• 2مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا

    2009-06-13

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40980051.html

    تىنچلىق بىتىمدىن ئازادلىققىچە




    1946- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن جاڭ جىجۇڭ « تىنچلىق بېتىم » نىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى (2) گە رەسمىي ئىمزا قويدى. بۇ ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن شۇ يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا مىللىي ئارمىيە ئۆزگەرتىلىپ تەشكىل قىلىندى. قايتا تەشكىللەنگەن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى 13 مىڭ 500 ئادەم بولدى، باش قوماندانلىق شتابى غۇلجىدا تەسىس قىلىندى باش قوماندانلىق شتابنىڭ قارمىقىدا ئارقا سەپ بۆلۈمى، سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ئۇرۇش قىلىش باشقارمىسى، رازۋېدكا باشقارمىسى، خوجىلىق ئىشلىرى باشقارمىسى، زەمبىرەكچىلەر باشقارمىسى، سەھىيە باشقارمىسى، ھەربىي سوت مەھكىمىسى، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىندى.
    مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى: ئىسھاقبېك مۇنۇنوف
    مۇئاۋىن باش قوماندان: دەلىلقان سۇگۇربايوف، زۇنۇن تېيىپوف
    سىياسىي مۇئاۋىن قوماندان: ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف
    شتاب باشلىقى: ۋ. م. ماژاروف
    ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رەسۇلۇپ پەخرىدىن خوجا
    ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: سىدىق جامالىدىن
    سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى توختى ئىبراھىموف (كېيىن ساۋدانوف زاھىر)
    سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: رازىيوپ داموللا
    ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى غېنى مەھەممەت باقى
    ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجى
    شىخۇ پىيادە ئەسكەرلەر 1- پولكى، تۇرۇشلۇق ئورنى شىخۇ ناھىيىسى
    پولك كوماندىرى مەرغۇپ ئىسھاقوف، سىياسىي كومىسسارى ئەيتىۋاروف ئالىم.
    غۇلجا پىيادە ئەسكەرلەر 2- پولكى، تۇرۇشلۇق ئورنى غۇلجا شەھىرى  
    پولك كوماندىرى قېيۇمبەگ غوجا، سىياسىي كومىسسارى قېيۇم سابىر ھاجى.
    چۆچەك پىيادە ئەسكەرلەر 3- پولكى، تۇرۇشلۇق ئورنى چۆچەك شەھىرى
    پولك كوماندىرى ئابلاخان ماخمۇدوف، سىياسىي كومىسسارى بالقاش.
    تېكەس ئاتلىق ئەسكەر 1- پولكى، تۇرۇشلۇق ئورنى سۈيدۆڭ كۈرە
    پولك كوماندىرى سوپاخۇن سۇۋۇروف، سىياسىي كومىسسارى ھەمدۇللا قۇربانوف.
    قوبۇقسار ئاتلىق ئەسكەرلەر 2- پولكى، تۇرۇشلۇق ئورنى قوبۇقسار ناھىيىسى
    پولك كوماندىرى نۇسۇپقان كۈنباي، سىياسىي كومىسسارى جاغدا بابالىكوف.
    ئالتاي ئاتلىق ئەسكەرلەر 3- پولكى، تۇرۇشلۇق ئورنى سارسۈمبە (ھازىرقى ئالتاي شەھىرى)
    پولك كوماندىرى بەدەلقان سۇگۇربايوف، سىياسىي كومىسسارى يۈسۈپجان ياسىنوف.
    زەمبىرەكچىلەر باتاليونى تۇرۇشلۇق ئورنى غۇلجا بايانداي
    باتالىيون كوماندىرى ئەسقەت تېيىپوف، سىياسىي كومىسسارى نۇرسايوف
    ھەربىي مەكتەپ تۇرۇشلۇق ئورنى غۇلجا بايانداي
    مەكتەپ مۇدىرى پوروخوف، سىياسىي كومىسسارى نۇر سادىروف
    ئوسمان ئىسلام ئەسلى شېڭ شىسەيگە ۋە گومىنداڭغا قارشى تۇرغان بولۇپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغاندا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى بولغان ئىدى. بىراق كېيىن گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىش تەرىپىگە قاراپ مېڭىپ 1947- يىلىغا كەلگەندە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئاشكارا يۈز ئۆرۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 1947- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ قوراللىق توقۇنۇشنى باشلاپ بەزىدە غەلىبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولۇپ ئاخىرى 1947- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنىگە كەلگەندە سارسۈمبىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ ئالتاي ۋىلايىتىنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالىدۇ. بۇ جەرياندىكى ئۇرۇشلار جەريانىدا ئالتاي 3- ئاتلىق پولكى بىلەن قوبۇقسار 2- ئاتلىق پولكى ئاساسەن كاردىن چىقىدۇ. بۇ خەۋەر غۇلجىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى تارباغاتايدا تۇرۇشلۇق چۆچەك 3- پىيادە پولكىنى ئاتلىق پولكقا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى ھەمدە غۇلجىدا  800 كىشىلىك كۈچەيتىلگەن باتاليون قۇردى. تارباغاتايغا چېكىنىپ كەلگەن ئالتاي 3- ئاتلىق پولكى تولۇقلاندى. