• جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67102174.html

    ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن خوجا ـ ئىشانلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى ـ بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاپتور بەزى مەسىلىلەردە ئالجىپ قېلىپ، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىمۇ تەنقىتلەپ تاشلىغان. بىر قىسىم خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ رىياكارلىق، كاززابلىقىنى پاش قىلماقچى بولۇپ، «مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر»، دەپ ئىسلامدا تەشەببۇس قىلىنغان ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىت تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

     

    ئىسلامىيەتتىكى سوپىزمنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە ماھىيىتى توغرىسىدا

     

    سوپىزم (تەسەۋۋۇپ) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە كائىناتنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنى يەككە مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسى بىلەن بايان قىلىدىغان مۇرەككەپ، دىنىي پەلسەپىۋى ئېقىمدىن ئىبارەتتۇر… كېيىنكى زامانلار چۈشەنچىسىدىكى ئۆلىمالىرىمىزدىن موللا مۇھەممەد ھۈسەيىن كۇچارى بىلەن موللا توختى خەلپەت قەشقەرىلەرنىڭ ھىجرىيە 1226- يىلى قەشقەردە بىرلىشىپ يېزىپ قالدۇرغان «تەزكىرە پىر ياران» (پىر يارانلار بايانى) دېگەن پارىسچە قول يازمىسىدا بۇ ئېقىمنىڭ كېيىنكى زامان يەشمە تەرىپىنى مۇنداق تەپسىر قىلغان (چۈشەندۈرگەن): «سوپى يارانلار: بۇ ئالەم جۈملىدىن بۇ ئالەمدىكى جەمىكى مەۋجۇدات (جانلىق، جانسىز تەبىئەتنى دېمەكچى ـ ئا) شەك ـ شۈبھىسىز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئىنسان ئەنە شۇ مەۋجۇداتتىكى تىرىكلىكتىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تىرىكلىك جەريانى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھقا بىرىكىپ كېتىش، ھەمدۇ سانا ئېيتىش، مۇتلەق، دائىما، شەك ـ شۈبھىسىز قۇلچىلىق قىلىپ تۇرۇش، تەۋبە ـ ئىستىغپاردىن خالى بولماسلىق ئۈچۈندۇر… ھەر بىر بەندىنىڭ تەقدىرى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىن ھاسىل بولىدۇ. يەنى «ئەتتەقدىرو ۋەل قەلەم» (بەندىنىڭ تەقدىرى، زۇۋۇلىسى ئۆزى يارىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللىقاچان پېشانىسىگە پۈتۈپ قويۇلغان بولىدۇ، دېمەكچى ـ ئا) دۇر. «ئاللاھتىن بېئىزنى (ئاللاھنىڭ دىققىتىسىز) قىل تەۋرىمەيدۇ…» دېگۈچى ماشايىخلار (چوڭ ئىشانلار ـ ئا) دۇر..»

     

    دېمەك، سوپىزم ئېقىمى ـ شەك ـ شۈبھىسىز بىر يۈرۈش خۇداگۇيلۇق نۇقتىئىنەزەرلەر ئېقىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يولغا قويىدىغان ۋە داۋام ئەتكۈزىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى: مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

    سوپىزمنىڭ تارىختىكى ئىجادچىلىرىدىن بىرى ― مىلادى 12- ئەسىردە ياشىغان بەلخلىق مەشھۇر سوپى خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «… دۇنيانىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى ئىزدىگەن سوپى ئەمەس، ئۆز ھاياتىنى بەختسىزلىك ۋە غۇربەتتە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي سوپىدۇر…» دېگەن تەلىمىمۇ بۇ پىكرىمىزنىڭ تارىخىي مىسالىدۇر.

    بۇ مەزھەپنىڭ تۈپ ماھىيىتى توغرىسىدا تارىخشۇناس ئى. ئا. كىرىۋىلوۋ «دىن تارىخى» دېگەن كىتابىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «بۇ سىستېما شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەنگەنكى، ئۇنىڭدا بىرلا مەقسەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ، يەنى مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان قارىسىغا ئىشىنىدىغانلار ۋە چوقۇنىدىغانلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تېۋىنغان ئىمامغا ھەم ئۇنىڭ قەۋملىرىدىن بولغان تەرغىباتچىلىرىغا ھېچقانداق شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ ئادەتلەندۈرۈش. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما بىر ئوچۇم ۋىجدانسىز شۆھرەتپەرەسلەر قولىدىكى قارىغۇ قورالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.» شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ مەزھەپ تەلىماتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ۋىجدانسىزلارچە ئالداشتىن ئىبارەتتۇر.

    شۇنداق ئىكەن، سوپىزم ئىنسانلارنى بۇ ئالەمدىن مەڭگۈ تەركى دۇنيا ۋە ئەبەدىي مۇتەئەسسىپ ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان، باشلايدىغان، مەۋجۇد ئالەم مۆجىزىلىرىنى، ئىجتىمائىي تىرىكچىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەققانىيەتنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» «مىزانى» بىلەنلا ئۆلچەيدىغان، ھاياتقا، پەنگە زىت، تارىختا پەيدا بولۇپ، تارىختا يوقالغان خىيالىي خۇدايى قۇلچىلىق تەسەۋۋۇرەت ئېقىمىدىن ئىبارەتتۇر

    سوپىزمنىڭ تارىختا پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا

    سوپىزم مەزھىپىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا پەيدا بولۇش، تارقىلىش، كېڭىيىش جەريانلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرنى قىسقىچە ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ.

