• ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ ، ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ !

    2010-06-29

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67439214.html

    بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى ئەمەلدارلارغا بېغىشلايمەن

    مۇھەممەت چاۋار

    ئاۋۋال ئۆگىنىپ ، كېيىن ئىشلەڭ

        سىز بۈگۈندىن باشلاپ مۇشۇ ئورۇننىڭ باشلىقى . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىڭىز ئۆگىنىشتۇر.
    سىز ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىڭىزدا ئۆزىڭىز ئاللىقاچان ھازىرلىغان كۆپلىگەن ئىلىم - پەن ۋە تۇرمۇش بىلىمىگە تايىنىپ ، خىزمەت ئورنىڭىزدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىڭىز بىلەن سەپداشلىرىڭىزنى ، باشلىقىڭىزنى ۋە پۇقرالىرىڭىزنى قايىل قىلغانسىز . ئەمما بۈگۈندىن تارتىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى . ھايات سەپىرىڭىز مۇشۇ مىنۇتتىن باشلاپ تامامەن ئۆزگىچە مۇھىتقا كۆچتى . سىز ئۈچرىتىۋاتقان ھەر بىر شەيئى ۋە ھادىسە سىزگە نىسبەتەن يېڭى سىناق ، يېڭى يۈزلىنىش ، يېڭى مەسىلىدۇر . بۇ يەردە سىز بىلمەيدىغان ۋە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ . ئېيتايلۇق ، سىزنىڭ مەسئۇللىقىڭىزدىكى ئىشنىڭ ۋەزىپىسى ، نىشانى ، كۆرسەتكۈچلىرى ، ئۆلچەملىرى ، سانلىق مەلۇماتلېنىڭ جۇغلانمىسى ، قۇرۇلمىسى ، ئۆزگىرىش ھالىتى ، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ئىمكانىيىتى ، كىشىلەرنىڭ پىسخىك ، ئېستېتىك قىزىقىشلىرى ، كەسپىي قىزغىنلىقى ، ھەربىر كىشىنىڭ كونكرېت خىزمەت ئورنىدىكى ئالاھىدىلىكى ۋە نەتىجىسى .... ئىشقىلىپ ، ھەممىنى قايتىدىن ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ . ئۆگىنىش ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى ۋە ئەڭ ياخشى كاپالىتى .
        ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولمايدۇ ، ئۆگىنىش ئوبيېكتلىرىنىڭ قاتلىمىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ . قايسىلىرىنى ئاۋۋال ، قايسىلىرىنى كېيىن ئۆگىنىسىز ، ئەلۋەتتە بۇ ئېھتىياجىڭىز ۋە ئىختىيارلىقىڭىزدىكى ئىش . ئېھتىياج ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
    شۇ نەرسە ئايانكى ، ئالدى بىلەن سىز باشلىق ، كونكرېت مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي خادىم ئەمەس . ئۇنداقتا ، مۇتەخەسسىسلىك مەنسەپكە زىت ئەمەس . ئەگەر ئۆز ئورنىڭىزدا مۇتەخەسسىسلىك دەرىجىسىگە يەتسىڭىز ، ئۇ ھالدا ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدۇ . ئەكسىچە ، مەن باشلىق دەپ قاراپ ، ئۆزىڭىز باشقۇرۇۋاتقان كەسىپنىڭ ئېپى - جىپىنى بىلمىسىڭىز ، ئۇ ھالدا قارىغولارچە قوماندانلىق قىلماي ئامالىڭىز يوق . نەتىجىدە ، يا ئىشىڭىز روياپقا چىقمايدۇ ياكى كۆڭلىڭىز ئارام تاپمايدۇ . سەپداشلىرىڭىز ئارىسىدا ھۆرمىتىڭىزمۇ كەم بولىدۇ . كونىلاردىكى : << بىلگەننىڭ يۈزى يورۇق ، بىلمىگەننىڭ يۈزى چورۇق >> دېگەن سۆز تولىمۇ پاساھەتلىك يەكۈندۇر .
    ئۆگىنىش ھەققىدە تارىخىي مىساللار بەكمۇ كۆپ . بۈگۈنكى زاماندا كۈچلۈكلەر توغرىسىدىكى تەبىرنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەردى . بىلىم - كۈچنىڭ ئاساسى . لېكىن ئۇ مۇكەممەل مەنىدىكى كۈچنىڭ ئۆزىمۇ ئەمەس . بىلىم ۋە ھوقۇق - كۈچنىڭ ئىككى قانىتىدۇر . پەقەت ئىككى قانات ھەرىكەتلەنگەندىلا ئاندىن ھوقۇق پائالىيىتىدىكى ھەقىقىي كۈچ شەكىللىنىدۇ . كۈچلۈك - قابىليەتلىك باشلىق بولاي دېسىڭىز ئۆگىنىڭ ، مۇمكىن بولسا جىقراق نەرسىنى ئۆگىنىڭ ، ئۇنىڭ سىزگە ھەرگىز زىيىنى تەگمەيدۇ .

         ئەستە تۇتۇشىڭىز كېرەككى ، بىلىم بىلەن ھوقۇقنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن كۈچ يا ئادالەت بىلەن دۇنيانى گۈللەندۈرىدۇ ، يا زوراۋانلىق بىلەن ھەممىنى ھالاك قىلىدۇ .


         ئۇنۇتماڭ ، ھوقۇق سىزنىڭ ئەمەس !
      مەنسەپكە تەيىنلىنىشىڭىز بىلەن ، ئۆزىڭىز ۋە ھوقۇقىڭىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ . ئەمدى سىز بويرۇق چۈشۈرەلەيسىز ، ئىش تاپشۇرۇپ ، جاۋاب ئالالايسىز ، دوكلاتلارغا تەستىق سالسىڭىز ئىجرا قىلىدىغان ۋە سۈرۈشتە قىلىدىغانلار ئىختىيارسىز تىپىرلاپ كېتىدۇ .سالام بېرىدىغانلار ۋە ھاجەتمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىدە گەپ يوق . لېكىن شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز ھەممىگە قادىر ئەمەس . بۈگۈنكى زامان ھوقۇق چەمبىرىكى روشەن قاتلام قۇرۇلمىسىغا ئىگە ، سىز پەقەت شۇ قاتلامدىكى بىر چەمبەرگە مەنسۇب.گەرچە بۇ چەمبەر ئۆز سىرتىدىكى يەنە بىر چەمبەرگە زىچ باغلىنىشلىق بولسىمۇ،ئەمما ئۆزىڭىز تەۋە بولغان چەمبەر سىرتىدا ھەرىكەت قىلالمايسىز.مۇبادا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلسىڭىز،ئۇ ھالدا سىز دەرھال ئۆزىڭىز تەۋە بولغان چەمبىرەك ۋە ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدىكى چەمبەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايسىز.
    سىز مەنسەب ۋە ھوقۇققا ئىگە،ئەمما ھەممىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.شۇنىسى تېخىمۇ روشەنكى،سىز ھوقۇقنىڭ ۋەكىلى،ھەرگىزمۇ ھوقۇقنىڭ ئۆزى ئەمەس.سىز يۈرگۈزىۋاتقان ھوقۇق ماھىيەتتە دۆلەتكە،خەلققە مەنسۇب.سىز ھاكىمىيەت ئالدىدا،خەلق ئالدىدا جاۋابكار.خەلق ھەرگىز سىزگە جاۋابكار ئەمەس.دۇنيادىكى باشقا شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە ئوخشاشلا ھوقۇقمۇ قائىدە-تەرتىپكە ئىگە.ئەگەر سىز ياخشى مەنسەبدار بولىمەن دېسىڭىز،سىزگە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ قائىدە-تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشىڭىز زۆرۈر.ھوقۇقتا ھەرگىزمۇ باشباشتاقلىق،ئۆز بېشىمچىلىق قىلماڭ،ھاكىمىيەتكە زىيان سالماڭ،خەلققە دۈشمەنلىك قىلماڭ.مۇناسىب مەنسەبدار كۆڭۈلچەك،ئېرىنچەك،زېرىككەك،تېرىككەك بولماس.پەم-پاراسەتلىك بولۇڭ.گەرچە مەنسەبدار ئاتالسىڭىزمۇ،ئەگەر قىلدەك بېخەستىلىك قىلسىڭىز،بىر كېچىدىلا ئەيبكارغا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.ئىشتا ھەق-ناھەقكە سەللا چېقىلسىڭىز،شۇ ھامان شىكايەتنىڭ ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز تۇرغان گەپ.ناھايىتى روشەنكى،ھوقۇق خۇسۇسى مۈلكىڭىز ئەمەس بەلكى سىزگە بېرىلگەن بىر خىل مەسئۇلىيەت.شۇڭا،ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىزلا باركى،ئەكسىچە،ھوقۇقتىن پايدىلىنىدىغان قىلچىلىك خۇسۇسى ئىمتىيازىڭىز يوق.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us