كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 1

مۇئەللىم (مەخمۇت ئاۋۇت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
103
تۆھپە
47
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 22:33:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇئەللىم

(نەسرىي شېئىرى)


(مەخمۇت ئاۋۇت)

(مۇزاتى)


مۇئەللىم ، ئۇ غەپلەتلىك دىللارغا نۇر بەرگەن چىراق،

مۇئەللىم ، ئۇ زۇلمەتلىك تۈنلەرنى قوغلىغان يىراق؛

مۇئەللىم، ئۇ مەرىپەت ئوتىنى ئۇلغايتقان شۇنداق،

مۇئەللىم، ئۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرى،پاسىبان شۇنداق.




مۇئەللىم،بىز سەن بىلەن كامال تېپىپ يېتىلدۇق،

مۇئەللىم، بىز سەن بىلەن ئادىمىيلىك سەپكە قېتىلدۇق؛

مۇئەللىم، سەندۇرسەن بۇ جاھاندا ئىنسان بىر ئۇلۇق،

مۇئەللىم ، بىزدىكى بارلىق ئالقىش پەقەت ساڭا تەئەللۇق.




مۇئەللىم، شام بولۇپ كۆيۈسەن ئەل،بىلىم ئىشقىدا،

مۇئەللىم،خىزمەتتىسەن، ياتقاندا ئەل شىرىن ئۇيقۇدا؛

مۇئەللىم،ئاۋامغا مېھرىڭ ئوت كۆيەر جىسمىڭدا،

مۇئەللىم، مىللەتكە سادىقسەن، بارلىقىڭ پىدا.




مۇئەللىم، ئون مېتىر يىراقتىن سالامغا لايىقسەن،

مۇئەللىم، ئىسمى ۋە جىسمىڭ ئاۋامغا تالىقسەن؛

مۇئەللىم، سەبىيلەر ئاغزىغا ئىلىمدىن زەم-زەم سالىسەن،

مۇئەللىم، بارچىغا ھاياتلىق نىشانى ئاتا قىلىسەن.



تەرىپىڭ تۈگىمەس بىر ئۇلۇق ئىنسان مۇئەللىم!

شەپقىتىڭ تەڭداشسىز بىر سېخى ئىنسان مۇئەللىم!

ئەمما كىبىرسىز بىر ئاددى ئىنسان مۇئەللىم!

تاپالماس ھېچ كىشى بىر سەندىن نۇقسان مۇئەللىم!!!




ئاپتورى: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muzati(木扎 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 22:34  


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئوت ماكانى
تىللا
292
تۆھپە
4
UID
11818
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:54:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئېرلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ ئوقۇپ بەك ھوزۇرلاندىم رەخمەت سىزگە... سىزنىڭ بىرقانچە شېرىڭىزنى زىننەتلەپ قويدۇم كۆرۈپ باقارسىز ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 13:01  



illlat-2副本.jpg
illlat-1副本.jpg
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:37, Processed in 0.075523 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991