• ئويلاپ باقسام گۇناھ ئەرلەردەئىكەن....ھە؟

    2009-06-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40828977.html

    ئويلاپ باقسام گۇناھ ئەرلەردەئىكەن....ھە؟
    نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئۆيىمىزگە بىر قانچە مېھمان كەلدى...غورىگۈل بولسىمۇ داستىخان راسلىدۇق. گەپ ئارلىقىدا ھازىرقى شىددەت بىلەن ئەسەبىيلەرچە ئۆرلەۋاتقان تېتىقسىز مال باھاسىنىڭ ئۆزىمىز ئېلىۋاتقان ئىككى-تۆت تەڭگە مائاش بىلەن چىقىشالمايۋاتقانلىقىنى بەس-بەستە مىساللار ئېلىپ سۆزلىشىپ كەتتۇق. نەق مەزمون شۇ مائاشنىڭ گېپى بىلەن چىشىلگەن بولدى. ئارىدا بىر دوستۇمنىڭ ئايالى چىرايلىرىنى بىر قىسما قىلىپ توۋۋا دەيمەن
    -بىز ئالغان مائاشنى خەقمۇ ئوخشاش ئالىدۇ. ئۇلار يەپ -ئىچىپ،باي -باياشات ياشايدىكەن لېكىنزە بىزگە يەتمەيۋاتقان يەردە ئۇلارغا قانداق يېتىدىغاندۇ؟! ھەيران قالىمەن...يا پالامىنچى پارا يەمدىغاندۇ؟! چىرايىدىن قارىسا بىر ئوبدان ئادەم بولمىسا،ھارام يەيدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ...ھەي بۇ ئىشلارغا زادى ئەقلىم يەتمەيدۇ مېنىڭ....ئۇنىڭ گېپىنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا يەنە بىر دوستۇمنىڭ ئايالى سۆزلەشكە باشلىدى:
    -ئوھوش پارا يېمىسە ئۇلارنىڭ بويىغا چىقىۋاتقان نەدىكى شۇنچە ئېسىل كىيىملەركەن...قاچانلا قارىسا داڭدار ماركىلىق نەرسىلەرنى كىيىپ يۈرىشىدۇ...بۇ بىزنىڭ ئەرلەرچۇ؟ ئەمەل دېگەندىن تەمە قىلىپمۇ قويمايدۇ. ئەمەلدار بولسا كۈنىمىزنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىغانمىدۇ؟!ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ھازىر خوتۇن باشلىقلار بەك كۆپىيىپ كەتتى...بۇ ئۆسكىلى ئۇنىمىسا بىز ئۆسەيلىمىكىن...قاش-كۆزنى بوياپ،ئاقنى ئىچىپ ،پەدە شەپنى قايرىۋەتسەكلىغۇ ئۆسۈپ كېتىمىز ...شۇغىنىسى كۆڭۈل كۆتەمەيدۇ...ئۇنىڭ گېپىنى سورۇندىكى ھەممىمىز بىر رەتتىن باش لىڭشىتىپ تەستىقلىۋەتتۇق....ئۇ خېلى ئورۇنلىق گەپلەر قىلغاندەك ئەتىراپقا شۇنداق بىر نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كېيىن...يەن سۆزلەشكە باشلىدى....-ئىدارىمىزدىكى ئېرى بەش ۋاق ناماز بىر قىز بارغۇ؟سىلەرمۇ تونۇيسىلەر،شۇ قىز بىر كۈنى تېخى توي قىلمىغان ئىككى قىز خىزمەتدىشىمىزنى ئۇنىمىغىنىغا قارىماي يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىدا ئاكىلىرىم چاقىرىۋاتىدۇ .دەپ ئۇمىغانلىرىغا پەرۋا قىلماي زورلاپ ئاپىرىپتۇ...ئادەتتە دىندىن،مىللەتتىن،سەلتەنەتلىك تارىخىمىزدىن....شەرمى- ھايادىن ئېغىزلىنىپ سۆزلەيدىغان بۇ << چوكان>> سورۇنغا كىرگەندىن كېيىن ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارلاپتۇ...