• سىز ئىچىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغانلىغىنى بىلەمسىز؟

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189124635.html

    سىز ئىچىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغانلىغىنى بىلەمسىز؟

     

      ئادەتتە بىز ئىچىۋاتقان، يىشىل چاي، شاپتۇل شەربىتى، قىزىل كالا، گازلىق سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى قانداق ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قوشىدۇ بىلەمسىز؟ شاپتۇل ئىچىملىكىنى مىسال ئالايلى، ئۇنى شاختا پىشقان مېۋىلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ زاۋۇتتا شىرنىسىنى چىقىرىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق بىرنەرسە قوشسا قوشۇپ قوشمىسا شۇ پېتى قۇتىغا قاچىلاپ ئەپچىقىپ ساتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئۇنداق ئىش يوق. ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇنداق ئىش يوق. ئىچىدىن مېۋىنىڭ ئۆزى چىقمىسا ئۇنىڭغا مېۋە ئىشلەتكەن بولۇشى ناتايىن… ئەمەلىيەتتە شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ شاخ بىلەن مۇناسىۋېتى يوق. چۈنكى ئۇنى شاپتۇل بىلەن ئەمەس يېمەكلىك قوشۇمچە ماتېرىياللىرىدىن ئىشلەيدۇ.مەن ھازىر بىر يېمەك-ئىچمەك شېركىتىدە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن شۇڭا ئىچىملىك ئىشلەش جەھەتتىكى بەزى ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن. بۈگۈن مەن كەڭ تورداشلارغا قولۇمدىكى بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، قىسمەن ئىچىملىكلەرنىڭ ماتېرىيال خۇرۇچلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي.  شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ تەڭشەش رىتسىپى تۆۋەندىكىچە (خەنزۇچە يېزىۋېرەي)

    ھەر كىلوگرام تازىلانغان سۇغا
    阿斯巴甜       200g
    ak糖        200g
    甜蜜素       300g
    柠檬酸      1.3kg
    柠檬酸钠       400g
    cmc        800g
    山梨酸钾       250g
    乙基麦芽酚         60g
    盐       200g
    色素    بۇنى رەڭگە قاراپ مۇاپىق تەڭشەيدۇ
    مانا بۇ ئاستىدىكىلەر شاپتۇلنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان نەرسىلەر

    w3112黄桃      100g
    1023桃      500g
    4052桃      300g
    قانداق، سىز ئويلىغاندەك ئەمەسمىكەن… ئەمدى بۇلارنىڭ باھاسىغا كەلسەك: (ھەر كىلوگرامى\يۈەن)
    阿斯巴甜   180
    ak糖  90
    甜蜜素  18
    柠檬酸  12
    柠檬酸钠  11.2
    30  cmc
    山梨酸钾  35
    乙基麦芽酚  140
    盐  2.4
    色素    35
    w3112黄桃  35
    33  1023桃
    4052桃  30
    رەڭ تەڭشىگۈچ(色素) نى قوشساق جەمئى185.11 يۈەن بولىدۇ.

       دېمەك بىر توننا سۇغا تۆت كىلو ئالتە يۈز گرام ماتېرىيال ئارىلاشتۇرسا بۇنىڭدىن ھەر بوتۇلكىسىنى 2.5 كىلوگرامدىن ھېسابلىغاندا، ئارىلىقتىكى ئىسراپ بولغان قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە 400 بوتۇلكا شاپتۇل ئىچىملىكى چىقىدۇ. قانداق، شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ پايدىسى ياخشىمىكەن؟ بىراق مەن بۇ يەردە تەمىنلىگىنى ئۆلچەملىك رىتسىپ، باشقىلار يەنە نېمىلەرنى قوشىدۇ ئېنىق ئەمەس.
    ئەمدى تەمى قىزىل كالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىچىملىك بارغۇ بىڭنيۇ (冰牛) دەيدىغان. شۇ ئىچىملىككە قاراپ باقايلى. بۇ شاپتۇل ئىچىملىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ. پەقەت ئەڭ ئاستىدىكى ئۈچ خىل ماتېرىيالنىڭ ئورنىغا:
    红牛香精   600g قوشساق بۇ بىڭنىۇ ئىچىملىكى بولىدۇ.

      بەلكىم بۇ يازما بەزى كارخانىلارنىڭ مەخپىيەتلىگىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بولىشى مۇمكىن. بىراق مېنىڭچە كەڭ ئىستىمالچىلار ئۆزى ئىستېمال قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ نېمىلەردىن ئىشلىنىدىغانلىغىنى بىلىشكە ھوقوقلۇق دەپ قارايمەن. ئەگەر مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارىلاپتۇ دەپ ئاغرىنىدىغانلار بولسا، ئىچىملىكىنىڭ قۇتىسىغا ئۆزى ئوبدان بىر قاراپ باقسۇن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازمامنى باشقا جايلارغا كۆچۈرمەسلىگىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مەن بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ موھىم مەسىلىدىن بىرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالدىم .رەخمەت