مۇئەللىم
(نەسرىي شېئىرى)
(مەخمۇت ئاۋۇت)
(مۇزاتى)
مۇئەللىم ، ئۇ غەپلەتلىك دىللارغا نۇر بەرگەن چىراق،
مۇئەللىم ، ئۇ زۇلمەتلىك تۈنلەرنى قوغلىغان يىراق؛
مۇئەللىم، ئۇ مەرىپەت ئوتىنى ئۇلغايتقان شۇنداق،
مۇئەللىم، ئۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرى،پاسىبان شۇنداق.
مۇئەللىم،بىز سەن بىلەن كامال تېپىپ يېتىلدۇق،
مۇئەللىم، بىز سەن بىلەن ئادىمىيلىك سەپكە قېتىلدۇق؛
مۇئەللىم، سەندۇرسەن بۇ جاھاندا ئىنسان بىر ئۇلۇق،
مۇئەللىم ، بىزدىكى بارلىق ئالقىش پەقەت ساڭا تەئەللۇق.
مۇئەللىم، شام بولۇپ كۆيۈسەن ئەل،بىلىم ئىشقىدا،
مۇئەللىم،خىزمەتتىسەن، ياتقاندا ئەل شىرىن ئۇيقۇدا؛
مۇئەللىم،ئاۋامغا مېھرىڭ ئوت كۆيەر جىسمىڭدا،
مۇئەللىم، مىللەتكە سادىقسەن، بارلىقىڭ پىدا.
مۇئەللىم، ئون مېتىر يىراقتىن سالامغا لايىقسەن،
مۇئەللىم، ئىسمى ۋە جىسمىڭ ئاۋامغا تالىقسەن؛
مۇئەللىم، سەبىيلەر ئاغزىغا ئىلىمدىن زەم-زەم سالىسەن،
مۇئەللىم، بارچىغا ھاياتلىق نىشانى ئاتا قىلىسەن.
تەرىپىڭ تۈگىمەس بىر ئۇلۇق ئىنسان مۇئەللىم!
شەپقىتىڭ تەڭداشسىز بىر سېخى ئىنسان مۇئەللىم!
ئەمما كىبىرسىز بىر ئاددى ئىنسان مۇئەللىم!
تاپالماس ھېچ كىشى بىر سەندىن نۇقسان مۇئەللىم!!!
ئاپتورى: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muzati(木扎 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 22:34