كۆرۈش: 416|ئىنكاس: 9

كىشلىك ھاياتىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان29ھېكمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
26
تۆھپە
9
UID
4129
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 04:09:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشلك ھاياتتا ياشغانكەنمىز ئەلۋەتتە  ئۇنىڭ خۇشاللقلرىدىن بەھرىمەن بۇلۇشتن باشقا ئازاپ ئوقۇبەتلرىنمۇ . بۇران چاپقۇنلرىنمۇ قۇبۇل قىلشمىز كىرەك.. تۇرمۇشتا بىر كۈلكە بار يەردە ئەلۋەتتە تۇققۇز قېتىم يغلايىسىز... ئەلۋەتتە بۇنڭغا ىسزنىڭ ئامالىڭىز يوق.. بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيتى .. ياشايمەن دەيدىكەنسىز بۇلارنى قۇبۇل قىلشڭىز كىرەك.. مەن تۈۋەندە ئۈزەمنىڭ بىرنەچچە تەجربلرىمنى تۇنۇشتۇرماقچى .كەچۈرۈڭ بۇلار نىڭ ھېچقايسى كىتابلاردىن كۈچۈرگەن ئەقليە سۆزلەر بولماستىن منىڭ ئاز
كەم 30يللق تۇرمۇشۇمنىڭ جەۋھەرلرى خالاس.. بىر چاغلاردا مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئۈمدىسزلكنىڭ .. چۈشكۈنلۈكنىڭ
پاتقاقلرىغا چۇڭقۇر پاتقان. ھەتتا كىشلك ھايات ماڭا شۇنداق مەنسىز ھەم ئەھميەتسىز تۇيۇلغان ئىدى.. ئارقا ئارقدىن كەلگەن بەختسىزلكلەر..كۈڭۈلسىزلكلەر..ئازاپ ئوقۇبەتلەر مىنى ئۆزگەرتپ باشقچە ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئدى.. مەن  ئاۋازىمنى قۇيۇۋېتپ بۇلۇشچە ۋاقرىغان . قاقشغان.. ئەتراپمدىكى <<تەلەيلك ،خۇشال يۈرگەن>> ئادەملەرگە قاراپ ئۈزەمنىڭ تەلەيسىزلكىمدىن .. بەختسىزلكمدىن ئاغرىنغان.. ھاياتنىڭ ..دۇنيانىڭ ماڭا ئادىل مۇئاملە قىلمغانقدىن ئاغىرنغان ئدىم..
كۈرۈپ بېقڭ ... قىممتى بولسا پايدىلناسىز...
1-ھەركۈنى سەھەر تۇرۇڭ.. يەنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت بەشتە ئورنڭزدىن تۇرۇشقا ئادەتلنڭ.. ئاندىن ئەڭ بولمغاندىمۇ بىر ۋاخ ئوقۇڭ... ئىسڭىزدە بولسۇن بۇ ئەڭ مۇھم .بۇنىڭغا ھېچقانداق باھانە كۆرسەتمەڭ..سىزدە چۇقۇم ئىتقاد بۇلۇشى كىرەك..
چۈنكى ئادەمدە ئىتقاد بولمسا غۇرۇر ۋىجدان بولمايدۇ... ئىتقاد بولمسا ئىشەنچ بولمايدۇ..ئىشەنچ بولمسا ياشيالمايسىز..
2-   ئاتا ئانڭىزنى ..قېرىنداشلرىڭزنى ھۆرمەتلەڭ.. ئۇلارغا خۇشاللق بېغشلاشقا تىرىشڭ.خۇشال قىلالمسڭزمۇ خاپا قىلماڭ. ئازاپلماڭ... بىر كۈنلەردە بېشڭزغا كۈن چۈشكەندە سىزگە يەنە شۇلار ئەسقاتدۇ..
3-سىزدە چۇقۇم بىر ئارزۇ ئارمان ۋە غايە بولسۇن.. بىرەر ئىنتلش بولسۇن.. مەيلى قانچلك ئاددى ياكى قانچلك ئولۇغۋار بۇلۇشدىن قەتئينەزەر ئەگەر سىزدە بىرەر ئارزۇ ئارمان .. غايە بولسلا تۇرمۇشتا سىزنى چىرمۋالغان بارلق كۈڭۈلسىزلكلەرنى ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى چۈرۈپ تاشليالايسىز..