     


    مىلادى 632 – يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئورۇق ـ تۇغقانلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرنىڭ ئورنى (ئىز باسارلىق) نى يەنى خەلىپىلىكىنى تالىشىش كۈرىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى بىرىنچى قېتىم خەلىپىلىكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەم بىر نەۋرە ئىنىسى ھەزرىتى ئەلى: «پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپىلىككە ئولتۇرۇشى كېرەك» دەپ قاراپ، ئابابەكرىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئاخىرى ئۈچىنچى قېتىم خەلىپىلىككە ئولتۇرغان ساھابە ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، خەلىپىلىكنى ئىگىلەيدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ (ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن بىر نەسىل نەسەب ئەمەس ئىدى) تەرەپدارلىرىغا قارشى ئەلى پەرەسلەرنىڭ «شىئە ئەلى» تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. بۇ تەشكىلات پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «چاھاريار»لىق سەلتەنىتىدە بولغان تۆت ساھابىدىن ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ «چاھار يار» لىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ ساھابىنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ مىلادى 661 – يىلى كۇفە دېگەن يەردە ھەزرىتى ئەلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، «شىئە»چىلەرگە قارشى ئۆزلىرىنى «سۈننىي» ناملىق تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىنى تالاشقان ئوغلى ئىمامى ھۈسەيىنمۇ يەزىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا خەلىپىلىك تالىشىشنى چۆرىدىگەن مەزھەپ كۈرىشى شەكىللىنىپ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ، مۇرەسسەسىزلىشىدۇ. بارا ـ بارا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىنىي يېتەكچىلىرى ئارىسىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىماتى (قۇرئان) بىلەن ئىسلامنىڭ پەيغەمبەر تەكىتلىگەن ئەھكام، ئۇقۇم، پرىنسىپ، ئەنئەنىلىرىنى ھەر كىم ئۆز مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ بىر ـ بىرىگە زىت تەپسىرلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. «شىئە ئەلى» چىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننى شەرھلەشتە؛ قۇرئاننىڭ «باتىن» (ئاخىرەتلىك، يوشۇرۇن) ھەم «زاھىر» مەنىلىرى بار. «باتىن» مەنىسى بەندىلەرنىڭ شەرتسىز، شەك ـ شۈبھىسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ «ھەقىقەت» سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدىن «ئەخبار» ناملىق چوڭ كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرىنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. «سۈننىي» لەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىمۇ قۇرئاننى شەرھلەشتە: قۇرئاننىڭ «زاھىر»، «باتىن» مەنىلىرى بار، «زاھىر» مەنىسى ― بەندىلەرنىڭ شەرتسىز ھەم شەكسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ ھەقىقەت سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ساھابىلىرىنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدىن «سۈننىي» ناملىق چوڭ كىتاب (قۇرئان تەپسىرى) نى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن يانداش ئورۇندا قويۇش ئارقىلىق ئۆلىمالىرى ئەقىدىلىرىنى ئەنە شۇ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ «شىئە ئەلى» لەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسىنى ئاساس قىلىپ «زاھىرى» دۇنيادىكى ئىجتىمائىي بارلىقىنى (ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي كۈرەش، پائالىيەتلىرىنى) «باتىن ئالەم» ئۈچۈن، ئۇ «دۇنيا» ئۈچۈن بولغان خۇدايى قۇلچىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بىلىپ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى بېقۇۋۇل ئۆتكۈنچى مەخلۇق دېگەن دەۋالىرىدا چىڭ تۇرۇش يولى ئارقىلىق، ئۆز مەۋقەلىرى بويىچە تۇتقان يولىنى «ئەھلىي تەرىقەت» (تەركىي دۇنيالىق يولى) دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. «سۈننىي» چىلەرنىڭ پېشۋالىرىمۇ قۇرئاننىڭ مەۋجۇد ئالەم توغرىسىدىكى ھەقىقىي، يېگانە دەستۇر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كائىنات ھادىسلىرىنى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي غايە، كۈرەش ئىنتىلىشلىرىنى (ئاللاھنىڭ مەۋجۇد دۇنيانى بەندىلەر ئۈچۈنلا ياراتقانلىقىنى)، ئاخىرەتنىڭ («باتىن» ئالەمنىڭ) «زاھىرى» ئالەم ئۈچۈن قوشۇمچە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم مەۋقەلىرىنى (يولىنى) «ئەھلى شەرىئەت» (زاھىرى ئالەم يولى) دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ـ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرى بويىچە ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەملەشكەن مۇسۇلمان قەۋملىرى بىر ـ بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى بايراق ئاستىغا بۆلۈنۈپ (ئۇيۇشۇپ) ئىچكى جاڭجال، مەزھەپ ئۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ قانلىق ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ

     

    تۇنجى تۈركۈم «سوپى ـ زاھىت» لار گۇرۇھنىڭ ئىراندا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا

    مىلادى 8- ئەسىرگە كەلگەندە «شىئە ئەلى» لەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىراندا تۇنجى قېتىم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى ـ بەشىنچى ئىمام زەئىد ئىبنى ئەلىنى بايراق قىلغان بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى (پادىشاھلىقى) تىكلىنىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئىلاھىي ۋە دۇنياۋى ھاكىمىيەت ھېسابلايدۇ ھەم خەلىپىنى «ئىلاھىي شەخس» دەپ بىلىدۇ. ئۇ، مەيلى زالىم بولسۇن، مەيلى ئىستىبدات بولسۇن خەلق ئۇنىڭغا ھامان شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەككى، ھېچ كىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىغا ھەققى يوقلۇقى توغرىسىدا تەقىب خاراكتېرلىك پەرمانلار چىقىرىلىدۇ. خەلىپىلىك پەۋقۇلئاددە ئىستىبداتلىشىدۇ. خەلق ئۈستىدە زۇلۇم كۆپىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلام پېشۋالىرى ئارىسىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىدىن چوڭ ھوقۇقنى يەنىلا كىم ئىگىلەش مەسىلىسى كېلىپ چىقىپ، «شىئە» لەر ئارىسىدىكى دەسلەپكى بىر مەزگىللىك بىرلىك پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بەنى ھاشىم بۇ خىل ۋەزىيەت ئىچىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئەبىدى ساقلاپ تۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۆز قەۋملىرى ئارىسىدىن (ئۆزىگە شان ـ شەرەپ كەلتۈرگۈچى «ئىشان» ۋە قەيسەر تەقۋادار «شىئە» لەر) دىن «سوپى ـ زاھىت» (تەرىقەت تەقۋادارلىرى) «پىرقە» سى (پارتىيىسى) نى تەشكىل قىلىدۇ.

