• ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت (2)

    2010-06-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/65846301.html

    تۇڭگانلار

     

    چىن مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇڭگانلار ئىكەنلىكى كۆپچىلككە مەلۇم. لېكىن ئۇلار چىننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە تارقالغان. بۇلار ئالتە شەھەردىمۇ خېلى بار. بۇ يەردىكىلەرنىڭ كەسپى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە تىجارەتتۇر.

    تۇڭگانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىشقا توغرا كەلمىگەچكە، بۇلارنىڭ تۇرمۇشلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى: تۇڭگانلارنىڭ رەسمىي تىلى چىنچە بولۇپ، مېنىڭ بۇ تىل بىلەن تونۇشلۇقۇم يوقلۇقىدىن بولدى.

    شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار چەنتۇ (ئۇيغۇرلار)لارغا قارىغاندا خېلى تىرىشچان كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئارىسىدا ئەخلاق بۇزۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆرمىدىم. خوتۇن- قىزلار بىلەن كۆپ ئارىلاشمايدۇ. تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ. ئۆز-ئارا ھەسەت ۋە ئاداۋەت قىلىشتەك ئىشلارغىمۇ ئانچە كۆپ بېرىلمەيدىكەن. شۇنىسى قىزىقكى، بۇلارمۇ چەنتۇلاردەك چىركىن بولىدىكەن. پاكىزلىققا پەقەت رىئايە قىلمايدۇ.

    ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىشقا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تارىخىنى بەكمۇ بىلگۈم كەلدى. بەزىبىر كىشىلەرنىڭ تۇڭگانلارنىڭ موللىلىرى ئەرەبچە سۆزلەشنى بىلىدۇ، دېگەن سۆزلىرى بويىچە بىر نەچچە موللىسى بىلەن كۆرۈشكەنىدىم، لېكىن ماڭا ئۇنداق ئەرەبچە سۆزلىشەلەيدىغان موللا ئۇچرىمىدى. توغرا، ئەرەبچە كىتابلارنى ئوقۇشنى بىلىدىكەن، شەرھى ئابدۇللا ۋە شەرھى موللا ئۇسۇلى بىلەن ئۇ تىلنىڭ سەرف ۋە نەھۋى قائىدىلىرىنىمۇ يادلايدىكەن، ئەمما سۆزلىشەلمەيدىكەن. شۇ سەۋەبلىك تۇڭگان موللىلىرى بىلەن سۆزلىشىش، تارىخلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا مۇمكىن بولمىدى.

    تۇڭگانلار توغرىسىدا ئالتە شەھەر خەلقى تۈرلۈك سۆز قىلىدۇ. سۆزلىرى بۇرۇنقى ھىكايە كىتابلىرىدىكى سۆزلەردەك تۇترۇقسىز. يىل دەۋرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئەسىرلەرنىمۇ تەخمىن قىلغىلى بولمايدۇ.

    ھىندىستاندىن كېلىپ كۆپ يىللار ئالتە شەھەردە تۇرغان بىر كىشى «مەن تۇڭگانلارنىڭ بەك ئۇلۇغ بىر موللىسىدىن شۇنداق ئاڭلىدىم» دەپ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بەردى:

    بىر زامانلاردا بىر كىشى قىبلە تەرەپتىن چىقىپ چىن خانى تۇرىدىغان شەھەرگە كەپتۇ، ئۇ كىشى ئەۋلىيا ئىكەن، بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىكەن...

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن خانى ئۇنى كۆرۈپتۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ھەيران قېلىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئىش –ھەرىكەتلىرى خانغا بەك ئوخشايدىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ نامىزىنى بەك ياقتۇرۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. نەدىن كەلگەنلىكى، نېمە ئادەم ۋە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى خانغا بەك ياراپ كېتىپ، شۇ شەھەردە ئۇزاقراق تۇرۇشنى تەلەپ قىپتۇ. ھېلىقى كىشى:

    ـــ تۇرۇشنى تۇراتتىم، لېكىن يالغۇزلۇق بەك يامان، ـــ دەپتۇ.

