• ئەخلاق ۋە جىنايەت

    2010-09-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74391146.html

    ئەخلاق يوقالغان ئەلدە، جىنايەت كۆپىيىدۇ .
    -خەلق ماقال تەمسىلى-


    تارىخ كىتاپلىرىنى ۋاراقلاپ باقسام، ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىنسانلار يەرشارىغا كۆپىيىپ، كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە، نۇرغۇن پەيغەمبەر، ئالىم، پادىشاھ، ئىجادكار، پەيلاسوپ، سىياسىيون، ئىستىلاچى، ئىسلاھاتچى، ئەدىپ – شائىرلار ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىم – شەرپى، نام – ئەمىلى، ئىش – ئىزلىرى، ئۆز خەلىقىغە قوشقان تۆھپىسى ياكى ئېلىپ كەلگەن ئازاپ – ئوقۇبەتلىرى تەپسىلىي، ئىدىتلىق، تەرتىپى بىلەن بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇلۇپتۇ .

    ھەربىر دەۋىرگە تەۋە بولغان پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمى، شۇ جەمىيەتنىڭ ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىن چەتنەپ ياكى ھالقىپ كەتكەن چاغلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان بۇزۇقچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئازغۇنلارنى زىلالەت يولىدىن ھىدايەت يولىغا چاقىرىق قىلغانلىغى؛ شۇ دەۋىرنىڭ ئالىملىرى ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا چىقىش يولى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى؛ ئىجادكارلار ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىجادىيىتى بىلەن؛ پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئادىل – ياكى زالىملىقى بىلەن؛ سىياسىيونلار بىر جۈملە سۆز بىلەن دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگۈلىگەن، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن؛ ئىستىلاچىلار دەريا – دەريا قانلارنى ئاققۇزۇپ، ئادەم كاللىسىدا مۇنار تىكلەپ، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە دەسسەپ ئات مىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ غالىپلىغىنى نامايەن قىلغانلىغى بىلەن؛ ئىسلاھاتچى ئەدىپ شائىرلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بىلەن تەر ئاققۇزۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن، ئورتاق تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن؛ شەخسىي مەنپەتى ئۈچۈن، غالجىرلىق، ساتقىنلىق، مۇناپىقلىق قىلغانلارمۇ؛ زالىملارغا يان تاياق بولۇپ ئۇلارنى مەدھىيلىگەنلەرمۇ تارىخ بېتىدىن ئەينەن ئورۇن ئېلىپتۇ.

    تارىخ ھەممىگە ئادىل باھا بەرگۈچى. ئۇنى بىر قەۋىم ياكى بىر شەخىس ئۆز ئالدىغا بۇرمىلارپ كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن خەلقنىڭ قان تەرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن يېزىلغان. شۇڭا بۇ ھەقىقەتكە ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ. تارىخنى بۇرمىلىغۇچىلارنىڭ مىسالى خۇددى قۇياشنى ئالقىنى بىلەن توسقۇچىلارنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ_خالاس. تارىخنى نامى ئۆلمەسلەر ياراتقان ئىكەن.

    ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ھەر ساھە كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقايسى قاتلاملاردا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق بىلىملىك شەخىسلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتۇۋاتىدۇ. قولغا كەلتۈرگەن ھازىرقى نەتىجلىرىمىزنى، مەن تارىختىكى ھەرقانداق بىر چاغدىكىدىن يۇقۇرى بولدى دەپ قارايمەن. شۇنداقلا ئۆيغۇر جەمىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرلەپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار، ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىنتايىن كۆپ سانلىققا ئىگە. بۇنىسى پاكىت.

