كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 4

چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
شىرخان
تىللا
10
تۆھپە
2
UID
4800
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 19:10:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر



يالغۇز قالدىم.
سۆيىمەن دىگەن يارلار نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشكىن بىلمىدىم، ئامالسىز يالغۇزلۇققا ھەمشىرىك بولۇپ تىلفوننىڭ يىنىدا يالغۇز ئولتۇرماقتىمەن....
شۇنى ئويلۇدۇم، ياراتقۇچى ئۆز ھىكمىتى بىلەن ئادەم ئاتىغا ھەمراھ قىلىپ ھەۋۋا ئانىمىزنى يارىتىپتىكەن. تەنھالىق بىر ئاللاغىلا خاسكەن، بىز ئىنسانلار ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيمىزكەن.ئادەم ئاتىمىزنىڭ چۆل-جەزىرە كىزىپ ھەۋۋا ئانىمىزنى ئىزدىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
تىترەپ تۇرىمەن يېغىپ تۇرار قار،
زامان بىزنى ئېقىتىپ بارار.
نەدىسەن ئامرىقىم بۇ كەمگىچە يوق،
غەملەرنى يانداپلا ئۆتۈپ كەتكۈم بار. ئىز تورى ھىچكىمنى سۆيمەيمەن دەيمەنغۇ ئاخىر،
ھىچكىشى سۆيمىسە ئېپكىتىمەن ھار.
بىراق غەم دىگەننى يانداپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىكەن. ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يىقىنكى بىز ئۇنى قانغۇچە سۈمۈرۈپ ياشايمىز....
سەن ۋە مەن . ناخشىنىڭ ئىسمىدىن شۇنى ھىس قىلدىم. ئىككىمىز ئىككى ئادەم. ۋە دىگەن سۆز ئىككىمىزنى ئايرىپ تۇرىدۇ. بەلكىم بىز مەڭگۈ بىر ئادەم بولالماسلىقىمىز مۇمكىن.
مۇڭلۇق ناخشىلار كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. ئەشۇ ناخشا گويا بىز ئۈچۈنلا ئېيتىلغاندەك چوڭقور خىياللارغا پاتىمىز.....
مەن ئىشىنىمەن ، بەلكىم مۇشۇ دەقىقىدە ئانامدىن باشقا ھىچقانداق بىر ئايالنىڭ خىيال دۇنياسىدا مەن يوق. چۇنكى مىنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە ھىچقانداق بىر ئايال ئانامدەك بارلىق مۇھەببىتىنى ماڭا بىغىشلاپ سۆيۈپ باقمىدى. !
ھەيرانمەن:
ئانامنىڭ خىيال دۇنياسىدا مەن، مىنىڭ خىيال دۇنيارىمدا باشقا بىر ئادەم.

ئاپتۇر:مەن
مەنبە:نۇرلۇق تور خاتىرىسى   http://www.nurlok.tk


Rank: 4

ئىسىمى
ئارزۇگۇل
تىللا
425
تۆھپە
113
UID
2959

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:43:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپلەر بەك  تەسرلىككەن .رەھمەت سىزگە.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:11:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يازمىكەن.

Rank: 1

ئىسىمى
ئۇموت ۋار يۇرەك
تىللا
47
تۆھپە
13
UID
6194
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت !

Rank: 4

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
442
تۆھپە
136
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:31, Processed in 0.070228 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991