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ دەلىلقان لېسكىنلەرنىڭ قوماندانلىقىدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئالتايغا يۈرۈش قىلدى. بىر يۆلىنىشتىكى قىسىم تارباغاتاي ئاتلىق 3- پولكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېرتىش دەرياسىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مېڭىپ، گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن سارسۈمبىدىكى ئوسمان ئىسلام قىسىملىرىغا بېرىدىغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىدى، يەنە بىرى كۈچەيتىلگەن باتاليون، قوبۇقسار ئاتلىق 2- پولكى، ئالتاي ئاتلىق پولكىنىڭ قېپقالغان قىسىملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇدۇل سارسۈمبىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق 1947- يىلى10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئوسمان ئىسلام ئالتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ئالتاي قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. جەڭ ۋەزىپىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى قايتىدىن رەتلىنىدۇ. كۈچەيتىلگەن باتاليون تارقىتىۋېتىلىپ ئۇنىڭ بىر  قىسمى تارباغاتاي ئاتلىق 3- پولكىغا تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. بۇ پولك ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سارتوقاي دېگەن يېرىدە تۇرىدۇ. (ئانا يۇرتتىكى نۇرى شېھىت بولغان جاي) سابىق ئالتاي ئاتلىق 3- پولك بىلەن قوبۇقسار ئاتلىق 2- پولكلارنىڭ قېپقالغان قىسمى ۋە كۈچەيتىلگەن باتاليوننىڭ بىر قىسمى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئالتاي ئاتلىق 3- پولكى قايتىدىن تەشكىللىنىپ بۇرۇلتوقايدا تۇرىدۇ.
    1947- يىلى 7- ئايدا ساۋەن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قالىبېك، شۇ ناھىيىنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاكىمان بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ كۈيتۇندىن ماناس دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇردى. مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى بۇنىڭغا قارىتا غۇلجا پىيادە 2- پولكنى، توپچىلار باتاليونىنى، بۆرتالادىن موڭغۇل دىۋىزىيوننى يۆتكىدى ۋە غۇلجا پىيادە 2- پولكنىڭ 2- باتاليونىنى ساۋەن ئاتلىق پولك قىلىپ ئۆزگەرتتى. بۇ قىسىملارغا سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مەسلىھەتچى ۋەكىل ئىسلامبېك، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ئىمىنوفلار قوماندانلىق قىلدى. 1947 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قالىبېك باندىتلىرى تولۇق تارمار قىلىنىپ قالىبېك ئۈرۈمچى نەنسەننىڭ بەيياڭگۇ دېگەن يېرىگە قېچىپ كەتتى.
    1947- يىلىدىكى ئوسمان ئىسلام ۋە قالىبېك توپىلاڭلىرىدىن كېيىن  ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بۇزۇلدى، توپىلاڭنى باستۇرۇش مەزگىلىدە  مىللىي ئارمىيە يۇقىرىقىدەك كېڭەيتىلدى ۋە ئادەم سانىمۇ كۆپەيتىلدى ۋە 1949- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.
    شۇ مەزگىللەردە مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى.
    باش قوماندانلىق شتاب:
    باش قوماندانلىق شتاب ئادەتتە « گېنېرال شتاب » دەپ ئاتىلاتتى.
    باش قوماندان: گېنېرال لېيتىنانت ئىسھاقبېك مۇنۇنوف
    باش قوماندان ئورۇن باسارى (مۇئاۋىن باش قوماندان): گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايوب
    كومىسسار: ئابدۇرەھىمجان ھەسەنوف
    باش شتاب ناچالنىكى: ۋ. م. ماژاروف
    سىياسىي بۆلۈم باشلىقى ساۋدانوف زاھىر
    باش قوماندانلىق شتابىغا بىۋاسىتە قارايدىغان ئورگانلار
    1. باش شتاب ئالاقە قاتناش ئىسكادرونى
    2. مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكادرونى. كوماندىرى مىجىت
    3. ئارقا سەپ تەمىنات باشقارمىسى. باشلىقى رەسۇلۇف پەخرىدىن خوجا
    4. ھەربىي دوختۇرخانا (گوسپىتال) باشلىقى نەسىمجان
    5. قاراۋۇل باتاليونى كوماندىرى ۋالىنوۋ
    6. ئارقا سەپ زاپاس پولكى. كوماندىرى:  ئابدۇرېھىم سامساق
    شتاب باشلىقى: باۋكەي، كومىسسارى سادىقوۋ، سىياسىي بۆلۈم باشلىقى توختى ئىبراھىموف
    7. قاراۋۇل روتا. كوماندىرى نۇرتايوۋ ھاجى
    8. بايانداي ھەربىي مەكتەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇرىشىت تۇردىيۇۋ
    مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسەت جۇنۇس ئوغلى
    پولكلار
    1. شىخۇ پىيادە 1- پولك، ئورنى شىخۇ ناھىيىسى
    كوماندىرى: مەرغۇپ ئىسھاقوف، كومىسسارى قەييۇم مۇسا، شتاب باشلىقى: رامازان
    سىياسىي بۆلۈم باشلىقى: ھەسەنوف
    2. غۇلجا پىيادە 2- پولك، ئورنى يەنسىخەيدە
    كوماندىرى: ئايتۇغان يۇنۇچى، كومىسسارى: ئوماروۋ
    3. قوبۇق 2- ئاتلىق پولك، ئورنى دۆربىلجىندە (توختى ئىبراھىمنىڭ « مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى » ناملىق كىتابىدا بۇ پولك ئالتاي پولكىغا قوشۇۋېتىلگەن دېيىلگەن)
    كوماندىرى: نۈسۈپقان كۈنبايوۋ، مۇئاۋىن كوماندىرى: جاغدا بابالىكوف
    كومىسسارى قازىقان ماناسبايوۋ، شتاب باشلىقى رامازان
    4. ساۋەن ئاتلىق پولك، ئورنى ساۋەندە
    پولك كوماندىرى: مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف
    كومىسسارى رەخىموف ئابلىز، شتاب باشلىقى گىمادىيوف مالىك، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى قايدار
    5. زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى، ئورنى يەنسىخەيدە
      كوماندىرى: ئەسقەت تېيىپوف، سىياسىي كومىسسارى: نۇرسايوف، شتاب باشلىقى: سۇلتانغەلى سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى سامساق
    6. ماتورلۇق روتا كوماندىرى: پوربىيوۋ
    7. شىخۇ ھەربىي ھەربىي دوختۇرخانا (گوسپىتال)، باشلىقى راشات قايبولىن
    8. تېكەس 1-ئاتلىق پولك، ئورنى سۆيدۈڭ - كۈرە
    كوماندىرى: سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ ، كومىسسارى ھەمدۇللا قۇربانوف، شتاب باشلىقى ئامانوۋ، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى مامۇتوۋ قۇربان
    9. شوتا ئاتلىق پولك، ئورنى موڭغۇلكۈرە شوتا
    كوماندىرى ئېستەمەسوۋ بىلال
    10. سارسۈمبە ئاتلىق 3- پولك، ئورنى سارسۈمبىدە (ھازىرقى ئالتاي شەھىرى)
    كوماندىرى بەدەلقان سۇگۇربايوب، كومىسسارى كاكىم
    شتاب باشلىقى سالاھىدىن سىدىقوۋ، مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ئەسەن جۇنۇس
    سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى ئابدۇۋەلى
    11. تارباغاتاي 4- ئاتلىق پولك، ئورنى سارتوقايدا (يۇقىرىدا تارباغاتاي 3- ئاتلىق پولك دېيىلگەن).
    كوماندىرى: ستودىنكوۋ، كومىسسارى: بالقاش باغىن (دەسلەپكىسى)، باۋۇدۇن نۇر ( كېيىنكىسى)
    شىمالىي ھەربىي شتاب
    شىمالىي ھەربىي شتابنى « گېنېرال شتابى » دەپمۇ ئاتايتتى.
    قوماندانى: گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايوب
    1. سارسۈمبە 6- قاراۋۇل ئىسكادرون
    كومىسسارى: قاسىموۋ ئابلاجان، كومىسسارى توختى، شتاب باشلىقى نۇرەخمەت
    2. سارسۈمبە ھەربىي دوختۇرخانا (گوسپىتال) باشلىقى ئەخەت
    سارسۈمبە ئاتلىق 3- پولكى بىلەن تارباغاتاي 4- ئاتلىق پولكى شىمالىي ھەربىي شتابقا بويسۇناتتى.
    موڭغۇل دىۋىزىيون كوماندىرى ئېردە بولغۇنوۋ كومىسسارى ئىمىنوۋ توختى
    تارباغاتاي قاراۋۇل ئىسكادرونى، كوماندىرى خەمىت
    بۇ مەزگىلدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 14 مىڭ 690 ئىدى.

