ئىگىسى: admin

نىدائىي: بۇ مۇنازىرىگە ھەممەيلەن قاتنىشىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
4
UID
573
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 13:55:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز،ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادىمىمىز بىلەن توي قىلىشىمىز كىرەكمۇ ،ياكى توي قىلىپ بولغاندىن كيىن ياخشى كۆرۈشىمىز  كىرەكمۇ؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
1128
تۆھپە
136
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 16:12:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن خىزمەت ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتۈش بۇ بىر كۆڭۈللۈك ئىش بولسىمۇ، ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىشنى(خىزمەت) نى قىلىپ قېلىشى  ۋە ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتۈپ كېتىشى بۇ تەبئىي ئەھۋال. بۇ بىر قانۇنىيەتتەك ھەقىقىي ئەھۋال. ئەمەلىيەت شۇنداق بولغانىكەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىدە بار بولغىنىنى قەدىرلىشى سۆيىشى كېرەك. ئۆزىمىز ياخشى كۆرمىگەن شۇ خىزمەت ياكى ئىش پائالىيەتلىرىمىزدىن ئويلىمىغان نەتىجىلەر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە شۇ ئۆزىمىز ياقتۇرمىغان شۇ ئادەمدىن تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز مۇھەببەت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم ھەر بىر ئىش پائالىيەتلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە ئاز - تولا بولسىمۇ كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاتا قىلىپ، ئۆزىمىز ياقتۇرماي قىلغان شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشىراق بولىشى ئۈچۈن سەمىمىيەتنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساق بۇ پاسسىپ ئەھۋاللاردىن تولۇق قۇتۇلۇپ ھەر بىر ئىش - ھەرىكەت ۋە ئادەملەرگە خۇش پىئىل مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ روھى كەيپىياتىنى ياخشى تۇتساق ئەلۋەتتە شۇ ياقتۇرمىغان خىزمەت ۋە شۇ ئادەملەر يېقىملىق، كۆڭۈللۈك بىلىنىشى مۇمكىن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 18:37:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بۇنداق تېمانى كۆپلەپ يۇللاپ تۇرۇڭ `!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
ياقۇت بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 21:50:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 22:39:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزياقتۇرغان ئىشنى قىلىشىمىز زۆرۈر!!  جان بېقىش ئۈچۈن ھازىر بۇ ئەسقاتماس بولۇپ قالدى...ئەپسۇس

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئوغۇزخان
تىللا
252
تۆھپە
37
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 17:06:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ شۇنداق ئىككى تەكلىپىم بار: 1. ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەك. ئەمما جاھاندا نەدىمۇ ھىمىشە كىشى رايىغا باققان ئىش بولىدۇ؟ ھەممە كىشىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلماق بەسىي مۈشكۈل ئىش. بۇ مۇكىنچىىكى تۆۋەن شۇنداقلا زىيادە غايىۋىپىرىسلىك ھىساپلىنىدۇ. دۇنيادا پەقەت رىئال دۇنياغا ماسلىشىشلا ئەڭ ياخشى تاللاش. تىركىشىش ئىنىقكى ياخشى ئۈنۈم ئىلىپ كەلمەيدۇ. ھەدىسە زارلاپ، تېركىپ نۆۋەتتىكى خىزمەتنى ياقتۇرمىغاندا كىشى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچىگە(ئايلىقچىغا) ئايىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا سىز قىلۋاتقان خىزمىتىڭىزغا ماسلىشىپ ئۆزگۈرۈڭ. ئۆزگۈرۈشلا بىردىنبىر قانونىيەت. بۇ ئەڭ ئاساسلىق تەكلىپ ھەم تەشەببۇس.
2. ناۋادا سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىشقا قۇربىڭىز يەتسە، چوڭ ئۈنۈم يارىتىشقا تەييارلىقىڭىز بولسا(بازار تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزۈتۈش، ئىقتىسادى ئۈنۈمنى توغرا مۆلچەرلەش قاتارلىق)، تولۇق ئىشەنچىڭىز بولسا ئۇنداقتا تۆمۈر تاۋاقنى يۈرەكلىك بىلەن چىقىپ تاشلاپ چىقسىڭىز تامامەن بولىدۇ. لىكىن، بىزارلىق تۇيغۇسى بىلەن باشقا ئىش قىلىش خىيالىدا تەييارلىقسىز دېڭىزغا چۈشسىڭىز ئاخىرقى ھىساپتا پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن.  تەۋەككۈلچىلىكنىڭ پايدىسى ھەممە ئادەمگە بۇلىۋەرمەيدۇ.