سىزدەكىشلك ھاياتقا .. تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئوتتەك مۇھەببەت بولسۇن.شۇنداق بولغاندا رۇھىڭىزنى بىسۋالغان ئۈمدسىزلكلەرنى .. چۈشكۈنلۈكلەرنى چۈرۈپ تاشليالايسىز... ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ كىشلك ھاياتقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ياشاشتكى
بىر خل دەسمايڭىز..چۈنكى سىز شۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملق تىرىشپ ياششڭىز كىرەك..
4-بۇ دۇنيا سىز ئويلغاندەك ئۇنداق ئادىل ئەمەس.. تەڭسزلك ھەممە يەردە مەۋجۇت..ئەگەر سىزدە بۇلارنى ئۆزگەرتشكە يەتكۈدەك كۆچ قودرەت بولمسا . ئەڭ بولمغاندا ئۈزىڭىزنى ئۆزگەرتشكە تىرىشڭ..دۇنيا  ئەزەلدىن تەڭسىز .ھاياتنڭ ھەممە تەرىپى سىز ئويلغاندەك ئۇنداق رەڭگارەڭ گۈل چىچەكلەر بىلەن پۈركەلگەن ئەمەس.. ئەگەر سىز گۈل ئۈزمەكچى بولسڭز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تىكننىمۇ بىللە ئۈزۈشكە مەجبۇر بۇلسىز.. شۇنداق بولغاندا كىشلك ھاياتنىڭ . ياشاشنڭ  مەنسى بۇلدۇ..
.شۇنڭ ئۈچۈن ئاۋال ئىشنى ئەتراپڭىزدىكى ئىشلاردىن يەنى ئۈزىڭزنى ئۆزگەرتشتىن باشلاڭ..
5-ئۇچۇشنى ئويلسڭىزلا ئۇچالايسز.. دوستۇم سىز ئىشەنمەيسىز شۇنداقمۇ.. ئەمما سىز1905-يلى بارلققا كەلگەن ئىنسانيەتنىڭ تەرەققياتى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل تۆھپلەرنى قوشقان ئايرۇپلاننىڭ قانداق بارلققا كەلگەنلكنى بلمەسكڭىز مۇمكىن،..
بىر كۈنى بىر پادىچى ئىككى بالسنى ئەگەشتۈرۈپ يايلاققا مال باققلى چىقپتۇ.. ئۇلار ناھايتى نامرات بۇلۇپ قورۇق خۇجاينى
بەرگەن ئازغنە ئىش ھەققگە تاينپ تۇرمۇش كەچۈرۈتتى. تۇساتتن  ئاسماندا بىر توپ قوشلار ئۈچۇپ ئۈتۈپتۇ.. دەل شۇچاغدا ھېلقى پادىچنىڭ بالسى دادىسدىن سوراپتۇ
دادا . بىزنىڭ نىمشقا قانتمىز يوق. ئەگەر بىزنڭمۇ قانتمىز بولغان بولسا بىزمۇ ئاۋۇ قوشلاردەك ئوچۇپ يىراق -يىراقلارغا پەرۋاز قلساق نىمدىگەن ياخشى ھە ..... دەپتۇ.
