• ئويغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67105183.html

    ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەت ئىمىن
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا-بۇۋىلىرى تەڭىرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ، پەرغانە ۋە يەتتە سۇ، ئورخۇن ۋە سىلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان. ئۇغۇزخان، ئاپراسىياپ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلا قار-ياغما قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئون ئۇيغۇر، شەرقي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقى غۇلاپ، ياغلىقارلار گەنجۇ سېرىق ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا، ئادىز، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر-غەربي ئۇيغۇرلار بېشبالىق-ئىدىقۇت ئارسلان خانلىقى، قەشقەر-قۇز ئوردا بۇغرا قارا خانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىك خانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرب ئارسىدىكى مەشھور يىپەك يۇلى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخي شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ياشىغان تېررىتورىيلىرىنىڭ كەڭلىكى، ئولتۇراقلىشىش ۋە تېرىقچىلىققا ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويغانلىقى، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە ھۈنەرسازلىق ئىشلىرى ئۇيغۇرلارنى جەلىپ قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى، شەھەر-قەلئە ھاياتى ۋە مالىيە سودىغا بولغان ماھارىتى، يېزىق ۋە ئەدەبي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغانلىقى، ئىپتىداي ئانىمىزم-توتېمىزم ۋە شامان ئەقىدىلىرىدىن ئاللبۇرۇن ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئاتەشپەرەسلىك، مانىي ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقانلىقى، ئۆز تارىخىدا بىر قاتار شەھەر-قەلئە مەملىكەتلىرى ۋە بىر قانچە خانلىقلار بەرپا قىلغان كۈچلۈك سىياسي تىپىك گەۋدە ھاسىل قىلغانلىقى، مەشھورسىياسي ئەربابلار، سەركەردىلەر، مۇتەپەككۇرئالىم-شائىرلار، تەرجىمىشۇناسلار ۋە كۆرۈنگەن سادا- ئىقتىساد خۇجىدارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ بايلىقى، ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزىگە خاس تەرەققىپەرۋەر خاسىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. خۇددى قەدىمكى سۈرىيىلىكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەتتىن تاشقىرى گىرېك، مىسىر، مىسسوپوتامىيە ۋە ھىندى مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى بېيتقاندەك، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئۆزىگە خاس مەھەللە مەدەنىيەتتىن تاشقىرى ئوتتۇرا دىيار، گرېك- رىم، ئەرەب-ئەجەم ۋە ھىندى مەدەنىيىتى تەسىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسنى بېيتقان ۋە يۈكسەلدۈرگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ مالاھىيىتىگە مۇيەسسەر قىلدى.

    ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى ۋە كالامىزم چۈشەنچىلىرنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى-ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن خارەكتېرلەنگەن. بۇ ئىككى نۇقتىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت تىپىنى شەكلەن ئەمەس، بەلكى، پائال ئۆزلەشتۈرۈش پەللىسىدە تۇرغان. مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىركى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن يۇقىرىراق سېنىكىرىتىك قاتلامدىكى دىنىي مەدەنىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى ئىران-تاجىك تىپىدىكى سامانىلار سۇلالىسنى ھېساپقا ئالمىغاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قۇبۇل قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئۆلگىسىنى تىكلىدى. باشقا تۈرۈكىي خەلقلەر بىلەن تۈركلەشكەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى غۇرلار ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغان.