    )بۇ «پىرقە» نىڭ ئەزالىرى تارىختا «بەنى ھاشىم سوپى ـ زاھىدلىرى» ياكى «سوپى ھاشىمىلەر» نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. «تەزكىرە پىر ياران» دا «سوپى ـ زاھىت» لار توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەزرىتى بەنى ھاشىم ـ ھەزرىتى خوجام روسۇلىللا (مۇھەممەد پەيغەمبەر ـ ئا) نىڭ بۇ ئالەمدىكى ئۈممەتلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر ئەۋلادى، بەرھەق ۋەكىلى ئىدى، ئەھلى ئىسلامنىڭ پاناھى، ئىقلىمگىرى (جاھانگىرى ـ ئا) ۋە نىجادچىسى ئىدى. شۇڭا خوجام، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە خاس تۇتۇپ، لىباس ئېھرام (مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا ئىمامەتچىلىك قىلغاندا تاشقى كىيىمى ئۈستىدىن يۆگىنىپ ئالىدىغان ئاق رەخت ـ ئا) كىيىپ، مۇرىتلىرى بولسا «لىباس تەۋەرۇكات» كىيىشىپ، باشقىلاردىن ئەلپار، تۇرۇق، سالاپەت، سۈپەت پەرقلىرى بىلەن پەرقلىنىپ، ھۆرمەت دەرىجىلىرى بويىچە سوپىزاتلىق تەلقىنلىرى (ئىبادەت مەۋقەلىرى) دە تۆۋە ئىستىغپارنى تىللىرىدىن چۈشۈرمەيتتى…»

     

    بىزگە مەلۇمكى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «لىباس تەۋەرۇكات»، «ئەلپار»، «تۇرۇق»، «سالاپەت»، «سۈپەت» دېگەن سۆزلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرچە كىيىنىپ، سالاپەتلىنىپ ئۆزىنى تۇتۇپ، يۈرۈش ـ تۇرۇش، مەشغۇلات قىلىپ (پەيغەمبەرگە ئوخشاپ) تۇرغۇچىلار دېگەنلىكتۇر. بەنى ھاشىم سوپىلىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەينى چاغلاردا (مىلادى 600- يىلدىن 632- يىلغىچە) تىجارەت ۋە پەيغەمبەرلىك پائالىيەتلىرىدە بولغاندا كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن تۆگە چەكمىنىدىن تەييارلانغان ياقىسىز، قوش ئېتەكلىك ئۇزۇن مەللە توننى «لىباسى تەۋەرۇكات» دەپ ئاتىشىپ، شۇ خىل رەختتە، شۇ خىل كىيىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ سوپىلىق بەلگىسى قىلىپ ئېلىشقان ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىجەز، تۇرۇق ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىنىمۇ ئۆزلىرىچە «پەيغەمبەرچە ئەخلاق»، «پەيغەمبەرچە ئەلپاز ـ مىجەز»، پەيغەمبەرچە «تۇرۇق ـ سالاپەت» تە «بولغۇچىلار» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇچى تۇنجى سوپىلار تۈركۈمىدۇر. تارىختا بىرىنچى قېتىم شۇ شەكىلدە پەيدا بولغان، ئۆزلىرىنى «بەرھەق پەيغەمبەر ئەۋلادى ـ سەئىد» نامى بىلەن نىقابلىغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كېيىنكى زامانلارغىچە ھەتتا ھازىرقى زامانلارغىچىمۇ پەيغەمبەرنىڭ نام، سۈپەتلىرىنى ئەكسىچە سۇيىئىستېمال قىلىدىغان، ئىشلىمەي چىشلەش (دىنىي نىقاب بىلەن دۇئا كويلۇق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش) نى كەسىپ قىلىۋالغان، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى دەپسەندە قىلىپ يۈرۈۋاتقان ھارام تاماق سوپىلارنىڭ تۇنجى «پىرى» (ئۇستاز) لىرىدىن ئىبارەتتۇر.

    مىلادى 9- ئەسىردە بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى مۇسۇلمان قەۋملىرى (ئاساسەن «سۈننىي» لەر) نى ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلىغان ئەرەب پادىشاھى خەلىپە ئابدۇل مۈلۈك قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بەنى ھاشىم گۇرۇھىغا ئەگەشكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەلى ئەۋلادلىرى قىرغىن قىلىنىدۇ، زىندانلارغا تاشلىنىدۇ، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىدۇ. بۇ خىل پاجىئەلىك قىرغىندىن چۆچۈگەن بەنى ھاشىم سوپىلىرى ئىراندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مۇسۇلمان رايونلىرىغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە قېچىپ كېتىشىدۇ. بۇ خىل ھالەت، مەزھەپ ئۇرۇشلىرى توختىماي، يېڭىش ـ يېڭىلىش، چىقىش ـ چۈشۈش بويىچە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغان تارىخىي زامانلار جەريانىدا تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ئۆز ھەرىكەتلىرىدە مەغلۇپ بولغان تەرسا سوپىلارنىڭ قېچىپ كېتىش نۇقتىلىرى يەنىلا يۇقىرىقى جايلاردىن ئىبارەت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن قاچان سوپىلار بارغان ـ تۇرغان يەرلىرىدە يەنىلا ئۆز ھەرىكەتلىرىنى زادىلا توختاتمايدۇ.

