خوشامەت
(مۇخەممەس)
مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
ھاجەتمەننى غەمگە سېپ دۈمچەيتكەنمۇ خوشامەت،
مەنسەپدارنى كىبىردە غادايتقانمۇ خوشامەت،
چىغىر يولدىن مېڭىشقا ئۈگەتكەنمۇ خوشامەت،
راۋان ئالدى ئىشىكنى تۈگەتكەنمۇ خوشامەت،
نەپسى تويماس بالاغا ئۆزگەرتكەنمۇ خوشامەت.
‹‹ئىنتىزام››*ۋە‹‹ۋەكىللەر››**قىلسىمۇ گەر نازارەت،
خۇپىيانە ئىش تۇتار،پەيت كۈتۈپ تېپىپ پۇرسەت،
بىرىكتۈرگەچ تىلىنى يەڭ ئىچىدە ھەر نۆۋەت،
چاندۇرمايمىز دېسىمۇ پاش بولىدۇ ئاقىۋەت،
دۇرۇسلارنى بەتنىيەتكە ئۆزگەرتكەنمۇ خوشامەت.
چىرىكلىكنىڭ ئۇرۇقى زادى نەدىن چېچىلدى؟
‹‹ئالدى ئىشىك كىرمەك تەس،ئارقا ئىشىك ئېچىلدى››،
ئەنە شۇ ناچار ئىستىل ئارىمىزدىن تېپىلدى،
پاش بولسىمۇ بەزىلەر، بەزىلىرى يېپىلدى،
پاختىدا ئوت ساقلىغاننى دەۋەتكەنمۇ خوشامەت.
(
ئالدى ئىشىك چوڭ تۇرۇپ كىرىپ-چىقماق تەس شۇنچە،
ئىش بىجىرىش قىيىندۇر، ئۆتكەل-داۋان كۆپ شۇنچە،
ئەمەلدارنى ئۈگتتى ، قۇرۇق دەرتتىن نەپ شۇنچە،
ھاجەتمەننى قىلدى لال، يەڭ ئىچىدە ئىش شۇنچە،
دۇرۇس يولدا ماڭماقنى تۈگەتكەنمۇ خوشامەت.
ئەي ھاجەتمەن مەندىن خىتاپ: تارايتمىغىن يولۇڭنى،
ئەمەلدارىم ئېزىپ كېتىپ كاۋاك قىلما ئۇلۇڭنى،
مېڭىپ شەيتان يولى تامان ، ئوتقا تىقما قولۇڭنى،
بولسۇن ئىشىڭ ئاپ-ئاشكارە، قىلار داغدام يولۇڭنى،
كىشىلەرنى ھارام نەپكە ئۆگتكەنمۇ خوشامەت.
بايان قىلسام پاكىت تولا، كېلەمتى يا ئورنىغا،
‹‹كۆپ قاينىغان چۆگۈنمۇ تاشار ئىكەن بوينىغا،
ئۈمۈدۈم شۇ ئىللەتلەرنى ئالمىسا ئەل قوينىغا!
بەتنىيەت شۇ مۇناپىقلار يىسە دەيمەن بۇرنىغا،
ئادىمىيلىك خىسلىتىنى يەۋەتكەنمۇ خوشامەت.
شېئىرنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
___________________________________
ئىزاھات:
<<ئىنتىزام>>* - ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
<<ۋەكىللەر>>**- خەلق قۇرۇتاي ۋەكىللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.