• ئەتراپىمىزدىكى ئاياللار

    2010-09-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74390137.html

    * ئەتراپىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا–ئەڭلىك ، كىيىمگە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى بىلىم ، كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك ، توي –تۆكۈن ، چاي–ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارىنىڭ ئورنىنى يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈش ئىگىلىگەن بولسىدى ، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى .

       * ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ .
       * ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تالاي بۈيۈك ئىمپېرىيە ، قۇدرەتلىك خاندانلىقلار  ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىگەن ئاياللار سەۋەبىدىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن .
       * ئايالنىڭ ۋاقتى ، زېھنى بىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يارىتىش ، ئېرىگە ھەمنەپەس بولۇپ ، ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر .
       * ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ ، ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەيدۇ .
       * ئانا–ئاياللىق خاراكتېرىدىكى ئەۋرىشىملىك ، يۇمشاقلىق ، مېھىر–مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيەلەشتىكى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى .
        * ئەرلەرنىڭ بېشى چۈشۈپ ، ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپالمىغاندا ئاياللار تەربىيەسى تولىمۇ مۇھىم . چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى ، بالىلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى .
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us