    ـــ سىزگە نېمە كېرەك، جانابىڭىزدىن تىلەي، ماڭا ئېيتىڭ، مەن ئۇنىڭ چارىسىنى قىلۇرمەن،ـــ دەپتۇ خان.

    بىزنىڭ يۇرتتىكى ۋىلايەتنىڭ ھەر بىرىدىن بۇ يەرگە ئوندىن كىشى كەلتۈرسىڭىز تۇراتتىم،ـــ دەپتۇ. خان شۇ زامات كىشى ئەۋەتىپ شۇ جايلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئوندىن مۇسۇلمان كىشىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئاندىن ناھايىتى ئېسىل يەرگە ياسىداق ئۆيلەرنى سالدۇرۇپ، ئۆيگە كېرەكلىك نەرسىلەر، يېمەك-ئىچمەككە قەدەر خان ئۆزى بېرىپتۇ.

    ئۇلار بۇ يەردە ناھايىتى راھەتتە ياشاپتۇ. لېكىن بىرگىنە نەرسە يوق! ئىنسان ئۈچۈن بەك زۆرۈر نەرسە! مانا شۇ نەرسە يوقلۇقىدىن بۇ قەدىرلىك مېھمانلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان ئەۋلىيا بۇ ئىشنى خانغا بىلدۈرۈپتۇ. خان سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئەۋلىيا:

    ـــ خوتۇنسىزلىق، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. خان:

    ـــ بۇنىڭ چارىسىنى قىلۇرمىز، مانا مۇشۇ شەھەردىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە چاقىرىمىز، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزلىرىڭىزگە يارىغاننى تاللاپ ئالۇرسىز، ـــ دەپ شەھەردىكى قىزلارنىڭ ھەممىىسىنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە بىر يەرگە يىغىلىشقا يارلىق قىپتۇ. چوڭ شەھەردىكى مىڭلارچە قىزلار بىر يەرگە يىغىلىپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ چىرايلىقلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ مۇساپىرلار بۇ چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندىن كېيىن نان كۆرمىگەن ... دەك قىزلارغا يېپىشىپتۇ. ئارىدىن ناھايىتى چىرايلىقلىرىنى تاللاپ ھەر بىرى بىردىن ئەمرىگە ئاپتۇ. چىن قىزلىرى ئىمان ئېيتىپتۇ.

    مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپتۇ. ھەممە نەرسە تەلتۆكۈس. چۈنكى پادىشاھتىن بېرىلىپ تۇرىدۇ. ھېچ نەرسىدىن غېمى يوق. بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ، نۇرغۇنلىرى قىز-ئوغۇللۇق بولۇپتۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىسىم قويۇشقا توغرا كەپتۇ. مانا شۇ چاغدا ئاتا بىلەن ئانا ئارىسىدا نىزا، تالاش- تارتىش باشلىنىپتۇ، ئاتىسى ئەھمەد، مەھمۇد دېگەندەك مۇسۇلمانچە ئىسملارنى قويۇشنى ئېيتسا، ئانىسىمۇ ئۆز تەرىپىگە تارتىپ ‹سوجو›، ‹شوخو› دېگەندەك چىنچە ئىسىملارنى قويۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. بۇ كۆڭۈلسىز ئىش ئۆز ئىچىلىرىدىلا تۈگىمەي يەنە خاننىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپتۇ. بۇ مەسىلىنى بىر ياقلىق قىلىشقا ھېچ مۇمكىن بولماپتۇ. ئاخىرىدا بىر بالىغا ئىككى (چىنچە ۋە مۇسۇلمانچە)ئىسىم قويۇشقا قارار بېرىلىپتۇ. ئاتا –ئانىلارمۇ بۇ قارارغا رازى بولۇشۇپتۇ.

