• ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189122963.html

    ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى

    جەمىيەتتە ئادەملىك خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان بىرنىمىلەر تولا چاغلاردا «ھايۋان» دېگەن ئىبارىنى تىلغا
    ئالىدۇ،شۇڭا تولا چاغلاردا،ھايۋانلار بۇ ھەقتە ئىنسانلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ
    نۇرغۇن يىغىنلارنى ئاچقاندۇر،دەپ ئويلاپ قالىمەن.دىمىسىمۇ شۇنداق،«ئادەم»تەبىئىتى
    «ھايۋان» تەبىئىتىگە قارىغاندا زادى قانچىلىك «راستگۇي،ئاق
    كۆڭۈل،يارىشىملىق»تۇر،زارى قانچىلىك «يۈكسەك،ئۇلۇغۋار تاكامۇل»دۇر؟؟؟
    يولۋاس ئۆزىنىڭ كۈچىكىنى يېمەيدۇ،بۇ ھەممىگە ئايان.لېكىن بەزى ئادەم ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى
    بولغان پەرزەنتىگە زەھەرلىك قولىنى ئوزارتىدۇ،ئوغول پەرزەنت كۆرۈش مەخسىدىگە يېتىش
    ئۈچۈن،يېڭى تۈرەلگەن قىز بالىسىنى تىرىك كۆمۈۋېتىدۇ ياكى تاشلىۋېتىدۇ.
    چىشى پېنگىۋىن تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن،تۇخۇمنى بېسىپ يېتىپ بالا چىقىرىش ۋەزىپىسىنى
    ئەركەك پېنگىۋىن جان-دىلى بىلەن ئادا قىلىدۇ.ۋەھالەنكى،نۇرغۇن ئەركەك ئادەملەر
    پەرزەنتىنى پەقەت پەرزەنت كۆردۇم دەپ تەمەننا قىلىش ئۈچۈنلا ياخشى
    كۆرىدۇ،پەرزەنتىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى خوتۇنىغا ئوخشاش ئۈستىگە ئالمايدۇ.
    جاڭگالدا بىر ياۋا كالىنى ئەركەك-چىشى بولۇپ ئىككى قاپلان چىشلەپ
    تۇتۇۋاپتۇ،ياۋا كالنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغاندا،بۇ ھەمراھىنى قۇتقۇزۇش
    نىيىتىدە نەچچە ئون ياۋا كالا يىراقتىن ھاۋۇرۇپ كەپتۇ.قاپلانلار ئىشىمىز چاتاق
    بولىدىغان بولدى،دەپ ئويلاپ، قولىغا كېلىپ بولغان بۇ نىمەتتىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن
    ھالدا بەدەر قېچىپتۇ.چوڭ كوچىدا بىر ئەر كىشى بىرنەچچە يامان نىيەتلىك ئادەم بىلەن
    تۇتىشىپ قالدى دەيلۇق،ئەتراپتا توپلىشىپ تۇرغان شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بىرىمۇ كۆكرەك
    كىرىپ ئوتتۇرغا چىقماي،تاكى ھېلىقى ئەر كىشى قانغا بويىلىپ يىقىلغانغا قەدەر بىر
    چەتتە قاراپ تۇرۇشىدۇ.
    قاۋان توڭگۇز بارلىق ھايۋانلارنىڭ پادىشاھى بولغان شىرنى
    يېڭەلەيدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،توڭگۇزلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ،بىر نىيەتكە
    كېلەلەيدۇ.ئادەملەر تولا چاغلاردا ئۇيۇشالمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،ئادەمنىڭ
    شەخسىيىتى تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ،بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا،ئۇلار بىر نىيەتتە
    بولالمايدۇ.قىلىۋاتقان ئىشىدا ھەركىمنىڭ كۆڭلى بۆلەك بولۇپ قالىدۇ،ئاقىۋەتتە ھەممە
    ئىشى بەربات بولىدۇ.
    ھايۋانات ھەرقانداق نەرسىنى ئوۋلاپ قولغا چۈشۈرۈشتە
    ھەقىقىي ماھارىتىنى ئىشقا سالىدۇ.لېكىن،ئادەملەر ئۆز مەخسىتىگە يېتىشتە تولا
    چاغلاردا ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىدۇ.
    ھايۋانلار قورساق تويغۇزۇشتا ئادەتتە ئاۋال
    ئوۋلايدىغان نەرسىنى بوغۇزىدىن چىشلەپ بوغۇپ،جېنى چىققاندىن كېيىن بەھوزۇر
    يەيدۇ.لېكىن،بەزى ئادەملەر مەززە قىلىش مەخسىتى بىلەن يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تىرىك
    تۇرغۇزۇپ يەيدۇ،بېلىقنى تىرىك تۇرغۇزۇپ پىشىرىدۇ،شۇ جانۋارلارنىڭ جان ئاچچىقىدا
    چىقارغان سادالىرىنى،تىپىرلاشلىرىنى نەغمە-ناۋا ئورنىدا كۆرۈپ ھوزۇر ئالىدۇ.
    ھايۋانات ھايات ياشاش ئۈچۈن يىرتقۇچلۇق قىلىدۇ،شۇ يول بىلەن ئۇزۇقلۇق
    تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.ئىنسان كۆپ ھاللاردا ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن
    ياۋۇزلۇق قىلىپ،كەم ئۇچرايدىغان بىرمۇنچە ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگە زامىن
    بولىدۇ.
    شۇنىڭغا ئىقرارمەنكى،نۇرغۇن ياخشى خىسلەتلەر ئادەمگىمۇ،ھايۋانغىمۇ
    ئورتاق.لېكىن،ئىنسانلارنىڭ بەزى مىجەزى ھايۋانلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى بېسىپ چۈشسە
    چۈشىدوكى،ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us