باھار كەلدى، سەن كەلمىدىڭ
يۈرىكىمگە ئوتنى تاشلاپ كەتتىڭ يايرىم،
قالدىم چەكسىز ئازاب ئىچرە كۆزۈم ياشلاپ.
سەن ئۈچۈنلا ئېچىلغان بۇ ياشلىق گۈلۈم،
سۇلدى شۇندىن باغۋىنى يوق يىغلاپ، قاقشاپ.
سەنسىز ئۆچتى بۇ ھاياتنىڭ شاۋقۇنىمۇ،
شادلىق گويا ئۇپۇق كەبى كەتتى يىراق.
دەريادىكى مۇزنى سۆيدى ئەگىز سۈيى،
نازۇك دىلىم مۇزدىن سوغاق، ئۆرتەر پىراق.
بارالمىدىم بەخت كۈلگەن بەزمىلەرگە،
چۈنكى سەنسىز راۋا ئەمەس ئۇ مەئىشەت.
لەيلەپ قالدىم قارايى يوق ئاق بولۇتتەك،
نىشانىم يوق پەقەت ھىجران قىينار دەھشەت.
ئاشىق يىگىت، مەشۇق قىزلار يىتەكلىشىپ،
خۇش يۈرۈيدۇ قەلبى ئاتەش جۇت قىشمۇ.
بىچارىمەن، سۆيگۈ تىلەپ دىۋانىدەك،
ئاھ ئۇرارمەن ئايغا بېقىپ تۈن، كەچتىمۇ.
نىھايەت، قۇياش كۈلۈپ، كەلدى باھار،
ئەي باغرى تاش سەن كەلمىدىڭ ھالىم سوراپ.
كاككۇك ئۈنى گويا مېنىڭ نىدايىمدۇر،
مەيىن شامال ئېلىپ كەتتى بىلسەڭ ئاڭلاپ.
چەرچەن ناھىيە چوڭكۆل يېزىلىق پارتكوم-ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن: سائادەتگۈل ئابدۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 11:00