شۇ چاغدا پادىچى بالسنىڭ بۇ سۇزىدىن شۇنداق سۈيۈنۈپ كىتپتۇ.. ۋە دەرھاللا ... بالام .. ئەگەر ئوچۇشنى ئويلساڭلا ئوچالايسەن دەپتۇ... شونڭدىن باشلاپ پادىچى ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالسى قانات ياساپ ئۇچۈش ئۈچۈن ھەرخل ئاماللارنى سىناپ بېقپتۇ.. ھەتتا ئىگز تاغدىن چۈشۈپ كىتپ پۇت قۇللرى سۇنۇپ كەتكەندىمۇ بۇ ئارزۇسدىن ۋاز كەچمەي تىرىشچانلق كۆرىستپتۇ..  شۇنداق قىلپ ئۇلار ئەڭ ئاخرى مۇۋەپقيەتلك ھالدا قانات ياساپتۇ.. ئۇلار ياسغان قانات دەل 1905-يلى دۇنيانى زىل زىلگە سالغان تۈنجى ئايرۇپلان ئىدى..قانداق <<ئۇچۇشنى>> ئويلغاننىڭ پايدىسى بارمكەن.. سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟  
6-سىز  مۇ كۈندە ئازراق ۋاقت چىقرىپ <<خام خيال قلشقا جۈرئەت قلڭ.>> ئەگەر بىر ئىش قىلشقا ئازراقلا ئىشەنچ بولسا سناپ بېقڭ.. مەغلۇپ بولسڭىز مۇ ھېچقسى يوق..بۇ ھچقانداق ئىش قىلماي مۇۋەپقيەت تۈگۈل مەغلۇب بۇلۇش پۇرستگمۇ ئىرشەلمەي بۇ دۇنيادىن ئۈتۈپ كەتكەندىن ياخشى ..سىز مەغلۇپ بۇلۇش پۈرىستگە ئىرىشكەن بولسڭىزمۇ ئۈزىڭىزنى تەلەيلك ھسابلشڭىز كىرەك.. چۈنكى <<باغلاپ قويغان ئات مۈدۈرۈپ كەتمەيدۇ ئەمەسمۇ>>شۇڭا مەغلۇبيەتنى خۇشاللق بىلەن قۇبۇل قىلڭ.. بۇمۇ ھاياتنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نئمتى خالاس...
7-ئىش قلغاندا سۈرەلملك قىلماڭ.. جاپالق ..مەينەت ئىشلارنمۇ قىلشقا جۈرئەت قىلڭ.. باشقلار بىلەن كارىڭز بولمسۇن .. چۈنكى خەقلەر سىزگە ھچنەرسە قىلپ بىرەلمەيدۇ.. ئەگەر ياخشى دوستڭىز بولغان ھالەتتمۇ سىزگە پەقەت رۇھى جەھەتتن مەدەت بىرەلشى مۇمكىن.. باشقا ھەممسى ئۈزىڭىزگە باغلق.. بۇ سىزنىڭ كىينكى ھاياتڭىز ئۈچۈن ئاجايپ قىممەتلك دەسمايە بۇلالايدۇ..چۈنكى سىزنىڭ <<مۇرىڭىزندىن تۈتۈن ئايرىم چىقدۇ>>
8-ئىچڭىز تار بولمسۇن.. مۇۋەپقيەت قازانغان ..كىشلەرنى ھۆرمەتلەڭ.مۇمكن بولسا ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئوچىرىشڭ.. خالسڭز ئۇلارغا خۇشاللق بىلەن بىر مەزگل خىزمەت قىلڭ... چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاياتقا ..كىشلك تۇرمۇشقا تۇتقان پۇزىتسيەسى سىزنىڭمۇ ھاياتڭزنى ئۆزگەرتپ چىقالشى مۇمكىن. بۇنى كىين ھىس قلسىز.. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن خزمەت قلشنى شەرەپ دەپ بىلڭ.. چۈنكى بىر مەزگللا ئىشلەيسىز..
9-كەسپنى توغرا تاللاڭ.. ئەگەر كىين كەسپ ئۈزگەرتمەن دىسڭىز بىر مەزگللك يولنى ئارتۇق بېسشڭىز مۇمكىن.. ئەگەر ھازىر قىلۋاتقان ئىشڭىز كۆڭلڭزگە ياقمسا ئىككلەنمەي ئۇنڭدىن ۋاز كىچڭ.. چۈنكى بۇ دۇنيادا ئۈزى خالمغان ئىشنى قىلشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولمسا كىرەك.. ئۈزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان ئىشنى قىلڭ. شۇنداق بولغاندا خۇشال ئۈتەلەيسز...
