• مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟

    2010-09-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74391564.html

    يېقىندىن بېرى، كاللامغا مىللەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز مىللىتىمىزنى قانداق سۆيۈشىمىز كېرەك ياكى قانداق قىلساق بىز مىللەتنى سۆيگەن بولىمىز ؟ … دېگەنگە ئوخشا ئويلار كىرىۋالدى. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدىغان ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچتۇر. بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق خەلقمىز. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ، بۈگۈنكى زامان جاھان سەھنىسىدىكى ھەرقايسى قەۋملەر ، جۈملىدىن جۇڭخۇا بۈيۈك ئىلىدىكى 56 قېرىنداش مىللەت بىلەن بىرگە تەڭ ئولتۇرۇپ قوپۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ 56 خىل خۇشپۇراق گۈلدىن ئاپىرىدە بولغان گۈلستانلىقنى ئاباد ئېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىنى قوشۇپ كېلۋاتقانلىقىنى، ھەرزامان ئۆز مەۋجۇدىيىتى ۋە ھاياتى كۈچىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىمىز. ئەگەردە، بىز مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق مىللەت بولمىغاندا ئىدۇق، تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا، دەۋرنىڭ قايناملىرىدا كۆمۈلۈپ ، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇق بولغان تارىخقا ئايلىنىپ كېتىشكەن بولاتتۇق.
    خوش، ئۆز گېپىمىزگە يانساق، مىللەتنى قانداق سۆيۈش كېرەك؟

    ئەلۋەتتە، سىز بۇ سۇئالغا ئابدۇكېرىم ئابلىز خەلقنى سۆيگەندەك قۇلاقتىن تۇتۇپ چوككىدە سۆيۈش كېرەك …. دېسىڭىز قاملاشمايدۇ. ئەمسە سىز جاۋاب بېرىڭ ، دېسىڭىز ، – راست سۆزنى قىلسام مەنمۇ مىللەتنى قانداق سۆيۈش كېرەكلىكى ھەققىدە چوڭ – چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەشنى ، ۋەزخالىق قىلىشنى بىلمەيمەن. ئەمما، بۇ ھەقتە ئايرىم نۇقتىلاردا ئۆز ئالدىمىغا ھېس قىلغانلىرىم بار ، خالىسڭىز شۇلارنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام بولىدۇ.
    يېقىندىن بېرى، مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىبتىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك نامايەندىمىزنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە كۆپ تالاش تارتىش بولدى. بىر قىسىم تورداشلار ئىلىمي قائىدە ، پاكىت سۆزلەشنىڭ ئورنىغا قازاق – قىرغىز خەلقىنى بولۇشىغا تىللاپ ھاقارەتلىدى، ئۇلار بۇ خىل قىلمىشىنى مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىپادىسى تەرىقىسىدە تەسۋىرلەشتى ، ئىلمىي يۇسۇندا پىكىر قىلغۇچى تورداشلارنى بولسا مىللەتنىڭ ئاسىيلىرى قاتارىغا تىزىپ قويۇشقا ئورۇنۇشتى ….
    بىر قىسىم تورداشلار خەنزۇچە ئوقوغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يەكلەپ، ئۇلارنى 57 – مىللەت دەپ ، نام بېرىپ، ئۇلارنى مىللىي ئەنئەنە ۋە تىل – يېزىقنى بىلىشمەيدۇ… دېگەن بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن مىللەت ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقابىلىگە قويۇپ قويۇشتى…
    بىر قىسىم پىكرى ئويغاق ، كاللىسى ئوچۇق زىيالىيلىرىمىز ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئايرىم كۆز – قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەت ۋە زامانغا سېگنال بەرمەكچى بولۇشقانلىرىدا، بىر قىسىم كىشىلەر مىللەت ۋە دىننىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى كالتەكلەپ، ھېلىدىن كۇپىرىغا ، ھېلىدىن مىللىي خائىنغا چىقىرىشقا ئورۇندى…
    يەنە بىر قىسىم كىىشلەر بار، نېمىلا بولسا ئۇيغۇرنىڭ دەپ خىيال قىلىشىدۇ ، پالان – پۇستانچى نەرسىنى ئۇيغۇرلار ئاپىرىدە قىلىپتىكەن، پالان – پۇستانچى ئۇيغۇرنىڭ ئۇكىسىكەن، پالان – پوكۇنى جايلاردا ئۇيغۇرلار ياشىغان ئىكەن، ئايغا چىققىنى ئۇيغۇركەن … دېگەندەك بۇنداق << ئۇيغۇرنىڭ >> بولۇپ ئېيتىلىۋاتقان نەرسىلەر كۆپ، ئەمما، دەلىلى، ئىلىمىي ئاساسىنى سۆزلەيدىغان ئادەم يوق ياكى ئاز، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن قارىسىغا سۆزلەشكە كۆنۈپ كەتكەن، گېزى كەلگەندە مۇشۇنداق سۆزلەشمۇ مىللەتنى سۆيۈشتە كۆۋەجەپ كەتكەن ھېسياتنىڭ بۇلدۇقلاپ تېشىشى دەپ ، شەرھىيلىنىدۇ …
    بىزدە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاھىشى ئېغىر، كۆپ ھاللاردا سۆزنىمۇ ، ئىشنىمۇ چەكتىن ئاشۇرۇپ قويىمىز، چەكتىن ئېشىپ ئېيتقانلىرىمىزدىن نەمۇنە شۇكى، بەزىلىرىمىز ھەتتا بىزدىن سەن ئاۋۋال ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ ؟ سەن ئەرەبكە تۇرامسەن ، تۈرككىمۇ ؟ …. نېمە تېتىقسىز سۇئاللار ؟! … بۇ سۇئاللارنىڭ يەكۈنىگە بىر بولسا ئەرەبنىڭ ئىتى، بىر بولسا ئەشەددىي كاپىر – جەدىت ، دەيدىغان ھۆكۈملىرىمىز تەييار … ھالبۇكى، مۇشۇ خىل مىجەزىمىزنىمۇ كۆپ كىشىلەر مىللەت سۆيۈش لىباسى بىلەن ئوراپ ئېلىشىدۇ.
    بىزدە ئوتتۇرسا قوپسا مىللەتنى << خىيال >>ىدىن نېرى قىلمايدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار مىللەت ئۈچۈن سۆزلەيدۇ، مىللەت ئۈچۈن كۈلىدۇ، مىللەت ئۈچۈن يىغلايدۇ، مىللەت ئۈچۈن يەيدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئىچىدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلىدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئاق ساتىدۇ، يەنە مىللەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ… خۇلاسە، بىزدە شۇنداق خاھىش باركى، بارچە ئىشلىرىمىزنى مىللەتنى سۆيۈش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىمىزنى بەزلىشىمىز. ئەمما، ئۆز قىلمىش – ئەتمىشلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ گۈللەپ – ياشنىشى ، يۈكسىلىشى ئۈچۈن قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىدىغان كىشىلىرىمىز ئاز بەكمۇ ئاز . ھەتتا، بەزىلەر ئۆزىمىزنىڭ دەل ئەشۇ << مىللەت سۆيەرلىك >> مىزنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى بوغۇپ، خالتا كوچىغا باشلاپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىشمايمىز.
    يۇقىرىقى كۆز قاراشلار ھەققىدە، بىرمۇ – بىر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، بىر – بىردىن ئۆز يەكۈنۈمنى ئوتتۇرىغا قويغۇم يوق. مۇھاكىمىسىنى كۆپچىلىكنىڭ مەيلىگە قوياي. ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇكى، مىللەتنى سۆيۈشتە جان – جەھلى بىلەن ئاق – قارىنى ئىلغىمايدىغان سۈيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مىللەت قارغۇلارچە سۆيۈلۈشكە ئەمەس ئىدراكى سۆيۈشكە مۇھتاج!
    مىللەت سۆيۈشتە، مىللەت ئۈچۈن بارلقىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالايدىغان ئەسەبىيلەرچە سۆيۈش تەبئىيىتى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئىدىتلىيالايدىغان، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ مىللەت سۆيەرلىكىنى ئىدارىكى يۇسۇندا ئىپادىلىيەلەيدىغان روھمۇ بولۇشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ ساغلام بولغان خاراكتېرى ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە تالىق بولغان تەبئىيىتى بىلەن ئەقلىگە تالىق بولغان ئىدارىكىيلىقنىڭ ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەقىل – پاراسەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلدىغان مىللەتتۇر. مېنىڭچە ، بىزدە بۇ خىل ئىدراكىي ئامىلنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، گەپ ئۇنى قانداق سۇغۇرۇش ، قانداق پەرۋىش قىلىش، ئۇنى مىللەت سۈيۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت گۈلزارلىقتا خۇشپۇراق چاچقۇزۇپ، مېۋە بەرگۈزۈشتە !

    ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە، بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىدىكى قېرىنداش قەۋىملەر بىلەن ئۇنىڭدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى بارچە مىللەت ، ئىنسانىيەت تۈركۈملىرى بىلەن تەخىرسىز دىئالوگلىشىش، تەسىرلىشىش تارىخىي باسقۇچىدا تۇرماقتا، بىزنى كۈتىۋاتقىنى ھويلىسى كەڭ ئۇلۇغ جۇڭخۇا قۇچىقى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ، ئۇنىڭ تاشاينىدىكى يەرشارىلىشىش باسقۇچىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقان يەرشارى كەنتىدۇر. ئەمدىلەتتىن قايتىدىن تەرەققىي قىلىش، قەد كۆتۈرۈش پەللىسىدە تۇرىۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ، تۆھپىسى، پەزىلىتى، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن جۇڭخۇا ئېلىدىكى، جاھاندىكى باشقا قەۋملەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا، ھۆرمەت قىلىشىغا سازاۋەر بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كۈنىمىزدىكى مىللەت سۈيەر ئەۋلادلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك بولغان بىر مۇھىم نىشان بولۇشى كېرەك. شۇ نۇقتا ئەستە مەھكەم تۇرۇشلىرى كېرەككى، ھاياجان تىپىدىكى مىللەت بولۇش تارىخىغا تېزراق خاتىمە بېرىپ، ئىدراكى مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتۈش ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلىماق زۆرۈردۇر.
    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • تىل ئۆگىنىش، مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىش ئەلۋەتتە زورۈر. لىكىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسىل ئۆرپ-ئادىتى، قائىدە يۇسۇنلىرىنى بىلمەي، ئۆزگە مەدەنىيەتكە سىڭىشىپ كەتكەن ئادەمنى نىمە دىگۈلۈك؟