• مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟

    2009-06-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40593267.html

        ھەردائىم ئۆزىڭىزدىن سوراڭ ئەگەر مەن دادا بۇلۇپ قالسام نىمە قىلالايمەن؟
      ج:ئەگەر مەن دادا بولسام ھىچ بولمىغاندا مىللىتىگە،ۋەتىنىگە سادىق،مەسئۇلىيەتچان جەڭگىۋار پەرزەت تەربىلىيەلەيمەن.
    س:ئەگەر ئاپا بولسام نىمە قىلالايمەن؟
      ج: ئاپا بولسام ھىچ بولمىغاندا بالامغا ئەخلاقنى ،ئۆزئارا مىھرى شەپقەتنى،ئانا تۇپرىقىنىڭ قەدىرى قىممىنىتىنى ھىس قىلدۇرالايمەن.
    س:ئەگەر ئوغۇل بولسام نىمە ئىش قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر ئوغۇل بولسام ئاشۇ تاماكا ھاراقنى ،دۈشمەننى سەمىرتىپ ئۆزەمنى زەيىپلەشتۈردىغان ئىشەك سۈدۈكىنى ئاغزىمغا ئالماي، بىچارە دادام -ئاپامنىڭ مىھرىبان يۈزىگە چۈشكەن قورۇقلارنىڭ ،ھەربىر قىرىندىشىمنىڭ يۈزىدىكى ئەنسىزلىك ،قايغۇ ئەلەمنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيمەن.
    س:ئەگەر مەن قىز بولسام قانداق قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر قىز بولسام ئالدى بىلەن ئاتا بۇۋامدىن قالغان ئەخلاقنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلىپ كەلگۈسى مۇشۇ مىللەتنىڭ ئانىسى بۇلۇشۇم ئۈچۈن ئۆزەمگە سالاھىيەت ھازىرلايمەن.چۈنكى ۋەتەن ئۈچۈن جىنى پىدا ئوغلانلارنى مەن تۇغىمەن.
    س:ئەگەر مەن ئوقۇتقۇچى بولسام نىمە قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر مەن ئوقۇتقۇچى بولسام مۇشۇ مىنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ئانا تۇپراققا مىھرىبان جاپاكەش مىللىتىمگە سادىق،ھەرقايسى ساھە ئەۋلادلارنى تەربىلىيەلەيمەن.
    س:ئەگەر مەن ئوقۇغۇچى بولسام نىمە قىلالايمەن؟
    ج؛ئەگەر مەن ئوقۇغۇچى بولسام ۋەتەن خەلىقنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارئىكەنلىكىمنى چۇڭقۇرچۈشىنىپ تىخى مايسا ۋاقتىمدىن باشلاپ نىمىنىڭ مۇھىم نىمىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ياخشى ئويلۇنۇپ كەلگۈسى مەن ئالىدىغان جەمىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان پەرزەنت بولۇپ چىقالايمەن،ھەم شۇنداق ئادەم بۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرشىمەن.
    س:ئەگەر مەن كادىر بولسام قانداق قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر مەن كادىر بولسام ئاشۇ جاپاكەش ،خەلقىم مىنىڭ ئالدىمغا يىلىنىپ كىلىپ قالسا ئۇلارنىڭ يانجۇقىدىن خۇددى تىلەمچىلەردەك ئاللاقانداق نەرسىنى كۈتمەي ئامال بار ئۇلارغا قۇلايلىق يارتىپ بىرىمەن.چۈنكى مۇشۇ كىشىلەر بىرمىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ھەم تۆرىكى.مەن يەنە مۇشۇخەلقىم ئۈستىدىن نامۇۋاپىق قالار لاھىيە چىقىپ قالسا بىرىنچى بولۇپ قارشى چىقىمەن .چۈنكى مەن خەلقىمنى قوغدىسام خەلقىممۇ ھەم مىنى قوغدايدۇ.
    س:ئەگەر مەن سودىگەر بولسام قانداق قىلالايمەن؟