ئەسلىدە شوخ دەپ ناملانغا قىزلارمۇ ئۇنىڭ باشلىق ئاكىلىرى بىلەن قىلىشىۋاتقان ھاياسىز چاقچاقلىرىغا چىداپ ئولتۇرالماي قاپتۇ...ئەمما ئۇ توختىماستىن قىزلارنى ئىچىشكە زورلاپتۇ..قىزىلنى ،ئاقنى ئىچىۋېرىپتۇ.(ئەسلىدە ئىچمەيمەن دەپ يۈرىدىغان چوكان)ھەتتا ئۇ باشلىق غوجاملار بىلەن بىلەك ئالماشتۇرۇپ قەدەھ سوقۇشتۇرۇپتۇ....تۆت نەپەر يۇرتىمىزدا خېلى نام-ئابرويى بار بولغان شۇ كىشىلەرنىڭ رەڭلىك سورۇن ئوينايدىغانلىقىنى تولا ئاڭلىغانمەن...ھەمدى ئىشەندىم...بىلەمسىلەر شۇ كۈنى ئاشۇ تۆتقىزغا (يەنە بىرىنى تونۇمايدىكەن)خەژلەنگەن پۇلنىڭ نەچچىلىكىنى؟3000سومدىن ئېشىپتۇ....ئەمدى گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋېلىندى....ھەممىمىز بەس-بەستە جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى توغرىسدا ۋايساپ قايناپ سۆزلەپ كەتتۇق...ئۆيۈمدە قۇرۇلغان بۇ غورىگۈل سورۇندا نۇرغۇنلىغان مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئېچىنىشلىق بۇزۇقچىلىقلارنى ئاڭلىدىم....دوسلارمۇ سۆزلەپ ھارغان بولسا كېرەك بىر-بىرلەپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى....ئارلىقتا مەن ئىسمىنى ئاڭلىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى32 دىن52گىچە دەپ مۆلچەرلەپ باقتىم...ئۇلار ئاساسەن كەسىپتە نەتىجە قازانغانلار ئىكەن...قىلىۋاتقىنى ئاشنا ئويناش،سولامچىلىق،ئاجىرىشىش....ئۆي بۇزۇش ...ئەگەر پۈتكۈل جەمئىيتىمىزنى ياشلارغا بۆلۈپ سىتاتىسكا قىلىپ باقساق مەسلەن: بىر ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلار، تۈگىمەس ئۆسۈملۈك قەرىزلەر بىلەن تويىنى قىلغان قەرىز بېسىپ كەتكەن ھەر قاتلام ياشلىرىنىڭ بۇرۇختۇرما،چېچىلاڭغۇ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ...8ياشتىن18يشقىچە بولغان ياشلار دەل ئاشۇنداق(32ياشلارنىڭ ئالدى كەينىدە52) بۇزۇقچىلىق پاتقىقىغا پاتقان بىر توپنىڭ تەربىيلىشىگە قالدى....18دىن28ياشقىچە بولغانلار ياشىنىپ ئۆيلىرىگە بىكىنىۋالغان...جەمئىيەتتە ئازراقمۇ قىزىقىشى يوق...ناماز ئۆتەش تۈگۈل ئىمان ئېيتىشقىمۇ مەلوم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتى ،پۇرسىتى يار بەرمەيۋاتقان كىشىلەرنى تەربىيىسدە ياكى بولمىسا ئۇلارنى تەربىيلەش ئىقتىدارىدىن تامامەن ئايرىلغان خىزمەت كۈتۈپ ياتقانلارنى بېقىش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان كېرەكسىز كىشلەرگە ئايلىنىپ بولدى....دەپ ئاددىي تەسەۋۇر قىلىپ باقساقمۇ بۈگۈنكى جەمئىيتىمىزنىڭ نەقەدەر تۈگەشكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز...