     

    8- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا شىرۋان (ئىراننىڭ ھازىرقى ئەزەربايجان رايونى)، بەسىرە (ئىراقنىڭ بىر رايونى)، پارس (ئىراننىڭ بىر ئۆلكىسى)، شىراز (ئىراننىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى)، ھەمەدان (ئىراننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر)، ھىرات (ئافغانىستاننىڭ بىر شەھىرى)، ھازىرقى سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىيە، ماراكەش، بەھرەيىن، بۇخارا، سەمەرقەند… قاتارلىق جايلاردا ئاشكارا، يوشۇرۇن، ھەر خىل نام، شەكىللەر بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن چوڭ ـ كىچىك سوپى ـ زاھىدلار گۇرۇھلىرى پەيدا بولىدۇ ۋە بارا ـ بارا بىر بىرىگە قوشۇلۇپ (مەلۇم چوڭ ماشايىخلار يېتەكچىلىكىگە بىرىكىپ) دىنىي، ئىجتىمائىي كۈچلەر سۈپىتىدە سوپىلىق تەرىقىتىنى كېڭەيتىش كۈرەشلىرىنى قاناق يايدۇرۇشىدۇ. بەزى ئىسلام تارىخلىرىدا «قوۋمى سۈلۈك داھىلىرى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج، شەيخ نەجمىدىن باغدادى، يۈسۈپ ھەمەدانى، خوجا ئابدۇخالىق، سانايى، ئەتتارى، رۇمىي… پىرقىلىرى ئەنە شۇ خىل سوپى ـ زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ بۆلۈنمە ناملىرىدۇر. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە خاس ئاسىيالىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا بىر ـ بىرىگە باغلانمىغان چوڭ ـ كىچىك سوپى ـ زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارا سۈلۈكلىرى 99 غا، «پىر» لىرى 101 گە يەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.

     

    سوپىزم ئىسلامىيەت دۇنياسىدا مەنئى قىلىنغان مەزھەبتۇر

     

    مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىي زامانلار ئىچىدە بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرى (تۇنجى قېتىم ئىران) دا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي سېستېمىلىشىش، جامائەتلىشىش ئارقىلىق ئىسلام مەزھەپلىرى تەركىبىگە قىستۇرۇلۇپ، ئايرىم مۇسۇلمان قەۋملىرىنىڭ سەجدە ئىخلاسلىرىدا ئېتىقاد شەكلىگە كىرگەن سوپىزم ـ كېيىنكى چاغلار (تەخمىنەن مىلادى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان چاغلار) دا ئايرىم مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا ئىسلامىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىي ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە ۋە قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان بەزى قىلمىشلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ دۇنياۋى ئىسلام مەھكىمىلىرى بىلەن ئىسلام دىن ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن ھەم قارىلانغانىدى.

    سوپىزم شۇ زامانلاردىكى ئىسلام ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە، قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئومۇمەن مۇنۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشەتتى:

    سوپىزم يېتەكچىلىرى ئەزەلدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ «پەيغەمبەر ئەۋلادى (ئىمام)» دېگەن تەمەننا ۋ نوقۇل تەرىقەت بېكىنمىچىلىكى مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ، قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسى بويىچە ئىسلامنى تەرىقەتلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى سوپىلاشتۇرۇش مەقسىتى يولىدا شۇ زامانلاردىكى ئىسلامىيەتنىڭ قانۇنلۇق داھىلىرى (ئىسلامغا قۇرئان بوىيچە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يېتەكچى ئۆلىمالار) قولىدىن ئىسلامىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش كۈرەشلىرىنى زادىلا توختاتمىغانىدى. بۇ كۈرەشلەردە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئورنىنى كۆتۈرۈش («دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق مەزتىۋىلىرىنى تىكلەش)، ئۆزلىرىنى چۆرىدىگەن «دىنىي مەركەز» لەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكۈچى كۈرەشچى مۇسۇلمان گۇرۇھلىرى (سوپى مۇرىتلىرى) نى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم بۇ كۈچلەردىن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئورۇنلاش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار يەنە «دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق دەرىجىلىرىگە كۆتۈرۈلۈش مۇددىئالىرى بىلەن ئۆزلىرىچە قۇرئان ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئەمەل قىلىش مىزانى، ئەنئەنە پرىنسىپى بولۇپ كەتكەن بەزى دىنىي ئەھكام، ئەركانلار (دىنىي پرىنسىپ، مەجبۇرىيەت، قائىدە، ئەنئەنىلەر) دىن ۋە قۇرئاندا تەكىتلەنگەن ئايەتلەردىن چەتنەپ، بەزى غەيرىي دىنلارنىڭ يەنى بۇددا، ھىندى ـ بىراھمان، يەھۇدىي دىنلىرىغا مەنسۇپ سوپىزمچىلارنىڭ() نەرسىلىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ ياكى ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى بار قىلىپ، بار نەرسىلەرنى يوق قىلىپ (قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەت، ھەدىسلەرگە ئۆز قاراشلىرى بويىچە مەنە بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرۈپ)، ئۇنى بىر خىل «دىنىي تەلىمات» شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي مەركەز» لىكىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقانىدى.

