كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 43

نىدائىي: بۇ مۇنازىرىگە ھەممەيلەن قاتنىشىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1645
تۆھپە
1049
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 18:53:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تورداش دوستلار، مەن ئۆتكەندە بىز سۆھبەتتە باشقىلار بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئىشى (خىزمىتى)نى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشى (خىزمىتى)نى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ، دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغانىدىم.
   جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلاردا ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىدىن (خىزمىتىدىن) قىلچە رازى بولمايدىغان، يەنى ياخشى كۆرمەيدىغان خاھىشلار خېلىلا گەۋدىلىككەن. يەنە بەزىلەر  ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ ساقلاپ تۇرماي، ئۆزى تىرىشىپ، بەزى كەسىپلەردە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە. بۇلارنى مەلۇم نۇقتىدىن ئۆزى بۇرۇن قىلىشنى خالىمايدىغان جاپالىق ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببىتىنى بېرىپ، بارا–بارا ياخشى كۆرۈپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ.
   دوستلار، سىلەرچە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ؟  
   ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشىنى قىلىشى كېرەك، دېگەن تەرەپتە تۇرغۇچىلار ئۆزۈڭلارنىڭ دەلىل–ئاساسلىرىنى ئىنكاس شەكىلدە يوللىساڭلار بولىدۇ.
   ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك، دېگەن تەرەپتە تۇرغۇچىلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ دەلىل–ئاساسلىرىڭلارنى ئىنكاس شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.
    قېنى مەرھەمەت، مۇنازىرە باشلاندى.
(تاق تاللاش)سايلام , قاتناشقانلار
 
36.92% (24)
 
63.08% (41)
 
بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1645
تۆھپە
1049
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 18:55:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئاپتور نىدايى ، مۇنبەرنىڭ بىلەت تاشلاش ئىقتىدارىنى بىلمىگەنمۇ ئادەتتىكى تېما شەكلىدە يوللاپ ساپتۇ ، شۇڭا مەن ۋاكالىتەن يوللاپ قويدۇم . نەشىر ھوقۇقى نىدايىغا تەۋە
بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
7
UID
957
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 19:30:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار
يۇقىردىكى مۇنازىرە ئۈچۈن ئۈزەمنىڭ ھېسقىلغانلىرىمنى ئازراق سۈزلەپ باقاي ،مېنىڭچە بولسا ھەركىم ئۈزى  
ياخشى كۈرىدىغان كەسىپنى قىلغىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن .چۈنكى ئادەم ئەڭ ئاۋال ھەرقانداق ئىشلارنى  ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئىشلاردىن باشلايدۇ ئەمەسمۇ ،ئىچكى سەەۋەپ ئاساس تاشقى سەۋەپ قۇشۇمچە بولغاچقا
ئادەم ئۈزى ياخشى كۈرۈپ قىلغان ئىشلار ھەمىشە شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى نائۈمۈتتە قۇيۇشى ناتايىن،
ئالدىنقى شەرىت شۇ ئادەم ھەقىقىي ئىخلاس قىلغان بۇلسا..........

Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
7
UID
957
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 19:36:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سۈزلەر بۇلۇنۇۋاتىپتىغۇ....

Rank: 6Rank: 6

تىللا
883
تۆھپە
589
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 19:55:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ؟ »
ئەسلىغۇ ئەدەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلسا بەك ياخشى بولاتتى،لېكىن ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش ھەممە ئادەمگە نىسىب بولىۋەرمەيدۇ.شۇڭا ئۆزى قلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشى كېرەك.شۇ ئىشقە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ،پۈتۈن زېھنى  بىلەن شۇ ساھەدە ئىزدەنسە  بىلەن بارا بارا شۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان بولىدۇ.

Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
7
UID
957
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 21:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى...

