كۆرۈش: 7344|ئىنكاس: 15

سەن نەلىك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
9
UID
12115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 01:30:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن نەلىك؟

_ سىنىپ باشلىقىمىز ئەكبەرنىڭ ئورنىغا ئۆزى بىلىملىك، مەسئۇلىيەتچان، سىنىپ خىزمىتىنى جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئادىل باشلىقتىن بىرنى سايلايمىز، دېگەن. سېنىڭچە كىمنى سايلىساق بولا؟
_ مېنىڭچە، مەتقاسىمنى سايلايلىمىكى، دەيمە.
_ قاسى مەتقاسىمنى دەيسە؟
_ ھېلىقى خوتەنلىك مەتقاسىمچۇ؟
_قويە ئاداش، خوتەنلىك دېگەن، بىرنى بىي دېيتمىز، ئىشەكنى «تېرت» دېيتمىز، دەپ تۇرۋالدىغان جاھىل خەق، ئۇ.
_ ئۇنداقتا توختاجىچۇ؟
_ نەلىك نېمە، ئۇ؟
_ قەشقەرلىك.
_ قويە ئۇ قاشقالىقنى. قاشقالىق دېگەن بىر چەينەك چاي تېپىۋاسا، 18 مىڭ ئالەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىغان، گېپى سېسىق، زەھەردەك خەق، ئۇ.
_ ئەمىسە ئاتۇشلۇق ھاجى كېرەمچۇ؟
_ ئاداش، ئاتۇشلۇقنىڭ سىنىپ باشلىقى بوپ قېلشىدىن خۇدا ساقلىسۇن!
_ ئاتۇشلۇق شۇنچە يامانما؟
_ ئاتۇشلۇق دېگەن، ئاي شارىغا ئاچچىقسۇ (سىركە) ساتقىلى چىققان خەق، ئۇ.
_ ماڭەۋا ئاداش، ئاي شارىغا ئامېرىكىلىق چىققان تۇسا.
_ ئامېرىكىلىق ئەمدىلا ئاي شارىغا چىقىشىغا، ئاتۇشلۇق ئاللىقاچان ئاي شارىدىكى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ، پۇلىنى يانچۇققا سېپ قايتقان گەپ.
_ يائاللا، دۇنيادا ئاتۇشلۇق يوق يە بامىدۇ؟
_ با.
_ نە، ئۇ؟
_ دوزاختا يوق، ئۇلا.
_ نېمىشقا؟
- چۈنكى، دوزاختا پايدا يوق ئەمەسمۇ.
_ ئەمىسە تۇنىياز قانداراق؟
_ كىم ئۇ، تۇنىياز دېگەن؟
_ ئاقسۇلۇق تۇنىيازچۇ؟
_ ئاداش، ئاقسۇلۇق دېگەن بىر كاۋىنى تالىشىپ، تونوغا دۈم چۈشۈپ، ئۆلگىلى تاس قاغان خەق.
_ ئەمىسە زامانىدىننى سايلايلى.
_ ھېلىقى غۇلجىلىق زامانىدىننى دەمسە؟ ئۇ بومايدۇ. غۇلجىلىق دېگەن، قۇلىقى يوق تەمبۇردىن بىرنى تېپىۋاسا، «خانلەيلۇن» غا تولاپ، زەي ساماي پو ئېتىپ، 3 ۋاخ تاماق يىمەيدىغان خەق، ئۇ.
_ 1 قېتىم گە قىپ، 10 قېتىم كۈلىدىغان خەق دېگىنە، ئۇ. خۇددى تۈكىنى تاتقان ئۆچكىدەك.
_ ۋاي شۇنى دېمەمسە، ئايىغىنى پاقىرتىپ، ئىشتاننى قىرلاپ يۈگەن بىلەن، يانچۇق قۇرۇق، 1 تىيىن يوق. ئەتكەن چايغا نان چىلاپ يەپ، كۈن كەچ قىلدىغان خەق.
_ ئەجەپمۇ ئوخشاتتىڭا، ئۇ غۇلجىلىق خەقنى. مۇبادا زامانىدىننى سىنىپ باشلىقى قىپ قويساق، ئۇ بىزگە يىغىن ئېچىپ قاسا، «ساۋاقداشلار، ھازىر يىغىننى باشلايمىز، ۋەەەەەەەت!!! بىر ھەپتىلىك ئومۇمىي ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقاساق، ۋەەەەەەەت!!!، دەپ، يىغىننى ئوتۇرۇشقا ئايلاندۇردۇ.
_  ئۈرۈمچىلىك دىلشات خېلى تۈزۈك، يامان ئەمەس نېمىدەك تۇرىدۇ. شۇنى سايلامدۇق-يە؟
_ ئۈرۈمچىلىكنى قاندامۇ سىنىپ باشلىقى قىغىلى بوسۇن، ئاداش؟ ئۈرۈمچىلىك دېگەن پىۋىنى تولا ئىچىپ، لاتىلىشىپ كەتكەن خەق، ئۇ. ئۇنى سايلىساق بومايدۇ.
_ئەمىسە تۇرپانلىق ئەنەيتۇلچۇ؟ گېپى قوپال بوغىنى بىلەن، كۆڭلى ياخشى نېمە، ئۇ.
_ بومايدۇ، ئاداش. تۇرپانلىق دېگەن بەك ئەخمەق كېلدۇ. موللا زەيدىن بو قامايلى، يەنە.
_ قۇمۇللۇق سالىچۇ؟
_ قويە، ئۇ تۇڭگان قاپاقنى.
_ ئالتايلىقچۇ؟
_ بومايدۇ.
- كۇچالىق بايىرچۇ؟
_ ۋاي قويە، ئۇ خەقنى. ئەلىرى ئەدەك ئەمەس، غىلجىڭ بىر نېمىلەنى.
_ چەچەنلىك قەيسەرجانچۇ؟
_ تېخىمۇ بومايدۇ، ئۇ ئوروس كۆز.
_ شۇندا قىپ، سىنىپ باشلىقى بولدىغانغا كىم قالدى؟
_ سەن بىلەن مەن.
_ ئۇنداقتا، سەن نەلىك...؟
_ ئۆزەڭچۇ...؟


