۋەز، تېرىقتىن تارتىپ تۈرلۈك ئاشلىق، يەل- يېمىشلەر چىقىپ تۇرىدۇ. دېمەك، يەر باي، بىراق ئادەملىرى بەك پېقىر ۋە موھتاجدۇر. تېرىقچىلىقنى ئاز قىلىدۇ، ھورۇنلۇق، ئىشسىزلىقنى ئۆزلىرىچە پەزىلەت دەپ بىلىشىدۇ. قارنى ئاچ تۇرسىمۇ، يەنىلا قىڭغىيىپ يېتىشنىلا ياقتۇرىدۇ. بۇلار ئىلىم ۋە تېخنىكىدىن بەك قۇرۇق قالغان. ھەتتا ئىپتىدائىي مەكتەپلەرمۇ يوق. مانا مۇشۇ سەۋەبلىك يەرنىڭ ئاستىدىكى بايلىقلار يەر ئۈستىگە چىقالمايدۇ. بۇنى مۇسۇلمانلار بىر ياقتا تۇرسۇن، چىن ھۆكۈمىتىمۇ قىلالمايدۇ.

    يۇڭدىن گىلەم توقۇش، مىستىن چەينەك، چۆگۈن ياساشنى ھېسابقائالمىغاندا، بۇلاردا قول ھۈنەرۋەنچىلىكى يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ يەردىكى بارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى روسىيدىن كېلىدۇ.

    چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسىمۇ يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئازلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئاچلىقتىن ئۆلمەسلىككىلا ئارا تۇرالايدۇ.

    مانا شۇ سەۋەبلىك (قولىدا تېخنىكىسى بولمىغاچقا) يېرى شۇ قەدەر باي بولسىمۇ، ئۆزلىرى ئاچلىق، نامراتلىق ۋە  زەبۇنلۇقتا ياشايدۇ، يېمەك-ئىچمەك بەك ئەرزان، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولسا قىممەت.

    ھەممىدىن يامىنى، خوتۇن-قىزلارنىڭ ئۆمۈرلىرى بەك خارلىقتا ئۆتىدۇ:

    سەبىي قىزلارنى سەككىز-توققۇز يېشىدىلا ئەرگە بېرىدۇ. 12-13ياشقىچە ياتلىق قىلىنمىغان قىزلار ئەيىبلىك سانىلىدۇ. بىر قىز بىر ئەردە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرالمايدۇ. بىر ئەر، ھالى يەتسە يىلىغا 40-50قىزغا ئۆيلىنىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئەرسىز قالغان خوتۇنلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بالىلىق ئاياللارغا ياش بولسىمۇ، ئەر چىقمايدۇ. بەك كۆپ قىزلار مۇساپىرلاردىن ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار كۈنىگە ئۈچ- تۆت تىيىنغا مويكىلاردا يۇڭ يۇيۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ئۆزلىرى تەربىيلەيدۇ!...

    ئەگەر قولىدا ئىلىم –تېخنىكىسى بولغان بولسىدى، يەرلىرى باي بولغاندىكىن ئەرلىرىمۇ باي بولغان بولاتتى.

     

       ــــ  نوشىرۋان يائۇشېف، كۇچا 

     

     

     ziyaret13.jpg

     

    ziyaret14.jpg

     

    ziyaret15.jpg

     

     

     

     

     

    تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئارىسىدا پارسىي شېئىرلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بېدىل ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ:

    ئۆلۈكلەردىن ياردەم كۈتۈشتەك ئەخمەقلىق بولۇرمۇ؟

    كېپەن ئوغرىسىدىن باشقا ئادەم، قەبرىدىن نېمە تاپسۇن.

    بۇخارا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا موللىلىرى بېدىل شېئىرلىرىنى ھەرقانچە سۆيۈپ ئوقۇسىمۇ، ئۇنى «قۇرئان»ئايىتى باراۋېرىدە كۆرۈپ ئۆگەنسىمۇ، نېمە سەۋەبتىندۇر قەبرىدىن ياردەم سوراش ھەققىدىكى يۇقىرىقى شېئىرىنى كۆزى كۆرمەيدۇ، كۆرسىمۇ ئوقۇمايلا قويىدۇ. ئەگەردە كۆرگەن، ئوقۇغان بولسىدى، «شۇرا»دا قەبرىلەردىن ياردەم سوراشنىڭ يارىماس ئىش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەر بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەرگە قارشى تۇرمىغان بولاتتى، ئەكسىچە تەنقىد قىلغانغا تەشەككۈر ئېيتقان بولاتتى.

    ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان قائىدىسىز ئادەت ۋە بۇزۇق ئېتىقادلارنى كۆڭۈلدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن خېلى كۈچ كېرەك.

    باش ئاغرىسىمۇ قەبرىگە، كۆز ئاغرىسىمۇ قەبرىگە يۈگۈرىدۇ. بالىلىق بولساڭمۇ قەبرىگە، بالا تاپالمىساڭمۇ قەبرىگە چاپ، بالا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە، قازا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە بارغان. مەكتەپمۇ شۇ يەر، مەدرىسمۇ شۇ يەر. تېۋىپمۇ شۇ يەردە، مۇددەرىسىمۇ شۇ يەردە...

    ئۆلۈكلەردىن، قەبرىلەردىن ياردەم تىلەش، ئۇنىڭدىن ئۆز ھاجەتلىرىنى سوراش چىنلىقلاردىن كەلگەن بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ ئىش چىن ۋە قالماقلاردا كۈچلۈك. بۇ ئىشنى ئۆسۈۋاتقان بىر تېرەككە ئوخشاتساق، چىنلىقلار ئۇنىڭ تومۇرى، ئالتە شەھەر ئۇنىڭ غولى، غەربىي تۈركىستان شېخى، تاتارلار ياپرىقى ياكى شاخنىڭ ئۇچى دېيىشكە لايىقتۇر.

    قىسقىسى، خۇراپات ۋە باتىل ئېتىقادلارغا بېرىلىشنىڭ سەۋەبىي نادانلىق ۋە جاھالەت بولسا كېرەك. چىنلىقلار بىلەن ئالتە شەھەرلىكلەردىكى ئەپسانە ۋە خۇراپاتلىقتىن مەدەنىي ۋە مەرىپەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئۈچ-تۆت ياشلىق  بالىلىرىمۇ قاقاقلاپ كۈلىشىدۇ.

    بۇلار ئادەمنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ چىقمايدىغان ئىشلانى قەتئىي رەۋىشتە «شۇنداق بولغان، مۇنداق بولغان» دەۋېرىدۇ ھەمدە شۇنداق يالغانلارغا ئۆزلىرى ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئۆلۈكتىن ياردەم سورىشى ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.

     

      ــــ نوشىرۋان يائۇشېف، كۇچا

     

    ئۆلۈكتىن ياردەم سوراش    

     

     

     

     

    ئىلىم تارقىتىش

     

    قارا خەلقنى ئاقارتىش، ئاڭسىز خەلق ئارىسىغا ئىلىم تارقىتىش، نادان خەلقنى ئەپسانە ۋە خۇراپاتلىقتىن پاكلاپ ھەقىقەت تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش، ئۇلارنى شەخسىيەتچىلىك ۋە ھايۋانىيلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت ۋە ئىسلامىيەت يولىغا باشلاش، بىكارچىلىق ۋە ھورۇنلۇق كېشەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يېڭىلىق ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ مەۋجۇتلۇق ۋە تۇرمۇش مەيدانىغا باشلاپ مېڭىشتەك ئېغىر ۋەزىپە بولمىسا كېرەك.

    ياق، ئويۇن- تاماشىنىڭ زامانى كەتتى. ئەمدى كۆزنى ئاچىدىغان زامان كەلدى. تەرەققىيات ۋە ئىنقىلاب دەۋرى باشلاندى. زامان ئاخىر بولدى. مەھشەر ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مەدەنىيەت قۇياشى پارلاپ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈردى. ئىنسانىيەت ھەرىكەتكە كەلدى. ئۆمىلەپ، ئاسقاقلاپ، يورغىلاپ بولسىمۇ، تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئالغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. قايسىبىرلىرى قۇش كەبى كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا، بېلىق كەبى سۇدا ئۈزمەكتە. ئەمما قۇياش نۇرىدىن مەھرۇم قالغانلار سايىدا سولاشقان بۇغدايدەك سارغىيىپ قۇرۇشقا باشلىدى. مۇنقەرز ۋە ئاسارەتتە قالدى.

    مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىپ جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز ياتقۇچىلار كىملەر، ئۇلار قەيەردە؟ بۇلار چىندا، ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرىدۇر. دۇنيادا بۇلاردىنمۇ تۆۋەن قالغان يەنە بىر خەلق بولمىسا كېرەك.

