• شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189123679.html

    شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز


    ئۆتكەن يىلى، بىز سەھرالىقلار پۇتىمىزنىڭ ئۇچىغا قاراپ مېڭىپ، « شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز» دەپ تەن بېرىپتىكەنمىز. ئەمدى بۇ يىل بەلنى رۇسلاپ، پۇتنى جۈپلەپ، كۆزىمىزنى يۈگۈرتكىنىمىزدە، شەھەرلىكلەرگە يېتىشىپ ھەتتا ئېشىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز…

    شەھەرلىك 7-8 قىز-ئوغۇل يوغان بىر يۇمىلاق شىرەنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىۋالسا، چىراغنىڭ يورۇقىدا 5-6 سائەت ئولتۇرۇپ، تۇزدەك ئاچچىق ھاراققا دۈم چۈشۈپ، ئىچىگە ئوت كەتسىمۇ ۋايسىماي، 20-30 تەخسە قورۇمىنىڭ ئەخلىتى بىلەن دېنىنى ئايرىپ خەزىنىلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا يانچۇقىنى پۇكەيگە، قورسىقىنى كەمەرگە ئۆرۈپ بېرىپ قايتىدىكەن. بىز سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس: بىر جۈپ ئەر-خوتۇن يۇملاق شىرەدىن 100ھەسسە يوغان بىر يۇملاق خاماننىڭ چۆرىسىدە ئارا، گۈرجەكنى ئوينىتىپ، ئوتتەك قوياش نۇرىدا 5-6سائەت چۆرگىلەپ، شاكىراپ تەرگە چۆمۈپ ئىچىمىزگە ئوت كەتسىمۇ ۋايسىماي، 20-30مو يەرنىڭ بۇغدىيىنىڭ دان- سامىنىنى ئايرىپ، پونكىت بىلەن سامانلىققا توشۇيدىغاننى توشۇپ بىكار بولىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر ئۆزلىرى بۇرۇن ئىشلىتىپ بولغان توك ۋە تېلفۇن ھەققى توغرىسىدا قاقشاپ-غۇدۇراپ پۇلنىڭ سىنتلىرىغىچە ھېسابلاپ تالۇن بەرمىسە قايىل بولماي، قىلدەك ئېگىز- پەسلىكنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالماي مۇنازىرلىشىپ كېتىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا بۇرۇنقى بىلەن كارىمىز يوق، كەلمەكچى بولغان سۇنىڭ ھەققى، ياسىماقچى بولغان پارنىكنىڭ سېلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەق ھېسابلىمايدىغان ھاشىرى توغرىسىدا ۋايساپ قويىمىز، لېكىن تۆلىگەن پۇلغا تالۇن ئالىدىغان، بېرىدىغان ئىش يوق. تەرەققىياتىمىز شەھەرلىكلەردىن تۆۋەن بولسىمۇ، تۆلىگەن پۇلنىڭ ھېسابىنى قىلىپ چاكىنىلىشىپ زىغىرلاپ كەتمەيمىز. چۈنكى، ھېسابلاشقاننىڭ زىيىنى باركى، قىلچە پايدىسى يوقلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. شۇڭا، شەھەرلىكلەردىن ئىچىمىز كەڭ. يۈكسەك ئىتائەتمەنلىكىمىز بىلەن كۆڭۈل- كۆكسىمىزنىڭ كەڭلىكىگە ھەر قانچە ئېگىز-پەسلىك بولسىمۇ پاتقۇزالايمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر « چاي» نۆۋىتى كەلگەندە شىرە ئورۇندۇقلارغا مۆكچىيىپ ئاران يېرىم كېچىگىچە تۈنەيدىكەن. بىز سۇ نۆۋىتىمىزنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ، ئاچما-تاقاقلارنىڭ بويلىرىدا بەزى سۇكۇلداپ، بەزىدە مۈكچىيىپ، سۇنىڭ قارىسىنى كۆرگىچە ئۇخلىماي نەچچە تاڭنى ئاتقۇزىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەرنىڭ قاچىسىدىن ھەر كۈنى گۆش پارچىسى كەم بولمىغىنى بىلەن، ھويلىسىدا بىر تۇخۇسى يوق ھەم توخۇ باققۇدەك يېرىمۇ يوق. بىزنىڭ قاچىمىزدا ھەر كۈنى گۆش پارچىسى بولمىغىنى بىلەن ھويلا، ئېغىللىرىمىزدا تېرىك قوي- كالىلار بار دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر كالا باقماي سۈت ئىچىپ، سېمىز يۈرگىنى بىلەن، بىز سۈت ئىچمەي ئورۇن يۈرسەكمۇ، سۈتلۈك كالىنى سېمىز باقىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىن كېلىپ يەنە كۇرۇسقا بارمىسا، ئىمتىھاننىڭ بوسۇغىسىدىن ئىچىكىرىگە ئۆتەلماي، « تاشقىرى» دا قالىدىكەن. بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ مەكتەپتىن كېلىپ توخۇغا دان بېرىپ، قوي – كالىلارغا ھەلەپ ئېتىپ، ئېغىلنى قۇرۇغداپ، ھەممىنى جايىغا سولاپ بولالمىسا، يوتقانغا كىرەلمەي، تاشقىرىدا قالىدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەرنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ تۇرسا، بىزنىڭ خان ۋە غوجۇلىرىمىزنىڭ ئىشتان، چاپان بېسىمى بەسلىشىپ ئۆرلەپ تۇرىدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر رېستۇراندا ھاراق ئىچسە، ئولتۇرغاندا ھاراق بەك تۇتمىغان بىلەن، ھېسابلىشىشقا بارغاندا قاتتىق تۇتۇپ كېتەرمىش. بىزنىڭ سەھرادا ھاراق ئىچسەك، ھاراق تۇتمىسا ھېچگەپ يوق، لېكىن كوچىدا ھاراق تۇتىۋالغانلارنى ساقچىلار قوشلاپ تۇتىدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر چوڭ زالدا يىغىن ئاچسا، بىز كەڭ سايدا يەر ئاچىمىز. شەھەرلىكلەر بوراندەك بۇيرۇق چاچسا، بىز مارجاندەك ئۇرۇق چاچىمىز. شەھەرلىكلەر ۋارقىراپ دوكىلات ئالسا، بىز تاغارلاپ مەھسۇلات ئالىمىز.

