• تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرى

    2010-06-27

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67278467.html

    تۈركلەرنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدە ئەپسانىلەر

            تۈركلەر يۇرۇن غەربىي دېڭىزنىڭ غەربىدە ياشىغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئۇرۇغىنىڭ ئىسمى ئاشىنا بولۇپ ، باشقىلىرى قەبىلە ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى خوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپتۇ . پەقەت پۈتلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا بىر چىشى ، بۆرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ساق قېلىپ چوڭ بوپتۇ . بۆرە بۇ بالىدىن ھامىلدار بوپتۇ . كېيىن ھېلىقى بالا ياۋلەشكەرلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ . بۇ چاغدا بىر ئەۋلىيا ھېلىقى بۆرىنى غەربىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىدىقۇتنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي تاققا ئاپىرىپ قويۇپتۇ . بۆرە ئۇ جايدا ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ . ئۇلارنىڭ ئەۋپ ، ئاشىناشىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن . ئاشناشىرنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە ئەۋلاتلىرى چوڭ بولۇپ كۆپىيىپتۇ . ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولۇپ ، ئۇلار تاغدىن ئايرىلىپ جۇرجانلارغا تەۋە بوپتۇ .

    بۆرە توتىم ئەپسانىسى

            تاڭ سۈزۈلگەندە ، ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشۈپتۇ . ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك ، كۆك يالىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقىپتۇ . بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دەپتۇ : « ھەي ، ئوغۇز ، سەن ئورۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ ، مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن .
            شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلىنىپتۇ . قارىسا ، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپتۇ .

    بۆرە توتېمى ھەققىدىكى ئەپسانە

            ئۇيغۇرلار بىر ئۇرۇشتا دۈشمەندىن مەغلۇپ بولۇپ بىر تاغ قاپتىلىدا قامىلىپ قاپتۇ . ماڭىدىغان يول تاپالماي ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەپتۇ . شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئۇلار ئۇشتۇمتۇت بىر بۆرىنىڭ تاغ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قاپتۇ . خەۋپتە قالغان ئۇيغۇرلار بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ ، تاغنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارغان بۆرە ناھايىتى چوڭ بىر غارغا كىرىپ كېتىپتۇ . ئۇيغۇرلار بۆرە كىرىپ كەتكەن غارغا كىرىپ مېڭىپتۇ . قاپ قاراڭغۇ غار ئىچىدە خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ، غارنىڭ ئۇ بېشىدا بىر ئوچۇقچىلىق كۆرۈنۈپتۇ . بۆرە غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈپ تۇرغان ، سۇلار شاقىراپ ئېقىپ تۇرغان جەننەتتەك بىر يايلاققا چىقىپتۇ . ئۇيغۇرۆرمۇ بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ شۇ يايلاققا چىقىپ ، ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن ، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆرىنى مۇقەددەس ئىلاھ ھىساپلاپ ، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بوپتۇ .

    ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئادىتى ھەققىدىكى ئەپسانە

            ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپتۇ . نەۋكەرلىرىنى ، ئەل جامائەتنى چاقىرىپتۇ . ئۇلار كېلىپ با مەسلىھەت ئولتۇرۇشۇپتۇ، ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ئوڭ تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئېسىپتۇ ، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغۆپتۇ سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇرۇپتۇ . ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئېسىپتۇ . تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلاپتۇ ، ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇرۇپتۇ . سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇرۇپتۇ . قىرىق كېچە كۈندۈز توي بوپتۇ .

    ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ئەپسانە

            قۇجۇ ئىدىقۇتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتىن مەلۇم بوپتۇكى ، ئۇيغۇرلار يۇرتىدا خىلىن دىگەن بىر تاغ بولۇپ ، ئۇ يۇرتتىكى ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاغنى مەنبە قىلغان ئىكەن . ئۇنىڭ بىرى توخۇسى دەرياسى ، يەنە بىرى شولىڭگې دەرياسى دەپ ئالتىلىدىكەن . بىر كۈنى كەچتە ئاسماندىن دەرەخقە شولا چۈشۈپتۇ، ئىككى دەريا ئارىلىغىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ ، بۇ دەرەخ خۇددى قوساق كۆتەرگەن ئادەمگە ئوخشاش قوساق سېلىپ قاپتۇ . بۇ شولا دەرەخقە ئۇدا توققۇز ئاي ئون كۈن چۈشكەندىن كېيىن ، ھېلىقى دەرەخنىڭ قوسىغى يېرىلىپتۇ ، ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ . بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىگى ئەردەن بۇگۇ خاقان ئىكەن . ئۇ قەددى قامەتلىك ئىكەن ، بۇ خەلقنى ئاينىتىپتۇ ۋە يۇرتنى گۈللەندۈرۈپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاقساقال بوپتۇ .

    « تۈرك » سۆزى ھەققىدىكى ئەپسانە

            جەرجەرالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتاۋىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ، مۇنداق بىر ھەدىسنى ( پەيغەمبەر سۆزىنى ) رىۋايەت قىلغان ئىكەن : ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ : « مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم ، ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇلاۆشتۇردۇم . بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنەم ، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن .»


    « قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا
    خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ ؛
    بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ ،
    بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ . »

    « ئۇيغۇر » دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

            زۇلقەر نەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن ، ئۇۆرنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن . ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن . زۇلقەر نەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە : « lnanhuzhurnd (يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن ؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتلالمايدۇ، قاچان خالىسا ، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ ) » دەپتۇ . شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل « huzhür » دەپ ئاتىلىپتۇ ،كېيىنچە « h » ھەرىپى « 1_ ئېلىف » قا، « z » ھەرىپى « ى » غا، « خ » ھەرپى « غ » غا ئالمىشىپ ، « hüzhür » سۆزى « ئۇيغۇر » غا ئۆزگىرىپتۇ . « ئۇيغۇر » بىر ئەلنىڭ ئىسمى بولۇپ ئۇنىڭ « sülmi _ سۈلمى » ، « koqu _ قوچۇ »،« Qanbalik _ چانبالىق » ، « xbaik B _ بەشبالىق » ، « Yanibalik _ ياڭىبالىق » ، دەپ بەش شەھىرى بار ئىكەن . بۇ شەھەرلەرنى زولقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈن تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن .

    « ئەرگىنە قۇن » رىۋايىتى

            شەرق تورا قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بىر ئۇرۇشتا ھىلە ئىشلەتكەن دۈشمەندىن يېڭىلىدۇ . يالغۇز قايان ئاتلىق بىر يىگىت بىلەن ئۇنىڭ جىيەنى نوكۇز خوتۇن ، بالا- چاقىلىرى بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ . ئۇلار ئۇزۇن يول مېڭىپ ، بىر تاغ ئارىسىدا پانالىنىدۇ . بۇ خىلۋەت جايدا ئۇلار كۆپىيىپ ، بىر قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇپ تۆت يۈز يىل ياشايدۇ ، كېيىن بۇ يەر ئۇلارغا تار كېلىپ قالغاچقا باشقا يەرگە كۆچمەكچى بولىدۇ . ئەمما بۇ جىرادىن چىقىپ كېتىدىغان يولنى تاپالمايدۇ . ئاخىرى بىر تۆمۈرچى : بۇ يەردىكى تاغدا تۆمۈر رۇدىسى بار ئىكەن . بىز شۇ رۇدىنى ئېرىتىپ يول ئاچايلى ، دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتۇن ، كۆمۈر دۆۋىلەپ ئوت يېقىپ ، رۇدىلارنى ئېرىتىپ ، بىر تۆگە پاتقۇدەك يول ئاچىدۇ . كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ياپ يېشىل ، چۆپلىرى ئىغاڭلاپ تۇرغان ، زۇمرەت سۇلىرى شاقىراپ ھەيۋەت بىلەن ئېقىپ تۇرغان پايانسىز بىر مۇنبەت يايلاققا چىقىپ ئورۇنلىشىپ ، قايتىدىن ئۇلارنى جىلغىدا قورشاپ تۇرغان دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىدۇ . « ئەرگىنە قۇن » دەپ ئاتالغان مۇشۇ جايدىن چىقىپ كەتكەن كۈننى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى بايرىمى قىلىپ بەلگىلەيدۇ ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قەبىلە « تۆمۈرچى » دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ ، داڭقى ھەممە ئەتراپقا يېيىلىدۇ .