    ج:مىنىڭ باي نامرات بۇلۇشۇم خەلقىم تەرپىدىن بەلگىلەنمىگەن بىلەن،شۇ بايلىقىمنىڭ بىخەتەرلىكى خەلقىم تەرپىدىن بەلگىلنىدۇ.شۇڭا مەن تاپقان بايلىقىم بىلەن مىللىتىمگە قانچە كۆپ دەسمايە سالسام خەلقىممۇ ھەم مىنى دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدە مىنىڭ مال -مۈلۈك ،ھاياتىمنى شۇنچە ياخشى قوغدىيالايدۇ.چۈنكى ئاجىزلار ھەريەردە ئامالسىز،ئەگەر مىللىتىمنىڭ كۈچىيشىگە ھەسسە قوشسام مىللىتىممۇ مىنىڭ كۈچۈيىشىمگە يول ئىچىپ بىرىدۇ.
    س:ئەگەر مەن شوپۇر بولسام نىمە ئىش قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر مەن شوپۇر بولسام ھىچ بولمىغاندا يامغۇر ،قاردا قالغان قىرىنداشلىرىمنى ئائىلىسىگە ياكى دىگەن يەرىگە ئامان ئىسەن ئاپىرىپ قۇيۇپ ئۆزئارا مىھرى شەپقەتنى ھەربىر قىرىندىشىمغا تەشۋىق قىلالايمەن،ھەم ھەربىر قىرىندىشىمنىڭ كىچىككىنە ھاجىتىدىن چىقىپ بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقان خەلقىمنىڭ قەلبىگە مىھرىبانلىق ئۇرۇقى چىچىپ بۇ روھلارنىڭ قايتىدىن بىر-بىرىنى تىپىشىغا ئۆزەمنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ تۆھپەمنى قۇشالايمەن.
    س:ئەگەر مەن چەت ئەلدىكى بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئوقۇغۇچى ،ياكى ئىشلەۋاتقان ئىچى خىزمەتچى ،تەتقىقاتچى بولسام نىمە ئىش قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر مەن شۇنداق بولسام چەت ئەلدە بىر ياخشى ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش بىلەن بىرلىكتە رىقابەتكە تولغان بۇدۇنيادا بىزنىڭ يارلىۋىدىكى مىللەتكە ئەڭ پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈپ مىللىتىمنىڭ قەد كۆتۈرلۈشى ئۈچۈن ئاساس سالىمەن.
    س:ئەگەر مەن مۇنبەر ئەزاسى بولسام قانداق قىلالايمەن؟
    ج:ئەگەر مەن مۇنبەر ئەزاسى بولسام مۇشۇ خەلقى ئۈچۈن يىزىۋاتقان ،يىغلاۋاتقان قىرىنداشلىرىمنىڭ ئەمگىكىنى ئىكاسسىز قويمايمەن،ھىچ بولمىغاندا مىۋىسىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئىتراپ قىلىنغانلىقىنى ھىس قىلدۇرمەن.ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ ئەركىن تەپەككۇرغا بىرئاز بوش ئورۇن بار مەۋھۈم تور دۇنياسىدا بارلىق تىيانشان قارغايلىرىنىڭ ئۈزۈلگەن يىلتىزىنى ئۇلاش ئۈچۈن تىرشىمەن.
    يەنە ئۆزىڭىزگە نۇرغۇن سۇئال قۇيۇپ بىقىڭ سىز نىمە قىلالايسىز،سىز مۇشۇ جەمىيەتتە ياشىغانكەنسىز مەيلى سىزنىڭ ئىجدىمائى ئورنىڭىزنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت سىز خالىسىڭىزلا سىزنىڭمۇ مۇشۇ مىللىتىڭىزگە قۇشالايدىغان تۆھپىڭىز بار ،ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ،تۈۋەن كۆرمەڭ.سىز ئۆزدۇنيارىڭىزنىڭ مەركىزى شۇڭا بىرئىش قىلمىغىنىڭىز سىزنىڭ قىلالمىغانلىقىڭىزدىن ئەمەس قىلىشنى خالىمايۋاتقانلىقىڭىزدىندۇر.يەنە نىمىنى ساقلايسىز قىرىنداشلار ؟دەرھال ئۆزەڭلارغا سۇئال قۇيۇڭلار (مەن نىمە
    ئىش قىلالايمەن)؟

    مەنبە:         http://www.aqqush.com/bbs/read.php?tid=3015

    分享到: