پۇرىۋال بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى
(مۇخەممەس)
ئاۋايلاپ توققۇز ئاي كىچە -كۈندۈزى،
مېھرىنى بىر ساڭا ئاققۇزۇپ ئۈزى،
پەپىلەپ جاھانغا ياراتتى سىنى،
شۇ ئانا ئەجرىگە باققىنىڭ قېنى؟
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
تۇغۇلۇپ تۈنجى رەت كۆرگىنى ئاناڭ،
ئاۋايلاپ مەڭزىڭگە سۆيگىنى ئاناڭ،
مېھرىنى زەمزەمدەك تۆككىنى ئاناڭ،
ئۇۋادەك باغرىغا چۆككىنى ئاناڭ،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
تەرلىسەڭ سايىۋەن تۇمۇزدىن توسقان،
چاڭقىساڭ بۇلاق ئۇ شىلدىرلاپ ئاققان.
توڭلىساڭ جۇدۇندا ئۇ ساڭا گۇلخان،
قۇياشتۇر بى مىننەت نۇرىنى چاچقان،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئاچ قالساڭ ئۇ ساڭا مىزلىككىنا ئاش،
ھالۋىدۇر ئۇ سىلاپ قويغان تاغۇ-تاش.
كارۋانسەن،ئۇ ساڭا مۇڭداش،سەپەرداش،
يېقىلساڭ يېنىڭدا مادار،يۈلەكداش،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئۇ بولغاچ سەن يەكتا جاھان ئەركىسى،
سورۇننىڭ،مەشرەپنىڭ بېشى،سەركىسى.
دوسلارنىڭ ھۆرمىتى،ئاشنىڭ تۈنجىسى،
ئاناڭ ئۇ سولماس گۈل،سەن بىر غۇنچىسى،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئۇ بولغاچ يېنىڭدا دىلىڭ،باغرىڭ توق،
ئوينايسەن،يايرايسەن ئەسلا غېمىڭ يوق.
رەقىبىڭ گىدىيىپ قىلالمايدۇ دوق،
مەزمۇتسەن تاغلاردەك،تىشەلمەيدۇ ئوق،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئۇ ماڭغان يوللاردىن ئىپار گۈپۈلدەپ،
ياشىدىڭ بەخىتتە جېنىڭ چىچەكلەپ.
ئۇ ماڭدى ئالدىدا سىنى يىتەكلەپ،
ئەگەشتىڭ كەينىدىن كىيىكتەك سەكرەپ،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
يىتىلدىڭ ئەشۇنداق كۈيۈش،سۈيۈشتە،
چانمىدىڭ مۈشكىلات،ئۇزۇن سەپەردە.
تىك تۇرۇپ غۇرۇردا خەۋىپ-خەتەرگە،
باشلىرىڭ يەتسىمۇ ئەرىشكە،كۆككە،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
چوڭ بولدۇڭ،چوڭ بۇلۇپ ئىشلىرىڭ تۇلا،
ھەر كۈنى بەزمىدە ياڭرىتىپ ناۋا،
دىمىدىڭ بىرەر رەت قايدا سەن ئانا؟
يۈرەكنى تۇتۇپ باق سەن قانداق بالا؟
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە بىر سىنى دىدى،
نەدە بول ھەر كۈنى غېمىڭنى يىدى.
سەن ئۈچۈن يىغدىيۇ ئۆزى يىمىدى،
سەن پۇزۇر بايۋەتچە،يېڭى كىيمىدى،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
دەم ئېلىش يات ئاڭا باقار بالاڭنى،
سۇغۇرۇپ،يەم بىرىپ ھېيتلىق كالاڭنى.
تۈگۈتەر بىر ياقتىن ئىشىڭ،چالاڭنى،
كۆرسە خوش شۇندىمۇ سىنىڭ قاراڭنى،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئويلاپ باق باق چوڭ بۇلۇپ ئاناڭغا بىر رەت،
چاڭقىسا سۇندۇڭمۇ سۇغۇق سۇ،شەربەت...