    بۇخارا ۋە تۈركىستان تەرەپلەردە يۈرگىنىمدە ئۇلاردىكى نادانلىق، ئۇلاردىكى قارا قورساقلىق، ئۇلاردىكى ئەخمەقلىققە قاراپ بەك كەيپىم ئۇچقانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىكى جاھالەت ئۇنچىۋالا كەيپيم ئۇچقۇدەكمۇ ئەمەس ئىكەنتۇق. ئاز بولسىمۇ مەكتەپلىرى، تەرتىپسىز بولسىمۇ مەدرىسلىرى،  ئۆزلىرىگە چۈشلۇق زىيالى ۋە مۇھەررىرلىرى، مەتبۇئات ۋە كىتابلىرى، جەمئىىيەتلىرى، ھۈنەرۋەنلىرى، ھىممەتسىز بولسىمۇ بايلىرى، كۆز ئۈستىىدىكى قاشتەك ئىككىگىنە بولسىمۇ قانۇن بىلگەن قانۇنچى ۋە ئادۋوكاتلىرى بار ئىدى.

    ئالتەشەھەردە ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق. ئومۇمنىڭ پايدىسىغا ئىش قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. دىن نۇقتىئىنەزەرىدە بىرىنچى پەرز ھېسابلانغان ئوقۇ-ئۇقۇتۇش توغرىسىدىكى پەرۋاسىزلىقلارنى يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئىنسانىيەت ۋە ئىسلامىيەت نۇقتىسىدىن سۆزلەر بۇ ئاغىز، بىراق بۇ سۆزلەر ئاڭلارغا بىر قۇلاق يوق. تۇرمۇش ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي شەخسىيەت ۋە شەھۋانىيەتتىن ئىبارەت:

    قىمارۋازلىق، ھاراقكەشلىك، پاھىشىۋازلىق، ئوغرىلىق، بىر-بىرىنى ئېزىش ۋە جەبرى –جاپا سېلىشتەك ئەخلاقسىزلىقلارغا گىرىپتار بولغان.

    ئىپتىدائىي مەكتەپلەرنىڭ لازىملىقى ھەققىدە بۇ خەققە كۆپ سۆزلىگەن بولساممۇ، تاشقا ياغقان يامغۇردەك قىلچە تەسىر قىلمىدى. گەپ چۈشەندۈرۈش تەس كەلگەچكە، ئۆرنەك قىلىش ئۈچۈن كۇچادا بىر مەكتەپ ئېچىپ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىغان ئىدىم، لېكىن سۆز بىلەن قايىل قىلالمىغىنىمدەك، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت بىلەنمۇ بىر نەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمىدى.

    باشتا 40-50بالا ئوقۇشقا تىزىملاتقانىدى. ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر تىيىن ئالماي، ھەتتا قەغەز-قەلەم قاتارلىقلارنىمۇ ئۆزۈم بېرىپ تۇردۇم. كىتاب يوق بولغاچقا يازدۇرۇپ ئوقۇتتۇم. بىر ئايغىچە خېلى ياخشى ئوقۇغانىدى. كېيىن كۇچار ئامبىلىنىڭ بېسىمى بىلەن چىنچە ئوقۇتۇشنى كىرگۈزۈشنى باھانە قىلىپ بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى. مەكتەپتە ئاخىر بەش- ئالتە ياشلىق بالىلاردىن بار-يوقى ئالتە-يەتتە بالا قالدى. ئامبالىنىڭ ۋە خەلقنىڭ بۇ قەدەر ناچار مۇئامىلىلىرىگە غەزەپلەنمەي قولۇمدا قالغان بالىلارنى ئۆزۈم تۇرغان كىچىككىنە بىر ئۆيدە ئوقۇتىۋەردىم، ھېلىھەم ئوقۇتماقتىمەن. ھازىر قولۇمدىكى ئالتە بالا ئوقۇش ۋە توغرا  ئىملادا يېزىشنى ئۆگىنىپ بولدى. بۇنى كۆرۈپ بالىلىرىنى چىقىرىۋالغان كىشىلەر ئۆكۈنچكە قالدى.