10-خزمەتنى جان بېقشنىڭ ۋاستسى قىلۋالماڭ.. ئۇنداق بولغاندا بىر ئۈمۈر خزمەت قىلش ئۈچۈنلا ياشايسىز.. ئەلۋەتتە مۇقىم خىزمتى بۇلۇش سىزنىڭ ئارزۇيڭىز بولسا ئونداقتا شۇ خزمەتنى قىزغىنلق بىلەن قىلڭ.. بارلقڭىزنى شۇ خىزمەت ئۈچۈن بغشلاڭ.. ئەمما خزمەت قىلشنى كۈن ئۆتكۈزۈپ مائاش ئېلشنىڭ ۋاستىسى قىلۋالماڭ.. بۇنداق قىلسڭز خىزمەت قىلش .ھەتتا ۋاقت ئۆتكۈزۈشمۇ سىز ئۈچۈن ناھايتى جاپالق ھەم ئازاپلق بۇلۇشى مۇمكىن.. .
ئەگەر قلۋاتقان خىزمتڭىز سىزگە ئەركن ئازادىلك ۋە خۇشاللق ئاتا قىلالمسا دەرھال ئۇ خىزمەتتن ۋاز كىچڭ.. گەرچە ئاددى بولسمۇ ئىش ھەققى تۈۋەن بولسمۇ ئۈزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان خزمەت تېپڭ...ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا سىز ئازراق جاپا چىكشڭىز مۇمكىن.. ئەمما ھېچقسى يوق.. بۇلار ھەممسى پەقەت ئۈزىڭىز ئۈچۈن.. قىينچلقلار پەقەت ۋاقتلقلا.
11-باشقلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ.. ئۈزىڭزنىڭ مەيدانى بولسۇن .. ياشاش قانۇنيتڭىز ۋە ياشاش پىرىنسپڭىز .. ياشاش ئۇسۇلڭىز بۇلسۇن. شۇنداق بۇلغاندا ئۈزىڭزنى ئەركن ئازادە .،. باشقلارنىڭ  ئىسكەنجسگە چۈشۈپ قالمغاندەك ھىس قىلسىز....
12-سىز تۇقلۇقتن ئىچڭىز پۇشۇپ زىرىكپ ئولتۇرغاندا ... تەرلەپ كىتپ بىئارام بۇلۇۋاتقان ۋاقتلاردا ..شۇ ئىسڭىزدە بۇلسۇنكى دۇنيادا يەنە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن ھەتتا جېنىنمۇ قۇربان قلۋاتقانلقلرىنى.. سۇغۇق دەستدىن تىنەپ تەمتىرەپ يۈرگەنلكلرىنى.. يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئاچلق دەستىدىن ئۈلۈپ كىتۋاتقانلقلرىنى ئويلاڭ.. پيادە ماڭغان ۋاقتڭىزدا گىدەيگنچە ماشىنا ھەيدەپ يۈرگەنلەرگە قاراپ ئۈزىڭىزنى ئۇلاردىن تۈۋەن كۆرمەڭ. ئۈزىڭىزنى كەمستمەڭ.. پەقەت ئۇنڭدىن بىر كۈنلەردە ئۇنڭدىنمۇ ئىلغار ھەم قىممەت ماشنا ئېلپ ھەيدىيەلەيدىغانلقڭىزغا ئىشنڭ.. .،.ماشنا ھەيدەپ ماڭغان ۋاقتڭىزدا ئوخشاشلا پيادە ماڭغان كىشلەرنى كەمستمەڭ...  ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ.. بايلقنى كۆز-كۆز قىلماڭ... نامراتلارنى تۈۋەن كۆرمەڭ..
چۈنكى ئۇلارنىڭ رۇھى دۇنياسى سىزدىن پاك ... ۋە سىزنڭكدىن گۈزەل بۇلۇشى مۇمكىن...
13-ئۈزىڭىزگە ئىشنڭ.. بۇ دۇنيادا سىزدىن پەقەت بىرلا بار.. سىز ئەڭ قالتس... سىز ئەڭ ياراملق.. ھەركۈنى ئورنڭزدىن تورغاندا بىرقېتم .. ئۆز ئۈزىڭىزگە ...مەن ئەڭ قالتس... مەن چۇقۇم ئۆز ئارزۇيۇم ۋە غايەم ئۈچۈن كۈرەش قىلمەن... ھامان غەلبە قىلمەن دەڭ... ئۆز ئۈزىڭزگە تەسەللى بىرىشنى ئۈگنڭ.. سىزنىڭ يۈرىكڭىز پەقەت سىز ئۈچۈنلا سوقىدۇ.. ئو سىزنىڭ قالتس ئادەم بۇلۇشڭزنى ئۈمد قىلدۇ.. شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇنڭغا يۈز كلەلەيسىز...