     بۈگۈنكى تۇڭگانلارنىڭ چىنچە ۋە مۇسۇلمانچە ئىككى خىل ئىسىمى بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇ زاماندىن قالغان ئىشتۇر.

    شۇنداق بولسىمۇ، ئەۋلىيا نېمە سەۋەبتىندۇر، ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئويلاپتۇ. مۇسۇلمانلار بۇ چاغدا ئىككى يۈزگە يەتكەن ئىكەن. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە مەنىۋى ئاتىلىرى بولغان ئەۋلىيانىڭ كەينىدىن قالماسلىققا تىرىشىپتۇ. خاننىڭ ئۇلارنى قايتۇرغۇسى كەلمەي:

    ـــ ئۆزىڭىز كەتسىڭىزمۇ يارانلىرىڭىز بۇ يەردە تۇرۇپ قالسا بولاتتى، ـــ دەپتۇ. ئەۋلىيامۇ:

    ـــ مەيلى تۇرسا تۇرغاي، ـــ دەپ ئۆز يولىغا كېتىپتۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرمۇنچىسى ئەۋلىيا بىلەن بىرگە يۇرتىغا كېتىپتۇ، بەزىلىرى ئۆز خاھىش ۋە ئىرادىلىرى بىلەن چىن شەھرىدە تۇرۇپ قاپتۇ. ئەۋلىيانىڭ ھېلىقى (تۇرغاي) دېگەن سۆزى بۇلارغا ئسىم بولۇپ قاپتۇ. نېمە سەۋەبتىندۇر، بۇ سۆز تۇرۇپلا «تۇرغاي»دىن تۇڭگانغا ئايلىنىپ قاپتۇ.

    بۈگۈنكى تۇڭگانلار شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمىش.

    بۇ توغرىلىق بۇنىڭدىن باشقىمۇ بىر نەچچە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئاز-تولا پەرقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا بارچىسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولغاچقا ھەممىسىنى يېزىپ ئولتۇرمىدىم.

    بۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغرىلىق توختىلىپ قالغۇدەك بولسام، ئەسلى تېگىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن تۇتۇپ ھەقىقىي تارىخ رېتىگە كىرگۈدەك قىلىپ يېزىشىم مۇمكىن.

     

                                                                        نوشىرۋان يائۇشېف. كېرىيە

     

     

     

     

     

    دىن ئالىملىرى ئارىسىدا

     

    «خەلق نەزەرىگە»، «ئۇفاق پىكىرلەر» دېگەن ماقالىلەر يېڭىلا قولۇمغا تەگدى. ھەۋەس ۋە لەززەت بىلەن ئوقۇپ چىقتىم.  لېكىن «دىنىي تەدبىرلەر»دېگەن ماقالىنى ئۇچرىتالمىدىم.

    «خەلق نەزەرىگە»نىڭ 29-بېتىدە ئىسلام ئەقىدىسىدە ئەڭ بۈيۈك ئەھمىيەتلىك ئىش ئىنسانىيەتنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى بەخت- سائادىتىگە ئاساس سېلىشتۇر. ئاخىرەت سەمەرىسى بۈگۈنكى سائادەتنىڭ سەمەرىسىدۇر. ئەقىلسىز بۇنىڭدىن نېسىۋىسىزدۇر. بەخت-سائادەتنى دەرۋىشلىك،مىسكىنلىكتىن، راھەتنى يوقلۇقتىن ئىزدەش ھىندىستان گادايلىرىنىڭ، براخمانلىرىنىڭ پەلسەپىسىدۇر دەيدۇ.

    بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانىم يوق.

    لېكىن، نېمە ئۈچۈندۇر، مۆھتەرەم ئالىم مۇسا ئەپەندى«ئۇفاق پىكىرلەر»ناملىق ماقالىسىدا مۆھتەرەم ئالىم زىيا ئەپەندىنىڭ بايلىق «ئىماننىڭ تۈۋرۈكى»دېگەن سۆزىنى ياراتمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: مۆھتەرەم مۇئەللىپ ئەپەندى ماقالىسىنىڭ بىر قانچە بېتىدە بايلىقنى «ئىماننىڭ تۈۋرۈكى» دەپ كۆرسىتىپتۇ، مۇئەللىپنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ئازراق خاتالىق بولسا كېرەك، دەيدۇ.