     

    ئازاتلىقتىن كىيىن



    جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى، 1949- يىل 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، مىللىي ئارمىيىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قوشۇۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5- كورپۇسى » دەپ نام بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلدى. ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ماۋ زېدوڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، فاتى ئىۋانوۋىچ لېسكىننى 5- كورپۇسنىڭ كوماندىرلىقىغا، مەرغۇپ ئىسھاقوفنى مۇئاۋىن كورپۇس كوماندىرلىقىغا، قوشۇمچە شتاب باشلىقلىقىغا، ساۋدانوف زاھىرنى مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلىدى. دۈن شىڭيۈن 5- كورپۇس سىياسىي كومىسسارلىقىغا، دەسلەپتە شاياخۇنوۋ، كېيىن لى يۈنخې سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. ۋاڭ يۈندىڭ كورپۇس ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا، خۇاڭ خې كورپۇس سەھىيە بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا، ليۇ چىڭرۈي كورپۇس كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە مۇئاۋىن شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. كورپۇس تەشكىلات بۆلۈمىگە ياڭ جىڭياۋ، تەشۋىقات بۆلۈمىگە جۇ رۇجىن مۇئاۋىن باشلىق بولدى.
    مىللىي ئارمىيە، « 5- كورپۇس »قا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شتاتىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى (1950- يىلى 3- ئايغا قەدەر) ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىچە بولدى.
    تېكەس ئاتلىق 1- پولكى ئاساسىدا پىيادىلەر 13- دېۋىزىيىسى قۇرۇلدى، دېۋىزىيە شتابى قەشقەردە تۇرىدىغان بولدى،
    دېۋىزىيە كوماندىرلىقىغا مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، سىياسىي كومىسسارلىققا زو چى  (ما خۇڭشەن ؟) ، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.
    ئۇنىڭ قارمىقىدا ئۇچ پىيادە پولك بولۇپ.
    37- پولك، ئورنى ئاقسۇ
    پولك كوماندىرى: بايزاكوۋ ئامانتۇر، سىياسىي كومىسسارى: ۋاڭ گۇاڭزېڭ
    38- پولك، ئورنى قەشقەر
    پولك كوماندىرى: مەمەتوۋ قۇربان، سىياسىي كومىسسارى: خۇاڭ يۈي
    39- پولك، ئورنى خوتەن
    ئابدۇرېھىم سامساق، سىياسىي كومىسسارى جاڭ خۇڭ  
    مەزكۇر دېۋىزىيىنىڭ زەمبىرەكچىلەر باتاليونى كۈرەدە تۇرۇپ كورپۇس شتابىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىگە قارايدىغان بولدى. مىللىي ئارمىيە ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسىملىرى ۋە مىللىي ئارمىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملار ئاساسىدا پىيادىلەر 14- دېۋىزىيىسى قۇرۇلدى دېۋىزىيە شتابى شىخۇدا تۇردى.
    دېۋىزىيە كوماندىرلىقىغا ئىبراھىمباي، سىياسىي كومىسسارلىققا خۇ جىڭ، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرلىقىغا تاڭ مۇ، دېۋىزىيە ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا گېڭ يوڭجيې تەيىنلەندى.
    ئۇنىڭ قارمىقىدا ئۈچ پىيادىلەر پولكى قۇرۇلدى.
    يەنى شىخۇدىكى پىيادىلەر 1- پولكى ئاساسىدا پىيادىلەر 40- پولكى قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان بولدى.
    پولك كوماندىرلىقىغا يۈسۈپوۋ مەمەتجان، سىياسىي كومىسسارى دۇڭ شياڭسىڭ تەيىنلەندى.
    ئىلى پىيادىلەر 2- پولكى ۋە موڭغۇل دىۋىزىيونى ئاساسىدا پىيادىلەر 41- پولكى قۇرۇلۇپ چۆچەكتە تۇرىدىغان بولدى.
    پولك كوماندىرلىقىغا ئالېكسىي، سىياسىي كومىسسارلىققا جاڭ شىپىڭ تەيىنلەندى.