    خوش_ ئەمدى مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقان يولسىزلىق، ئۆكتەملىك، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قاتارلىق ئىشلار ۋە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە شۇ مۇناسۋەتلەر بىلەن ئۆز ئارا جىدەللىشىۋاتقانلىغىنى، ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق، قويمىچىلىق، باسقۇنچىلىق، قاتىللىق جىنايەتلەرنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقانلىغى، بولۇپمۇ بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشىگە ھەرگىزمۇ ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىغى سەۋەپ بولماستىن بەلكى بىر قىسىملار ھاراق – شاراپقا، ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىگى، ھەتتا بەزىسى ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئومومىيۈزلۈك قارشى تۇرۇۋاتقان، ئاق ئالۋاستى دەپ تەربىر بېرىلۋاتقان خىروئىندىن ئىبارەت زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە بېرىلىپ ئىنسانىي ئەقلىنى بۇلغاپ كېتىۋاتقانلىغى سەۋەپ بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىملارنىڭ كىچىگىدىن تارتىپ تاكى شۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنگە قەدەر يېتىلدۈرگەن ئىقتىدار ۋە ئادىتىدە: كۈنىگە10 يۈئەن پۇل تاپالمايدىغان، 20 يۈئەن پۇل بىلەن شۇ كۈنىنى كەچ قىلالمايدىغانلىغى؛ ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، روھى ئۈلۈك ھالدا ياشاپ، ئۆزىنى، جەمىيەتنى ۋە تەرەقىياتنى چۈشۈنۈشى ئاجىز بولغانلىغى؛ يېشىنىڭ قانۇندا بەلگۈلەنگەن بالاغەتكە يېتىش يېشىغا يەتكەن ياكى ئاللا بۇرۇن بۇ ياشتىن ھالقىپ ئۆتكەن ئادەم بولغان بولسىمۇ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ۋە ئىشەنچ روھىنى ئىشلىتىپ جەمىيەتتە ئۆز ئورنىنى تېپىپ، قەدىر قىممىتىنى يارىتىش جەھەتتە ئۇنۋىرسال بىلىم ساپاسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىغى سەۋەپلىك، خامۇشلۇق يىتەكلىگەن ئىستىمالغا ئەگىشىپ كېتىش خاراكتىردىكى ئادەم بولۇپ قېلىپ زامانىۋى گۆدەكلىك، ئەقلى كورلارنىڭ كۆپۈيۈپ قالغانلىغى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، كۆپ جەھەتلەردە ئويلىنىپ قالدىم.

    ھازىر ئارىمىزدا خېلى ئاڭلىق، مەدىنيەت سەۋيەسى يۇقۇرى، دۇنيا قارىشى ئېنىق، جەمىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىي كىشىلەرنىڭ: «ھازىر يۈز بېرىۋاتقان يولسىزلىق، ئۆكتەملىك، بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقسىزلىقنى بىر – ئىككى ئادەم سۆزلەپ تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي ھاياتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك» دەيدىغان، جەمىيەتتىكى بىلىملىك كىشىلىك مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمايدىغان، شەخسىيەتچى، ئېتى ئۇلۇق سۇپۇرۇسى قۇرۇق ساقتا زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى؛ شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار بولغان ھالەتتىكى ۋە بۇ دېھقانلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئوموملۇق جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ نەزىرىدە كۆپ ئوقۇغان، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، جەمىيەتنى چۈشىنىدىغان دەپ تەرىپلىنىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى، بوش ۋاقىتلىرىدا يۇقۇرى ئىستىمال، مودا قوغلۇشۇش، ۋاقتىنى تۈرلۈك چاي ئولتۇرش، زىياپەتلەردە ئىچىش – چىكىش، ۋە تورخانىلاردا قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ياكى يۇقۇرى تېخنىكىدا ئىشلەنگەن، كومپىيوتىر ساۋاتلىقلىرى ئوينىيالايدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا ھېرىسمەن بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، روھى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى قۇپ – قۇرۇقلۇقنى تاشقى پار – پۇر سالاپەتلىرى بىلەن پەدازلاپ، ئۆزىلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئاخىرسى چىقماس ھەشەمەتچىلىكلەرگە قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، بۇ دۆلەت مەمۇرلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان، شۇنداقلا بىلىپ بىلمەيلا بۇلارنى دوراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزلىرىنى، ۋەزىيەت تەرەقىياتنى چۈشىنىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قاتاردا تۇرۇۋاتقاندەك، يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندەك، ساقتا قىياپەتلەر بىلەن پەدازلايدىغانلارمۇ يېتىشىپ چىقىپ، ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز ئۇيغۇر جەمىيتىدە، تاپقىنىنى بۇ ھەشەمەتچىلىككە يېتىشتۈرەلمەي يا بۇ ھەشەمەتچىلىكتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي يۈرۈيدىغانلارمۇ كۆپۈيۈپ قالغىلى تۇردى.