    مەن مۇشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمىنىمۇ بىلەلمىدىم. بىر چاغلاردا تاڭ ئېتىپ ئىشقا قاراپ يۈگۈرگىنىمىنى بىلىمەن...بىر كۈنلۈك پائالىيەتلەرنى مىڭ تەسلىكتە تۈگىتىپ ئۆيدە ئۇھ دەپ ئولتۇرسام بىر دوستۇم تىلفۇن قىلىپ قالدى...يۈز كېلەلمەي ئۇ چاقىرغان سورۇنغا كەلدىم...سورۇن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتاتتى...بىر پەقەت تۆتەيلەن ساپ ئەكەكلەر ئولتاغاچقا ئەتىراپتىكى رەڭلىكلەر كۆزىمىزگە سىغماي قالدى....بىرچاغلاردا ئارىدا بىرسى( شۇ كۈنى تونۇشقان) ئايرىمخانىدا ئولتۇرساق بىزگىمۇ تۆت قىزچاقنى تەييار قىلىدىغانلىقىنى مەسلىھەت قىلدى...ئىككىگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدۇق...مەن قەتئىي قوشۇلمۇدۇم...بىراق ئۇلار چاقىرىمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشقا باشلىدى...گەپ ئارلىقىدا ئۇ قىزلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى تېخى ئىككىسنىڭ ئەرگە تەگكەنلىكىنى...قىزلارنىڭمۇ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم...ھېلىقى يېڭى تونۇش شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ...توي قىلىپ بولغان چوكالار بىلەن ئارلاشسا پەيزى بولىدۇ...چاتاق ئاز چىقىدۇ...دەپ مىساللار ئېلىپ سۆزلەۋاتاتتى.يەنە بىرى ياش قىزلارنىڭ تەرىپىنى قىلىۋاتاتتى...ئىككىمىزنىڭ قەتئىي قوشۇلماسلىقى تۈپەيلىدىن قالغان ئىككىسى سۈيدۈك پۇراپ ئويۇن تاپقىلى سورۇندىن يوقالدى. بىزمۇ تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىپ بىر ھازادىن كېيىن ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ كەتتۇق....شۇ كېچىمۇ تازا دېگەندەك ياخشى ئۇخلىيالمىدىم...شۇبۇ دەقىقىلەردە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى تۈپ مەسىلىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى قوزغىلىۋاتاتتى. ئەسلەپ باقسام مەن نۇرغۇنلىغان تېمىلاردا نۇقۇل قىزلارنى بۇزۇقچىلىق مەركىزى،مەنبەسى دەپ سۆكۈپتىمەن....ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇزۇقلىقنىڭ دەل مەنبەسى دەل بىز ئەرلەردە ئىكەن...ئەلۋەتتە ھەممىنى كېسىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋەتكىنىم يوق...

    ئويلاپ بېقىڭ ئەگەر سىز بىر ئەر بولسىڭىز قىزلارنى ئازدۇرمىسىڭىز ؟ ئۇنى بۇلغىمىسىڭىز ئۇ بۇزۇقلۇق يولىغا ماڭمايىتتى شۇنداقمۇ؟! ( بەزىلەر بۇ گەپكە چوقۇم ئەرلەرلا ئازدۇرغۇچى ئەمەس << ھىجايمىسا ، ھىڭگايمايدۇ>> ئازدۇرغۇچى قىز-ئاياللارمۇ كۆپ دەيدۇ.مەسلىنى ئىككى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىشىمىزكېرەك ھە؟!) بىراق قىز-ئاياللار ۋەتەن مىسالى. ۋەتەننى قوغدايدىغان ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە كىمگە يۈكلەنگەن)

    ئەمەلدارلار چىرايلىق قىزلارغا پۇل-بايلىق مەبلىغىنى سېلىپ ئۇلارنى يوقىرى يامىشىشتىكى ئامەت شوتىسى قىلىۋالدى؟! (بۇيەردە بەلكىم سىز ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى دەسمايە قىلىپ ئۆرلەۋاتىدۇ. دېيىشىڭىز مۇمكىن....ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟ ئاشۇنداق ئايالنى كىم ئەمرىگە ئېلىپ كىم ئۆيىدەچىڭ تۇتۇپ باشقۇرالمىغان ئەر زادى كىم؟!)
