• ئاشنا سىزگە نېمە بېرىدۇ؟

    2010-06-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67132316.html

    جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن چاغلاردا مۇھەببەتنىڭ قەدىر- قىممىتى ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى. مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر تۈرلۈك قىيىنچىلىك ۋە روھىي بېسىملارغا دۇچ كەلسىمۇ، مۇھەببەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن، ئەخلاق، نومۇسنىڭ تۈرتكىسىدىن ئاشۇ چىن، ھەقىقىي مۇھەببىتى ئۈچۈن ھاياتىدىنمۇ كېچەتتى.
    ئۇ يىللاردا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قاتماللىقىدىنمۇ ياكى فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىنمۇ نۇرغۇن قىز- يىگىتلەر ئارزۇ- ئارمانلىرىغا يېتەلمەي ئاتا- ئانىلىرىنىڭ رايى بويىچە باشقا بىرلىرى بىلەن توي قىلىپ كېتەتتى- يۇ، يەنىلا بۇرۇنقى مۇھەببىتى، ئەقىدىسى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىنىپ قالاتتى. بەزىلىرى ھەتتا يوشۇرۇنچە باردى- كەلدى قىلىپ ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ غەزەپ- نەپرىتىگە قالاتتى.
    توۋا دەيمەن، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان، نىكاھ، مۇھەببەت ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە "ئاشنا" ۋە ئاشنىدارچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى نېمە سەۋەپتىندۇر....
    جەمئىيەتتە نۇرغۇن جاپاكەش، مەسئۇلىيەتچان، ئەخلاقلىق ئەر- ئاياللىرىمىز، ياش قىز- يىگىتلىرىمىز ئۆز ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەمىلىكى، ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ. ئەمما شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە، مۇھەببەت جەۋھىرى بولغان پەرزەنتلىرىگە يۈز  كېلەلمەيدىغان ناشايان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەننى ئاز دەپ، بۇنىڭدىن نومۇس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاشۇ "ئاشنا" دارچىلىقى ئۈچۈن باشقىلار ئالدىدا گىدەيمەكتە. 
    ئىلگىرىكى جەمئىيەتتە بەگ - غوجاملار قانچە كۆپ خوتۇن- توقاللارنى ئالسا بۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىياز مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئەمدى ھازىر جەمئىيەتتىكى بەزى ئەر- ئاياللارنىڭ "ئاشنا- ئاداش" ئوينىشى نېمە زۆرۈرىيەتتىن بولىۋاتىدۇ؟ بىزنىڭ شۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلغۇدەك شۇنچە كۆپ ۋاقتىمىز بارمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا قىلغۇدەك ئىشلىرىمىز يوقمۇ ياكى ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ جەمئىيىتىمىزدە نەرخى قالمىدىمۇ؟ بىر دۆلەت، قايسى بىر مىللەت بۇزۇقچىلىق ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلغان، دۇنياغا تونۇتقان؟.....
    ئويلاپ باقايلى، "ئاشنا" بىزگە زادى نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟ نېمە قىلىپ بەردى؟
    ئۇ بىزگە كۆيۈمچان ئەر، ۋاپادار ئايال بولالامدۇ؟ ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، يوقنى بار قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ ھالىمىزغا يىتىپ كۆيۈمچان يولداش، ياخشى مۇڭداش بولالامدۇ؟ كىيىمىمىز كىر بولسا يۇيۇپ بېرىپ، بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى ئۆز ھالال مېھنىتى بىلەن ئېتىپ ئالدىمىزغا قويالامدۇ؟ ئوماق پەرزەنتىمىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ، بىز پەخىرلەنگۈدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالامدۇ؟ كۆيۈمچان ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن مېھرىبان ئوغۇل- كېلىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ، غېمىنى يەپ، ھەقىقىي پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟
    ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر خىل كۈنلەر چۈشىدۇ، ناۋادا تاساددىپىي خىزمەت، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى بىرەر پالاكەتكە يولۇقساق ۋە ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالساق، ئاشۇ "ئاشنا" بىز ئۈچۈن ئەينى چاغدا تۇتاملاپ خەجلىگەن پۇلىمىزنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى بولسىمۇ سەرپ قىلالامدۇ؟ ھالال جۈپتىمىزگە ئوخشاش چىن كۆڭلىدىن ھالىمىزدىن خەۋەر ئالالامدۇ؟ بىز سوۋغا قىلغان زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ مېھرىدىن كېچىپ ياكى ئۆتنە يېرىم قىلىپ، ئاشۇ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟....  