    19 – ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئالىم سۇلتان باي ھاجىم (قاغىلىق ناھىيە گوساس ئازغانساللىق ئۇيغۇر) ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم سوپىلىق «تەلىمات» ىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان «خوپپە سۈلۈكى» نىڭ ئىجادچىسى، شاملىق مەشھۇر سوپى بەنى ھاشىم «سۈلۈكى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «… تارىختا سۈلۈك يولىدا يۈرگەن (سوپىلىق يولىنى تۇتقان دېمەكچى ـ ئا) تەرىقەتچى ماشايىخلار ئۆزلىرىنى <پىر> (دىنىي يېتەكچى ـ ئا) دەپ ئاتىشاتتى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ <… مۇسۇلمان بەندىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبىرىمنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە ئەقىل ـ پاراسەتلىرى بىلەن قايىل بولۇشى، ئىمان كەلتۈرۈشى، ئىبادەت بىجا قىلىشلىرى زۆرۈدۇر…> دېگەن تەلىمىنى <… ئىمان ـ تىل ھەم دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بۆلۈكلىرى بىلەن ئورۇنلاش يەنى ئىمانغا بەدىنى بىلەن كىرىشتۇر…> دېگەن «تەلىم» گە ئۆزگەرتىپ، «ئىنسان پەقەت جىسمانىي بەدىنى (مەۋجۇدلۇقى) بىلەنلا ئىنساندۇر، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى ھەر ئىككىىلا ئالەمدە ئىنسان ۋابال ـ ساۋابنىڭ شاھىتى، ئاجرالماس ھەمراھىدۇر» دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ، «پەتىۋا» لىرىنى يەنى «ئۇلۇغ» لىرىنىڭ (يېتەكچىلىرىنىڭ) مىيىت ـ جەسەتلىرىنى «تەن ئاساس»، «تەن مەڭگۈ»، ئۆزلىرى ئۈچۈن «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس ئۇلۇغ مۆجىزات» قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئاللاھقا بولغان مۇسۇلمانچىلىق قەرزلىرىنى شۇ خىل «مازار»، «مۆجىزات» لارغا سەجدە قىلىش، ئۆز مۇرىتلىرىنى سەجدە قىلدۇرۇش، بىلەنلا تۈگىگەن قىلىشاتتى. بۇ خىل قىلمىش تۈپ نىيەتتىن ئالغاندا «خۇدادىن خۇدالىق»، «پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرلىك» دەۋا قىلغانلىق، ئاللاھ بىلەن بەندىلە ئوتتۇرىسدا مۇھەممەد پەيغەمبەردىن باشقا يەنە بۆلەك «ۋاسىتىچى زات» پەيدا قىلغانلىق ئىدى… بۇ بىر «كاززاپ» لىق بولاتتى.» (مۇئەللىپ بۇ سۆزنى مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «كاززاپ» ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ پەيغەمبەردىن «پەيغەمبەرلىك» دەۋاسى قىلغان قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان ـ ئا).

    بىزگە مەلۇمكى، قۇرئان: ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا «يەنە بىر زات بار» دېگەننى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بارلىق «مۇقەددەس مۇرىت»، «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس مۆجىزات» دېگەنلەرگە «تاۋاپ» قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. بۇ خىل «تاۋاپ» قىلىشلارنى ـ بۇتقا سەجدە قىلىشنىڭ دەل ئۆزى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تۆۋەنلەتكەنلىك، ئەۋلىيالار، ساھابىلەر، دانىشمەنلەرنىڭ توپا ـ تۇپراقلىرىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك… تۇپراق بېشىغا قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش قاتارلىقلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسى بىلەن ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا دالالەت قىلىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدا مۇنداق گۈمبەز، قەبرە ياساشلار يوق ئىش بولۇپ، پەقەت قەبرە بېشىغا تاش قويۇپ بەلگە قىلىپ قويۇلاتتى. بۇ قەبرىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا بولاتتى…«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە: كېيىنكى دەۋرلەردە قەبرىلەر ئۈستىگە تۈرلۈك بىنالارنى سېلىش ۋە تۈرلۈك نەقىشلەرنى ئويۇش ئىشلىرى پەيدا بولۇپ، بۇ نەرسىلەر قارىغان ئادەمگە خۇددى بۇتقا ئوخشاشلا كۆرۈنەتتى… مىيىتنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ قەبرە بېشىغا كېلىپ، تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشى كۆپىنچە مەككە موشرىكلىرىنىڭ بۇتخانىلاردا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا بولۇپ، ئاخىرەتكە ئائىت ئىشلاردا روسۇلىللا قىلمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن بىر قۇرۇق ئاۋارىچىلىك بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «دىنىي ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار…» دېگەنىدى.

    دۇنياۋى ئىسلام جامائەت پىكرى تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك توغرا ھۆكۈم ۋە ھەق ئاساسلار بىلەن رەت قىلىنغان سوپىزم ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ كېيىنكى داۋامىنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا مىلادى 12- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇنياۋى ئىسلام كۈچلىرى بەسىرە، شىراز، ھەمەدان، خۇراسان قاتارلىق سوپىزم نۇقتىلىرىدا سوپىلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى مەشھۇر «پىر» لىرى، ـ بەسرەلىك سوپى نەجمىدىن باغدادى، شىرازلىق سوپى يۈسۈف (خەتمە ئەزەم)، مەۋلانە سەرۋەرى، ھەمەدانلىق سوفى مۇھەممەد ئەزەم (بالاگەردان پىرىم)، خۇراسانلىق سەئىدئاسىپ ئەزىزى (پىرى ئەزىزان) قاتارلىق ماشايىجلار (چوڭ سوفىلار) نى «ئىسلام دىن ئاسىلىرى» ئەيىبى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. «تەزكىرە پىر ياران» دا بۇ ئەھۋال: «بۇ پىرلار ئۆزلىرىنى <خوجام روسۇلىللا بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىگەر ئەلچى>، <پىر ئىنەلھەق> (ھەق ئاللاھنى كۆرگەن پىر ـ ئا) <غايىبنى بىلگۈچى> (كارامەتچىلەر) دېگەن كۇپىرلىق دەۋالىرى بىلەن باشلىرىدىن ئايرىلغان…» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سوپىزمنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى ـ ئىرانلىق سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج: «ماڭا خۇدادىن «خۇدالىق ۋەھىي كەلدى» دېگەن گۇناھى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سوتى تەرىپىدىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

    دېمەك سوپىزم ـ تارىختا يۇقىرىقىدەك ئىسلامغا زىد قىلمىشلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئېتىبارىدىن چۈشۈپ، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ رەقىب مەزھەپلىرى تۈركۈمىگە مەنسۇپلىشىپ كېتىدۇ. دۇنيا تارىخىدا بۇ مەزھەبنىڭ بىرەر قېتىممۇ بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر قەبىلە، بىرەر جەمئىيەتتە دىنىي سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلىگە كىرىپ باقمىغانلىقى، يېتەكچى دىنىي مەزھەپ بولۇپ نوبۇز تىكلەپ ئۆتۈپ باقمىغانلىقى ئەنە شۇ خىل پرىنسىپلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىندۇر.