    مېنىڭچە مۇئەللىپ ئەپەندىنىڭ بايلىقنى ئىماننىڭ تۈۋرۈكى دەپ كۆرسىتىشى ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس بەلكى بىر ئوخشىتىشىدۇر، نۇرغۇن موللىلىرىمىزنىڭ نامراتلىقنى ئىماننىڭ تۈۋرۈكى قىلىپ كۆرسىتىشلىرىگە مۇبالىغە قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

    ئاڭسىز، پىكىرسىز موللىلارنىڭ خەلقنى، مىللەتنى ئىشتىن، بايلىقتىن بەزدۈرۈشكە تىرىشىپ مەسچىتلەردە، مۇنبەرلەردە، يىغىنلاردا خاتا پىكىر تارقىتىشلىرىغا قەلبى ئۆرتىنىپ، ئېچىنىپ سۆزلىشى تەبىئىيدۇر.

    مىللىتىمىزنىڭ قەلبى، يۈرەكلىرى نادان موللىلارنىڭ مەنتىقىسىز نەسىھەتلىرى بىلەن ئوغىلىنىپ(زەھەرلىنىپ)تۇرغان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىنى يىمىرىش ئويى بىلەن بايلىق ئىماننىڭ تۈۋرۈكى، نامراتلىق ئىمانغا، دىنغا ئەيىب كەلتۈرىدۇ، دېيىشى ئورۇنلۇق ئوخشىتىش، كۆركەم كۆڭۈل سۆزىدۇر.

    ھايات ۋە مەدەنىيەت دۇنياسىدا بىرىنچى ئاساس بولغان يېڭىلىققا، بۇنىڭغا قاتنىشىشقا، ئىش –ھەرىكەتكە ۋە بايلىققا خەلقنى ئۈندەشتىنمۇ ئۇلۇغ خىزمەت بولۇرمۇ؟!

    نامراتلىق سەۋەبىدىن... ۋە بارچە ئىجتىمائىي ئىشلىرىمىزغا قۇسۇر ۋە نۇقسان يېتىدىغانلىقى مەلۇم.

    مۆھتەرەم زىيا ئەپەندىنىڭ مېراج ۋە باشقىلار ھەققىدە يازغانلىرىمۇ ھازىرقى زامانغا قاراپ، خەلقنى خۇراپاتتىن ھەقىقەتكە، مەنىۋىيەتتىن ماددىياتقا يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېيتىلغان بولسا كېرەك.

    توغرا، زىيا كامالى ئەپەندىدە قىزىققانلىق، خەلقنىڭ ئەخمەقلىقىگە، تەخىرسىزلىك، جاھالەت ۋە خۇراپاتقا ئۆچمەنلىك قىلىشتەك سۈپەتلەر بار، قىزىپ كېتىپ مۇبالىغىلىك سۆزلەرنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئەمما، ھەر ھالدا بايلىق توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى خاتاغا تارتىشنىڭ ئۆزى خاتالىقتۇر ياكى بولمىسا زىيا ئەپەندىنىڭ روھىي دۇنياسىدىن خەۋەرسىزلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.

    توغرا، تىكەنسىز چېچەك بولماس. بوستانلىقتا بۇلبۇلمۇ، قارغىمۇ بولىدۇ. لېكىن چېچەكنى تىكەندىن ئايرىغاندا چېچەككە زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەڭ- ئېتەكلەرنى قىسقا تۇتۇش كېرەك. قىسقىسى، تەنقىد چىن مەنىسىدىكى تەنقىد بولسۇن، مۇنازىرە تۈسىنى ئالمىسۇن.