يېلىنىپ باشقىنى قىلغاندەك ئىززەت،
يۈكۈنۈپ ئالدىدا قىلدىڭمۇ ھۆرمەت؟
پۇرىۋال ،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ھاياتلىق چەكلىكتۇر مەڭگۈلۈك ئەمەس،
دۇنيا بىر قونالغۇ،ئۇ قايتا كەلمەس.
ئۇنۇتۇپ ئاناڭنى يۈرمە مەس-ئەلەس،
ئانىسىز بەندىنىڭ بەختى كۆكلىمەس،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئۇ ھايات بارىدا سۆيگىن قۇلىغا،
تۇزانلار ئۇچمىسۇن سۇ سەپ يۇلىغا.
بالىلىق مېھرىڭنى تۆككىن باغرىغا،
ئۇ ساڭا مۇھتاجدۇر، ئەمەس ئاش-نانغا،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
سۆزىنى ئاڭلىغىن،كايىپ سۆزلىمە،
تەكرارلاپ سۆزلىسە گەپنى،تىرىكمە.
ھەمرا بول ئۇزاقراق يېنىدىن كەتمە،
سىنى دەپ مۈكچەيدى، ئۇنى خار ئەتمە
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
قېرىدى،تىنىدىن ماغدۇرى كەتتى،
چاڭقىدى،ھاياتنىڭ يامغۇرى كەتتى،
جەلىپكار ىۇش ناۋا كۈيلىرى كەتتى،
چۆللەرنى باغ قىلغان چاغلىرى كەتتى،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
تۇتۇپ قوي پۇتىنى مەڭزىڭنى يېقىپ،
سۈيۈپ قوي مەڭزىگە مېھرىڭدە بېقىپ.
ئوتىغا ئۇتان بول.سۈيىدە ئېقىپ،
ۋايسىماي ھاپاش قىل مۆرەڭگە ئېلىپ
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئۇ كەتسە يىتىمسەن،چىگىلگەي بەختىڭ،
ئۇ كەتسە غېرىپ سەن،لىڭشىغاي تەختىڭ،
ئۇ كەتسە مەجروھ سەن،سارغىيار چېھرىڭ،
ئۇ كەتسە گاچا سەن،ئۆتمەيدۇ تىلىڭ،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئانا ئۇ مۇققەددەس بالا جەننىتى،
ئانىسىز نەدە ئۇ بالا راھىتى،
ئانىسىز نەدە ئۇ بالا شەۋكىتى،
ئانىسىز نەدە ئۇ بالا سۆلىتى
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
شەيتانغا ئالدىنىپ ئۇنىڭدىن چانما،
كۈتمەستىن،كەتكەندە ئازاپتا قالما،
ئۇ ھايات بارىدا باققىن ،ۋايسىما،
ئانا ئۇ بالىچۈن بايلىق بىباھا،
پۇرىۋال ،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
مۇڭداش بول تۈنلەردە كىلىپ باغرىغا،
قۇشۇق بول ئۇنىڭكى ئىچەر ئېشىغا.
تارغاق بول كۈمۈشتەك ئاپپاق چېچىغا،
ياغلىق بول كۆزىدىن ئاققان يېشىغا،
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
ئىزىنى سۆي ئۇنىڭ سەجدىگاھ بىلىپ،
ئۇ كەتسە كەلمەيدۇ بالام دەپ يېنىپ.
يېتىۋال پۇتىدا باغرىغا قېنىپ،
غۇربەتتە قالمىسۇن كۆزى ياشلىنىپ
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.
چېھرىنى قاپلىغان قورۇقلار تامام،
يەر سۈيۈپ ھەر كۈنى قىل ئاڭا سالام.
ئۇ دەيدۇ شۇندىمۇ ئوينا جان قوزام،
ئۇ شۇنداق سىنى دەپ كۆيگەن يۇرۇق شام
پۇرىۋال،بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى