كۆرۈش: 166|ئىنكاس: 3

بۇ تەربىيەلىگۈچىمۇ ياكى تەدبىرلىگۈچىمۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
14315
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 19:21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            بۇ تەربىيەلىگۈچىمۇ ياكى تەدبىرلىگۈچىمۇ؟

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ مېنىڭ مۇنبەردىكى تۇنجى تېمام ھېسابلىنىدۇ؟ بەلكىم تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ ھەممىڭلار ھەيران قېلىۋاتقان بولۇشىڭلار مۇمكىن...
      ئالدىنقى ھەپتە قىزىمنىڭ ئوقۇش ئىشى بىلەن باينىغولىن ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپكە بېرىپ قالدىم. بۇ مەكتەپتىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپپاق خالاتلىرىنى كېيىپ ئالدىراش يۈرگەنلىرنى كۆرۈپ قىزىمنىڭ كەلگۈسىدە شۇنداق ئاق خالات كېيىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزەمچە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمگەن ئىدىم، ئەمما ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە «كۆزۈمدىن يوقال، نېمىگە بېزىرىپ تۇرىسەن ...»، «ھۇ xxx، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارايسەن، نېمىشقا مەكتەپ فورمىسى كىيمەيسەن ....» ئىشخانا ئىچىدىن چىققان بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى، ...شۇنچە سەت ھاقارەتلىگۈدەك ئوقۇغۇچىلار نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتى؟ ئوقۇتقۇچى ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىنسان دىلىنى يورۇتقۇچى مەشئەل دەپ تەرپلەپ ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز – يۇ، ئەمدى بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى؟ ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق سەت ھاقارەتلگۈدەك بۇ  قانداق سەۋىيەسىز  ئوقۇتقۇچى بولغىيتى، دەپ تۇرۇپلا قالدىم. بىر دەمدىن كېيىن بۇ ئىشخانىدىن بىر  ئوغۇل، بىر قىز  چىقىپ كەلدى، بۇلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام بۇ ئىشخاندىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى تۇ xx  بولۇپ مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئىكەن. مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىغا كىرگەندە «دوكلات» دەپ كىرىشى كېرەككەن، ئوغۇل بالا ئىشخانىغا كىرگەن ۋاقىتتا «دوكلات» دەپ توۋلىغان بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى ئاڭلىمىغانلىق سەۋەبى بىلەن ھېلىقى تۇ xx دېگەن بۆلۈم باشلىقى ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇنداق سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كېتىپتۇ. ھېلىقى قىز بالا مەكتەپ فورمىسى كىيمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق سەت گەپلەرنى ئاڭلاپ چىقىپتۇ. ئەجەبا كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى تىللاش زۆرۈرمىدۇ؟ ئەجەبا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مۇشۇنداق تىل- دەشنام بىلەن بالا تەربىيەلەش دەپ بەلگىلىمە بارمىدۇ؟ ئەجەبا مۇشۇنداق ئىقتىدارسىز ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلار؟؟؟؟ قېرىشقاندەك مېنىڭ ئىشىمنى بېجىرىدىغىنىمۇ دەل شۇ سۆرۈن تەلەت، ئاغزى بىزەپ  تۇ  xx  بولۇپ چىقتى. ئىشخانسىغا كىرسەم ئۆزى كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ، ماڭا گەپمۇ بەرمەستىن «ئىشىڭىز بولسا ئەتە كېلىڭ مەن بۈگۈن ئالدىراش»، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن سۇ قۇيغاندەك بولۇپ كەتتىم، «ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭىزما، چىقىپ كېتىڭ»، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن يېرلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم. ئامال يوق بېشىمنى چايقاپ قايتىپ چىقتىم. مەكتەپتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ يېنىمدىكى بىرقانچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېلىقى تۇ xx توغرىلىق قىلىشقان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، «تۇ xx كە پۇل بەرمىگۈچە ئىشىڭنى قىلىپ بەرمەيدۇ، ئاز - تولا پۇل خەجلە، ئاندىن ھېچنىمىگە قارىماي ئىشىڭنى توغرىلاپ بېرىدۇ...»، مەكتەپ ئالدىدا ئاشخانا ئاچىدىغان تونۇشۇمدىن سۈرۈشتۈرسەم ھەقىقەتەن بۇ تۇxx نىڭ خىزمەت ئىستىلىنىڭ ناچارلىقىنى، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى بىلەن قېرىشىپ قېلىپ ئالدىنقى ھەپتە سەۋەبسىزلا ئۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن ھەيدىۋەتكەنلىكىنى، سەۋەبسىزلا ئوقۇغۇچىلارنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، باياتىنقى ھەيران قېلىشلىرىم كۆتۈرۈلۈپلا كەتتى... مائارىپىمىزدا قاچاندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق سەت تىللايدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ماددا قوشۇلغان بولغىيتى، قاچاندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار پىلاننى ئادەم تەربىيەلەشكە ئەمەس، تەدبىر قوللىنىپ ھەيدىۋەتسە بولىدۇ دەپ تۈزەمدىغاندۇ. بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە ھاقارەتلەيدىغان، غۇرۇرىنى، كىشىلىك ئىززىتىنى يەرگە ئۇرىدىغان ناچار ئىستىللار قاچانمۇ يوقىتىلار، قاچانمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەدبىرلەشكە ئەمەس تەربىيەلەشكە قاراپ يۈزلىنەرمىز؟ بىزنىڭ يەنە قانچىلىك پاك، سەبىي بالىلىرىمىز مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا غۇرۇرى، كىشىلىك ئىززەت – ئابرۇيى دەپسەندە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ ... كەلگۈسىدە مۇشۇنداق ئادەمنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن پەرزەنتلىرىمىز قانداق ئادەم  بولۇپ كېتەر، قانداقمۇ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشار، بولۇپمۇ  شىنجاڭدىكى خېلى نوپۇسلۇق تېببىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى كەلگۈسىدىكى دوختۇر، سېستىرالىرمىزنى مۇشۇنداق تەربىيەلىسە ئۇلار بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلار. باشقا تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار،ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەربىيە بېرەر......ئەجەبا مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز يۈرگەندىمۇ؟؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 17:15  


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
229
تۆھپە
103
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:43:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى يازمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!
دۆلىتىمىزدىكى مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ تۇۋەن بولىشى، مائارىپنى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يۇلداش تۇ.....غا ئوخشاش ئىلىم-پەنگە ساختىلىق ئىشلىتىدىغان، مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە، جەمىيەتكە بۇلغان ئىجابىي تەسىرىنى ئويلاشمايدىغان مىتىلەرنى يۇقاتمىغانلىغى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
بۇ ئىشنى مەكتەپ رەھبەرلىگىگە ئىنكاس قىلىش كىرەك.

ئەتىسى بارغاندىكى ئەھۋالنىمۇ يوللىۋىتەرسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 17:51  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىلىشىمچەكورلىدىكى  ئۇ مەكتەپ دولەت  ئىتراپ قىلمايدىغان ، ئژتىمايى كۇچلەر ئاچقان مەكتەپ، (بىر نەۋرە سىڭلىمنى  بىر يىل ئۇقۇتۇپ قايتۇرۇپ  كەلگەن )بۇنداق يەردە شۇ ساپاسى يوق  ، پوق  قۇساقلار باردە ئەلۋەتتە


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
14935
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بايىنغۇلىن تىببى مەكتەپ مەملىكەت دەرىجىلىك نوقتىلىق كەسپى ئوتتۇر تېخنىكوم مەكتىپى،مەملىكەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم، تۇلۇق سەپلەنگەن 200گە يېقىن ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىغا ئىگە.يۇقۇردىن- تۆۋەنگىچە مۇنتىزىم قانۇن-تۈزۈم بار.ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ قانۇن-تۈزۈم تەرتىپلەرنى قالايمىقان قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتىكى جاپالىق خىزمىتىنى ئىنكار قىلىپ،غورۇرىنى دەپسەندە قىلغانلىق،مەكتەپنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلغانىلىق.بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇھەمدە قانۇن تەرپىدىن قاتتىق سۇرۇشتە قىلىنىدۇ.
                                                            
                                                                                  بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق تېببى مەكتەپ ئىشخانىسى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:28, Processed in 0.071878 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991