    مۇشۇ كۈنلەردە روسىيىلىك سودىگەر ئۆزبېكلەر(بۇ يەردە پەرغانە ۋە تۈركىستاندىن كېلىپ ئۆي-ئوچاقلىق، بالا –چاقىلىق بولۇپ قالغان 30-40ئۆيلۈك ئۆزبېك قېرىنداش بار) ئۆز-ئارا باش قوشۇشۇپ يېڭىدىن بىر مەكتەپ ئاچماقچى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىققا پېقىرنى تەكلىپ قىلماقچى.

    مۇنداق تەكلىپنى باش ئۈستىگە دەپ قوبۇل قىلىمەن. ئۆزۈم كېتىپ قالساممۇ، ئورنۇمغا ئۆزۈمدەك بىر ئوقۇتقۇچى تېپىپ بېرىشنىمۇ ئۈستۈمگە ئالىمەن. لېكىن بۇلارمۇ ئۇيۇشۇپ بىر يەرگە كېلەلمەيۋاتىدۇ. گېپى ئاغزىدىلا قېلىپ، ئىشلار ھامان خام پېتى قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئاڭلىق ۋە پىكىرلىك ئادەملەر بەك ئاز. بارى: تاشكەنتلىك ئەيساخان ئەپەندى، ئەلى خوجا ئىشان، مەرغىلانلىق ئەزەمخان تۆرە. بۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ مەكتەپ بىلەن كارى يوق.

    قۇرۇق خام خىيال ۋە خۇراپات بىلەن كىرلىنىپ قاتقان كۆڭۈلنى ئاقارتىش، ئاڭ كىرگۈزۈپ چىرىگەن مېڭىنى نۇرلاندۇرۇش، تازىلاش، ئۆلگەن يۈرەككە ھېسسىيات بېغىشلاش، ئۆز ئۆيىدىن باشقا يەرنى كۆرمىگەن، زامان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز يۈرگەن، ھەممە بەخت –سائادەتنى يېيىش، ئىچىش، ئايدا نەچچە خوتۇن يەڭگۈشلەشلا دەپ ئويلايدىغان خەلق ئارىسىغا ئىلىم تارقىتىش ۋە ئۇلارنى ئىلىم، تېخنىكا ۋە ئۇيغارلىققا ئۈندەش بەسى مۈشكۈل ئىش ئىكەن.

    ئابدۇللا بوبى ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە قىلغان ئىلمىي خىزمەتلىرى تۈگىمەس ماختاش ۋە مۇكاپاتلارغا لايىقتۇر. بۇ كىشىنىڭ يالغۇز غۇلجىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئالتە شەھەردە ئىلىم تارقىتىشقا زېھنىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋارمىز. بۇ يەردە خەلقنى ئىلىمگە، ئوقۇشقا ئۈندەيدىغان زاتلارنىڭ كۆپرەك بولۇشى لازىم ئىدى.

    ــــ  نوشىرۋان يائۇشېف. كۇچا

    ziyaret19.jpg

    ئالتەشەھەرلىكلەر تۇرمۇشىدىن

     

    بۇ يەردىكى تۇرمۇشنى ئىككىگە ئايرىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ: بىرى ئەرلەر تۇرمۇشى، يەنە بىرى خوتۇن –قىزلار تۇرمۇشى.

    ئەرلىرى غايەت ساددا ۋە تۈز بولغاننىڭ ئەكسىچە خوتۇن- قىزلىرى بەك قائىدە –يوسۇنلۇق، تەكەللۇپى تولا. ئەرلىرىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ كۆپىنىچىسى ئۆز قوللىرىدا ئىشلەنگەن نەرسىلەر بولۇپ، خوتۇن- قىزلارنىڭ كىيىملىرى پۈتۈنلەي رۇس ماللىرىدىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى خوتۇن –قىزلار تاپقان-تەرگىنىنى ئۈستىبېشىغا خەجلەيدۇ. ئالتۇن ھالقىسى، كۈمۈش بىلەيزۈگى، بەش-ئالتە دانە ياخشى چاپىنى بولمىغان خوتۇن –قىز ئادەم قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بارلىق پەزىلەت، پۈتكۈل بەخت-سائادىتى، كامالىتى يالغۇز كىيىم بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ.

    باشلىرىغا ئەرلەردەك دوپپا ۋە تۇماق كىيىپ يۈرىدۇ. ئاياغلىرىدا ئېگىز پاشنىلىق كەپىش ۋە  سىرلىق (سېرتمىلىق؟) قونچىلىق ئۆتۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كىيملىرى پۈتۈنلەي چىنچىدۇر.