    رەڭلىك سورۇنلار ئەۋجىگە چىقىپ كەتتى. قىز-ئاياللارنى تۈركۈملەپ سورۇنلارغا چاقىرىپ كېلىۋاتىمىز...ئويناپ بولۇپ يەنە ئۇلارنى تىللاپ كېتىمىز...سورۇنلارغا ئاشۇلارنى چاقىرىپ ئەكەلگەنلەر كىم؟! ياكى سورۇنلارغا قىزلار ئۆزلىرى مېڭىپ كېلىپ قالغانمىدۇ؟! ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.ئۇلارنى ئۆزىمىز چاقىرپ ئەكەلدۇق...مەي ئىچىشكە زولاپ ئۆگەتتۇق...ئۇنىمىغانلارنى ئالداپ ھالاكەت يولىغا ئىتەردۇق!!! مۇشۇ يەردە بىر مىسال قاتقۇم كېلىپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ۋىلايىتىمىزگە رەھبەرلەر كېلىپتۇ...مۇناسىۋەتلىك بىر ئىدارە ئۇلارغا داستىخان راسلاپتۇ...سورۇن قىزىپ بىر يېرىگە كەلگەندە...بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىن بەزىلەر بۇ سىدام سورۇن بولۇپ قالدى دېيىشىپ رەڭلىك سورۇن تەمەسىدە ھەيران بولۇشۇپتۇ...ئارىدا بىر قىگەرلىك ئەزىمەت سورۇن باشچىسىكەن...بۇنى ئاڭلىغان بىر ئاقباش قېرى ئۇ يىگىتكە:- ئۇكام باشلىقلار قىز تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟ قانداق قىلىمىز...قاراپ باقسام خېلى شاش بالىدەك قىلىسەن...خۇش بوپ كېتەي ! قۇشقاچ،توشقانلىرىڭ بولسا ھەيدەپ كېلە! سىڭىللارنى ئەكەلسەڭ راسا ئوينايلى....ماڭ مەن بىللە بېرىشىپ بېرەي دەپتۇ...بۇ گەپلەرنى ئاڭلام يېرىلغۇدەك بولغان يىگىت...چاندۇرماستىن تۇرۇپ:-ئاكا ياشلىرىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ...ئۆيدە ئاچىمىز باردۇ ھە؟
    - بار..بار بولمىسا بولامدۇ....
    -سىڭىللىرىمچۇ؟! ئاچىلىرىمچۇ؟! بارمۇ؟!
    -ھەئە بار...بۇنى سوراپ نىمە قىلىسىز....؟دەپ سوراپتۇ ئاقباش.