    يەنە بىر تەرەپتىن، ئائىلىدىن ئىبارەت جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىر ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە ۋە جەمەت يوسۇنى ئارقىلىق، قانۇننىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە جازاسى بولمىسىمۇ ئەزەلدىن قاتتىق ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ، ھازىرقى يۇقۇرى كۈتۈرۈلىۋاتقان يۇقۇرى ئىستىمال، تېز تەرەقىيات جەريانىدا سۇزلاپ كېتىۋاتقانلىغى؛ ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ زامانىۋى جەمىيەتتە ئۆز ئورنىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقانلىغى ياكى زامانىۋىلىشىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، جاپا – مۇشاقەتلەردىن قېچىپ ھوزور ھالاۋەت قوغلۇشۇش ئېڭىنىڭ كۈچۈيىشى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلەش، زامانغا ماسلىشىپ ئىلىم مەرىپەت ئىگەللەپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش قارىشىنىڭ تۆۋەنلىگى، ئۆزىدە بار بولغان ھۈنەر كەسىپلەرنى، ھازىرقى تېخنىكا بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋلات يېتىشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇپ، ماركا يارىتىش ئېڭىنىڭ بولماسلىغى؛ بالا تەربىيەلەشتە، ئەنئەنىۋى بىر تەرەپلىمىلىك تەربىيەلەش قارىشى، زامانىۋى گۆدەكلىك قىلىشى، ئىقتىسادى نەزەر دائىرىسى تار بولۇشى، ئىش ئورنى، ئىش ئىزدەش دائىرىسىنىڭ تار بولۇپ، كۆپ ھالدا ئۆز يۇرتىنىلا ئاساس قىلىشى ۋە ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، بۇ جەھەتتىكى نەزەر دائىرىسى تار بولۇشى قاتارلىق سەۋەپلەردىن، بىر ئوبدان بېجىرىم ساق ساغلام چوڭ بولىۋاتقان ئوغۇل قىزلىرىنىڭ، ئىستىقبالىغا مۇناسۋەتلىك بەزى ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىغى؛ بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن بىلىپ بىلمەي ئۆزلىشىپ قالغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئىزدىنىشى يېتەرلىك بولمايدىغان، ئىزدەنگەن ھالەتتىمۇ پۇرسەت، ئورۇن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتالماي، ئۇنداق قىلايمىكىن، مۇنداق قىلايمىكىن دىگەن خىيال بىلەن ئىككىلىنىپ، بىر قارارغا كېلەلمەي، بۆسۈش ئېغىزىنى تاپالماي، جەمىيەتتە ئۆزى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدىغان، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى ئاجىز ئەھۋاللار ئارىمىزدا ماڭدامدا بىر ئۇچرىماقتا؛ يەنە تەلىيى ئوڭ كېلىپ، مىڭ بىر مۇشەقەتتە بىرەر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىر قىسمى، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ياكى ئەپلەپ – سەپلەپ ئارانلا نەتىجىلەپ، ئالاھىدىلىك يارىتالماي ئۆزىنى ۋە باشلىغىنى قانائەتلەندۈرەلمەي، خىزمەت ئورنىدا لەيلەپ قالىدىغان؛ قانۇنلۇق كەلگەن، خەلققە مەسئۇل بولىدىغان، تۆگىدەك ھوقوقلارغا ئېرىشسىمۇ ئاران تېرىقچىلىقلا قىسمىنى ئىشلىتەلەيدىغان، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ھوقۇق تۇتۇشنى قالماشتۇرالمايدۇ دىگۈچىللەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ بەرگۈچىلەردىن بولۇپ قالماقتا. نەتىجىدە كۆز ئالدىمىزدىكى ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئالالمايدىغان، قۇلۇمىزدىكى ھوقوق، پۇرسەت ۋە بايلىقتىن قانۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك، ۋە ئۆزىگە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ئاساستا پايدىلنالمايدىغان، ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالمايدىغان، ئىقتىسادى ئىلگىرىلەرنى تاشقى رەڭ جەھەتتە دوراپ سۆلەتۋازلىق قىلىدىغان، يۇقۇرى ئىستىمالغا پۇل يېتىشتۈرەلمەي، يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك ناشۈكۈرلەر كۆپۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ.