    يۈزلىرىگە ئۇپا-ئەڭلىك سۈرۈپ، كالپۇكىنى قىزىل بوياپ يۈرىدۇ. قىسقىسى، ياسىنىش –تارىنىشتا ھېچ نۇقسان يوق.

    كوچىدا يۈرگەندە يۈزلىرىگە «چۈمبەل» دېگەن ئاق تورنى يېپىپ، تۇماقنىڭ ئاستىدىن ئاپئاق لېچەكنى چىقىرىپ ئارقىغا تاشلاپ ماڭىدۇ. لېچەك دېگەن چالمالىقتەك ئاق ۋە يۇپقا نەرسىدىن ئىبارەت. باشتىن ئاياغقىچە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. يۈرگەندە مۇمكىن قەدەر كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

    خوتۇن-قىزلار بېزەككە ئامراق بولغاندەك، ئەرلىرىمۇ شۇنداق پوزۇر كىيىنگەن، يورغىلاپ يۈرگۈچى قىزلارغا ۋە  يورغا ئاتلارغا ئامراق كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە خوتۇننى كۆپرەك ئېلىش سۈننەت ۋە بىرىنچى دەرىجىدىكى ساۋابلىق ئىش. ئاشۇ خىل ئېتىقادنىڭ سەمەرىسىدىن بولسا كېرەك، بۇ يەردە ئۆمرىدە يۈزدىن ئارتۇق قىزغا ئۆيلەنگەن كىشىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. خوتۇن-قىزلارنى ئۇرۇپ-سوقۇش، ئاغزىدىن قان كەلگۈچە قىيناش ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ نەزەرىچە: بارلىق قۇت-سائادەت ۋە بارچە يېتۈكلۈك كۆپرەك خوتۇن ئېلىپ ئۇلارنى قاتتىقراق قىيناشتىدۇر.

    خوتۇن- بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك رىزقى ئۈچۈن 16پۇل(ئۈچ تىيىن) بېرىپ، ئۆزلىرى كۈندۈزى ئاشخانىلاردا تاماق يەپ، كېچىلىرى مەشرەپ سورۇنلىرىدا كەيپ قىلىپ يۈرۈشنى مۇستەھەپ دەرىجىسدە ياخشى ئىشلاردىن دەپ بىلىدۇ.

    مەيلى شەھەرلەدە بولسۇن، مەيلى يېزىلاردا بولسۇن، كوچىلار بەك تار ۋە ئەگرى-بۈگرى بولىدۇ. بۇنى چىنلار بۇخارادىن ياكى بۇخارالىقلار چىندىن ئالغانمۇ؟ ھېچ بىلەلمىدىم، شۇنداقتىمۇ چىن بۇخارادىن قېرى بولغاندىكىن بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئۇستاز بولۇشى ئېنىق.

    ئۆيلەر لايدىن ياسالغان بولغاچقا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەكلا  كۆرۈنىدۇ. يۇرتتا زىننەت ۋە كۆركەملىك يوق. ئۈستىدىن قارىسا زور بىر قەبرىستانلىققا ئوخشايدۇ. ئۆيلەر بىر-بىرىگە تۇتاش سېلىنغاچقا ئىشىك ئالدى ئوچۇق تۇرمايدۇ. شۇڭلاشقا دېرىزە ئورنىتىشقىمۇ ئورۇن يوق، دېرىزىمۇ ئورناتمايدۇ. ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىكى كىچىككىنە بىر تۆشۈكتىن ئازراققىنە يورۇق چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئۆي ئىچى قۇياش نۇرى كۆرمەيدۇ. ماڭدا-تاپسىلىرى لايدىن بولىدۇ. قىش خېلى سوغۇق بولسىمۇ مەش قويۇلمايدۇ. تۆشۈكلەر ئېتىلىدۇ. شۇڭا قۇياش نۇرىمۇ چۈشمىگەنلىكتىن ھاۋا بۇزۇلۇپ، ئۆي ئىچى سېسىپ تىنجىق بولۇپ كېتىدۇ.