    توغرا، بىزگە ھەممىدىن بۇرۇن يېڭىلىق كېرەك، تىل كېرەك، ئېتىقاد كېرەك، ئىلىم، تېخنىكا، تىجارەت، زىرائەت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۇنىڭدىن قالسا مىللىي شېئىرىيەت، مىللىي ئەدەبىيات، مىللىي روما، مىللىي مۇزىكا، ئويۇن- كۈلكىمۇ كېرەك. مىللەتكە بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەر كېرەك. شۇ كېرەكلىك  نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بار قىلىش ئۈچۈن بايلىق كېرەك، ئاقچا كېرەك.

     

                                                                        ــــ نوشىرۋان يائۇشېف. كۇچار

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئالتە شەھەرگە ساياھەت 

    (كۇچادىن قەشقەرگىچە)

    كۇچا ئەتراپىدا يادىكارلىقلار بەك كۆپ، بارچىسىدىن ئەجەپرەكى مىڭ ئۆيدۇر. كۇچانىڭ غەربىدە، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە تاشتىن قېزىپ ياسالغان بەك قەدىمىي ئۆيلەر بار. بۇ يەر خەلقى ئۆينىڭ كۆپلۈكىدىن مۇبالىغە قىلىپ مىڭ ئۆي دەپ ئاتاشقان. لېكىن قايسى زاماندا، كىمنىڭ ياسىغىنىنى بىلگۈچى يوق. بەزىلىرى: ئافراسىياپ ياساتقان دەيدۇ، يەنە بىرلىرى: پەرھاد شېرىنغا سېلىپ بەرگەن، دەيدۇ.

    بۇ ئۆيلەر قاتتىق تاشنى قېزىپ، بەك پۇختا ياسالغان،ئىچلىرى ئۈچ-تۆت تۈرلۈك بوياق بىلەن بېزەلگەن. نەقىش ۋە بېزەكلىرى ئادەم ۋە باشقا ھايۋانات رەسىملىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئادەم رەسىملىرى قالماق ۋە چىنلىقلارغا ئوخشايدۇ. 83 ھۇجرىغا كىرىپ كۆردۈم. چوڭ-كىچىكلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسى ئوخشاش. ئۆيلەر ئومۇمەن بۇخارا مەدرىسلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغا ئوخشايدۇ. دېرىزىلىرى يوق. كىچىكلىرى90، چوڭلىرى 976 كۇب مېتىرچە كېلىدۇ. تاغ ئىچىدىن جەنۇپ تەرەپكە قاراپ ئاققان بىر دەريانىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بىر يارغا سېلىنغان. ئىشىكلىرى دەرياغا قارايدۇ. كۆپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يار يىمىرىلىپ بەك كۆپ ئۆيلەر خاراب بولغان. بۇنىڭغا يېقىن يەردە بەك قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىمۇ بار. بۇ يەردىن كونا ئۆستەڭ قۇرۇلۇشلىرى، ھايۋان سۆڭەكلىرى چىقىدۇ، تۆمۈر زاتى تېپىلمايدۇ.

    ئۆتكەن يىلى گېرمانىيىدىن لېكوك ئىسىملىك بىر سەيياھ كېلىپ بۇ ئەتراپتا تەتقىقات يۈرگۈزگەن. كونا نەرسىلەرنى 11 ھارۋا، 40 تۆگىگە ئارتىپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا: مىڭ ئۆي بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى ھىندىلار تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن، كېيىن بۇ يەرلەرنى قالماقلار ئىستىلا  قىلغان، بىر نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىن بۇ يەرگە ئەرەبلەر كەلگەن. ئۆيلەر ياسالغاندا تۆمۈر ئەسۋاب بولمىغان.

    مۇنداق ئۆيلەر ئالتە شەھەرنىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ بار.

    1915-يىلى 23-مارت، يەرلەر ياشارغان، دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلىغان، ئۆرۈكلەر ئاپپاق چېچەكلىگەن ئىدى. يالغۇر ئات مىنىپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇپ تەرىپى بىلەن قەشقەرگە يۈردۈم.