    ئىسلامىيەت- دىنىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان مەدەنىيەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش ۋە تەپەككۈر تارىخىنى، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى، دىن ۋە دىنىي مەدەنىيەت تارىخىدىن ئايرىۋېتىدىغان، دىنىي مەدەنىيەت تارىخىنى ياكى مەدەنىيەتنىڭ دىنىي تىپىنى قانداقتۇر غەيرىي تارىخى، غەيرىي مەدەنىي ھادىسە سۇپىتىدە ئىزاھلايدىغان قاراش ۋە ئۇسلۇب ئىلىمغا زىت. تارىخىي ھەقىقەتكە زىت قاراش ۋە ئۇسلۇب. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، دىن تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، دىنىي شەكىلدىكى مەدەنىيەت تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنسانىيەت روھىنىڭ تارىخىنى ۋە روھىيەتتىكى ئىنسانىيەت تارىخىنى تۇلۇق چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق تارىخ ئاخىرلاشقىنى يوق. ئۇ تېزدىن بىراق ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقى تارىخ خۇددى گرېك ئەپسانىلىرى گرېك سەنئىتىنىڭ بالياتقۇسى ( ماركىس ) بولغىنىغا ئوخشاش، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، رىقابەتكار ئىلھامچىسى ۋە ئەڭ ئاخىردا بىر-بىرىنى تۇلۇقلىغۇچىسى بولۇشلۇقىنى ئىسپاتلىماقتا. ھازىرقى ئېنفورماتسىيە ۋە يېڭىچە ئاڭ تەپەككۈر ئىزدىنىشى بىزدىن “ دەھرىلىككە قارشى“ ياكى “ ئىلاھىيەتكە قارشى“ جەڭگاھنى كۈچەيتىشنى ئەمەس بەلكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يۇلىدا، ھەقىقەت، ئىنسانىيەت ۋە بەخىت-سائادەت ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆزئارا گارمونىلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا.

    2 .ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ كېيىنكى دىن، ياش دىن. ئەگەر بۇددىزم، خرىستىئان دىنلىرى قۇل ئىگىلىكى دەۋرى مەدەنىيىتىنىڭ خاس شەكلى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولسا، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ ئورىگىنال بىر تۈرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. ئەگەر بۇددىزم، خرستىئان دىنلىرى ئۆزىدىن ئىلگىركى دىن ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىپ بىر يۈرۈش بۇددىزملىق ۋە خرىستىئانچىلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان بولسا، ئىسلام دىنى ئۆزگىچە بولغان دىن ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ ئىسلامغا مۇۋاپىق ئامىللىرىدىن پايدىلنىپ بىر پۈتۈن ئىسلام دىنى تەلىماتى، تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيەت تىپىنى روياپقا چىقارغان. ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغانلىقى ئەمدى ھېچقانداق سىر ئەمەس.

    ئىسلام دىنى گەرچە باشتىلا بىر خىل مەدەنىيەت شەكلى سۇپىتىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئابباسىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ”شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى“ ئارقىلىق 9-12 – ئەسىرلەر ئىچىدە يىپيېڭى بىر خىل دۇنياۋى تارىخىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت تىپىنى ”ئىسلام مەدەنىيىتى“ نى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. بۇنداق مەدەنىيەت نوقۇل ئىسلام ئېتقادچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان دىنىي مەدەنىيەتتىن تاشقىرى، يەنە ئىسلام قانۇنچىلىقى، ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقى، ئىسلام بىناكارلىقى، ئىسلام ئەدەبىياتى، ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى، ئىسلام مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى پەلسەپە، تېباتچىلىك ۋە تەبىئەت ئىلىمىرى، كالىندارچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنىي ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەردىن تاشقىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۇمۇمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتتى. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مىلياردلىغان كىشى قەلبىنى، تۇرمۇش يۇسۇنلىرىنى ئۆزىگە مۇنداق جەلىپ قىلمىغان بۇلاتتى.