    ئېقىۋاتقان سۇلارغا تۈرلۈك پاسكىنا نەرسىلەر تاشلىنىدۇ، يازلىقى كىر-قات يۇيىلىدۇ.

    ziyaret20.jpg

    دىۋانىلەر

     

    بۇ يەردە دىۋانىچىلىك ۋە قەلەندەرچىلىك بەك كۆپ. تەپسە تۆمۈر ئۈزگىدەك، ئۇرۇشسا بەش كىشىنى بىردىن سېلىپ يىغىشتۇرغۇدەك تېنى تازا ياش-ياش يىگىتلەر، دىۋانىلىققا بېرىلىپ، كوچا-كوچىلاردا تىلەمچلىك قىلىپ يۈرىدۇ. بۇ دىۋانىلەر ئارىسىدا بەك ئوساللىرىمۇ بولىدۇ. بىرەر كىشىگە ئاچچىقى كەلسە، كوچىدىكى ئۇششاق بالىلارنى قىينايدۇ. نان ساتقۇچى ئاياللارنىڭ نانلىرىنى بۇلاپ يەيدۇ. سۈتچى خوتۇنلارنىڭ سۈتىنى ئىچىۋالىدۇ. ئوتۇنچىلارنىڭ ئوتۇنىنى تارتىۋېلىپ قالايدۇ.

    بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى تىلەمچىلەرنىڭ قارغىشىدىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھېچنىمە دېيەلمەيدۇ. ئۇلارنى ھەقىقىي مەجنۇن (ئاشىق ياكى ساراڭ)دەپ ئويلايدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەجنۇنمۇ ئەمەس، دىۋانىمۇ ئەمەس، پەقەتلا ھورۇنلۇق ۋە بىكار تەلەپلىكىدىن، ئىشتىن قورققانلىقىدىن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ يۈرىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ پېتى يۈرىدۇ.

     

    مەدداھلار

     

    بۇ يەرنىڭ مەدداھلىرى كوچىلاردا «ئابا مۇسلىم» قىسسىسىنى سۆزلەيدۇ. «رۇستەم» ۋە «ئافراسىياپ» قىسسىسىنى ئوقۇيدۇ. يەرلىك خەلق ئۇنداق قىسسلەرنى بەل ئىخلاس بىلەن تىڭشايدۇ. لېكىن گېزىت ئوقۇمايدۇ ۋە گېزىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. مەتبۇئات يېڭىلىقلىرىدىن قىلچە خەۋىرى يوق. ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يالغانلاردىن، خام خىيال ۋە خۇراپاتتىن لەززەتلىنىدۇ.

    پەن-مائارىپ، پەن-تېخنىكا، جەمئىيەت – مەدەنىيەت، ئىنساپ- ئادالەت، مىللەت ۋە مىللىيەت، دىيانەت ۋە شەرىئەت، مەسلىھەت ۋە كېڭەش، چىرايلىق مۇئامىلە ۋە چىرايلىق دوست- ئاغىنىدارچىلىق، ئۇقۇ-ئوقۇتۇش، مەكتەپ- مەدرىسە، مىللىي مەتبۇئات، مىللىي ئەدەبىيات دېگەندەكلەرنى بىلمەيدۇ. دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى چۈشەنمەيدۇ. پۈتكۈل تۇرمۇشى قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئازراقلا شامال چىقسا ھازىرلا توزۇپ كېتىدىغاندەك ئارانلا تۇرىدۇ.

     

    چەنتۇ

     

    ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەيدۇ. «سىز كىم بولىسىز؟ » دەپ سورىسا «چەنتۇ بولىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

    چەنتۇ چىنلىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن ئات بولۇپ «يۆگىمە باش» دېگەن مەنىدە. چىنچە «چەن» ئورالغان، «تۇ» باش دېگەن سۆزدۇر.

    چىنلىقلار بۇ ئاتنى ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى تۇڭگانلاردىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى «چەنتۇ» دەپ ئاتايدۇ.

    بۇ يەردە مىللى تارىخ، ئانا تىل ۋە مىللىي ئەدەبىيات... ئوقۇتىدىغان مەكتەپ- مەدرىسىلەر يوق. بولسىمۇ بۇخارا ئۇسۇلىدا. مانا شۇ سەۋەبلىك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەلمەي يۈرىشىدۇ. بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىدا توغرا يازالايدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان ۋە مىللىي تارىختىن خەۋەردار بىرمۇ كىشى يوق. پەقەت قەشقەرلىك داموللا ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر.

    ـــ سىز كىم ؟

    ـــ ئەلھەمدۇلىلاھ چەنتۇ.

    مانا جاھالەت دېگەن.