    ھېلىقى يىگىت شۇچاغدا...ئۇنداق بولسا مەن بىلەن ماڭ! ئۆيىڭدىكى ئاچا-سىڭىلىرىمىزنىلا مۇشۇ سورۇنغا چاقىرىپ كېلەيلى! نىمە قىلىمىز باشقىلارنى چاقىرىپ....دەپتىكەن....ھېلىقى ئاقباش....ھەي سەن ساراڭمۇ نىمە!؟ مېنى ھەجەپ ھاقارەتلىدىڭغۇ دەپ ئالدىغا دېۋەيلەپتىكەن...ھېلىقى يىگىت...نىمە؟ سېنىڭ ئۆيىڭدىكىلەر ئۆزئادەم،ئۆز قېرىنداش- پۇشتۇڭ ئىكەن...بۇ سورۇنغا چاقىرىلغان قىزلار سېنىڭ نىمەڭ بولىدۇ؟! دەپ باقە؟! ئۇلار يا يات قەۋىمدىكىلەرمۇ؟! ئاتا ھەتتا بۇۋا بولۇپ كەتكەن سەندەكلەر مۇشۇنداق رەڭلىك سورۇن تەمەسىدە يۈرۈشكە يۈزۈڭ قانداق چىداۋاتىدۇ؟! يوقال كۆزۈمدىن!!!...شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاقباش كېتىپتۇ...سورۇنمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىپتۇ...

    ئەرلەر ئۆزىنى ئەردەپ چاغلىغۇچىلار! سىلەردىن سوراپ باقسام....؟ ئاراڭلاردا كىم ئاشۇنداقلارغا ئاۋۇ يىگىتتەك جاۋاپ قايتۇرالايدۇ؟! ئارىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ يېشى50-60تىن داۋىغان قېرى بۇزۇقلار بار ئىكەن...بەزىلىرىنىڭ تېخى نەرۋىسىدەك نادان قىزلار بىلەن تۇتۇۋالغان ئۆيلىرىمۇ باركەن...نومۇس قىلمامدىغاندۇ ھە؟!
    بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسا قىز-ئاياللاردىن زارلاپ كەپتىمىز؟! ئىچكىرلەرگە تۈركۈملەپ ئالداپ سېتىۋەتكەن قىزلارنى،كىچىك بالىلارنى كىمدىن سورايمىز!؟ئاشۇ قىزلار ئالدىمىزغا ئۇچىراپ قالسا كۆڭۈل ئېچىپ تاشلىۋەتسەك تاشلىۋېتىمىزكى ھەرگىزمۇ ئۇلارغا بىر قۇتۇلۇش يولى ۋە ياكى تەلىم-تەربىيە بىرەلمەيمىز! 6يىلنىڭ ئالدىدا 3 تونۇشۇم بۇنداق بىر ۋەقەنى ماڭ سۆزلەپ بەرگەن....ئۇلار مەسىت بولۇپ شەھىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا بېرىپتۇ...ئۆز مەھەلىلىك قىزچاق تەرپىدىن تىككۈچىلىك قىلىمىز دەپ ئالداپ ئەپكېلىنگەن، مھمانخانىدا تېنىنى سېتىپ مەجبورى خېرىدار كۈتكىلىۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغان تۇرپانلىق ئۈچ قىزچاق بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ...ئۇ قىزلار ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ:-جېنىم ئاكىلار بىز خەنزۇچە بىلمەيمىز.خەنزۇلارغىمۇ دىدۇق لېكىن ئۇلارمۇ ئىشنى تۈگىتىپ كېتىپ قالىدىكەن....بۈگۈن بولسىمۇ ئۆز قېرىنداش ئۇيغۇرلىرىمىزغا ئۇچىراپتىمىز...بىزنى نىمە قىلساڭلار مەيلى...بۇ يەردىن چىقىپ ساقچىغا مەلۇم قىلۋەتكەن بولساڭلار! بىز قومۇلنى بىلمەيدىكەنمىز...ياكى بولمىسا ئەتە بىزنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىمىز دەپ پۇل تۆلەپ قويۇپ پويىزغا سېلىۋەتكەن بولساڭلار دەپ يالۋۇرغان...لېكىن ئۇ قىزلارنى نەزىرىدىكى بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىچۇ؟!ھايۋانىي نەپىسىنى ئەرزانغا قاندۇرۇشقاندىن كېيىن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشقان....ئەتىسمۇ ئىزلىمىگەن....قەتئىي ئىزلىمىگەن...ساقچىغىمۇدېلو مەلۇم قىلمىغان....مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنى تىللاپ كەتكەن ئىدىم....ئەمما ئۇ قىزلارنى قۇتقۇزۇشقا كىچىككەن ئىدۇق...چۈنكى ئۇ جاي كېيىن چېقىۋېتىلدى...پاھىشخانە نەلەرگىدۇر كۆچۈرىۋېتىلدى...(بۇيەردە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ...قومۇلدا تۇرپان،پىچان...خوتەن ....ئاقسۇلاردىن ئالداپ ئەپكېلىنگەن قىزلار بەك كۆپ....شۇ تەرەپتىكى سەبى قىزلارنىڭ ئەمدى بولسىمۇ بۇ تەرەپتىكى باشتا كەلگەن تونۇشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن...) ھەيران قالىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى پاھىشە خانىلار بىلەن ئاق ساتىدىغانلارنىڭ قانوننىڭ جازاسىغا ئۇچىرىماي ئەركىن يايلاپ يۈرگىنى!

