-
تەڭرىنىڭ سورايدىغانلىرى ....
2010-06-13
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/65914912.html
تەڭىرى قانداق پىكاپ ھەيدىگەنلىكىڭىنى ئەمەس ، قېرىنداشلىرىڭدىن قانچىنى پىكاپقا سېلۋالغانىڭنى سورايدۇ.
تەڭرى ئۆيۈڭنىڭ چولىقىنى ئەمەس ، غېرىپ - غۇرۋادىن نەچچىنى ئۆيۈڭدە تۇرغۇزغانلىقىڭىنى سورايدۇ .
تەڭرى كېيىملىرىڭنىڭ ئېسىللىكىنى ۋە سانىنى ئەمەس ،زىمىستاندا قالغان قانچە بىچارىگە كىيم بەرگىنىڭىنى سورايدۇ .
تەڭرى مەنسىپىڭنىڭ دەرىجىسىنى ئەمەس ،رېىئاللىقتىكى ئىش ئەمەللىرىڭنىڭ قىمىتىنى سورايدۇ . تەڭرى دەپنە - دۇنيالىرىڭىنڭ سانىنى ئەمەس ، ئۇ مال دۇنيالىرىڭنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان -قالمىغانلىقىڭنى سورايدۇ
تەڭرى تاپاۋىتىڭنىڭ قانچىلىكلىكنى ئەمەس ،ئۇنىڭ ئادىمىيىلىكىڭنى سېتىش بەدىلىگە كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورايدۇ .
تەڭرى خىزمىتىڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان - چىقمىغانلىقىڭنى ئەمەس ، خىزمەتكە قانچىلىك جان كۆيدۈرگەنلىكىڭىنى سورايدۇ .
تەڭرى قانچە ئىلمىي ئۇنۋانىڭ بارلىقىنى ئەمەس ، ئاشۇ ئۇنۋانلىرىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئادەمدىن مىننەتدار بولغىنىڭنى سورايدۇ تەڭرى ئاتا- ئاناڭنىڭ ساڭا قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگىنىنى ئەمەس ، ئاتا - ئاناڭ ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەرگىنىڭنى سورايدۇ .
تەڭرى ئۆزۈڭ ئۈچۈن قانچىلىك كاللا قاتۇرغىنىڭنى ئەمەس ، باشقىلار ئۈچۈن قانچىلىك تەر تۆككۈنىڭنى سورايدۇ .
تەڭرى دوستلۇرىڭنىڭ سانىنى ئەمەس ، قانچە ئادەمنىڭ دوستى ئىكەنلىكىڭنى سورايدۇ .تەڭرى ئۆزمەنپەتىڭنى قانداق قوغدىغانلىقىڭنى ئەمەس ، باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى قانداق قوغدىغانلىقىڭنى سورايدۇ . تەڭرى قوشناڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەمەس ،قوشناڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىڭنى سورايدۇ .
تەڭرى قانچە قېتىم راست گەپ قىلغىنىڭنى ئەمەس ، قانچە قىتىم يالغان سۆزلىگىنىڭنى سورايدۇ .
تەڭرى چىراي- تۇرقىڭنى ئەمەس ،ئەخلاق - پەزىلىتىڭنىڭ قانداقلىقىنى سورايدۇ .历史上的今天:
قۇرئاندىكى ھەيران قالارلىق ھەقىقەتلەر!!!! 2010-06-132مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا 2009-06-131مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا 2009-06-13
收藏到:Del.icio.us