    زاپاس پولك ئاساسىدا پىيادىلەر 42-پولكى قۇرۇلۇپ غۇلجىدا تۇرىدىغان بولدى.
    پولك كوماندىرلىقىغا ئوسمانوۋ رامزان، مۇئاۋىن پولك كوماندىرلىقىغا تۇرسۇن سەيدەخمەتوۋ، سىياسىي كومىسسارلىققا جىن باۋچۈەن  (ئىبراھىموف توختى؟ )، شتاب باشلىقلىقىغا قاسىموۋ ئابلەت  تەيىنلەندى.
    قوبۇقسار 2- ئاتلىق پولكى، چۆچەك ئاتلىق 4- پولكىنىڭ بىر قىسمى مەزكۇر دېۋىزىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق زەمبىرەكچىلەر باتاليونى بولۇپ تەشكىللەندى. مەزكۇر دېۋىزىيىنىڭ دېۋىزىيە شتابى بىلەن بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملىرى شىخۇ (كېيىن چۆچەك، سۈيدۆڭگە يۆتكەلگەن) دا تۇرىدىغان بولدى؛ ئالتاي ئاتلىق 3- پولكى ۋە چۆچەك ئاتلىق 4- پولكىنىڭ بىر قىسمى ئاساس قىلىنىپ، كورپۇسقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاتلىق مۇستەقىل 1- پولك قىلىپ قۇرۇلۇپ، ئالتايدا تۇرىدىغان بولدى.
    پولك كوماندىرلىقىغا بەدەلقان سۇگۇربايوب، سىياسىي كومىسسارلىققا
    ساۋەن ئاتلىق پولكى ئاساسىدا ئاتلىق مۇستەقىل 2- پولك قۇرۇلۇپ كۈنەسنىڭ ئارالتۆپە (ئۇزۇن ئۆتمەي شىخۇ ۋە يەنسىخەينى قوغداش ئۈچۈن يۆتكەلگەن)  دە تۇرىدىغان بولدى.
    پولك كوماندىرلىقىغا سوپاخۇن سۇۋۇروف، سىياسىي كومىسسارلىققا  شۈي ماۋجۇڭ تەيىنلەندى.
    بۇنىڭدىن باشقا كورپۇسقا بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملاردىن يەنە شەھەر مۇداپىئە باتاليونى، جەڭگىۋار باتالىيون زاپاس قىسىم (ئىلى باتاليونى دەپمۇ ئاتالغان، باتالىيون كوماندىرى سادىقوۋ، سىياسىي يېتەكچى لى خېچىڭ، مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچى قوجاي دوقاس، شتاب باشلىقى نامانوۋ ئىدى)، مۇھاپىزەتچىلەر روتىسى، ئوقۇتۇش باتاليونى، ھەربىي دوختۇرخانا قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، كورپۇس ئورگىنى بىلەن كورپۇسقا بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملار غۇلجىدا تۇرىدىغان بولدى.  
    1950- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن  غۇلجا شەھىرىدە (كورپۇس شتابىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا) 5- كورپۇسنىڭ قۇرۇلۇش چوڭ يىغىنى ئېچىلىپ، داغدۇغىلىق بايراق تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بولدى. يىغىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ پارمىروپكا قىلىنىپ 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە 5-كورپۇسنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى. ھەربىي كومىتېت تارقاتقان ھەربىي بايراق كورپۇس كوماندىرىغا تەقدىم قىلىندى. ئارقىدىنلا ھەربىي بايراق ئۈچ نەپەر قوراللىق جەڭچىنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن مەيدان ئايلاندۇرۇلدى.
    مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، 1953- يىلى 3- ئايدا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قىسىملىرىدا زور كۆلەملىك ئىخچاملاش، شتاتنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ قىسىملار دۆلەت مۇداپىئە قىسمى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش قىسمى دەپ ئىككىگە بۆلۈندى. 1954- يىلى ھەربىي رايون قىسىملىرىدا بىر دۆلەت مۇداپىئە دېۋىزىيىسى ۋە تۆت ئاتلىق پولك قالدۇرۇلغاندىن باشقا، 1- بىڭتۈەننىڭ 2-، 6- كورپۇسلىرى، 5- كورپۇسنىڭ كۆپ قىسمى ۋە 22- بىڭتۈەننىڭ ھەممىسى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
    1954- يىل 6- ئايدا 5- كورپۇسنىڭ شتاتى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