     

    بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۈشتە (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە) ھەر خىل زامانلارنىڭ تۈرلۈك ھادىسە، قىسمەت، پېشكەللىكلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۈرت، ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پاناھلىق ئىزدەپ شىنجاڭغا كېلىپ قالغان ھەر خىل كەچۈرمىشلىك مۇساپىر ئىنسانلارغا ئۆز ئارىلىرىدىن تۇرۇشقا ئورۇن، ياشاشقا يول ھازىرلاپ بېرىشتەك ئىلتىپاتپەرەسلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەنمۇ ۋەتىنىمىزدە ھەر قايسى زامانلار بويىچە ھەر خىل غەيرىي مىللىي تەركىب ۋە ياكى غەيرىي ئاھالىلەر تۈركۈملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، كۆپىيىشى، ئورۇن ئېلىشى، يەرلىشىشى، سىڭىش ـ سىڭىشىشتەك تەقدىرى ـ قىسمەتلىرىنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىن تىكلىنىشىگە سەۋەب بولۇشقان. تۈرلۈك تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي زامانلار جەريانىدا ۋەتىنىمىزگە چەتتىن «تىنچ» ئېقىپ كىرگەن (مۇساپىرەتچىلىك سەپىرىدە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ياكى نەسەب، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن) بۇ خىل سەرگەردان مۇساپىرلارنىڭ خېلىلا بىر قىسمى ئىران، ئىراق، ھىندى، ئافغان، بۇخارا، كاسان قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل زامان، ھەر خىل شارائىت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزگە قېچىپ كەلگەن كۆچكۈن سوپى، ئىشانلارغا مەنسۇپ «ئەھلى دىن پەقىرلىرى» دىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا ماكان تۇتۇشقاندىن كېينلا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىن بەندىلەرگە <پىر>، <ئۇستاز> بولۇش ئۈچۈن كەلگەن» لەر دېيىشىپ، بارا ـ بارا ئەجدادلىرىمىزغا «ئۇلۇغ پىرلىق»، «ئۈلۇغ سەئىدلىك»، «ئۇلۇغ زاتلىق»، «خىسلەت»، «كارامەت» لىرى بىلەن دىنىي، روھىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل باشلىنىشلار نەتىجىسىدە شۇ زامانلاردىكى، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز تەدرىجىي: يۇرت بىزدىن، خەلق بىزدىن، بايلىق، مەئىشەت، ئىلتىپات، سۈكۈت، بويسۇنۇش، «سەۋرى»، «تەقدىرگە تەن بېرىش» بىزدىن، «پىرلىق»، «دىنىي يېتەكچى» لىك، ئەگەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، يېتەكلەش ئەنە شۇ «ئۇلۇغ زاتلار» دىن بولىدىغان جاھالەتلىك جەمئىيەتنىڭ پەقەت بويسۇنۇشقىلا يارىتىلغان، كۆنۈك، مۆمىن «ئىمانى كامىل» لىرىدىن بولۇپ كېتىشكەن.

    ­ ئەسلى تېمىمىزدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ھەم تېخىمۇ ياخشىراق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى تارىخىي ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن، يۇقىرىدا تەرىپلەنگەن سوپى ـ ئىشانلار ئىچىدىن ئەينى زامانلاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەرلىشىپ، ئابرۇي تېپىپ، باش كۆتۈرۈپ (ئەجدادلىرىمىزغا «پىر»، «خوجا»، «ئىشان» لىق قىلىپ) مەلۇم دەۋرلەر بويىچە ئىش تەۋرىتىپ، تارىخىمىزدا بىزگە تۈرلۈك ئېچىنىشلىق سەلبىي ئىزلارنى ھەتتا ئەڭ ھالاكەتلىك تارىخىي زەبۇنچىلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ۋەكىللىك خاراكتېرى چوڭ، تەسىرى كەڭ، تېخى ھازىرغىچىلىكمۇ بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد ئىشەنچ ـ ئېتىبارلىرىدا «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن يادلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۆۋەندىكى ئاتاقلىق يەتتە «ئۇلۇغ پىر زات» توغرىسىدا بىر ـ بىرلەپ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

     

    «خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم» توغرىسىدا

     

    تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇمدۇركى، تارىختا شىنجاڭغا مۇساپىرچىلىق بىلەن كېلىپ، بىزدىكى ئۆمرىدە «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن داڭ چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىزنى سوپىلىق يولىغا باشلاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر سوپى ـ زاھىدلاردىن بىرى ـ ئىرانلىق سەرگەردان خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئىسىملىك سوپىدۇر. بۇ كىشى ئەسلىدە مىلادى 12- ئەسىردە ياشاپ ئۆزىنى «ھەپتە مۇھەممەدان» (مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 7- ئەۋلاد نەۋرىسى) دەپ ئېلان قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىرانلىق مەشھۇر سوپىزم تەرغىباتچىسى ئوبۇل ياقۇب يۈسۈف ئەلپۇزەنجىر ئەل ھەمەدانىنىڭ 15- ئەسىردىكى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولۇپ، خۇراسان ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن «خۇدالىق دەۋاسى قىلغان» گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان يېرىدىن ھىندىستان ئارقىلىق يەكەنگە قېچىپ كەلگەن. يەكەندە ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلىپ، يەكەن، قەشقەر تەۋەلىرىدە يەتتە ـ سەككىز يىل سوپىزمنى تەشۋىق قىلىش، تارقىتىش، كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى مازارلارغا شەيخلىق قىلغان. 1565- يىلى يەكەندە ئالەمدىن ئۆتكەن. مىلادى 1807- يىلى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى پۇشتى، يەكەن ۋاڭى ـ يۇنۇس ۋاڭ تەرىپىدىن قەبرىسى «مازار» قىلىپ قاتۇرۇلۇپ «خوجا مەشپىرىم» (خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم) نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ مازار يەكەندە «ھەزرىتى پىر» دېيىلىپ كەلمەكتە. بۇ «پىر» نىڭ تارىختا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بەزى «پىر» لىق «تۆھپە» مىراسلىرى (قىلمىش ـ ئەتمىشلىرى) نى قولىمىزدىكى ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن تۆۋەندىكىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز:

