- 生日
- 1988 يىل 4 ئاي 6 كۈن
- 职业
- تېخنىك
- تىللا
- 1708
- تۆھپە
- 1066
- نادىر
- 3
- يازما
- 762
- جۇغلانما
- 4891
- ھوقۇقى
- 200
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-30
- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- UID
- 1
  
- تىللا
- 1708
- تۆھپە
- 1066
- UID
- 1
  
| تورداش دوستلار، مەن ئۆتكەندە بىز سۆھبەتتە باشقىلار بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئىشى (خىزمىتى)نى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشى (خىزمىتى)نى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ، دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغانىدىم. جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلاردا ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىدىن (خىزمىتىدىن) قىلچە رازى بولمايدىغان، يەنى ياخشى كۆرمەيدىغان خاھىشلار خېلىلا گەۋدىلىككەن. يەنە بەزىلەر ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ ساقلاپ تۇرماي، ئۆزى تىرىشىپ، بەزى كەسىپلەردە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە. بۇلارنى مەلۇم نۇقتىدىن ئۆزى بۇرۇن قىلىشنى خالىمايدىغان جاپالىق ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببىتىنى بېرىپ، بارا–بارا ياخشى كۆرۈپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ. دوستلار، سىلەرچە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكمۇ؟ ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشىنى قىلىشى كېرەك، دېگەن تەرەپتە تۇرغۇچىلار ئۆزۈڭلارنىڭ دەلىل–ئاساسلىرىنى ئىنكاس شەكىلدە يوللىساڭلار بولىدۇ. ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك، دېگەن تەرەپتە تۇرغۇچىلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ دەلىل–ئاساسلىرىڭلارنى ئىنكاس شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ. قېنى مەرھەمەت، مۇنازىرە باشلاندى.
|
|