    ئەخلاق كۆتۈرۈلۈپ كەتتى...ھازىرقى كۈندە قىزلارنىڭ خىزمەت تېپىش،ئىشقا ئورۇنلىشى بەك تەس. خىزمەت ئىزلەپ باشلىقلارنىڭ يېنىغا كىرسە..ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق بىلەن قىلغان سۆز-ھەركەتلىرىگە ئۇچىراۋاتقان...ئۈمىدىسزلىك پاتقىقىغا پېتىپ،ئۆز يۇرتداش،دىنداش،قېرىنداشلىرى تەرپىدىن خورلۇنۇپ تاشلىنىۋاتقان...ئاقىۋەت ئىچكىرىدىن چىققان باشتا ئۆزى ئاققۇنلار دەپ ياراتماي يۈرگەن لوبەنلەرنىڭ ئاياق،كىيىم-كېچەك،ئاشخانا..... دۇكانلىرىدا ئەرزانغا ئىشلەپ يالغان-ياۋىداق سۆز چۆچەكلىرىگە مەسىت بولۇپ، ئۆز دىن تەگمىگەن ئازغىنە مېھىرنى باشقىلارنىڭ قۇچىقىدىن ئىزلەۋاتقان...ئاخىرى ئۆز قەۋمىدىن ئايرىلىپ پۈتۈنلەي يىتىم قېلىۋاتقان قىزلار ئارىمىزدا توللاپ كەتتى...بۇ نىمە ئۈچۈن؟! مۇشۇ يېرىدە نۇزۇۇمنىڭ مۇنۇ قوشىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئەسلەپ قالدىم...
    << مېنى ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟!>>
    شۇ تارىخى شارائىتتا نۇزۇگۇم ئۆز پاكلىقىنى جېنى بىلەن قوغداپ قالدى...لېكىن ئۇنى ئېلىپ قاچارغا ئەر چىقماپتىكەن...شۇنداقمۇ؟! ھازىرچۇ ئاشۇ ئازغان خوتۇن-قىزلىرىمىزنى قۇتقۇزىدىغانغا بىز ئەرلەر توغرا كەلمىسەك كىم توغرا كېلىدۇ؟!ئازدۇرغان خوتۇن-قىزلارنى ئويلاپ ئىچى ئېچىشمايدىغان لالمىلار ئارىمىزدا ئىناۋەتلىك ئەرباپ بولالايدۇكى....ئۆمرىدە بىر ناشايان ئىش قىلمىغانلارنىڭ كۇرسى،ئابرويى چۈشىدىغان زامان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ...ھەتتا ئاشنىسى يوقلارنى ياراتمايدىغان زامانكەن بۇ ! كىم بىرى شۇنداق پەخىرلىنىپ تۇرۇپ...ھازىرغىچەنەچچە مىڭدىن ئارتۇق قىزنى ئوينۇدۇم ..ھېلىمۇ ئويناۋاتىمەن ئارمانىم يوق ياشىۋالدىم دەپ سۆزلەپتىكەن...ئەرلەرنىڭ رەزىل سورۇنلىرىدا...خىلۋەت پاراڭلىرىدا بۇنداق ئويناش سۆھبەتلىرى تولىمۇ قىزىيدۇ...ئۇلار كىمنى...كىم بىلەن بولغانلارنى ھەممىنى بىرنى قويماي سۆزلەيدۇ...بۇ ئاتالمىش ئەركەلىك...ئەرلىك نوچىلىق...قۇرۇپ كەتسۇن!...