    خوجا مۇھەممەد شىرىپ يەكەنگە كېلىپلا ئۆزىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 23- بوغۇم نەۋرىسى» دەپ ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رايىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ۋە: «پۈتۈن دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەسەبلىرىگىلا خاستۇر» دېگەن «پەتىۋا» بىلەن يەكەننىڭ ھەممە دىنىي ئىشلار ھوقۇقىنى يەرلىك ئۆلىمالار بىلەن ئەھلى شەرىئەت مۆتىۋەرلىرىدىن تارتىۋالىدۇ. 1534- يىلى سەئىدىيە خانلىقىىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر خانى ئابدۇرەشىدخان جەمئىيىتىنىڭ «باش شەيخۇلئىسلام» لىقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئايماق، يۇرتلاردا دەرىجىلەر بويىچە دىنىي مەھكىمىلەر (قازىخانا ۋە سوراقخانىلار) نى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىقى (ئاساسەن سوپىلىق تۈزۈمى) نى خانلىق نامى بىلەن كېڭەيتىدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ. ئابدۇرەشىدخاننى «مۇرىت» لىققا قوبۇل قىلىپ «پىر» لىق «سالاپىتى» بىلەن تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. «يەكەن تارىخى» دا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق يېزىلغان: «… ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپكە قول بېرىپ مۇرىت بولىدۇ. شۇ تارىخىي شارائىتتا ئابدۇرەشىدخاننىڭ شۇنداق قىلماسلىققا ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدا (سولتان سەئىدخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ دادىسى ـ ئا) كەڭ ئەۋج ئالغان سوپىلار پىتنىسى ئابدۇرەشىدخانغا تۈرلۈك تۆھمەت ـ بەدناملارنى چاپلاش بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپ بىلەن مازارلارغا بېرىپ، خانىقالاردا تۈنەپ، «ياھۇ ـ يامەنھۇ» دەپ جار سېلىپ يۈرگەن سوپىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئەسكەرلىككە ئېلىشى، ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشى لازىم ئىدى… ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپنىڭ كەيىنىگە كىرىپ، ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بوغراخان مازىرىدا بىر نەچچە كۈن يېتىپ، مازارغا تاۋاپ قىلىپ سوپىلاردىن قوشۇن توپلىدى……»

     

    خوجا مۇھەممەد شىرىپ يۇقىرىقىدەك چارە ـ ئاماللارنى قوللىنىپ، ئاخىرى ئابدۇرەشىدخان ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە، دىنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىگە قول تىقالايدىغان، دېگىنىنى قىلالايدىغان بىردىنبىر ھۆكۈمران «پىر» بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. ئابدۇرەشىدخان تەۋەلىكىدە (كەشمىر، ھازىرقى پاكىستان، شەرقىي ئافغانىستان، شىمالىي تىبەت، قازاق يۇرتلىرى (ئالتاي تاغلىرى)، ئىسسىق كۆل، بالقاش كۆلى ۋادىلىرى، پەرغانە ۋە ئارا يۇلتۇز (ھازىرقى شىڭشىڭشىيا) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئىدىيە خانلىقى تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا) سوپى، ئىشانلىق ھەرىكىتىنى كۈچەپ قاناق يايدۇرۇۋېتىدۇ. يەنى نام، مەنپەئەت ۋە دىنىي «شەپقەت» چىلىكنى ۋەدە قىلىش، تەرغىبات مەدداھلىقى بىلەن ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇرىت بىلەن مۇرىت، سوپى بىلەن سوپى، ئىشان بىلەن ئىشان كۆپەيتىپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە مەلۇم جامائەت قاتلاملىرىنى، خەلق كۈچلىرى توپلىرىنى پەيدا قىلىپ ۋە ئۆزىگە تارتىپ، ئاخىرى ئابدۇرەشىدخان ھاكىمىيىتىنى ئۆزىنى مەركەز قىلغان سوپى، ئىشانلار شېرىكچىلىكىدىكى (ئۇلارنىڭ ھالاكەتلىك تەسىرلىرىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان) ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تارىختىكى جەددە پۇشتى، ئىران ھەمەدانلىق مەشھۇر سوپى ئوبۇل ياقۇب يۈسۈف ئەلپۇزەنجىر ئەل ھەمەداننىڭ سوپىلىق يولى ـ «ئىشقىيە سۈلۈكى» نى خانلىق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەل قىلىدىغان دىنىي مىزانى، ئىدېئولوگىيە پرىنسىپى قىلىپ، جەمئىيەتتە بۇ سۈلۈكنى يولغا قويۇش، كېڭەيتىش كويىغا چۈشىدۇ. ئۇ «پىر» ئەجدادلىرىمىزنى باشلاپ كىرگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» ـ نىڭ ئىبادەت پرىنسىپى مۇنداق ئىدى: «ئىشقىيە» چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز سۇلۇكىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى «ئىبادەت» دېگەن بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ. مۇرىتلىرىنى تەركى دۇنيا بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئۇلارنى جاھاندىن قول ئۈزۈپ، ئۆي ـ جاي تۇتماي، خوتۇن ئالماي، بالا ـ چاقىلىق بولماي، بىر جايدا ماكانلاشماي، جايدىن جايغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، جاھاننى كېزىپ، بۈگۈن تاپقاننى ئەتىگە قالدۇرماي قولدىن چىقىرىۋېتىپ ياكى يەپ تۆگىتىپ، ھايات كەچۈرۈشنى تەرغىب قىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ مۇرىتلىرى توپلانغان جايلىرىدا ياكى يەككە ـ يېگانە يۈرگەندە قانغىچە چىلىم تارتىپ نەشە چېكىشنى «ئىبادەت دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئارقىلىق «خۇدا» غا ئاشىقلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، ساراڭلارچە ھاياتقا قەدەم قويغانلىقىنى ـ «خۇدانىڭ ئىشقىغا ئۆزىنى پىدا قىلغانلىق» دەپ قارايدۇ، ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى «خۇداغا يېقىنلىشىش» دەپ بىلىپ، ئۆزلىرىگە مۇرىت توپلاپ، ئۇلارغا ئالدى بىلەن توۋا ـ ئىستىغبار (توۋانامە) ئېيتقۇزۇپ، ئۆزلىرىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى، داۋملىق «پىر» نى ياد ئېتىپ تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ يولدا ئوبدانراق خىزمەت قىلغۇچى سوپىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تەيىنلەپ، مۇرىت توپلاش ئۈچۈن جايلارغا ئەۋتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ…..

