• ساختىپەز

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189123475.html

     

    ساختىپەز
    - يېڭى چىققان كونا ھېكايە -

    ئاتىسى شاۋازخاندىن خاندانلىقنى ئۆتكۈزۋېلىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان مېھمانشاھ خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاشلا نەغمە-ناۋاغا خۇشتار ئىكەن، بولۇپمۇ نەيگە ئامراق ئىكەن. نەينى يالغۇز چالدۇرۇپ ئاڭلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدۇ، ئاتامغا ئوخشاش بىرەر نەغمىچىگە تەڭكەش قىلدۇرۇپ چالدۇرسا، نەغمە-ناۋانىڭ غەۋغاسىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ دەيدىكەن.

    - خانىدانىمىزدىكى نەي چالىدىغان سازەندىلەر ھەر كۈنى ئوردىدا نەي بىلەن نەغمە قىلىپ بەرسۇن، - دەپتۇ مېھمانشاھ تەخىتكە چىققان كۈنى ئەمىر چۈشۈرۈپ، - لېكىن ھەممىسى تەڭكەش قىلىپ چالماي، بىردىن-بىردىن نۆۋەت بىلەن يالغۇز چالسۇن.

    مېھمانشاھ يەنە:

    - نەيچىلەرنىڭ باشلىقى نەغەمبەگ باشلاپ بەرسۇن، - دەپ تاپىلاپتۇ.

    نەغەمبەگ بۇ ئەمىر-پەرماننى ئاڭلاپ ۋەھىمىگە چۈشكىنىدىن چىرايى ساماندەك سارغىيىپ كېتىپتۇ ۋە:

    - ئۇلۇغ شاھىم، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن!- دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.

    - بۇ نېمە گەپ؟ - دەپتۇ مېھمانشاھ چۈشەنمەي.

    - كەمىنە خىزمەتكارلىرى تۈنۈگۈن سوغۇق تەگدۈرۋاپتىكەنمەن، ھازىرغىچە بۇرنۇم پۈتۈپ تۇرۇپتۇ. نەينى ئوبدان چالالماي، ئالىيلىرىنىڭ كەيىپىگە مالاللىق يەتكۈزۈپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن، - دەپتۇ نەغەمبەگ دىر-دىر تىتىرەپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ.

    - ھېچ گەپ يوق، سېنى ئەيىبكە بۇيرۇمايمەن. ئاۋۋال سېنىڭ مۇئاۋىنىڭ باشلاپ بەرسۇن، سەن ساقايغاندىن كېيىن چال، - دەپتۇ مېھمانشاھ كۈلۈپ تۇرۇپ.

    نەغەمبەگ جېنىنىڭ ئامان قالغانلىقىدىن خۇشھال بوپتۇ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خۇرجۇن-قاچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، كېچىلەپ قېچىپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئەسلىدە نەغەمبەگ نەي چېلىشنى زادىلا بىلمەيدىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مېھمانشاھنىڭ ئاتىسى مەرھۇم شاۋازخانىڭ كۆزىنى بىر قانچە يىل بوياپ كەلگەنىكەن. ئەمدى شاھنىڭ كۆزىنى ساختىپەزلىك بىلەن بوياپ كەلگەن جىنايىتى ئاشكارىلىنىپ قالسا كاللىسى كېتىدىغان گەپتە!

    نەغەمبەگ قېچىش تەرەددۇتى بىلەن خۇرجۇنىنى دۈمبىسىگە ئارتىۋېتىپ، بىردىنلا ئۇنىڭ كاللىسىغا باشقا بىر خىيال كەپتۇ- دە، مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، كۆڭلىدە: ‹‹ھەي نەغەمبەگ، ھەي نەغەمبەگ، مۇشۇنداقلا قېچىپ كەتسەڭ، پايدىنى ھېلىقى قېرى قاقۋاش ئالمامدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ مەنسەپنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 100 سەر ئالتۇن خەجلىگەنتىڭغۇ!›› دەپتۇ.

    قېرى قاقۋاش ئەسلىدە ئوردىنىڭ دىۋان بېگى ئىكەن. كىمنىڭ گېپىنى قىلسا شۇ كەپتۇ دېگەندەك، دىۋان بېگى غىپىلداپ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىپ:

    - ۋاي ئاللا، - دەپتۇ ھۆمىدەپ تۇرۇپ، - نېمىشقا دەرھال قاچمايسەن؟

    - گۇناھىمغا توۋا قىلىپ، ھەممىنى ئىقرار قىلىۋېتەي دېگەن نىيەتكە كېلىپ تۇرىۋاتىمەن، - دەپتۇ نەغەمبەگ كۈلۈپ تۇرۇپ.

    - ساراڭلىق قىلما!- دەپتۇ دىۋان بېگى ۋە شۇ گەپ بىلەن بىللە نەغەمبەگنىڭ تەستىكىگە بىرنى ساپتۇ، - ھازىر ئەمەلدار تاللاشتا تونۇشتۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. دەسلەپتە سېنى ئوردىغا مەن كىرگۈزۈپ قويغان تۇرسام، مانا ئەمدى ئۆزلىكىڭدىن توۋا قىلىپ ھەممىنى ئىقرار قىلىۋەتسەڭ، مېنىڭ كاللام جايىدا قالامدۇ؟ بولدى، دەسلەپتە سەندىن ئالغان ئالتۇننى قولۇڭغا قايتۇرۇپ بېرەي، دەرھال بۇ يەردىن قېچىپ كەت!