    قىزىل، باي، سايرام، ياقا ئېرىق، قارا يۇلغۇن دېگەن يەرلەردىن ئۆتۈپ جام يېزىسىغا كەلدىم. ئىشچى قارا خەلق چۈشىدىغان سارايغا چۈشتۈم. بۇ ساراي يالاڭ ئاياغ ۋە جۇلجۇل كىيىملىك ئادەملەر بىلەن تولغان ئىدى.

    ئەمدىگىنە چاي ئىچىشكە باشلىغانىدىم، بالغا ئولاشقان چىۋىندەك ئولىشىۋالدى. بىچارىلەر، ئاچ-يالىڭاچ، ئارىسىدا بەك قېرىلىرىمۇ بارئىدى.

    ـــ نەگە بارىسىز؟

    ـــ ئىلىغا چىقىمىز.

    ـــ نېمە ئۈچۈن؟

    ـــ ئاش ئىزلەپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن.

    ـــ قەيەرلىك سىز؟

    ـــ قەشقەرلىك، ئارىمىزدا ياركەنت، خوتەنلىكلەرمۇ بار.

    ئەتىسى سەھەردە يولغا چىقتىم. يولدا تۈركۈم-تۈركۈم كىشىلەر ئۇچرىدى. ئۇلار جامغا قاراپ كېتىپ باراتتى. ئېشەكلەرگە خورجۇم، ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىشقان بولۇپ، ئۆزلىرى پىيادە يۈرەتتى. ئارىلىرىدا ئەمچەكتىكى بالىلىرىنى كۆتۈرگەن ياش خوتۇن-قىزلارمۇ بار ئىدى.ئاپپاق ساقاللىق قېرىلارمۇ بار ئىدى. ئاياغلىرى يالاڭ ئاياغ، ئۇچىسىنى ئىللىتقۇدەك كىيىملىرىمۇ يوق ئىدى. كۆزلىرى كۆكەرگەن، يۈزلىرى سارغايغان، ئېغىزلىرى ئېچىلغان. پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىغانىدى. بۇ بىچارىلەرمۇ ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەپ ئىلىغا سەپەر قىلغانىدى.

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئاقسۇ

     

    كۇچا بىلەن ئاقسۇ ئارىسى 250چاقىرىم چامىسى بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا ئادەم ئاز. ئادەمگە قارىغاندا مۇنبەر يەر ئاز. مال بېقىش، تېرىقچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ. لېكىن ئىشلىرىدا بىرمۇ يېڭىلىق كۆرۈنمەيدۇ. ئېتىز ئىشىنى ئاز قىلىدۇ. ئىش ۋاقتى بولسىمۇ، ھويلا-ئاراملاردا ساقاللىق كىشلەر ۋە سەبىيلەرنىڭ ئوشۇق ئويناپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 20-25ياشلىق يىگىتلەر ئالدىلىرىغا بەش-ئالتە تال تۇخۇم، چېكىلەۋۈك(گازىر)، كەشىر، پىياز قويۇپ سودا قىلغان قىياپەتتە ئولتۇرىدۇ. بۇلار كۆپ بولسا كۈنىگە بەش تىيىنلىق سودا قىلىدىغاندۇ. كەتمەن چېپىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئېرىنىدۇ، ھورۇندۇر، مانا شۇڭلاشقا بۇ يەرنىڭ خەلقى ئومۇمەن پېقىر ۋە موھتاجلىقتا ياشايدۇ.

    ئاقسۇدىمۇ ئىشلار مانا مۇشۇنداق. بۇ يەردىمۇ شۇ ئىشسىزلىق، شۇ ھورۇنلۇق، شۇ ئاچلىق،شۇ پېقىرلىق، شۇ جاھالەت، شۇ سافالەت ھۆكۈم سۈرىدۇ.

