• كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189125289.html

       

    چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئىل ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە



    كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى



    كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى



    كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى



    ئەسلەتمە: 1994-يىلىدىكى كىم جوڭئىلنىڭ دادىسى كىم ئېرسىننىڭ تەزىيە مۇراسىمى



         ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ «توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.
         خوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان، باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان، باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، باشقىلار بەرسە موك-موك يەپ يوغان سۆزلەيدىغان، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە نەتىجە كۆرسەتسە ئۆزى قۇرغان تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شالۋاقايدىغان، خەلقىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىپ جوڭسەنپۇ كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئىنتايىن ياسالما، پارىخور ھاكىمىيەتنى قانداقمۇ سوتسىيالىزم دېگىلى بولسۇن؟! بۇ كىم ئېرسېننىڭ ئەۋلادلىرى سوتسىيالىزم دېگەن تۈزۈمگە تەڭداشسىز ئۇۋال قىلدى. ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت ھەرگىزمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس، ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق قەبىلە تۈزۈمىدىنمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى. ناۋادا ماركس ھايات بولغان بولسا، «سەن دىگەن سوتسىيالىزم مۇشۇمۇ» دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقساق بولاتتى، بىراق بۇ رەھمەتلىك ھايات ئەمەس، ئۇنىڭ جەننەتتە بولۇش ئېھتىمالىدىن دوزاقتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. بىراق ئۇ يازغان كىتاب ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغان بولسا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى…
         ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…
         چاۋشيەندىكى ئەخمەقلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك سوتسىيالىستىك ئىلغار تۈزۈلمە بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر مىللەت تۇرۇپ كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرمەيدۇ؟ ئەڭ ئالىي رەھبەر بولغان كىشى نېمە ئۈچۈن دۇنيا يىغىلىشلىرىغا بارالماي، يەر ئاستى ئۆيلەردە مۆكۈپ ياشايدۇ؟ مىليونلاپ ئەسكەر بېقىپ، خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدۇ؟ گەپ قىلساق گەپ تولا، قىسقىسى ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەڭ مۇستەبىت تۈزۈم، خالاس!
         چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىگىسى يەنە ھايات بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ سوبىيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن بىر ئەلنى خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.
         ئەمەلىيەتتە، سوتسىيالىزىم دېگەن شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنىڭ ئۆزى شۇ. بەزىدە سوتسىيالىزم دەپ بەك شالۋاقىغان تۈزۈمنىڭ سوتسىيالىزم بولۇشى ناتايىن، كاپتالىزىم دەپ بەك تىلاپ كەتكەن تۈزۈمنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن. بۇ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ، قانداق كۆرۈشكە، قانداق تەھلىل قىلىشقا باغلىق.
         كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !
         چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!


         يازما ئاپتورى: قىسمەت بلوگىدىن كۆلتېكىن
         مەنبەسى: قىسمەت بلوگى
         يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/kim.html

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • xunqa kilgudak kandka rahbar bolguyti xunqa yhaxi rahbarmitula