    5- كورپۇس ئورگىنى ئىلى ھەربىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
    13- دېۋىزىيە شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 3-ئاتلىق مۇستەقىل پولك قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ قەشقەردە تۇردى. پولك كوماندىرلىقىغا مۇزەپپەر ئابدۇللايۇۋ تەيىنلەندى، كېيىن ئەزىزوۋ قاسىم كوماندىر بولدى. 60- يىللارنىڭ ئاخىرىدا پولك باشلىقلىرى يەنە بىر نۆۋەت تەڭشىلىپ پولك كوماندىرى ئىمىنوۋ ئېلاخۇن، سىياسىي كومىسسارى چىڭ جىڭۋېي بولدى.
    14- دېۋىزىيە شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 4- ئاتلىق مۇستەقىل پولك قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ ئۈرۈمچى ئۇلانبايدا تۇردى. پولك كوماندىرلىقىغا باۋكەي (شۇ يىلى 9- ئايدا ئوسمانوۋ رامزان پولك كوماندىرى بولۇپ تەيىنلەندى)، سىياسىي كومىسسارلىققا دوڭ شياڭسىڭ، شتاب باشلىقلىقىغا ئەزىزوۋ قاسىم، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرلىقىغا شاۋدۇنوۋ ئابدۇكېرىم تەيىنلەندى، كېيىن ئەزىزوۋ قاسىم كوماندىر بولدى. 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدا پولك باشلىقلىرى يەنە بىر نۆۋەت تەڭشىلىپ پولك كوماندىرى مۇسايوۋ ھاشىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرشىدىن بولدى. سىياسىي كومىسسارى سوڭ خۇڭداۋ، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى قوجاي دوقاس، شتاب باشلىقى ئەخمەتباي، سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى چىڭ جىڭۋېي بولدى.
    پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار.
    ساۋدانوف زاھىر « 5- كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىل 4- ئاي 1- نەشرى.
    ساۋدانوف زاھىر « ماناس دەرياسىدىن قايتىش  » شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996- يىل 7- ئاي 1- نەشرى.
    توختى ئىبراھىم  « مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل 1-ئاي 1-نەشرى.
    شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش – تەھرىرلەش كومىتېتى « شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىل 8- ئاي 1- نەشرى.
    شېرىپ نىياز خۇشتار « شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر »شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل 1- ئاي 1- نەشرى.
    قوجاي دوقاس « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا » ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 4-سان.
    ھەسەننۇر ھاجىبولۇس « ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى سابىق مۇستەقىل 2- ئاتلىق بىرىگادىسىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئىش ئىزلىرى »  ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 10- سان.
    مۇھەممەتجان ئەھمىدى  « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مالىيە-ئىقتىساد ۋە بانكا، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى توغرىسىدا » ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 10- سان.
    ئابلەت سەمەت، ئەدىھەم ئابدۇمىجىت  « پېشقەدەم ئىنقىلابچى، جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف  » ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 10-سان.
    دولقۇن روزى  « ئۆتمۈشىمىزنى تارىخ ئۆزى سۆزلىسۇن » ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 12-سان.
    شارشىبېك سىدىق قاتارلىقلار « گېنېرال ئىسھاقبىېك » شىنىجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى قىرغىزچە نەشرى.
    مىللى ئارمىيە تەشكىل قىلىنغاندىن كىيىنكى ئادەم سانى :