    كوچا –كويلىرى بۇخارا كوچىلىرىدەك بەك تار ھەم ئەگرى –بۈگرى، ئىمارەتلەر خارابە، ۋەيرانىلەردىن ئىبارەت. پاكىزلىققا دىققەت قىلىنمايدۇ، يۇرتلاردىن چىقىرىلغان نىجاسەتلەر كوچىلارغا، ئىچىۋاتقان سۇرلارغا تاشلىنىدۇ.

    ئاقسۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى پوقاق دېگەن بويۇن ئىششىقىغا مۇپتىلا . بۇنىڭ كىچىكلىرى ئىككى قاداق، چوڭلىرى ئىككى پۇت ئېغىرلىقتىكى گىر تېشىدەك كېلىدۇ. بۇلار بۇنى سۇدىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە سىفلىس دېگەندەك ئاغرىقلارمۇ كۆپ، تېۋىپ، دوختۇرلار يوق.

    مائارىپ ـــ  بۇ يەردە ئىلىم ۋە مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىلەرمۇ يوق. مەكتەپ مەدرىسىلىرى، مەسچىت ۋە خانىقالىرى خارابە ھالىدا. تورۇس- شىپلىرىنى تور باغلىغان، ئىچىگە كىرىپ ناماز ئوقۇغۇدەك  ھالى يوق، چاڭ –توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان.

    ئۆزىنى بەك بىلىملىك سانىغان، شەھەردە بىرىنچى دەرىجىدە باي سودىگەرلەردىن بىرىگە مەكتەپ ۋە بالا تەربىيىسى ھەققىدە سۆز قىلماقچى ئىدىم.

    ـــ مېنىڭ ئۆزۈم سالدۇرغان بىر مەكتىپىم بار، يۈزلەپ بالا ئوقۇيدۇ، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر موللا ئوقۇتىدۇ، ئۆزى ئەرزان، يىلىغا 10-15 سوم زاكات بەرسەڭ بېشى كۆككە يېتىدۇ، ــ دېدى.

    ـــ ئەرزان بولغىنى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆمرى زايا كېتىدۇ-شۇ، ـــ دېدىم.

    بۇ يەردە مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇددىتى يەتتە-سەككىز يىل بولۇپ، شۇ ئەسنادا ھەپتىيەك، نامى ھەق، چاھار كىتاب، خوجا ھاپىز، ناۋايى ۋە بېدىلنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇتۇلىدۇ.

    مەدرىسلەردە ئوقۇش مۇددىتى 20-25يىل بولۇپ، ئەئۇزۇ، بىسمىللاھ بەھىسى، شەرھى ئابدۇللا، شەرھى ۋەقايە ۋە بۇلارنىڭ ھاشىيلىرى ئوقۇتىلىدۇ.

    سانائەت ـــ  ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھالقا، بىلەيزۈك قۇيۇش، مىستىن چەينەك، تۆمۈردىن تاقا ياساشتەك ھۈنەر ۋە سەنئەتلىرى بار.

    زىرائەت -ــ كېۋەز، گۈرۈچ، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر ۋە تۈرلۈك  مېۋە –چېۋىلەر چىقىدۇ. يەر- سۇ كۆپ، پەقەت ئىشلەيدىغان ئادەم ئاز. تېرىقچىلىق ۋە تىجارەت ئىشلىرى ئومۇمەن رۇسلارنىڭ قولىدا. لېكىن ئاقسۇدا تاتارلاردىن بىرمۇ كىشى يوق.

    يەلىك خەلق كۆپىنچە قارا ئىش، دۇئاگۇيلۇق، دەرۋىشلىك، قەلەندەرلىك، دىۋانىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقلىرىنى تەقدىر پىشانىگە پۈتۈلگەن دەپ قارايدۇ.

    بۇلار ناماز ئوقۇماق ۋە ھەج  قىلماقتىن باشقا ئىشلارنى بىلمەيدۇ. روھانىلىرى بەك نادان، خەلقنى جاھالەتكە باشلايدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us