ئىگىسى: admin

نىدائىي: بۇ مۇنازىرىگە ھەممەيلەن قاتنىشىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
204
تۆھپە
102
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 19:46:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئادەم ئۆزى قىلۋاتقان ئىشىنى (خىزمىتىنى) ياخشى كۆرۈشى ياخشى قىلىشى كېرەك  دەپ ئويلايمەن ، بەزى ئادەملەر بار ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئىشنى تاللاپ بولالماي ۋاقىتنى  ئىسراپ قىلۋىتىدۇ. ياخشى كۆردىغان ئشنى تاپقاندا شارائىتىىمىز يار بەرمەي قالىدۇ،يېشىمىز ئۆتۈپ كىتىپ قالىدۇ، سالامەتلىكىمىز يار بەرمەيدۇ ، شۇ قىلماقچى بولغان ئىشىمىزغا مۇھىت ماس كەلمەي قالىدۇ، شۇڭا باشلاپ بولغان ئىشىمىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىشىمىز. كۈرۈنەرلىك نەتىنجە ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك بۇنداق قىلغاندا ئۆزىمىزمۇ  قانائەتلىنىمىز باشقىلارغىمۇ جاۋاپ بىرەلەيمىز، دەپ ئويلايمەن

Rank: 2

تىللا
139
تۆھپە
44
UID
4110
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 21:35:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى دەپ باقاي، مېنىڭچە ھەربىر ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلغاندىلا ئاندىن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىشتىياق بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ، بۇ جەرياندا يۇلۇققان قىيىنچىلىقلارمۇ ئۇنىڭ ئۇچۈن بىر خۇشاللىق بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھارغىنلىق، زىرىكىشلىك ھىس قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك، لىكىن بۇنداق تەلەي ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولمايدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلالماي ئەكسىچە سىزگە تولىمۇ يات بولغان ناتۇنۇش بىر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ قالسىڭىز، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرىدىغان كەسپىنى تىزدىن تېپىۋېلىڭ، لېكىن بۇ جەرياندا چوقۇم قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويماستىن يۈكسەل مەسئۇلىيەت بىلەن تاكى سىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك خىزمەتنى تاپقانغا قەدەر قىلىۋاتقان كەسپىڭىزنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ، چۈنكى سىز ھازىر قىلىۋاتقان بۇ كەسىپ نۇرغۇن كىىشلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تاقىلىشى مۇمكىن. بۇنداق دىسەم بەزىلەر تارىخىتىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر نۇرغۇن جاپالىق كەسىپلەرنى ئامالسىزلىقتىن قىلىپ تۇرۇپمۇ نەتىجىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيەلىگەن دېيىشى مۇمكىن، توغرا بۇنداق مىساللار تولىمۇ كۆپ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ كەسىپنى ئۆزى ياقتۇردىغان كەسىپ قىلىشىغا نۇرغۇن جاپالىق جەريان كەتكەن، ئەگەر ئۇ شۇ تىرىشچانلىقىنى ئۆزى ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدىغان كەسىپكە سەرپ قىلغان بولسا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھازىرقىدىن تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن ئىدى.

Rank: 2

تىللا
139
تۆھپە
44
UID
4110
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 21:51:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچى ئەپەندى مەن نىدائىي ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغىنىنى قوللايمەن، چۈنكى مېنىڭچە بۇ مەسىلىگە قارىتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىۋېتىش تازا ئاقىلانىلىك بولمايدۇ، بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بىرنى چوقۇم ئىنكار قىلىش كېرەك. لېكىن بۇ مەسىلىدىن ھەرئىككىسىنى ئېنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
610
تۆھپە
166
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:23:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ ئىبارە ئىسىمگە كەپ قالدى.......
ئۆزەڭ سۆيگەن خىزمەتنى قىل،ئۆزۈڭ قىلغان خىزمەتنى سۆي
مەن مۇشۇ ئىبارىنى قوللايمەن

Rank: 2

تىللا
164
تۆھپە
24
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 01:53:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
harsan يوللىغان ۋاقتى  2011-10-21 19:55
« ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى ق ...

  、ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشىنى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ .
مىنىڭچە بۇ مەسىلىدە ئەڭ ياخشىسى رىئاللىققا يۈزلەنگەن تۈزۈك . چۈنكى ، رىئاللىق ھەممىلا ئادەمگە ئۆزى
ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرەلمەيدۇ ، ئەگەر ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى
قىلىمەن دىگەندە ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا ئېرىشەلمەي ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن .
شۇڭا رىئاللىققا يۈزلەنگەن ھالدا ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك . ھازىرقى جەمئىيەت رىئاللىغى
مانا مۇشۇنى تەلەپ قىلىدۇ .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1384
تۆھپە
1135
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 09:32:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ئۆزىمىز ياقتۇردىغان  ئىشنى قىلساق دەپ  قارايدۇ ..ئەمما كىم ھازىر  ياقتۇردىغان ئىشنى قىلىپ باقتى ...بۇ جاھان ،،دۇنيادا  تەقدىر  بىزگە باقمايدۇ ،بەلكى  بىز  تەقدىرگە  باقىدىغان بولۇپ قالدى ،،ئۆزەمنى مىسالغا  ئالسام مەن يەنىلا  ئوقۇتقۇچىلىق  ،،ۋات-ۋات كەسپىمنى ياقتۇراتىم  بىراق  ھازىر كەسپىم ئالمىشىپ  ئۆزەمنى ئوڭايسىز بوپ قالغاندەك بوپ قالدىم ،،بۇ ھۆكۈمەتكە  بىر نەرسە  دېگىلى بولمايدىكەن  شۇ،،شۇنداقتىمۇ  مەن ياقتۇرۇپ خىزمەت قىلمىسام بولمايدۇدە،،
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 10:19, Processed in 0.061822 second(s), 18 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991