    شەھەرلىكلەر ئىنچىكىلەپ سان يىغسا، بىز ئىنجىقلاپ دان يىغىمىز. پۇلنىڭ بۇلىڭىدا سان بولسا تاغارنىڭ بۇلىڭىدا دان بار دەيمەن!

    شەھەر رەستىلەردە ساختا مال بىلەن ساختىپەز تىجارەتچىلەرنىڭ قىلتىقى ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. يۈزىنى داپتەك قىلىپ، ئۆز ئاغزى بىلەن: «ماۋۇسى راستى، ماۋۇسى ساختىسى» دەپ باھا پەرقى بىلەن بابلاشلىرى، پىسخىكا مۇتەخەسسىدەك خېرىدارنىڭ رايىغا، سالاپىتىگە، سالاھىيىتىگە يارىشا سۆزلەشلىرى بىزنىڭ سەھرالىق بېدىكلەردىن قېلىشمىسىمۇ، بابلاش جەھەتتە يېتىشەلمەيدىكەن: بىزنىڭ سەھرادىكى چارۋا-مال بازىرىغا كىرسىڭىز، ھىلە-مىكىردە ئۇچىغا چىقىپ، ئېپى كەلگەندە ئۆز دادىسىنىمۇ ئالداشتىن يانمايدىغان قاقۋاش، مەككار بېدىكلەرنىڭ ياغلىما، ناتىق زۇۋانى سىزنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىدۇ. تەپسە تەۋرىمەيدىغان لومپا ئېشەكنى ئەرزان ئېلىپ، قاراڭغۇ ئېغىلغا سولاپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بېگىز سانجىپ قورقۇتۇپ، بازاردا قۇلىقىغا قول ئۇزىتىپ بولغىچە قورقۇپ سەكرەيدىغان قىلىپ، دېھقانلاردىكى «ياخشى ئېشەك قۇلىقىنى تۇتقۇزمايدۇ» دەيدىغان قارىشىغا ماسلاشتۇرۇپ قىممەت باھادا سېتىشلىرى: ھارۋىغا كۆنمىگەن قېرى تەخەينى ئېلىپ، ئارقا يوتىسىنىڭ تۈكىنى قىرقىۋىتىپ كۆندۈرۈلگەن قىياپەتكە كەلتۈرۈپ سېتىشلىرى، ئۇرۇق توختىمىغان ئىنەكنى ئېلىپ، ساتىدىغان كۈنى ئاش سۈيى بىلەن قورسىقىنى ئېسىلدۈرۈپ، قۇيرىقىنىڭ ئاستىغا ئاياقنىڭ چەمى بىلەن ئۇرۇپ قىزارتىپ، ئىششىپ، بوغاز قىياپەتكە كەلتۈرۈپ قىممەت سېتىشلىرى، بىر ھەپتىدىن كېيىن ساختىلىقى ئاشكارلانغاندا بولسا: «ئاۋۇ شەھەردىكى زاۋۇتنىڭ مېلىغا ئىشەنگىلى بولمايۋاتسا، ھايۋاننىڭ خۇيىغا ھۆددە قىلغىلى بولامتى!» دەپ ھۆرپىيىپ ئۆزىگە ئالماسلىقى شەھەرلىك تىجارەتچىلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىك زىيالىيلار بالىلىقتىن باشلاپ 10-20 يىل نەزەرىيە ئوقۇمىسا ئەمەلىيەتكە كىرىشەلمەيدىكەن ھەم كۈتكىنىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. خىزمەتكە ئېرىشىپ ئەمەلىيەتكە كىرىشكەندىمۇ، كۈنىگە ئاران سەككىز سائەت مىدىرلاپ قويۇپ، ھەپتىدە ئىككى كۈن، ھېيىت بايرامدا نەچچە كۈن ئارام ئېلىپ، يەنە يېشى 60 قا بارغىچە تاقىتى تاق بولۇپ پىنسىيىگە ئىلتىماس يازىدىكەن. بىز مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇمايلا، بالىلىقتىن باشلاپ تۇغما تالانتىمىز بىلەن ئەمەلىيەتكە بىر كىرىشىپ كەتسەك، سەككىز سائەت، 60 ياش، ھېيىت-بايرام دېگەن نېمە ئۇ؟! ئۆمۈر بويى كالىدەك ئىشلەپ، ئەزرائىل پىنسىيىگە چىقىرىپ قوياي دېسىمۇ ئېتىزىنىڭ ئالىسىغا، قەرزنىڭ چالىسىغا كۆزىمىز تويماي ئاخىرىغىچە تىركىشىمىز دەيمەن! ئۆسۈپ-يىتىلىش، ياش- قۇرام جەھەتتىمۇ شەھەرلىكلەر بىزگە يەتمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ چوڭلىرى كىچىكتەك، يەنى50ياشلىقىلىرى30ياشلىقتەك كۆرىنىدىكەن. بىزدە ئونداق سويما ھالىتىگە يېنىپ قالىدىغان ئىش يوق. ئەكسىچە كىچىكلىرىمىز چوڭدەك، يەنى 30 ياشلىقلىرىمز 50 ياشلىقىتەك كۆرىنىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر ئۆزىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈنمىسىمۇ دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈپ چاتاق تېپىپ، دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئۆزى مېڭىپ بېرىپ يېتىۋېلىپ داۋالىنىدىكەن. بىز سەھرالىقلارغا كېسەللىكنىڭ يامىنى چاپلاشسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىش ئۈستىدە نەچچە يىل ئېلىشىپ-چېلىشىپ، ئۇ بىزنى قاچان يىقىتىپ ماڭالماس قىلىپ قويالىسا، ئۆزىمىز چارىسىنى قىلىپ بېقىپ، پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن ھېلىقى پۇل تۈگۈل، تېرەكنىڭ غازىڭىمۇ توشىمايدىغان دوختۇرخانىغا بارىمىز. دېمەك شەھەرلىكلەرنىڭ جېنى گۆش بولسا، بىزنىڭ جېنىمىز تۆمۈر دەيمەن!