    « ئون ئۇيغۇر » ۋە «توققۇز ئوغۇز » رىۋايىتى

    موڭغۇل يۇرتىنىڭ كۈنپېتىشىدا بىر تاغ بار بولۇپ ، ئۇ « قۇت تاغ » دىيىلىدىكەن . بۇ تاغنىڭ بىر تەرىپىدە ئون ساي ، يەنە بىر تىرىپىدە توققۇز ساي بار بولۇپ ، ھەممىدە ئۇلۇغ سۇ ئاقىدىكەن . ئۇيغۇرلار ئېلى ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئون ساي تەرەپتە ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى « ئون ئۇيغۇر » دىسە ، توققۇز سايدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى « توققۇز ئوغۇز » دەپ ئاتايدىكەن . ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات ، ئېتىز يايلاقلىرى كەڭ ۋە مۇنبەت ئىكەن . ئۇلار بىر يۈز يىگىرمە ئۇرۇقنى تەشكىل قىلىدىكەن ، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ ، بىر پادىشالىققا بىرلەشمىگەن ئىكەن ، شۇ سەۋەپتىن ، ئۇلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشكە باشۆپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپتۇ : بىز ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەلمىز ، ھەر قايسىمىز بىر كىشىنى« توغران » ( خان ) قىلايلى ، كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىسە شۇ كىشى مال مۈلۈك ، ھەتتا بېشىدىن ئايرىلسۇن ، دىيىشىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئۇيغۇرلار « مەڭگۈ باش » ئاتلىق كىشىنى توغران قىلىپ كۆتىرىپ ، « ئەل ئېلتەر » دەپ نام بېرىپتۇ . توققۇز ئوغۇزلار يەنە بىر كىشىنى توغرا نلىققا كۆتىرىپ ، « كۆل ئەركىن » دەپ نام قويۇپتۇ . بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىللارچە توغرانلىق قىپتۇ ۋە كۆپ يىللارغىچە خاننىڭ نامى شۇ تەقلىتتە يۈرگۈزۈلۈپتۇ . كېيىنرەك ئۇلاردىنكىم توغران بولسا ، شۇ كىشىنى « ئىدىقۇت » دىگەن نام بىلەن ئاتايدىغان بوپتۇ .

            ئىدىقۇت رىۋايىتى

            قوچۇ ئۇيغۇرلىرى تۇرپان ئويمانلىغىنى ئاساس قىلىپ ، تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىنىمۇ ئۆز دائىرىسىگە ئالغان ئىدى . ئۇلار بۇ جايلاردا مال باقىدىغان گۈزەل يايۆقۆرنى ، ئارام ئالىدىغان ھەشەمەتلىك شەھەرلەرنى بىنا قىلدى . دەسلەپتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشالىرىنى تۈركچە « ئارسۆنخان » دىگەن نام بىلەن ئاتايتتى . كېيىنچە ئۇلار چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، پادىشالىرىنى « ئىدىقۇت » دەپ ئاتايدىغان بولدى . « ئىدىقۇت » قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى بولۇپ ، « ئىدى » سۆزى « مۇقەددەس دىگەن مەنىنى ، « قۇت » سۆزى « بەخت » ، « ئالىلىرى » دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى . ئىككىسى قوشۇلۇپ ، « مۇقەددەس پادىشا » ، « مۇقەددەس بەخت ئىگىسى » دىگەن مەنىدە قوللىنىلاتتى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىنىمۇ « ئىدىقۇت » دەپ ئاتىدى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us