    بىر ئادەم ئۈچۈن كىچىگىدىن باشلاپ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشۈنۈش، ئۆپ – چۆرىسىدە بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش، پۇرسەت، ئورۇن، ۋاقىت قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ مەسىللەرگە قارار ۋە خۇلاسسە چىقىرىش ھەم ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم – دەپ قارايمەن. خۇددى تاماققا تۇز زۆرۈر بولغاندەك. بىز ئۆزىمىزنى، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چۈشۈنۈش ئۈچۈن باشقا تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىغىغا، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ سىردىشالمىساقمۇ، مەتبۇئات ساھەسىگە بېسىلغان بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قىسمىدىن كۆرۈپ باقايلى، ئويلىنىپ باقايلى، ئاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى تونۇپ باقايلى.

    مەن غەرىپ دۆلەتلىرنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن ھەم ئۇ يەرلەرگە بېرىپ سەيلە – ساياھەت قىلىپ كېلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپە ئادىتى بىلەن تۇنۇشۇش، تۇرمۇش قايدىلىرىنى كۆرۈش، چۈشۈنۈش، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىش ماڭا تېخى نېسىپ بولمىدى. ئەمما مەن مەتبۇئاتلىرىمىزدىن چىقىۋاتقان كىتاب– ژورنال، تەشۋىقات مەنبەلىرىدىن غەرىپ مەدەنيىتى شۇنداقلا يەھۇدىيلار بىلەن ياپۇنلارنىڭ مەدىنيەت – مائارىپ، تەلىم – تەربىيە، جەمىيەت قارىشى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆپ كۆردۈم ۋە داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە تۇرمۇشىغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن مەسلىگى كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئەۋلاتلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ھەرقانداق ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