    زېمىننىڭ ئادەمسىز جايلىرى شور بېسىپ يېيىلىپ ياتسىمۇ شەھەرلىكلەر شەھەرنى تار قۇرىۋېلىپ، يەنى كۆۋادرات مېتىر بويىچە ھېسابلاپ، ئۇچالايدىغان قانىتى باردەك، ئۆز بويىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېگىز، تېگىگە كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان قۇيۇق تاش ئورمانلارنى ئاپىرىدە قىلىۋالىدىكەن. ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرالماي لازىمەتلىكلەرنى يۈدۈپ، ئەگرى-توقاي پەلەمپەيلەردىن قاناتسىز قوشتەك ھاسىراپ چىقىپ، شاخ-شاخلىرىغا قىستىلىپ ئۇۋا تىزىۋالىدىكەن. بىر چىقىۋالسا، پەقەت چۈشمەمدىكىن دېسەك، تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلەرنى يەنە ھەر كۈنى پەستىن ئېلىپ چىقىدىكەن. بىز سەھرالىقلار قانىتىمىز يوقلىقىغا باشتىلا تەن بېرىپ، زېمىندىن كۆككە ئىنتىلمەي، يېقىندىن-يىراققا، يەنى ئېقىن بويلاپ بوستانلىقتىن چۆللۈككە قاراپ ئىلگىرلەپ، يەرنى مو، گېكتار بويىچە ھېسابلاپ ئېچىپ، كېڭەيتىپ، يېشىل ئورمان بىنا قىلىمىز. لازىم بولغاندا، شاخلىرىغا يامىشىپ چىقىپ ئۇۋا تىزىپ يۈرمەي، ئارلاپ تاللاپ پالتا بىلەن يىقىتىپ، يەر يۈزىدە ئۇۋا ياسايمىز. ئۇۋىمىزنىڭ چۆرىسىگە نان تېرىيمىز. بىزدە ئاقساق-چولاق ئادەم بولسىمۇ ئۆي-ماكانى، ئاش-نېنى قولايلىق. ئىشىنىمەنكى، شەھەرلىكلەر ھامان بىر كۈنى ئۆزى ياراتقان ئېگىز تاش ئورمان، ئىس-تۈتەك، شاۋقۇن-سۈرەنلەردىن زېرىكىپ بىزنىڭ يېشىل ئورمانلىققا پاكار داچا سېلىشقا ئىجازەت سوراپ كېلىدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر يىلدىن-يىلغا تەرەققىي قىلىپ «سانتانا» نى ياراتماي مودا قوغلىشىپ تېخىمۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك پىكاپلارغا ئېرىشكەنسېرى يولدا قىستاڭچىلىققا ئۇچراپ، ماڭدامدا بىر قىزىل چىراغ بىلەن ساقچىغا تەزىم قىلىپ، پىكاپنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتەلمەي پىيادە ماڭغۇچىلاردىنمۇ ئارقىسىدا قالىدىكەن. بىزنىڭ مۇشۇ ئۇزاق تارىخقا ئېگە «ئېشەكلىك سانتانا» مۇشۇ پەيتىدە مەڭگۈ قولىمىزدىلا بولىدىكەن، شەھەرگە كىرمىسەكلا ئۆز يولىمىزدا ھېچكىم توسىۋالمايدۇ! ئۇنىڭىغا يول ھەققى تۆلەپمۇ يۈرمەيمىز! ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز توپا توزۇتۇپ چېپىپ كەتسەك، پىيادە ماڭغۇچىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر بىلىمگە، كىرىمگە باي بولسا بىز بالىغا، كالىغا، شادىغا باي. ئۇلارنىڭ بايلىقى مەكتەپتە، بانكىدا، بازاردا بولۇپ، ئالدىغا تەلمۈرۈپ بارمىسا كەلمەيدۇ! بىزنىڭ بايلىقىمىز ھويلىمىزدا يىغلاپ، مۆرەپ، پۇتلىشىپ دېگەندەك قولىمىزغا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ دەيمەن!

    شەھەردە كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ، شەھەر مەركىزىدىن سىرتىقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ پۇلنى چويلىدا سۈزسىمۇ، دەرىجىسى ھامان بىزدىن ئارقىدا بولۇپ، 2-، 3- كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىمىز جاڭگال تامان كېڭىيىپ، چۆلنى بوستان قىلىپ بايلىق قالپىقى كىيىۋاتىمىز. كەمبەغەل بوپكەتسەكمۇ، كەسپىمىز ھامان 1- كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە قارىسىڭىز، پۇلغا چوقۇنغان ئىشرەت سودىسى، سەھرانىڭ قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قارىسىڭىز، يەرگە چوقۇنغان مېھنەت سودىسى. تاپاۋىتىنى قويۇپ، دىيانەتكە قارىساق، ھالاللىقتا يوق بىزدىن نوچىسى!

    شەھەرلىك قىزلار يۇقۇرى سەۋىيىگە ئىنتىلىپ، دىپلومغا چوقۇنۇپ خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدىكەن:

    ئون سەككىز ياش قىزلىققا نىقاپ ئەمەس،

    دوكتۇرلۇقنى ئالمىسام ھېساب ئەمەس.