    ياق! ياق! بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ قەلبىدە يۇقىرقىدەك ئىنسانىي پەزىلەتلەر مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇلارمۇ بىر كۆڭۈللۈك ئائىلىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىنىڭ خوجىسى بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇلاردا ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن ئۆز ئىپپىنى، قەدىر- قىممىتىنى ساقلاپ ھالال ياشاپ، ھەقىقىي بىر ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇش مەقسىتى بولسا ھەرگىزمۇ ئۆز ئائىلىسىگە ياكى باشقىلارنىڭ ئىناق، بەخىتلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بولاتتى. ئەخلاق قەسىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ۋىجدان قۇلۇپى بىلەن ساقلاپ، جەمئىيەتتە بويۇن قىسىپ تەمتىرەپ يۈرگەن سەبىي، بىگۇناھ پەرزەنتلەرنىڭ بەختىگە زامىن بولمىغان بولاتتى. زادى سىزگە "ئاشنا" نېمە بەردى؟....
    ئەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، بالىنىڭ ئىشەنچى، پەخرى، ئەر يىقىلسا ئائىلە گۆمۈرىلىدۇ، بەخىتلىك تۇرمۇش توزۇيدۇ. شۇڭا ئەر بولغاندىكىن ئەرلىك سالاپىتىمىز  بىلەن ياشىشىمىز، ئاياللىرىمىزغا، بالىلىرىمىزغا شۇنداقلا جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇشىمىز، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلىشىمىز كېرەك.
    بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بار، ئايالى كىيىمىنى پاكىز يۇيۇپ، دەزماللاپ، ماسلاشتۇرۇپ كىيدۈرۈپ قويسا ئۆيدىن قېتىپ، پوچىلىق بىلەن ھەيۋە قىلىپ چىقىپ سىرتتا ئۆز قىياپىتىدىن پەخىرلىنىپ، قىزلارنى كەينىگە سېلىپ باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلىپ يۈرىيدىغان؛ ئۆيدە ئايالىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ- سوقۇپ يوغانچىلىق قىلىپ، سىرتلاردا ئاشنىلىرىغا ئۆگىتىلگەن ئىتتەك كۈچۈكلىنىپ كېتىدىغان؛ ئايالى تەر تۆكۈپ ئېتىپ بەرگەن مەززىلىك تائاملارنى ھوزۇرلىنىپ يەپ، قورساقنى توقلاپ ئايالىغا بىر مۇنچە دوق قىلغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئايالىنىڭ ھالال ئەجرىدىن پۈتكەن قۇۋۋەتلىك تائاملارنىڭ كۈچىنى خەققە كۆرسىتىپ، ئايالىنىڭ نەپسى رىزقىسىنى نېسى قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىيدىغان..... يەنە تېخى ئايالى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان پەرزەنتى ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقسا "مېنىڭ بالام" دەپ پەخىرلىنىپ كېرىلىدىغان، ناۋادا يارامسىز، ئەدەپسىز بولۇپ قالسا "سېنىڭ بالاڭ" دەپ دوق قىلىپ، جاپا چىكىپ تۇغۇپ چوڭ قىلغان شۇ بىچچارە ئانىسىنى قوشۇپ تىللايدىغان..... w :FH2* 
    يەنە بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بار، ئازغىنە كۆڭۈل خۇشلۇقىنى دەپ ئوغلى، ئىنىسى دېمەتلىك يىگىتلەرنىڭ نېسىۋىسىگە چاڭ سېلىپ، سىڭلىسىدەك، قىزىدەك كېلىدىغان قىزلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان، ئايالى گەپ قىلسا "مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك" دېگەندەك ئۇلارغا يېنىپ، كۆزىدىن قان- ياش ئالىدىغان، "خېتىڭنى ئال! يوقال!" دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدىغان........