14-مللەت ..جەمئيەت.. ئاتا ئانڭىز.. ئۇرۇق -تۇغقانلرىڭىز.. دوستلرىڭىز ئالدىدا بىرخل مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولسۇن ..مللەتكە ..جەمئيەتكە تۈھپە قۇشالمسڭىز مۇ ئەمما جەمئيەتكە يۈك بۇلۇپ قالماڭ....
15-مۇھەببەتكە ئەستايدىل مۇئاملە قلڭ.. ئۇنى كۈڭۈل ئېچشنىڭ ۋاستسى قلۋالماڭ... بايلققا .. نام مەنپەئەتكە.ھۇقۇققا ئىرىششنىڭ قۇرالى قلماڭ.. ئەگەر بىرەرسنى ياخشى كۈرۈپ قالغان بولسڭىز .ئۇ مەيلى قانچلك بۇيۈك ..قانچلك باي ياكى قانچلك نامرات بۇلۇپ كەتسۇن  چۇقۇم مۇھەببتڭىزنى ئىزھار قىلڭ.. تاكى ئەڭ ئاخرقى ئۈمد قالمغۇچە تىرىشڭ.. ئەگەر راستنلا ئۇنڭغا ئىرشەلمسڭىز ..پۈتۈن زىھنڭزنى ئۈزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان ئىشلارغا قارىتڭ. باشقلارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمگەنلكى بۇ دۇنيادا سىزنى ھېچكمنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغانلقدىن دىرەك بەرمەيدۇ... ھەم سىزنىڭ يارىماس ئىكەنكڭزنى بلدۇرمەيدۇ.. پەقەت ئىككڭلار بىر يولدىكى ئادەملەر ئەمەس خالاس.. ياكى ياشاش ئۇسۇلڭلار.. قىزىقشڭلار  ئوخشمايدىغان بۇلۇشى مۇمكىن..
ئەمما ئىسڭزىدە بۇلسۇن .. مۇھەببەتتمۇ چۇقۇم سىزدە ئۈزىڭزگە بولغان ئىشەنچ بۇلۇشى كىرەك.. ئالدىراڭغۇلۇق قىلسڭىز زىيان تارتپ قېلشڭىز مۇمكىن.. بىر كۈنلەردە ئالدىڭىزدا تۇساتتىن بىر ئادەم پەيدا بۇلدۇ.. بەلكم سىز ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قېلشقمۇ ئۈلگۈرىشڭىزمۇمكىن.. ئەگەر سىزدە ئۇنڭ بىلەن بىرگە ئۈتسڭىز خۇشال بۇلالايدىغان ..ۋە بىرخل خاتىرجەمللك ۋە بەخت تۇيغۇسى پەيدا بۇلغان بولسا ئىككلەنمەي ئۇنى قوغلشڭ.. ئونى شەخسيەتسىز سۈيۈڭ. خۇشاللقنى ئەڭ ئاۋال ئۇنڭغا بىغشلاڭ.. تاكى ئەڭ ئاخرقى دەققگچە تىرىشڭ.... ئەگەر بۇ يۇلدا سىزنىڭ ئۇغۇل باللق غۇرۇرىڭىز ياكى قىزباللق شەرمى ھايا ئۈستۈن كىلشى مۇمكىن.. ناۋادا شۇنداق بۇلۇپ مەغلۇپ بۇلۇپ ئۈزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن مەھرۇم بولسڭىز بىر ئۈمۈر ئۇنڭ سماسى ئاستدا ياششڭىز مۇمكىن... ئەمما بۇ يۇلدا قىز بالا بولسڭىز ئىپپەت نۇمۇسڭىزنى ساقلاڭ..        .. ئۇغۇل بالا بولسڭىز سىزدە  ۋىجدان ۋە بىرخل مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولسۇن.. باشقلارنىڭ مۇھەببتنى قەدىرلەڭ.. چۈنكى سىزنىڭ باشقلارنى ياخشى كۈرۈش ھۇقۇقڭىز بولغندەك ئۇلارنىڭ مۇ سىزنى ياخشى كۈرۈش سۈيۈش ھۇقۇقى بار.....سىزنى ياخشى كۈردىغان ئادەمنى يۇقاتقاندىن كىين ئاندىن ئۇنىڭ ھەققى قەدىر قىممتنى ھىس قىلشڭىز ..ئۇنىڭ سىزگە ئەڭ ماس كلدىغان ئادەم ئىكەنلكنى ئاندىن ھىس قلشڭىزمۇمكىن.. بىراق كىچكپ قېلشڭىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇنى ئاللبۇرۇن باشقلار ياخشى كۈرۈپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن..شۇڭا ئەگەر سىزنى ياخشى كۈرىدىغان بىرەرسگە يۇلۇققان بولسڭىز ئۇنى قەدىرلەڭ..  