ئۇنداقلار ئۆز ئۇۋۇسىغا قاراپ ھۇۋلىغان بىر توپ پەسكەش ئىت- تۈلكىلەردۇر خالاس....ئەرلەر قىز-خوتۇنلارنى بۇزۇشتا ۋاستە بولۇپ قېلىۋاتىمىز...ئۇلار بۇزۇلغاندىن كېيىن سېپىۋېىلگەن سۇدەك ئۆز كونتۇرۇللىقىنى يوقۇتۇپ قويىدىكەن...ئاۋۇ نوچىنىڭ گەېپىچە بولغاندا...ئۇ بۇزغان ئاشۇ نەچچە مىڭ سەبىي قىز يەنە نەچچە مىڭ...نەچچە ئونمىڭىنى بۇزۇپ بولغاندۇ...ئۇ قىزلارغا، كىم؟ قايسى ئەركەكلەر توي ھوجىرىسدا ھەممىنى بىلگەندىن كېيىن بىچارە سېسىق گۆشتەك يۈرىكىدىن قان-زەرداپ ئېقىتىپ تۇرۇپ بولدى دەۋەتكەندۇ؟! ئۇلارنىڭ ۋەسلىدىن تامغان ئەۋلادلار نىمە تەغدىرگە مۇپتىلا بولىشى مۇمكىن؟!ئاشۇنداق يۇمشاق باش ئاتىلار،بۇزۇلغان ئانىلار تاپقان،تەربىيلىگەن بالىلار يەنە قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقىرار...گۇناھ زادى كىمدە؟!..........................يازسام-يازسام ئىچىمدىكى گەپلەر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس....مېنىڭچە گەپنىڭ پوسكاللىسى، ئەر بولسىڭىز ئائىلە باشلىقلىق ئورنىدىن مەھوروم قالمىغان ھەقىقى ئەركەك بولسىڭىز ...قىز-ئوغۇللىرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ!ئايالىڭىزغا سادىق بولۇپ،ئۇنى،سۆيگەن ۋە ھۆرمەتلىگەن ئاساستا چىڭ تۇتۇڭ!...ئائىلىڭىزدىكى پاكلىق چىرىقى ھەرگىز ئۆچۈپ قالمىسۇن...بولمىسا ئۆيىڭىزگە ئوغرى-يانچۇقچى،بۇلاڭچى، قاراقچى،تېخى ئۆتكۈنچە يولۇچى،كارۋانلارمۇ خالىغانچە كىرىپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ!!! پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلىمىسىڭىز ئائىلىڭىز ،ئاندىن كېيىن جەمئىيتىڭىز..يەنەئاندىن كېيىن سىزنىڭ سۆيۈملۈك ھەم بۈيۈك ئەل -ۋەتىنىڭىز زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ....

    ئەسلى سەلكىندىن ئەركىم يوللانمىسى

    分享到:

    评论

  • ياخشىمۇسىز مەن قانداق قىلسام سۈرئەت تىمىنى چەكمىسىمۇ تىمىنىڭ يىنىدا سىزنىڭكىدەك كۆرنىدۇ ياردەم قىلامسىز؟
    بىلىم-كۈچ回复watanparwarlar说:
    كەچۈرۈڭ سۇئالىڭىزنى تازا ئېنىق چۈشىنەلمىدىم...
    2009-06-11 09:53:37