    يەھۇدىيلار بالىسى تۇغۇلۇشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىلاھىي كىتابى بولغان تەۋراتقا ھەسەل تېمىتىپ ئۇنى يالىتىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئىلىم مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ بىلىم غەزىنىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان كىتاپنى ئاسراش، سۈيۈپ ئوقۇش ئىديىسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا؛ پەرزەتلىرى تۇغۇلۇپ ئادەت، خاراكتىرى يېتىلىش باسقۇچلىرىدىن تارتىپ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى ماڭغان باللىرىنىڭ مېڭىشنى ئۈگۈنۈش باسقۇچلىرىدا، مېڭىپ كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشسە، يۈگۈرەپ بېرىپ يۆلىمەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قايتا ئورنىدىن تۇرۇشقا يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ باغرى قاتتىقلىغى بولماستىن بەلكى ئۇلارنى يىقىلغان يېرىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش روھىنى ئۈگۈتۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار مۇستەقىل قارىشى بولمىغان ئادەمنىڭ مۇستەھكەم مەيدانىمۇ بولمايدۇ_دېگەن پەلسەپىنىڭ تېگىگە يەتكەن. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرى پەرزەنتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ باغچىلارغا تاغ – دالىلارغا، سەيلە – ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرىنى، ئىسمىنى، ئۆسۈملۈك گۈل – گىياھلارنىڭ نامىنى، شەكلىنى، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە رولىنى تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا بولغان تۇنۇشۇنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۈتۈرگەن بولسا؛ ھەر تۈرلۈك موزىيخانىلارنى ئېكۈسكۈرسىيە قىلدۇرۇپ ئەجداتلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى، مەدىنىي مىراسلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق: «مىلادىدىن بۇرۇنقى 64- يىلى رىم ئىمپىريىسى تەرىپىدىن ئەڭ ئاخىرقى يەھۇدى دۆلىتىمىز يوقۇتۇلۇپ مىلادى 135- يىلى يەھۇدىيلار رىم ئىمپىريىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قوزغۇلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېگىن، رىم ئىمپىريىسى تەرىپىدىن ئېرىسالىمدىكى يەھۇدى مەدىنى ئىزلىرى، تۇرمۇش، ھايات كەچۈرگەن ئىزلىرى تۈزلىۋېتىلىپ تېرىلغۇ مەيدانى قىلىۋېتىش، يەھۇدىلارنى ئېرىسالىمغا ئىككىنىچى ئاياق باستۇرماسلىق توغرىسدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن(يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۈتۈرۈش تارىخى 12- بەت) بېرسىغا ئۇز دۆلىتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىپ دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدا سەرسان – سەرگەردانلىق ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىز بولمىغانلىغىدىن، باشقىلار بايلىق توپلاش ئۈچۈن تۈرلىك باھانە سەۋەپلىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا بايلىقىمىزنى تالان تاراج قىلىپ كەلدى. شۇڭا بىز ئەقلىي ئىقتىدارغا، شۇنداقلا باشقىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق يەردە بىزدىن تارتىۋالالمايدىغان بايلىقلارغا مەبلەق سېلىشىمىز، ئۆز بايلىقلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئىقتادارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز ھەم بۇ جەھەتتىكى سەۋيەيىمىزنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پۇرسىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز، ئاخىردا بىر ئامال قىلىپ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئۆز دۆلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋلاتلىرىنىڭ قان قېنىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. شۇڭا يەھۇدىيلار بىر تەرەپتىن ئۆزلۈك ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۆزلىگىدىن بىرلىككە كېلىپ، ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئۆز تەغدىرىگە مۇناسۋەتلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزەپ، بۇ پىلاننى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە مايىللاشتۇرۇپ، ئاخىردا يەنىلا ئەجداتلىرى دۆلەت قۇرغان ئېرىسالىمنى مەركەز قىلغان دۆلەت قۇرۇش پىلانىدا بىرلىككە كېلىپ، ئىشنى دەسلىۋىدە ھەقلىق يەر سېتىۋېلىش، نورمال كۈچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ كۆپۈيۈش، پۇرسەت كەلسە كۆپلەپ نوپوس كۆچۈرۈپ يەھۇدى دۆلىتىنىڭ نوپوس ئاساسىنى يارىتىش ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاننى تۈزۈش ۋە شۇ ئاساستا ئىش كۆرۈشى نەتىجىسىدە، ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇزۇن بولغاندا يەنە 50 يىل ئىچىدە بىر يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇلىدۇ دەپ بىر يەھۇدى ئاقساقىلى ئۆز ئىچىدە ئۇچۇر بەرگەن. مانا بۇ ئالدىن تەييارلىقى بار بولۇپ قالغان، پەقەت پۇرسەتلا يار بەرمەيۋاتقان يەھۇدىيلارغا فاشىست گېتلىرنىڭ، ناتسىس قىرغىنچىلىرى 6 مىليون يەھۇدىينى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەنلىگى سەۋەپلىك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا يەھۇدىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۇئارى كۆتۈرۈلگەن پۇرسەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار چىقىرىپ، پەلەستىننىڭ بىر قىسمىدا يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش قارارىنى چىقىرىشى بىلەنلا، ئەسلىدىنلا دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتەك تەييارلىغى پۇختا يەھۇدىيلار، ئىنتايىن تېزلىكتە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى. بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە دۆلىتى دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدا سەرگاردان بولۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلارنى، بۇ يې
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us