16-دوستلرىڭىز سىزگە تىلفۇن قلمسا ياكى سىزنى ئىزدىمسە سىز تەشەببۇسكارلق بىلەن ئىزدەڭ.. ئولاردىن ئەھۋال سوراپ قۇيۇڭ.. قىينچلققا ئوچىرىغان بولسا ياردەم قىلش قولڭىزدىن كەلمسە ئەڭ بولمغاندا ئۇنڭغا تەسەللى بىرىپ كۆڭلنى ياساپ قۇيۇڭ..ئەمما مەيلى دوستڭىز ياكى دۆشمنڭىز بولسۇن چۇقۇم سىرىڭىزنى ئاشكارلاپ قويماڭ....
17-پات -پات كىتاپ كۈرۈپ تۇرۇڭ.. جەمئيەتتكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇڭ.. كىتاپ سىزنى تەربيلەيدىغان ئەڭ ياخشى مەكتەپ..
18-نىكاھقا بىرخل مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن           ئەمەس بەلكى بىرخل مەسئۇليەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئاملە قىلڭ...چۈنكى يەنە بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ھەم بەختمۇ سىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.. ئۇنى بەختلك قىلش سىزنىڭ مەجبۇرىيتڭىز ھەم مەسئۇليتڭىز.....
19-ھاراق تاماكدىن يىراقلشڭ... پۇل تاپسڭىز ئۇنى كەيپى ساپا قىلشقا .. ئەيش ئىشرەت قىلش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئەھميەتلك ئىشلارغا سەرىپ قلڭ..ئارتۇقچە پۇلڭىز بولسا بىرەر سودىغا مەبلەخ سېلپ بېقڭ.. كۈتۈلمگەن خۇشاللقلارغا ئىرىشپ قېلشڭىز مۇمكىن.. زىيان تارتپ قالسڭزمۇ ئەپسۇسلانماڭ...  چۈنكى پۇلنى يەنە تاپالايسىز...
20.-ئەگەر يامان چۈش كۈرۈپ قالسڭىز.. كەيپياتىڭز بۇزۇلۇپ قالغاندا ئالدىڭىزغا تلەمچى ئوچراپ قالسا ئۇنڭغا ئازراق پۇل بىرىڭ.. يەنى ئالدىڭىزغا قۇلنى تەڭلەپ كىلشتىن ئاۋال پۇل بىرىڭ.. شۇنداق بۇلغاندا بىرخل خاتىرجەملك تۇيغۇسغا ئىگە بۇلۇشڭىز مۇمكىن.. ئەمما پۇل بەرمسڭىز ئۇنڭغا سۇغۇق مۇئاملە قلماڭ...