   «ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇرچە گېزىتى» نىڭ 2007-يىل 8-ئايلىق سانىدىن ئېلىندى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
73
تۆھپە
37
UID
4801
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:41:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Mr.Aziz ئەپەندىم تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ...


Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:53:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىز نەلىك ئەمدى ؟ھەمىمىز بىر ئاللاھنىڭ  بەندىسى بۇ   ھەقىقەت .


Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
9
UID
12115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 13:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yipak يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 12:41
Mr.Aziz ئەپەندىم تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قا ...

ئەسكەرتكەنتىم.


Rank: 1

تىللا
16
تۆھپە
4
UID
11719
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 14:22:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇنەنلىك تىن بىرسى  سىنىپ باشلىقى  بۇسا بۇلامتى ..............


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
764
تۆھپە
303
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 17:05:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەلىك بولامىز،ئاللاھنىڭ بەندىسى،بىزنىڭ  ھەممىمىزنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىمىز يەر شارى      


Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:24:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي! بىز ئەسلى ئۆم -ئىناق ئۇيۇشۇش كۈچىمىز بىلەن ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپ،دۇنيانى غال-غال تىترەتكەن ئىدۇق.


Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
307
تۆھپە
187
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 18:59:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپاىسى يوق كىشىلەر ،سەن نەلىك دەپ بىلجرلايدۇ!


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2053
تۆھپە
1528
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 19:57:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسى، ئەجەپ تازا ئوخشۇتۇش بوپتۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك. كىچىك سىنىپ باشلقىنى شۇنچىلىك تالىشىدۇ، بىرەر چوڭ ئىدارە باشلىقى، نازىر بوپ قالسا نىمە بولۇپ كىتەر؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1724
تۆھپە
955
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:19:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردادىلا مۇشۇنداق گەپلەر باركەن  خەن لەردە يوقكەن ، توۋا،،،،،


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-30 08:47, Processed in 0.077956 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991