     

    دېمەك «خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم» 16- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى (كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا مەلۇم ئىجتىمائىي ئىلغارلىقى، مىللىي خاسلىقى ھەم ئالاھىدە كۈچ ـ قۇدرىتى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقىرىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئابدۇرەشىدخان يېتەكچىلىكىدىكى جەمئىيەت) نى ئەنە شۇ خىل تەركى دۇنياچىلار «جەمئىيىتى» گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. تارىختا شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ، يەنىلا شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن تەرىقەتچى سوپى، ئىشانلارنىڭ كونا قەبرە ۋە ئۆلگەن ئورۇنلىرىنى تېپىپ، ئۇنى «مازار» قىلىپ تىكلەپ، «ئۇلۇغلۇق تەزكىرە» لىرىنى تۇرغۇزۇپ، «خاسىيەت» ھەم «كارامەت» لىرىنى تەرىپلەپ، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزغا «تاۋاپ»، «ئىستىقامەت» قىلىپ تۇرىدىغان «مۇقەددەس مازار»، «ئۇلۇغ جاي» لارنى تىكلەپ، بەلگىلەپ بەرگەن.

    19 – ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئۇيغۇر ئۆلىما سۇلتان باي ھاجىمنىڭ «بۇرقۇم ئەۋلىيا ھەققىدە» دېگەن قوليازمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە: خوجا مۇھەممەد شىرىپ يەكەندە دەۋران سۈرۈپ يۈرگەن چاغلىرىدا 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىراننىڭ ھەبدە دېگەن يېرىدىن يەكەنگە قېچىپ كېلىپ، يەكەندە ئۆلۈپ قالغان مەشھۇر سوپى ھەبدە مۇھەممەدنىڭ «مازىرى» نى ياسىتىپ، ئۇنى «چىلتەن ئەۋلىيا» دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇمدۇر. بەزى تارىخىي پاكىتلاردىن بىلىشىمىزچە، «چىلتەن» دېگەن بۇ «مازار» ئەمەلىيەتتە مىلادى 1500- يىللاردىن بۇرۇن (مىرزا ئابابەكرى زامانىدا) ئوبۇ تالىپ سەبەرەستە ۋەلى دېگەن بىر كىشىنىڭ لەۋزى بىلەنلا «مازار» ئاتىلىپ قالغان ئورۇن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قايسى زاماندىكى قايسى «ئۇلۇغ زات» نىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. «تەزكىرە پىر يارانلار» دە يەنە خوجا مۇھەممەد شىرىپنىڭ بۇ مازارنى ياسىتىش ئۈچۈن، ئابدۇرەشىدخان خەزىنىسىدە بىر چارەك نەق ئالتۇن ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە شۇ تەزكىرىدە: «… بۇ زاتى، بەرىكات ئۆز ئىلپات، ئەمرى ـ پەرمانلىرى بىلەن خۇدايى تەرىقەت ئىبادىتى ئۈچۈن، بۇ دىياردا 700 <رۇكۋار> (ئېھتىمال مازار بولسا كېرەك ـ ئا)، 148- خانىقا، 47 <پىرلىك ھەمدان> (سوپىلار مۇرىتلىرى بىلەن جەم بولۇپ <ئىبادەت> قىلىدىغان مەخسۇس ئورۇن، مەيدان ـ ئا) بىنا قىلدىلەر…» دېيىلگەن.

     

    خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك «پىر» لىق ئىمتىياز، ئىناۋەتلىرىدىن، مۇرىت، يارانلىرىدىن ۋە ئىغۋاگەر كەسىپداشلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك غايە، ھەرىكەت، ئىنتىلىشلىرىگە زەربە بېرىش، خانلىقنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى تولۇق ئىگىلەش كويىغا چۈشىدۇ. بىرىنچى زەربىنى دەل ئابدۇرەشىدخان ھوزۇرىدىن باشلايدۇ. ئۇ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ خوتۇنى مەشھۇر مۇقامچى، شائىر ۋە ئەخلاقشۇناس ئاماننىساخاننى «شەرمەندە، شەرمىساز» لىق گۇناھى بىلەن قاتتىق ئەيىبلەپ (خوجا مۇھەممەد شىرىپ سوپىلىرى خەلق مەشرەپلىرىنى «شەيتان سورۇنى»، خەلق نەغمىچىلىرىنى «شەرمىساز» لار، خەلق ئۇسسۇلچىلىرىنى «شەرمەندە» لەر، بۇ ساھەدىكى ھەر خىل ئىجادىيەتچىلەرنى بولسا «ئازازۇل مۇرتەد» لەر دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇشقانىدى)، ئۇنىڭ «ئەخلاق جەمىلە»، «شەرھۇلقۇلۇب» قاتارلىق نۇرغۇن ئىجادىي مۇزىكىلىق ئەسەر ۋە مۇزىكا ئىجادىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئاماننىساخان ۋاپاتىدىن كېيىنلا «پەتىۋا» چىقىرىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئاماننىساخاننىڭ ئۇستازى، ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىنىڭ ئىلمىي ئەربابلىرى ـ مەشھۇر مۇقامشۇناس قېدىرخان، خەتتات غازى ھەبىبۇللا سەردار، تارىخچى مىرزا مۇللا مۇھەممەد يار ئاخۇن قاتارلىق توققۇز كىشىنى «مۇرتەد» (دىندىن چىققان) لىكتە ئەيىبلەپ، ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئوردا ئەھلىنىڭ بىرلىك ـ ھەمدەملىك ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ، ئىغۋا كۆپەيتىپ، ئاب

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us