Rank: 4

تىللا
366
تۆھپە
104
UID
602
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 22:15:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلغاندىلا ئۆزىدىكى تالانتنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ ، ئىش ئۈنۈمىمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى بولىدۇ ،ھايات ئىنسانغا پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدۇ ، شۇڭا ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك ، ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2031
تۆھپە
1516
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 22:22:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىساقمۇ، تەقدىر بىزگە باقمايدۇ. شۇڭا قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرۈش كىرەك.
    مەسىلەن: سىز ھازىر ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىۋاتامسىز ياكى؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2079
تۆھپە
874
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 22:37:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          مەن ئۆزۈمگە ۋەكىللىق قىلىمەن. شۇڭا بۇ تېمىدا، بۇ مەسىلىدە مەن پەقەت ئۆزۈمنى ئاساس قىلىشىم خاتا ئەمەس. چۈنكى مەن باشقىلارغا ۋەكىللىك قىلالمايمەن. مېنىڭ قارىشىم شۇدۇركى.«ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەك». بىز بۇ يەردە تالىشىدىغان ئىككى خىل مەسىلىدە ئوخشاشلا بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ «ياخشى كۆرۈش».  پەقەت ئوخشىمايدىغىنى ۋە بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىدىغىنىمىز، « باشلاپ بولغان ئىشىمىز» نى ياخشى كۆرەمدۇق؟ ياكى بولمىسا «باشلىماقچى بولغان ئىشىمىز» نى ياخشى كۆرەمدۇق؟ مېنىڭچە بۇ تېمىدا ئىككى بىسلىق ئۇقۇملار بىزنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

        ئۆزىمىز ياقتۇرغان ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا چوقۇم بىر مەقسەد مۇددىئا بولۇش كېرك. سىز بەلكىم مۇئاش ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن، ياكى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن ياكى ساۋابلىق ئىش قىلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن ئەيتاۋۇر چوقۇم سىزدە بىر مەقسەد بارلىقىدا گەپ يوق، ئەگەر مەقسەدسىز خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز ئىش چاتاق، سىزنى 4- دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان بىرەرسى بولمىسا بىز ئامال قىلىپ ئاپىرىپ سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى داۋالىتايلى. "سىز چوقۇم ساقىيىپ كىتىسىز." (چاقچاق). ئۇنداقتا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان "مەقسەد" مۇنداق ئىككى خىل كۈچنىڭ ھەركەتلەندۈرۈشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىرى مەجبۇرلاش كۈچى ، ئىككىنجىسى تەبئىي ئىتىلىپ چىققان كۈچ. ئۈنۈمىدىن ۋە ئاخىرقى نەتىجىسىدىن قارغاندا پەرىقنىڭ ھامان بولىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك ھىس قىلالايدۇ. سىزمۇ چوقۇم ھىس قىلىپ يەتتىڭىز بەلكىم. بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالماي. يەنە بىر تەرەپتىن ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدىغان بىر ئىش، يەنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەبئىي تاللىشىڭىز بويىچە بولغاندا سىز چوقۇم تەبئىي بولۇشنى ھەممىدىن بەك خالايسىز. كېسىپ ئىيتالايمەنكى سىز چوقۇم مۇشۇنداق بولۇشنى خالايسىز.

ئۇنداق بولسا، يۇقىردا دېيىلگەن " قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك. " دېگۈچىلەرنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ قاراپ باقايلى. ئىش - مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان، تەكرالىققا ئىگە بولغان ۋە بەلگىلىك مۇددىئانى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن پائالىيەتنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشى. سىزنى مەلۇم بىر خىزمەتنى قىلىۋاتىدۇ دەيلى. يەنە كىلىپ سىز ئۇ خىزمەتنى پەقەت ياقتۇرمايسىز دەپ تۇرايلى. بولىدۇ شۇ بويىچە كىلەيلى، خىزمەت، ئىشنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇنداقتا سىز شۇ ياقتۇرمايدىغان خىزمىتىڭىزنى مەلۇم بىر ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن مەقسەدتە قىلمىدىم دەپ ئىيتالامسىز؟.... مېنىڭچە ئېيىتالمايسىز. ئۇنداقتا سىز مۇشۇنداق رازى بولمىغان خىزمەتنى قىلىۋاتىسىز، ھەركۈنى ئەتىگەندە مەجبۇرى ھالەتتە خىزمەتنى  باشلىۋەتتىڭىز. كېسىپ ئىيتالايمەنكى. سىز شۇ ياقتۇرمايدىغان خىزمىتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سىز بىر قەدەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىشتىن ياكى سىزنى بىزار قىلمايدىغان ئىشتىن باشلىشىڭىزدا گەپ يوق. ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟....

خىزمەت ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. ئاخىرىنى كۆپچىلىك چۈشۈرۈپ باقسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگئەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-22 09:44  

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
5
UID
958
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 23:15:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتەئۆزىمىزياقتۇرغان ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:08, Processed in 0.084406 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991