    1 - سۈيدۆڭ پارتىزانلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بىرىنچى سۈيدۆڭ ئاتقۇچى  پولكى ( ئادەم سانى 2200 )
      
    2 - ھەرەمباغ ئۇرۇشىغا قاتناشقان پارتىزانلارنىڭ بىر قىسمىنى  ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئىككىنچى غۇلجا ئاتقۇچ پولكى ( ئادەم سانى  2300 )

    3 - كەڭساي پارتىزانلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان  ئۈچىنچى كەڭساي ئاتلىق پولكى ( ئادەم سانى 2000 )

    4 - ھەرەمباغ ئۇرۇشىغا قاتناشقان پارتىزانلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان تۆتىنچى غۇلجا زاپاس پولكى ( ئادەم سانى 2200 )

    5 - ئىسھاقبېك مۇنۇنوفنىڭ پارتىزان ئەترىتىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان تېكەس 1-ئاتلىق پولكى ۋە تېكەس، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق جايلاردىكى پارتىزانلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان  تېكەس 2-ئاتلىق پولكى ( ئادەم سانى  1800 )

    6 - ئۇچ مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزىيون ( ئادەم سانى 2800 )

    مىللى ئارمىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى ئۇمۇمى ئادەم سانى يۇقارقى 13 مىڭ 300 ئىدى . 1945 - يىلىنىڭ ئۇتتۇرلىرىدا گۇمىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى جەڭ شەرق تەرەپكە قاراپ غەلبىسىرى ئىلگىرلەشكە ئەگىشىپ ، مىللى ئارمىيىنىڭ ئۇمۇمىي ئادەم سانى تەدرىجى كۇپەيدى . كۇپەيگەن قىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئادەم سانى تۇۋەندىكىچە :

    1 - مەنسۇر لۇمىيۇف باشچىلىقىدىكى تۇڭگان پارتىزانلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان تۇڭگان ئاتلىق پۇلكى  ( ئادەم سانى 1200 كىشلىك )
      