    ئىسلام دىنى ئۈمەرىيە سۇلالىسى ( 661 – 750) دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. خەلىپە ۋەلىد (705- 715) ۋاقتىدا سەركەردە قۇتەيبە ئىبنى ئىبن مۇسلىم باشچىلىقىدىكى ئەرەب مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش يۈرۈشىنى باشلاپ كۆپ يىللىق جېددى جەڭلەردىن كېيىن 712- يىلى بۇ ئىشنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ فەرغانە ۋە قەشقەر ۋادىسى، تالاس، يەتتە سۇ بوستانلىقلىرى بېشبالىقتا ئىسلام مۇخلىسلىرى پەيدا بۇلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، سامانىلار بىلەن قاراخانىيلار ئارىسىدىكى كەسكىن ھەربىي زىددىيەتلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قاتتىق تەقىپ قىلىندى، پەقەت سۇلتان سۇتۇق بوغراخان 935– يىلى ئاتۇشتا ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىپ قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ئىسلامىيەت قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى يەتكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدېئولوگىيلىك مەدەنىيەتىنىڭ ئۇيغۇرچە مىللى تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتىنىك شەكلى بۇلۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزلەشتۈرشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا بايقال، ئېرتىش ۋادىسىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۆتكىلىپ كىلىشى، قاراخانىيلارنىڭ سامانىلارنى مۇنقەرز قىلىپ ماۋارا ئوئۇننەھىردە ئىلىك خانلىقلارنى بەرپا قىلىشى، قارا خانىيلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەرەب خەلىپىلىكىدە تۇتقان ئورنىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي رايونلىرىدا ئۇيغۇر تۈركىي شەكلىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ئالامەتلىرى شەكىللىنىپ چىقتى. بۇ ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئېلىپ كەلدى. ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن بېيىتتى.

    3 .ئالەم ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى شامانىئېزملىق، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددىزملىق ۋە مانىزملىق دىنىي تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا ”ئاللاھ نىڭ بىرلىكى“ ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى، ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى ئەقىدە ۋە قاراشلار ئورۇن ئالماشتۇردى. ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانچىلىق پەرھىزلىرى- ئىمان، ناماز، روزا، ئۆشرە-زاكات، ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيتى ۋە ئېتقاد تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىشىپ غايەت زور ۋە دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى.

    ئىسلامىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن (شەرىئەت) قاراشلىرى ئىلگىرىكى ئىجابىي، ئەنئەنىۋى قاراشلار بىلەن قۇشۇلۇپ تەڭرىگە ۋە ئىنسانغا ھالال مۇناسىۋەتتە بۇلىشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈردى. ۋىجدان نازارىتىدىن تاشقىرى پەزىلەت كۆزەتكۈچى، ياخشى-يامانلارنى ھېسابلاپ تۇرغۇچى غايىپ پەرىشتىلەر، نازارىتى ئىسلاملاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىيەت ۋە پائالىيەتلىرىنى تىزگىنلەيدىغان بولدى. ئىسلام قانۇنى جازالىرى، جامائەت پىكرى ئەيىبلەشلىرى، ۋىجدان ئازاب ئۈستىگە يەنە قيامەت سۇرىقى بىلەن داۋزاخ ئازابى تەشۋىشلىرى قۇشۇلۇپ شەخىسنىڭ ئۆزى-ئۆزىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى كۈچەيتتى.

    ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنىي تەبىقە-شەيخۇلئىسلام، ھەر دەرىجىلىك قازى ۋە مۇپتىلار، ھەر دەرىجىلىك جامە-مەسجىد ئىماملىرى، مەزىنلەر، مازار-ماشايىق شەيىخلىرى، دىنىي مەدرىس-مەكتەپ مۇدەررىس-ئۆلمالىرى، دىنىي ئىلىم بويچە ھەر دەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلدى.

    ئىسلام مەدەنىيتى ئائىلە، يۇرت-مەھەللە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۇيغۇر جەميتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبى شەكىللەندۈردى. ئوردا-قەسىر، جامە-مەسجىد، مەقبەرە، قەبرە-گۈمبەزلىرىنىڭ ياسىلىشى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكلى ۋە نۇسخىلىرىنى قۇبۇل قىلدى. بۇ، ئەسلىدىمۇ ئىسلامىيەتكە ئۇيۇشقان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە خەلقلەر بناكارلىق تەجرىبىلىرىدىن جەمغۇلەنگەنىدى.

    ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ئۇيغۇر يېزىقى شەكلى بۇلۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئاساسى بولغان نەرسە مەيلى ئۇرخۇن دەۋرىدىكى ”رونىك“ شەكلىدىكى يېزىق بولسۇن، مەيلى سوغدى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن، يالغۇز ھەرپىنى ئاساس قىلغان سېمىت يېزىقى سىستېمىسغا تەۋە يېزىق بۇلغاچقا ئالماشتۇرۇش ئاسان ئىدى. ئەرەب يېزىقى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قانۇنىيتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. ئەرەب يېزىقى بىلەن بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلۈكلەر بىلەن مەلۇم سالماقتا پارىس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى. ئاتالمىش ”چاغاتاي“ تىلى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولدى. ئەرەب يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى خەتتاتلىق سەنئىتىنى يېڭىچە شەكىل ۋە نۇسخىلار بويچە ئۆزگەرتتى.

    ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى. يىپەك يۇلى مەدەنىي ئالاقىسى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغانىدى. كىلاسسىك ئەدەبىياتى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نادىر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنلىرى بىلەن تونىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدىكى ”تۈركىي ئارۇز“ بەھرىدىن تاشقىرى ئەرەب كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى باشقا ئارۇز ۋەزىنلىرى بىلەن غەزەل، رۇبائى، قىتئە، تەرجىبەند، مۇرەببە، مۇخەممەس قاتارلىق بېيت شەكىللىرى ئۇيغۇر ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى نەۋائىلىرىنى شەكىللەندۈردى. ئىستېداتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى بۇخىل بەھرى شەكىللىرى ئارقىلىق ئارزۇ شېئىرىيتى ۋە شەرق كىلاسسسىك ئەدەبىياتىغا يېڭى تېماتىك مەزمۇنلار ۋە بەدىئىي ئوبرازلار بېغىشلىدى.

    ئەرەب خەلىپىلىكلىرى توپلىغان كالېندارچىلىق، ماتېماتكا ۋە تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپى ۋە ئىلىم-پېننى يېڭى ئۇچۇر ۋە سەۋىيە بىلەن بېزەندۈردى. ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق گرېك-رىم، ئىسكەندىرىيە ۋە مىسىر، سۈرىيە، ئىران ۋە ھىندىستان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن قايتا تونۇشتى. قەمەرىيە كالېندارى، ھەندەسە ۋە ئالجېبىر (گېئومېتىرىيە ۋە ئالگېبرا) ماتېماتكىلىرى، خارىس ئىبىن كەلىدا، ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زەكارىيە ئەررازى قاتارلىق ئاپتۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئارستوتىل، ئەپلاتون، بەقرات، ئوقدىلوس قاتارلىق قەدىمكى گرېك مۇئەللىپلىرى بىلەن تونىشتى. ئۇيغۇرلار ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى ۋە گرېك باكتىرىيە دۆلىتى داۋام قىلغان قەدىمكى زامانلاردىلا گرېك ئاپتورلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقانىدى.

    ئىسلامىيەت مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرگە ئەگىشىپ ئەرەب ساياھەتچىلىرىنىڭ توققۇز ئۇيغۇرلار ھاياتى توغرىسىدىكى يازما خاتىرلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا مەنپەئەتلىك مەنبە بولدى.
    4 .ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدىنىيتىگىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئەرەب مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ، بىۋاستە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشقان.

    جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇتۇقى ھېسابلانغان قەغەزچىلىك ۋە يىپەكچىلىك تېخنىكىسى ئۇيغۇر زېمىنلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە تارقالغان. جۇڭگۇ تېبابەتچىلىكى بىلەن ئەرەب ۋە گرېك تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىگە ۋە ئەرەب تېبابەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. پورۇخنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىلىشى ئاقساق تۆمۈرىدىن باشلانغانىدى. ئىسلامىيەت دۇنياسىدا توققۇز ئۇيغۇر پەيلاسوپى ۋە ئالىمى ئەبۇناسىر فارابى ناتۇرال پانتئېزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىغا ئاساس سېلىپ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ”ئىككىنجى ئۇستاز“ دەپ شۆھرەت قازانغان، فارابى ئەرەب پەلسەپىسىگە ئەرەبلەرگە گرېك پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئەرەب پەلسەپىسىدىكى ئىلمىي ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، ئەرەب ماتېماتكىسىغا، ئەرەب مۇزىكىسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ئەبۇئەلى ئىبىن سىنا فارابى قاراشلىرى، بۇلۇپمۇ فارابىنىڭ ”تۆت زات“ قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ”تۆت تادۇ“، ”تۆت ئاناسىر“ ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك قاراشلىرىنى پۈتكۈل ئىسلام شەرقىگە، ھەتتا غەربىي ياۋروپاغا تارقاتقانىدى.

    مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ “ دىۋان لۇغەتىت تۈرك“ نامىلىق مەشھۈر ئەسىرىنى تەقدىم قىلىپ ئەرەب-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ھەسسسە قوشقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ”قۇتاد غۇبىلىك“ ناملىق چوڭ تىپتىكى كەسىرى ئىسلام شەرقىدە خەلىپە ھارۇن رەشىدە ۋە خەلىپە مەمۇنىدىن باشلانغان مەدەنىيەت ئويغىنىشى يېڭى باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسنى ئېچىپ، ئەينى زامان تەپەككۇر مۇنبىرىدە يېڭى بىر ئېگىزلىك پەيدا قىلدى. ئەخمەت ئىبىن تولۇد ئۇنىڭ ئوغلى خۇمارابا قاتارلىق توققۇز ئۇغۇزسىياسۇنلىرى مىسىردا قۇرغان تولۇن خانلىقى ( 860- 905 ) مسىر ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قۇشۇش بىلەن ھەربىي فىلوت تەشكىللەپ ئاكا دېڭىز بازىسىنى قىلغانىدى. غۇجا ئەخمەت يەسەۋىي ۋە باھائىددىن نەقىشبەندى مۇخلىسلىرىدىن مەۋلانە سەدىدىن قەشقەرى (ئابۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى) ئىسلامىيەت تەسەۋۋۇپچىلىقىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنى بېيىتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر نەۋائى ۋە كىللىكىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى ئىسلامىيەتنىڭ تۈركىي تۈردىكى كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى بېيىتتى. فارابى مۇزىكا نەزەرىيسى ۋە مۇزىكاشۇناسلىق پائالىيىتى ئىسلام مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا نەزەرىيۋى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

    مىڭ يىللاپ داۋام قىلغان شەرق مۇزىكا سەنئىتىدىكى ئاجايىپ كاتتا بايلىق “ ئون ئىككى مۇقام “ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى سالجۇقلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى ۋە تۆمۈرلەڭ ھەربىي يۈرىشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا-يېقىن شەرقتە 14- ئەسىردىن كېيىن پەيدا بولغان ”ماقام“، ”مۇقام“ ھادىسسىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى.

    5.ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر شەرقىدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخىي مەدەنىيەت تىپى سۈپىتىدە ئىسپانىيە (ئاندالوشىيە) دىن جۇڭگوغىچە، ئەزەربەيجاندىن شىمالىي ئافرىقىغىچە كەڭ تېررىتورىيدە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. سەلب ئورۇشلىرى ئالدى-كەينىدە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى (رېنسانىس) ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى.

    ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن بۇيان ئون ئەسىردىن كۆپراق ۋاقىت ئۆتتى.

    ھازىرقى كۈندە ئىسلام مەدەنىيىتى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئىسلام دۇنياسى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ “ ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۇنى ئىگىلەش لازىم“، “ ئالملارنىڭ سەھىپە بەتلىرىگە يازغان سىياھى شېھىدلارنىڭ قەبرە تاشلىرىغا ئۇيۇلغان يېزىقلار بىلەن ئوخشاشلا قەدىرلىنىدۇ“، “ مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتا باشقا خەلقلەردىن ئارقىدا قالماسلىقى كېرەك“ دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭىچە ئاڭ-پىكىر، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتە ئىلھامبەخىش كۈچىنى يوقاتقىنى يوق.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us