21-باشقلارغا چىرايى .. كىيم -كىچكى ئارقلق باھا بەرمەڭ.. چۈنكى سىزگە بەتبەشرە .ھەم ناھايتى سەت كۈرۈنگەن ئاشۇ ئادەمنىڭ قەلبى ناھايتى گۈزەل ۋە ساپ بۇلۇشى مۇمكىن.. كەلگۈسدە ئۇ ناھايتى ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلپ مەشھۇر شەخسكە ئايلنشى مۇمكىن.. سىزگە شۇنداق باي. قابليەتلك.. ھەم ئەخلاقلق تۇيغۇ بەرگەن ئادەملەرنىڭ رۇھى دۇنياسى ناھايتى رەزىل بۇلۇشى  مۇمكىن... ئۇلارنىڭ ئالدام خالتسغا چۈشۈپ كەتكەندە ئالدىڭىزدا ھېلقى بەتبەشرە .سەت ئادەملەرنىڭ سماسى پەيدا بۇلشى مۇمكىن.. لىكىن سىز ئاللبۇرۇن كىچچكەن بۇلۇشى مۇمكىن
22-ئامال بار يالغان سۆزلمەڭ.. بۇلۇپمۇ ئۈزىڭىز ھۆرمەت قىلدىغان .ياخشى كۆردىغان ئادەملەرنى يالغان سۆزبىلەن ئالدىماڭ.. باشقلار سۆزلەۋاتقاندا كۈزىگە سەپسېلپ قاراپ بېقڭ... ئەگەر يالغان سۆزلەۋاتقان بولسا ئۇ كۈزنى سىزنىڭ كۈزىڭىزدىن ئەپقاچدۇ.. بۇنداق ئادەملەردىن يىراقلشڭ...
23-بىر نەچچە قېتم ئاچلقنىڭ .. ئوسسۇزلۇقنىڭ . تەمنى تېتپ بېقڭ.. قۇرساقنىڭ ئارقسغا كىرمەڭ.. ھەم قۇرسقغا بەك ئامراق ... كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئىھتيات قىلڭ.. چۈنكى ۋاقتى كەلگەندە ئۇ سىزنى بىر ۋاخ ئادەتتكى غىزا ئۈچۈنمۇ سېتۋىتىشى مۇمكىن...
24-دۇنيادىن... كىشلك ھاياتتىن.. جەمئىيەتتن.. ئاتا ئانڭىزدىن... ئۇرۇق تۇغقانلرىڭىزدىن ياكى دوستلرىڭىزدىن ئاغرىنماڭ.. ئۇلاردىن ئاغرىندىغانغا ھەققڭىز يوق.. ئاغرىنشقا توغرا كەلسە ئۈزىڭزدىن ئاغرىنڭ. ئۈزىڭزنىڭ ئىقتدارسىزلقڭىزدىن.. ئىرادىسزلكڭىزدىن.. باشقلارغا پۇرسەت يارتپ بەرگەنلكڭزدىن ئاغرىنڭ...
25-رىقابەتچڭىزبىلەن ئادىل رىقابەتلشڭ.. ئۇنڭغا دۈشمەنلەرچە مۇئاملە قلماڭ... رىقابەتچڭىز سىزنىڭ يىتەرسزلكڭىزنى كۆرستپ بىرىدىغان بىر ئەينەك... ئۇ بولغاچقلا يۈزىڭىزدىكى <<قارىنى >>كۈرەلەيسىز.. ھەم ئۇنى سۈرتۈش پۇرسىتگە ئىرشەلەيسىز...
26-باشقلاردىن ياردەم تەمە قىلماڭ... خۇشامەت قىلش بەدلگە نام ئابرۇيغا .. ھۇقۇققا .. بايلققا ئىرىشش كۇيدا بولماڭ.. ئەگەر ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ سىز قانداق ئىرشكەن بولسڭىز بۇ نەرسلەرنى ھامان بىركۈنى يەنە شۇنداق يۇقتىسىز.... بەدەلسىز كەلگەن خۇشاللق ۋە ئامەتتىن..  مال دۇنيادىن ئىھتيات  قىلڭ..
27-   ئۈزىڭىز ياخشى كۆرگەن .. ياكى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئالداپ قۇيۇشتىن ئەزەر ئەيلەڭ.. ئەگەر شۇنداق قىلپ سالغان بولسڭىز.. ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۆشمنڭىزگە ئايلنشى مۇمكىن.. بۇخل ئۆچمەنلكنى ھەرقانداق قىلپمۇ تۈگىتپ بۇلالماسلقڭىز مۇمكىن.. .
28-كىچك ۋاقتىڭزدا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلرىڭىزنى ئونتۇپ قالماڭ.. قۇلڭىزدىن كەلسە ئۇلارغا ياردەم قىلپ قۇيۇڭ...