    ئانام مېنىڭ تويۇمغا ئالدىرمىسۇن،

    مەن مودىدىن قالىدىغان بىتاپ ئەمەس.

    سەھرا قىزلىرى تەبىئەت ھۆكۈمى بويىچە تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئىنتىلىپ ساددا تەبئىي ھالدا خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدۇ:

    ئون سەككىزگە كىرىپتىمەن، بولدى بەس،

    مېنىڭ كۈچۈم ئانامغا ھالال ئەمەس.

    ماڭا كۆيگەن يىگىتلەر ئەلچى قويسۇن،

    مېنىڭ ئانام ياخشىدۇر، ئوسال ئەمەس.

    دېمەك، شەھەرلىك قىزلار غايە كۆكىدە ئۇچۇپ، چوڭ بولسىمۇ چوڭ ئۆيدىن ئايرىلماي، ئاتا-ئانىسنى ئېمىۋىرىدىكەن. بىزنىڭ سەھرا قىزلىرى غايىپەرەس بولالمىسىمۇ، مۇستەقىللىققا ئىنتىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئۆي ئايرىپ پاتراق ئۆز بالسىنى ئېمىتىشكە ئالدىرايدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر بۆشۈكتىن قەبرىگىچە ھەممىنى پۇلغا سېتىۋالىدىكەن. بىز ئارلىقتىكى جەبرىدىن خاتىرجەم ئۆتىۋالساق قەبرە دېگەن ھەقسىز دەيمەن!

    ھايۋان تېرىسىدىن پايدىلىنىشتا شەھەرلىكلەر«سۆلەت، سالاپەتنى ئاشۇرىدۇ» دەپ ھايۋان تەبىئىتى بويىچە تۈكنى تېشىغا قىلىپ پەلتۇ، توماق كىيىدىكەن. بىز راھىتىنى دەپ ئادەم تەبىئىتى بويىچە تۈكنى ئىچىگە قىلىپ تېشىغا رەخت قاپلاپ كىيىمىز دەيمەن!

    پاختا بىزنىڭ سەھرادىن چىققان بىلەن، پاختا رەخت بىزگە ئاشمايدۇ، ئاشسىمۇ چارەكنىڭ پۇلى مېترغا يەتمەيدۇ. بىراق، ھەممە رەخت شەھەرىدىن چىققان بىلەن شەھەرلىكلەر كۆڭلەك كىيگەن رەخىتتە بىزگە كالتە ئىشتان چىقمايدۇ دەيمەن!