    بۇلار ئۆزلىرىنى «چەنتۇ » دەپ بىلگىنىدەك روسىيە تۈركىستانىدىكى ئۆزبېكلەرنىمۇ ئەنجانلىق دەپلا ئاتايدۇ. بۇ ئىككى «ئۆزبېك»نىڭ ئارىسىدا قېرىنداشلىق نىشانى كۆرۈنمەيدۇ. قېرىنداشلىق تۈگۈل، ئارىلىرىدا دۈشمەنلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسى شۇ قەدەر ئوچۇق، شۇ قەدەر سوغۇقكى خۇددى سۇ بىلەن ئوت.

    بۇلار ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ياقۇپبەگ ۋاقتىدا تۇغۇلغان. چۈنكى ياقۇپبەگ تۈركىستانلىق، چەنتۇلارنىڭ تەبىرىچە ئەنجانلىق ئىدى. بۇنىڭدىن 50-60يىل ئىلگىرى تۈركىستان ئۆزبېكلىرى بىلەن بۇ يەردىكى ئۆزبېكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش نىيىتى بىلەن بولسا كېرەك، چەنتۇلارنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالماقچى بولدى، لېكىن چەنتۇلار باش ئەگمىدى. ئارىدا قاتتىق ئۇرۇش باشلاندى. ياقۇپبەگ  ئەسكەرلىرى چەنتۇلارنى قىردى. قەتلىئام قىلدى. ياقۇپبەگ ھەرقانچە تىرىشسىمۇ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمىدى. چۈنكى چەنتۇلاردا ئۇنى چۈشەنگۈدەك ئاڭ يوق ئىدى. نادان خەلقنى ئۇيۇشتۇرماق قۇمدىن ئارقان ئەشكەندەك قىيىن بىر ئىش. توغرا، ئۇلار سوقۇشتىن كېيىن ياقۇپبەگكە بويسۇندى، لېكىن ئۆز پايدىلىرىنى بىلىپ ئەمەس، بەلكى ياقۇپبەگنىڭ تايىقىدىن قورقۇپلا باش ئەگدى.

    ياقۇپبەگنىڭ بۇ ئىشى ئاساسسىز ئىدى. ئۇ ئۇلارنى ئادەم قىلىش، ئۇلارغا ئاڭ بېرىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ياقۇپبەگنىڭ تىككەن دەرىخى يىلتىز تارتالمىدى. ياقۇپبەگ ئۆلۈش بىلەن تەك چەنتۇلار يۈز ئۆرىدى. ياقۇپبەگ ئەشكەن ئارقان ئۈزۈلدى. مەنسەپ تاماسى بىلەن ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق باشلاندى. بىر ئاز تارتىشىش بىلەن جەڭگە –جېدەلمۇ بېسىقتى. ياقۇپبەگ قۇرغان نېگىز يىمىرىلدى. لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. چەنتۇلار بىلەن ئەنجانلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلدى، قېرىنداشلىق يىپى ئۈزۈلدى. مېھرى-مۇھەببەت ئوتى ئۆچۈپ ئارىغا سوغۇقلۇق چۈشتى.

    مانا شۇنىڭدىن كېىين باشلاندى دۈشمەنلىك!...

    ھازىرمۇ بۇ دۈشمەنلىك ئاسانلىقچە يوقىلىدىغاندەك ئەمەس.

    قاچانكى بۇلار ئوقۇشقا باشلىسا، ئىپتىدائىي تەلىم بولسىمۇ بىر يولغا قويسا، ئۆزلىرىنى تونۇسا، كاللىسىغا ئاڭ كىرسە، شۇندىلا يۈرەكتىكى «مۇز بىلەن تۇز» ئېرىسە ئېرۈر. ئۇنداق  بولمايدىكەن، بۇ دۈشمەنلىك ئاتىدىن بالىغا تەگمىش بولۇپ قالۇر ۋە بارغانچە ئۇلغىيىپ، كۈچىيىپ بارۇر.

    چەنتۇلارنىڭ ماددىيەت ئالىمى بىلەن بولغان ئالاقە- باغلىنىشلىرىنىڭ يوقلۇقى، خىيالى، مەۋھۇم ۋە خۇراپات ئالىمىدە قانداق پەرۋاز قىلىپ ئۇچىدىغانلىقلىرى ھەققىدە يېزىشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ تۇرىمەن.

     

     ــــ نوشىرۋان يائۇشېف، كۇچا

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us