29-ئەگەر سىز ھازىر توردا ئۇيۇن ئۇيناۋاتقان ،،كىنۇ كۈرىۋاتقان ..بولسڭىز ئازراق ۋاختڭىزنى چقرىپ بۇ تىمنى كۈرۈپ چىقڭ. ئاندىن ئازراق ئويلنپ قۇيۇڭ... ئوخشاش پىكردە بىرلككە كىلپ ئوخشمغان پىكردە ئۆز كۆز قارىشڭزنى ساقلاپ قېلڭ..   ئايرىۋتىپ مىغزنى قۇبۇل قىلڭ...
بۇ منىڭ شەخسى كۆز قارىشم ..كەم قسمنى تورداشلارنىڭ تۇلۇقلاپ قۇيۇشنى .. قىممەتلك تەكلپ پكىرلرىنى ئايماسلقنى ئۈمد قىلمەن.. چۈنكى مەن پەيلاسۇپ ئەمەس.. پەقەت ئاددىلا بىر ئادەم خالاس.. ئاللاغا ئامانەت..
.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 13:04:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ناھايىتى ئەھمىيتى بار.بېلىۋىلىشقا تىگىشلىك.ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ئەسەر بۇلۇپتۇ.ئاپتۇرنىڭ يازغان قولىغا دەرت كەلمىگەي.ئۇنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق.ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن. ھارمىغايسىز....


Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
13
UID
2570
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 13:30:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ  گەپلەر  بەك  پايدىلىق  ئىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1144
تۆھپە
697
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 16:18:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راستىنلا تېپىلغۇسىز ھىكمەتلەركەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
458
تۆھپە
312
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 17:03:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكمەتلىرىڭىزگە تەشەككۇر دوستۇم ئەمما دوستتانە ئەركەرتىپ قويغۇم كەلدى، ئىملاغا دىققەت قىلسىز!
سىز ‹ و › ھەرپىنىڭ نىڭ ئورنىغا ‹ ۇ › ھەرپىنى، ‹ ۆ › ھەرپىنىڭ ئورنىغا ‹ ۈ › ھەرپىنى،يەنە تىخى تىمىڭىزنىڭ جىق يەرلىرىدە ‹ ى › ياكى ‹ ې › ھەرپى چۇشۇپ قالغان جايلار كۆپرەككەن.
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەنكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ يىزىقىنى توغرا يىزىشنى بىلىشىمىز كىرەك دەيمەنغۇ. قەشقەرنىڭ باللىرى گەپنى ئوچۇق ئاشكارە دەۋىردىكەن،گىپىمىنى توغرا چۇشەنگەيسىز!


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1248
تۆھپە
921
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 20:57:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ.


Rank: 1

تىللا
41
تۆھپە
8
UID
4124
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 00:30:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە


Rank: 1

تىللا
26
تۆھپە
9
UID
4129
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 00:56:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار...مەن تەھرىرلمەيلا يوللاپ ساپتىمەن... بەك ئەپسۇسلاندىم.. بۇلار ئەسلى مىنىڭ كۈندىلك خاترەمگە يېزىۋالغان نەرسلەر ئىدى.. كۈندە دىگۈدەك بىر قېتم كۈرۈپ چىقاتتىم.... ئۈزەم كۈرۈپمۇ  بەكلا نۇمۇس قىلدىم... يەنە كىلپ مەن تەبئى پەن ئۇقۇغان .. يېزىقچلقتىن خەۋرىم يوق.. شۇڭا تورداشلارنىڭ  ئىجابى پىكرلرىنى ئايماسقنى ئۈمد قىلمەن ....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 12:18:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالىقنى دادىللىق بىلەن بوينىغا ئاللالىغاندىكىن شۇ كۇپايە
ئەسەرلىرىڭىز ياخشىكەن ئۇزۇلۇپ قالمىغاي


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
14541
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك «ۋىسال»مەنمۇگەپنى ئۇدۇللا دەۋېرەي ،سىزمۇ«ئەسكەرتىپ»دېگەن خەتنى خاتا يېزىپسىز~~~~


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:23, Processed in 0.167113 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991