    بىر قىسىم قىز - ئاياللار بار، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنىڭ ئازغىنە سەۋەنلىكىنى كەچۈرمەستىن يوق باھانىلارنى تېپىپ كۈن بويى ئېرى بىلەن دەتالاش قىلىپ ئۆينى تىنجىتمايدىغان ۋە ياكى پۇل- مالنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىماستىن ئاجرىشىپ، "قەپەزدىن ئازاد بولغان قۇش" تەڭ سىرتتا باشقىلار بىلەن "ئاشنا- ئاداش" بولۇپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرىيدىغان؛ يەنە بىر قىسىم سەبىي قىز سىڭىللىرىمىز بار، مۇھەببەتنىڭ ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي، قىزلىق قەدىر- قىممەتنىڭ باھاسىز ئىكەنلىكىنى تونۇماي "دەۋرگە ماسلاشتۇق، مەدەنىيلەشتۇق" دەپ ھەر خىل "ۋىۋىسكا" ئاستىدىكى بەزمىخانىلاردا ئەركىن، خۇشال ھالدا "ئاشنا" دارچىلىقتىن ھۇزۇرلىنىدىغان.... بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ پۇل- مال ئۈچۈنمۇ؟ سىزگە پۇل- مال ۋىجدان، غورۇردىنمۇ مۇھىممۇ؟
    ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن، سىز دېگەن كەلگۈسىدە ئانا بولغۇچى، بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا ئالەمنى تەۋرەتكۈچى. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدىكى ئەقىل، ۋىجدان، ئەخلاق- پەزىلەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى نەگە كەتتى؟ سىز مەپتۇن بولغان ئاشۇ "ئاشنا" ئاشىقىڭىزنىڭمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئايال زاتىدىن بولغان، "ھالال جۈپتۈپ!"، "تاغدەك يۆلەنچۈگۈم!" دەپ ئاغزىنى تولدۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مەشۇقى بارغۇ؟ ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش جىنىستىكى، ئوخشاش تۇيغۇدىكى، مېھرىبان، كۆيۈمچان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئىنسانغۇ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ سىزدەك ئاچچىقنىڭ، پۇل- مالنىڭ كەينىگە كىرىپ ئائىلىسىنى، ئوماق پەرزەنتىنى، شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرۈپ، چىن مېھرى بىلەن سۆيۈپ، بارلىقىنى بېغىشلىغان جۈپتىنى، كەلگۈسىنى بىردەملىك ئاچچىققا، پۇل- مالغا دوغا تىكمەيدۇ. ئەكسىچە، بارلىقى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدايدۇ، پەرۋىش قىلىدۇ. نۆۋىتى كەلسە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئىلگىرىكى مۇلايىم، رايىش، نازاكەتلىك، سىلىق- سىپايە...... تەبىئىتىنىڭ ئەكسىچە شۇنداق قەيسەرلىشىپ كېتىدۇكى، ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.
    ئەي "ئاشنا" ئويناۋاتقان ۋە ئويناش خىيالىنى قىلىۋاتقان ئازغۇن قەلب ئىگىلىرى، قايتا بىر ئويلىنىپ بېقىڭلار، سىلەر ئۈچۈن كۆڭۈل بېرىپ پۈتۈن مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن سىلەرگە ئەقىدە باغلىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇتقان ئورنۇڭلار زادى قانچىلىك؟ سىلەر ئۆز ۋىجدانىڭلارغا يۈز كېلەلەمسىلەر؟ پەرزەنتىڭلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسىلەر؟ "ئاشنا" ئويناش جەريانىدا يوقاتقىنىڭلار كۆپمۇ ياكى ئېرىشكىنىڭلارمۇ؟

    مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us