    نەغەمبەگ ئالتۇننى ئاپتۇ، لېكىن قاچماپتۇ:

    - مەن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مېنى نەي چېلىشنى بىلمەي نەغمىچىلەر قاتارىغا كىرىۋالغان ساختىپەز، ئالدامچى دەپ تىللىماي قويمايدۇ. ئەگەر ئەمەلدارلىقنى پۇلغا ساتىدىغان چېرىكلىكلەر بولمىغان بولسا، ئوردىدا نەغمىچىلەرگە باشلىق بولۇش مېنىڭ ھەددىممىتى؟! نام-ئابرۇيۇمنىڭ تۆكۈلۈشىنىڭ ھەققىنى تۆلەپ بېرىسەن، تۆلەپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ھىم، - دەپتۇ.

    دىۋان بېگى نائىلاج قوينىدىن بىر زىخچە ئالتۇننى چىقىرىپ، ئەمەلدارلىقنى سېتىپ بېرىۋاتقانلار يالغۇز مەنلا ئەمەس، دەپ يېلىنىپ تازىم قىپتۇ ۋە:

    - بۇنداق ئىش ‹‹مەنسەپدارلار ئىچىدە ئادەتتىكى ئەھۋال›› بولۇپ قالدى، نەغەمبېگىم، ماڭا رەھىم قىلسىلا! – دەپتۇ.

    نەغەمبەگ زىخچە ئالتۇننى ئوبدان جايلاشتۇرۋالغاندىن كېيىن ھېچكىمگە تۇيدۇرماي تىكىۋېتىپتۇ.

    نەغەمبەگنىڭ ساختىپەزلىكى ئاخىر پۈتۈن جەمئىيەتكە يېيىلىپ كېتىپتۇ. مېھمانشاھ بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق رەنجىپتۇ. لېكىن نەغەمبەگنى ئوردىغا دىۋان بېگى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلمىگەچكە ئۇنى تۇتۇش توغرىسىدا ئومۇمىي يارلىق تارقىتىش ئىشىنى يەنە شۇ دىۋان بېگىگە تاپشۇرۇپتۇ. دىۋان بېگى:

    - ئەگەر نەغەمبەگ نەي چېلىشنى بىلمەيدىكەن دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا چىقارساق، مەرھۇم شاۋازخان ئاتىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ، يۈزىنى قارىلىغان بولماسمىزمۇ؟ - دەپتۇ.

    مېھمانشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بۇ گەپنىڭمۇ ئورنى بار، ئاتامنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلسا، ئۆزۈمنىڭ ئابرۇيىغا نوقسان يېتىدىكەن دەپ ئويلاپ، نەغەمبەگ مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلمايدىغان بوپتۇ. دىۋان بېگى ئەتىسى مەشھۇر سەنئەتكار، ئوردا نەغمىچىلىرىنىڭ باشلىقى نەغەمبەگنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹نەي چېلىشنى بىلمەي تۇرۇپ نەيچىلەر قاتارىغا كىرىۋالغان›› دېگەن ئۆسەك سۆزلەرگە ئىككى خىل تۈزىتىش بېرىپتۇ: بىرى – نەغەمبەگ نەي چېلىشنى بىلمەيدىكەن دەپ جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەر راست ئەمەس، يالغان؛ شاۋازخانمۇ، مېھمانشاھمۇ ۋە دىۋان بېگىمۇ بىر قانچە قېتىم نەغەمبەگنىڭ يالغۇز چالغان نېيىدىن ھۇزۇرلانغان. نەغەمبەگ چەت ئەلنىڭ يوقىرى مائاش بىلەن گوللىشىغا ئالدىنىپ قېچىپ كېتىپتۇ، خاندانلىقىمىز شۇنداق قابىل ئادەملىرىمىزنىڭ چەت ئەللەرگە كېتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئاكتىپ تەدبىر قوللانماقچى؛ يەنە بىرى – مېھمانشاھ يالغۇز كىشىلىك نەغمىگە خۇشتار ئەمەس، شاھىمىز دۆلەت مالىيىسىدىن كېتىدىغان چىقىمنى ئازايتىش مەقسىتىدە نەغمىچىلەرنىڭ شىتاتىنى ئىخچاملىماقچى. شاھىمىزنىڭ بۇنداق ئاددىي-ساددا ئىستىلى شاھلىقىمىز تەۋەسىدىكى خەلق ئۆگىنىدىغان شانلىق ئۈلگىدۇر.

    (لى يۈنپېڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ ساتىرا ئەسلى ‹‹چۇەنجۇ كەچلىك گېزىتى›› نىڭ 2000-يىل 17-سېنتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان. ‹‹فىليەتونلاردىن تاللانما›› ژۆرنىلىنىڭ 2000-يىل 11-ئايلىق سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان. قىسمەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.)

    مەنبە: ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى تۈزگەن ‹‹ كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟›› ناملىق فېليەتونلار توپلىمىدىن.


    收藏到:Del.icio.us