Rank: 4

ئىسىمى
FAShiS
تىللا
197
تۆھپە
106
UID
475
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 18:05:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، ئەگەر شارائىت ياربەرسە ئۇزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلسا ياخشى جۇمۇ .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5656
تۆھپە
2883
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 22:34:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنىمۇ ئېتراپ قىلىپ قىلىشقا مەجبۇرمىز، ياخشى كۆرگەن ئىشىمىزنى بولسا قىلىشقا قادىر ئەمەسمىز. ياخشى كۆرگەن ئىشىنى قىلىش ناھايىتى ئازلا ئادەمگە مەنسۇپمىكىن دەيمەن! جان بېقىشتىن ئىبارەت بۇ قىيامەت قىسمەتلىرى بىزگە شۇنداق قىلىشنى تاڭغان، شۇڭا ئىلاجسىزلىقتا قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى تاشلاپ كېتىمىزمۇ؟مېنىڭچە قىلىۋاتقان شۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشىمىزنى چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك، پەقەت بىزگە ياخشى كۆرمەيدىغان شۇ ئىشنى قىلىشقا بولغان چەكلىمە بوشىغاندىلا ئاندىن ئۇ ئىشنى تاشلىساق بولىدۇ!
مەن 20 يىل مۇھەررىر، مۇخبىر بولدۇم، مانا 7 يىل بوپتۇ ئۆزۈم پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان تەرجىمانلىق ئورنىغا ئاپىرىۋېتىلدىم، خۇدايىم بۇيرۇسا يەنە 3 يىلدىن كېيىن بۇ ئىشتىن بىراقلا قول ئۈزۈپ پىنسىيە داموللامنىڭ پېشىنى تۇتۇپ دەم ئالىمەن ...
ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
725
تۆھپە
471
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 12:54:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپاغا چىدايدىغان، تىرىشچان خارەكتىردىكى ئادەملەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپىنى قىلسۇن، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشانى ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ نەتىنجە قازىنالىشى مۇمكىن.
تىرىشچانمۇ ئەمەس، لەقۋامۇ ئەمەس ئوتتۇرھال تىپتىكى ئادەملەر ئۆزى قىلىۋاتقان كەسپىنى ياخشى كۆرسۇن، بۇنداق بولغاندا ئۇ ‹مەن پالانى ئىشنى ياخشى كۆرەتتىم›دەپ، يا ئۇئىشىنى باشقا چىقىرىپ بولالماي،يا بۇ ئىشنى باشقا چىقىرىپ بولالماي مالال بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئىش خوش ياقمايدىغان، ھورۇن، لاقۋاراق ئادەملەر ھەربىلىككە بارسۇن، ئىككى يىل مەشىقتە يىنىكلەپ قالىدۇ...قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمىنى ياخشى كۆرۈشنى ئويلانسا بولىدۇ.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللايىغىشسەۋەبى
uyghun + 5توغرا

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
463
تۆھپە
195
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 17:38:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ؟ »; }; V) S" j4 z7 U. l0 i$ N$ p
ئەسلىغۇ ئەدەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلسا بەك ياخشى بولاتتى،لېكىن ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش ھەممە ئادەمگە نىسىب بولىۋەرمەيدۇ.شۇڭا ئۆزى قلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشى كېرەك.شۇ ئىشقە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ،پۈتۈن زېھنى  بىلەن شۇ ساھەدە ئىزدەنسە  بىلەن بارا بارا شۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان بولىدۇ.
----مەنمۇ مۇشۇنداق دىمەكچى ئىدىم،   ئىش ئورنى تىپىش تەس بولىۋاتقان بۈگۈكىدەك رىقابەت دەۋىرىدە جەمىيەتتە ئۆز ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلغانلارغا شۇ ئىشنى تىخىمۇ ياخشى  قىلار ،بىراق ،قانداق ئىش تىپىش سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىز بويىچە ئەمەس، بەلكى سىز خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن شۇ خىزمەتكە ئېرىشىشىسىز-ئەمەسمۇ،؟ شۇڭا قايسى خىزمەتكە ئېرىشكەن بولسىڭىز شۇنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ نىسىۋىڭىزنى تىپىپ يەڭ، ياخشى كۆرمەيمەن دەپ قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ يۈرسىڭىز شۇ خىزمىتىڭىزدىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 10:23, Processed in 0.066078 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991