    2 - پۇلكۇۋنىك ئىردە بۇلغۇنۇف باشچىلىقىدىكى موڭغۇل پارتىزانلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان موڭغۇل ئاتلىق پۇلىكى ( ئادەم سانى 950 نەپەر )

    3 -   باۋسەن ، شۇمۇتۇڭلار  باشچىلىقىدىكى شىبە ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزيۇنى (  ئادەم سانى 600 نەپەر )

    4 -  دەلىلقان ، بەدەلقان باشچىلىقىدىكى ساراسۇمبە ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋېزيۇنى ( ئادەم سانى 1800 كىشلىك )

    5 - پۇلكۇۋنىك ئابلاخان باشچىلىقىدىكى چۆچەك ئاتقۇچى پۇلكى ( ئادەم سانى 1500 نەپەر )
    1945 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە  مىللى ئارمىيىنىڭ ئۇمۇمىي ئادەم سانى 18 مىڭغا يەتكەن .

    1945 - يىلىدىن كىيىن قۇرۇلغان پۇلۇكلاردىن :

    1 - مايتاغ پۇلىكى بۇ پۇلك 1800 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ، پۇلق كۇماندىرى پۇدپۇلكۇۋنىڭ مۇھەممەد يۇسۇف ، سىياسى كۇمىسسار باغداد بابالىكۇف .

    2- قۇبۇقسار ئاتلىق ئەسكەرلەر پۇلىكى بۇ پۇلك 1500 كىشىدىن تەركىب تاپقان .
    پۇلك كۇماندىرى پۇلكۇۋنىك نۇسۇپقان كۇنباي ، مۇئاۋىن پۇلك كۇماندىرى مايۇر ئىبراھىمباي ، مايۇر سالاھىدىن ، سىياسى كۇمىسسار پۇدپۇلكۇۋنىك يۇسۇپچان .

    3 - ئازاد نىشانلىق 2 - ئاتقۇچى پۇلك  . بۇ پۇلك 2200 كىشىدىن تەركىپ تاپقان . پۇلك كۇماندىرى پۇدپۇلكۇۋنىك يۇنىچىف ئايتۇغان . مۇئاۋىن پۇلك كۇماندىرى رامازان ئۇسمانۇف . سىياسى كۇمىسسار ئۇمەرۇف ، شىتاپ باشلىقى كاپىتان ئىستىمىسۇف بىلال .

    << مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى >> دا يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۇتۇش كىرەككى  مىللىي ئارمىيەدىكى  دىنىي پائالىيەتلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا ، دىننىي كۇچلەرنىڭ يۇليۇرىقىغا  ئاساسەن ، مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىدا  دىن ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار قۇيۇلدى . پۇدپۇلكۇۋنىك دامۇللا رازىيۇف ئۇچ ۋېلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ دىننى ئىشلار مەسئۇلى قىلىنىپ تەيىنلەنگەندىن كىيىن ، پۇلك ۋە مۇستەقىل باتاليۇنلاردا پۇلك ئاخۇنى ، باتالىيۇن ، رۇتىلاردا ئىمام قۇيۇلدى . ھەر ھەپتىدە رۇتىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر قىتىمدىن ئىككى قىتىمغىچە دىننى دەرىس ئۇتۇش يۇلغا قۇيۇلغان . مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىدىكى دىنىي خادىملار ئەتىگەندە بامدات نامىزى ئۇقۇش ، پۇلك بۇيىچە مىيىت ئۇقۇتۇش ، باتالىيۇن بۇيچە جۇمە نامىزى ئۇقۇتۇش ، ، ئۇلۇم - يىتىم ، تۇي - تۇكۇن مۇراسىملىرىغا يىتەكچىلىك قىلدى . ھەتتا باش قۇماندانغا تەكلىپ بىرىپ باياندايدىكى ئۇفىتسىرلار مەكتىپىدە ھەپتىدە ئىككى قىتىم دىننى دەرىس ئۇتۇش يۇلغا قۇيۇلدى .
             مەنبە: نىياز دىخان قەلىمى.

    分享到: