• ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى

    2010-06-27

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67278134.html

    يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ----- سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە

       ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چڭو ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :

      بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرەەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .

       ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .

       ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .

    تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان " ئالتۇن دەۋر " ى بارلىققا كەلگەن .

      بەشىنچى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن " مۇقام " مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرەەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر " 12 مۇقام " ىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلار ھازىرلانغان ............. .

       ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانننىڭ يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئونۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 - 1560 - يىللىرى ، ( ئىسلام كالىندارى 967 - يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .

     
    سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە


       يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .
       سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .
      سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .


    چاغاتاي خانلىقى ھەققىدە

      چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتەسۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن " چاغاتاي خانلىقى " دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .
    خاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان مۇڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . مۇڭغۇللار . تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .

     
    چاغاتاي ھەققىدە

      چاغاتاي ----- " چاغاتاي خانلىقى " نىڭ ئاساسچىسى . 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان . ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلاسۆيەر رايونى ( ماڭلاسۆيەر --- ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى مۇڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان . چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپىرىيىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا - سېتىق ، پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى " ئوتتۇرا يىپەك يولى " دا سودا - سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس " پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى " نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ - خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق - شاراپقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 - يىلى ۋاپات بولغان .

     

    كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى

       كۆكتۈرك خانلىقى ---- تۈركلەرنىڭ " ئاشىنا " ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋ خې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان جوڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە " كۆكتۈرك مەدىنىيىتى " دەۋرىگە قەدەم قويغان .
    خانلىق پارچىلىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :

    1 . ئاشىنا تۈمەن
    ئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 - يىلىدىن 552 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە "بومىن قاغان" ، " ئىلىگ قاغان " ، " ئېل قاغان " ، " تۈمەن قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .

    2 . قارا قاغان
    قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 - يىلىدىن 553 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە " قالا " ، " ئەل ئىشىگ قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان .

    3 . ياندۇ ئېركىن
    ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 - يىلىدىن 572 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا " مۇقان قاغان " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .

    4 . تابار قاغان
    تابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 - يىلىدىن 581 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە " تاسپار قاغان " ، " تابا قاغان " ، " تابامى قاغان " دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان .

    5 . ئىشبارا قاغان
    ئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا " ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان " ، " ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان " دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .

     

    چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىرى

      چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي خانلىقى" دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .
    تۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى :

    1 . چاغاتاي .
    چاغاتاي ---- "چاغاتاي خانلىقى" نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    2 .قارا ھېلاكۇ .
    قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .

    3 . يېسۇمۆڭكۇ .
    يېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    4 . قارا ھېلاكۇ
    قارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .

    5 . ئورفىنا
    ئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .

    6 . ئارغۇ
    ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    7 . مۇبارەكشاھ
    مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .

    8 . بۇراق
    بۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    9 . نىكباي
    نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    10 . دۇۋا
    دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

    11 . كۈنجۈك
    كۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    12 . تالقۇ
    تالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

    13 . كەبەك
    كەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

    14 . ئېسەن بۇقا
    ئېسەن بۇقا تارىختا "ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .

    15 . كەبەك
    كەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى .

    16 . تارماشىرى
    تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    17 . چىنگىش
    چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .

    18 . يەسۇن تېمۇر
    يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .

    19 . ئېمىل خوجا
    ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    20 . تۇغلۇق تېمۇر
    تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    21 . ئىلياس خوجا
    ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    22 . خىزىر جوجا
    خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    23 . شەمىئىي جاھان
    شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    24 . مۇھەممەد
    مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    25 . شىر مۇھەممەد
    شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    26 . نەقشى جاھان
    نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .

    27 . ئۇۋەيس
    ئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .

    28 . ئېسەن بۇقا
    ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

    29 . دوست مۇھەممەد
    دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    30 . كېپەك سۇلتان
    دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    31 . ئەھمەد
    ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .

    32 . مەنسۇر
    مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق "خان" قىلىپ تەيىنلىگەن .

    33 . شاھ سۇلتان
    شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    34 . سۇلتان مەسئۇد
    سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .


    يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
    يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .

    1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .

    2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .

    8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .

    9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .

    10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .

    11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .

    12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان .


    باتۇر تەڭرىقۇت ھەققىدە رىۋايەت

       ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سىما چىيەن ئۆزىنىڭ "تارىخنامە" ناملىق كىتاۋىدا شەرق ئەدىبىيات تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان "باتۇر تەڭرىقۇت (مودۇن چەنيۈ ) توغرىسىدىكى رىۋايەت " نى قىسىقىچە خاتىرلەپ قالدۇرغان .
       "تارىخنامە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرلەردە ھونلار قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا تۈمەن تەڭرىقۇت ئىسىملىك بىر كىشى پادىشا ئىكەن .تۈمەن تەڭرىقۇت ئۆزىنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى باتۇرنى ئۆزىگە ۋەلى ئەھدى (تەخت مىراسخورى) قىلىپ تەيىنلەيدۇ . بىراق ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈمەن تەڭرىقۇت بۇ قارارنى بىكار قىلىپ تاشلاپ ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدىلىككە تەيىنلىمەكچى بولىدۇ ؛ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چوڭ ئوغلى باتۇرنى ھازىرقى گەنسۇ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا قىلىدۇ . چۈنكى ، قەدىمقى زامانلاردا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ئىككى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن شەرتلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۆز شاھزادىلىرىدىن بىرسىنى خوشنا دۆلەتكە بارىمتا ھېساۋىدا تاپشۇرۇپ بېرىشەتتى ، تۈمەن تەڭرىقۇت باتۇرنى ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا سۈپىتىدە يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدى قىلىپ بېكىتىدۇ . بۇ ئىش باتۇرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . سىما چىيەننىڭ "تارىخنامە" سىدە يېزىلغان بايانلارغا قارىغاندا ، ئۇ دەۋرلەردىكى بارىمتا قىلىنغان شاھزادىلەرنىڭ ھاياتى ھەمىشە دېگۈدەك خەۋپكە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن . چۈنكى ، تولا چاغلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلغان ھامان ، بۇ بالىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىكەن . بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشەنگەن باتۇر سەگەكلىك بىلەن ئەھۋالنى كۈزىتىپ ، پەيتنى تېپىپ قېچىپ كېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ، ھونلار بىلەن ئۇلۇغ ياۋچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلايدۇ . بۇنى سەزگەن باتۇر ئۇلۇغ ياۋچىلار نىڭ خاقانى مىنىدىغان يۈگۈرۈك ئاتقا مىنىپ قېچىپ كېتىدۇ . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئادەم تەشكىللەپ قوغلىغان بولسىمۇ ، باتۇرغا يېتىشەلمەيدۇ .
       باتۇر ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيىي دېگەن يېرىدىن قېچىپ ،نىڭشىئادىكى تەڭرى قۇملىغىنى بېسىپ ئۆتۈپ شەرققە قاراپ يول سالىدۇ . ئاخىرى ھونلارنىڭ لۈۋبالىق دېگەن پايتەختىگە (ھازىرقى كۆكخوت ئەتراپىغا) سالامەت يېتىپ كېلىدۇ .
      ئۆز پەرزىنتى باتۇرنىڭ زېرەك ، قەھرىمان ،قەيسەرلىكىنى كۆرگەن تۈمەن تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنى تەربىيلەش ئىشىنى باتۇرغا تاپشۇرىدۇ . بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشكەن باتۇر پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ ، ئاۋازلىق ئوقيانى ئىجاد قىلىدۇ . ئۆزى تەربىيلەۋاتقان ھون لەشكەرلىرىنى : "مەن مۇشۇ ئاۋازلىق ئوقيانى نىمىگە قارىتىپ ئاتسام ، سىلەرمۇ شەرتسىز شۇ نەرسىنى نىشانلاپ ئېتىڭلار ! ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلاق قىلىدىكەنسىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن : دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ .
       مەلۇم بىر كۈنى باتۇر ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئۆزى مىنىدىغان ئاتقا قارىتىپ ئاتىدۇ ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ بۇ ياخشى ئاتنى ئېتىشقا كۆزى قىيماي تەمتىرەپ تۇرۇپ قىلىشىدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت دەرھال بۇيرۇقنى ئورۇنلاشقا سۇسلىق قىلغان ھون ئاتلىقلىرىنىڭ بېشىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە يېنىدىكىلەرنى قاتتىق ئەگاھلاندۇرۇپ : "بۇنىڭدىن كېيىن كېمدە - كىم مەن ئاۋازلىق ئوقيا بىلەن نىشانلاپ ئاتقان نەرسىنى دەرھال ئاتمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھازىر بېشى ئېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش بولىدۇ " دەيدۇ .
       ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي ، باتۇر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇنىنى نىشانلاپ ئاۋازلىق ئوقيانى ئاتىدۇ ، بۇ قېتىممۇ ھون ئاتلىق لەشكەرلىرى باتۇرغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئوقيا ئېيىشقا جۈر ئەت قىلالمايدۇ ، نەتىجىدە ھەممىسىنىڭ بېشى كېسىلىدۇ . ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ساۋاق ئالغان ھون ئاتلىق كەشكەرلىرى ئاخىرى باتۇرنىڭ بۇيرىقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ .
       كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھون پادىشاسى تۈمەن تەڭرىقۇت كىچىك خوتۇنىنى ، ئوغلىنى ۋە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدۇ . باتۇر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ، ئاتىسىنى ، ئۆگەي ئانىسىنى ، ئۆگەي ئىنىسىنى ۋە ئۆزىگە ياقمايدىغان ئوردا بەگلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . بۇ قېتىم باتۇرنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى نىمىگە قارىتىلىپ ئېتىلغان بولسا ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىمۇ چاقماق تېزكىگىدە شۇ نەرسىگە قارىتىپ ئوقلارنى ياغدۇرىدۇ . شىنداق قىلىپ باتۇر ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 210 -يىلى ھونلارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە ئۆز نامىنى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ ئاتايدۇ .
      باتۇر تەڭرىقۇت توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ھون ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرسىدىكى خاقانلىق تالىشىش ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىكى ، رەھىمسىزلىكى ، دەھشەتلىك تۈس ئالغانلىقى ۋە باتۇرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دادىسى تۈمۈن تەڭرىقۇت قاتارلىق تۇققانلىرىنى ھالاك قىلغانلىقى ،،،، قاتارلىقلار ھېكايە قىلىنسىمۇ ، مۇھىمى ، ئۇنىڭدا يەنە باتۇرنىڭ پەم - پاراسەتلىكى ، باتۇرلىقى ۋە پولاتتەك ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىشتىكى قاتتىق قوللىقى ،،، ئۆزىگە خاس بىر ئۇسۇل بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us