    شەھەردە ئاخشىمى بىر دەم توك توختاپ قالسا، تۇرمۇشنىڭ ھەممە يوللىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندەك، قاراڭغۇلۇقنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغاندەك ھەممە ئادەم تالاغا چىقىپ غۇلغۇلا قىلىشىپ، يوك كەلگۈچە ماكانسىزلاردەك تۇرىشىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا ئاخشىمى توك توختاپ قالسا، ئۇ زادى بۇرۇندىن بار نەرسە بولمىغاندىكىن، بىزمۇ قاراڭغۇغا كۆنۈك، بىز شەھەرلىكلەردەك چۈمۈلىسىمان يۈرمەي، يوتقانغا بىر كىرىۋالساق، توك بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر سورۇنغا بارسا، ئۆزى بىلىدىغان ناخشا-مۇزىكا چىقىمىسا ئۇسسۇل، تانسا ئوينىيالماي چالغۇچىلارغا بۇيرۇق سوقۇپ سەھنىنى ئاۋارە قىلىدىكەن. ئوينىسىمۇ 1،2 سائەتتە ھېرىپ چارچاپ، ئويۇنغا تۇيۇپ تارقىلىدىكەن. بىزنىڭ سەھرانىڭ ھەممە يېرى سورۇن بىلەن سەھنە بولۇپ، چالغۇچى غوجاملارنىڭ ئاغزىدىن نېمە چىقسا شۇ بىزگە بۇيرۇق. بالىنىڭ يىغلىشى، كالىنىڭ مۆرىشى، سۇنىڭ شارقىرىشى، مۇدىرنىڭ ۋارقىرىشى قاتارلىقلارنىڭ بىرسى ئاڭلانسىمۇ، بىر قانچىسى تەڭ ئاڭلانسىمۇ، قولىمىزدىكى قاچا-قوشۇقنى جايىدا قويۇپ، پۇت-قولىمىزنى قايماقتەك كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتسەك ئايھاي! ئېتىز-ئېرىقىنى چاڭ كەلتۈرۈپ، ھايۋان، سايمانلارنىمۇ تەڭ كەلتۈرۈپ، كۈن پاتسىمۇ، ئاي پاتمىغىچە ئويناۋېرىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر ھەرىكەت قىلمىسا سەمىرىپ كېتىپ، ئورۇقلاش ئۈچۈن بىكارغا ھەرىكەت قىلىپ جاپا چېكىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا ھەرىكەت قىلماي بىكار يېتىپ قويساقلا قازانمۇ تەڭ يېتىپ، ئۆزىمىزمۇ ياداپ ياغاچقا قوراشتۇرۇپ قويغاندەك زىلۋالىشىپ قالىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى كىيگەن كىيىمى بۇ يىل مودىدىن قالسىلا قىرى بۇزۇلماي تۇرۇپ كېرەكتىن چىقىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا ئېگىسى ئۆلۈپ موردىدىن قالغان كىيىملەرمۇ يىرتىلىپ، يامىلىپ، يەنە يىرتىلىپ كېرەكتىن چىقمىسا، ئالدىراپ مودىدىن قالمايدۇ دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر تېلفۇندا، توردا نەچچە ئاي مۇھەببەتلىشىپ توينىڭ گېپىنى ئېغىزدىن چىقىرىپ بولغىچە، بىز سەھرالىقلار ئاللىبۇرۇن تورنى يىغىپ تويلىشىپ بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولىمىز دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر زاماننىڭ يېتىلەپ مېڭىشىغا يېڭىدىن كۆنۈۋاتقاندەك ياكى سۆلەت ئۈچۈن بوينىنى گۈللۈك لاتىغا باغلىۋالىدىكەن. بىز سەھرالىقلار ئۇلاردىن خېلى بۇرۇن ياكى ئەزەلدىن يېتىلەشكە كۆنۈك بولغاچقا، بوينىمىزدىن باغلاش ھاجەتسىز. بىز پەقەت جاپا-مۇشەققەتكە لايىق ھەم سادىق قىياپەتتە ئىسسىق-سوغۇق، بوران-چاپقۇنغا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن بېلىمىزنى مەھكەم باغلاپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەنمىز. بۇ ئادىتىمىز بىلەن قەۋەتلىك بىنا، ئۇچقۇر «سانتانا» يارىتالمىساقمۇ، ئۇلۇغۋار غايە، يۈكسەك ئىرادىنىڭ سىموۋولى بولغان«بەل باغلاش» دېگەن ئوبرازنى ياراتتۇق. لېكىن ھازىرغىچە بىرەر ئىشقا قارىتا «گال باغلاش» دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدۇق. بىز سەھرادا يېتلەككە مايىل بولمىغان تۆت پۇتلۇقلارنىڭ بېشىنى باغلاپ يېتلەيمىز. دېمەك، بىز شەھەرلىكلەردەك يېتلەنگۈچى ئەمەس، يېتلىگۈچى دەيمەن!

    شەھەرلىكلەر سەھرالىقلارنى دوراپ رول ئېلىپ كىنو، ئېتوت ئىشلىسە بىزنى گالۋاڭ، ئەخمەق، تومپاي كۆرسىتىشنى30 قېتىم قايتا-قايتا ئېلىپمۇ كۈلكىگە پاس چىقىرىپ بولالماي قىينىلىپ كېتىدىكەن. ئەسلىدىمۇ بىزنىڭ يۇمۇرلۇق تەركىبىمىز كەم بولۇپ، ئۆيدە، تالادا تەييارلىقسىزلا تەبىئىي ھالدا قويۇلىۋاتقان «ئۈ مەس ئۇرۇق»، « ئوسما قۇرۇق»، «پىشماس قوناق»، «يىتىم بوۋاق» قاتارلىق تېمىلاردىكى كومىدىيە، ئېتوتلارنى كۆرسىڭىز، بىر كۈلۈپ، بىر يىغلاپ ئۆزىڭىزنى توختىتالماي قالىسىز دەيمەن!

    بىزنىڭ شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرىمىز يەنە بار، بۇ يەردە ھەممىسىنى يېزىپ ئولتۇرسام، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتى ئىسراپ بولىدۇ دەيمەن!

    بۇ يەردىكى ئىككى كۇپلىت قوشاقنى ئاپتۇر ئەل ئارىسىدىن ئاڭلاپ خاتىرلىۋالغان.

    ( ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)

    مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى


    收藏到:Del.icio.us