باشلىق، بوغالتىر
(ساتىرا)
بىرسى بولقا، بىرسى قاڭالتىر،
ئالاقىگە ئەجەبمۇ ماھىر.
بىرسى ھوقۇق، بىرسى پۇل تۇتار،
بىرسى باشلىق، بىرسى بوغالتىر.
ئەسلىدە ئۆچ ئىدى ئۆزئارا،
بىر چاغلاردا كۆڭۈللەر يارا.
قالدى ئەجەب قالتىس ئەپلىشىپ،
دەرسىز بۈگۈن كۆرسىڭىز «ياپىر!».
ئېرىشمەستە بۇ ئىمتىيازغا،
ئىدى بۇلار نامرات مۇساپىر.
قاچان تەگدى مۇشۇنداق ھوقۇق،
سەمىرىپ كەتتى باشلىق بوغالتىر.
«ئىناقلىق» تا ئۈلگە ھەممىگە،
يېتىشىدۇ دەردۇ – غېمىگە.
مۇئاۋىنلەر مۇندا بى كېرەك،
بىرسى رولچى، بىرلىرى كاتىر.
ئىكەن بۇلار ھەممىگە قادىر،
بىرسى «زوھرا»، بىرلىرى «تاھىر»،
خۇلاسىدە بولۇپ يانتاياق،
شۇڭا ھەر يىلى سايلىنار نادىر.
*********
مەنبە: ئۆزقەلىمىم. (ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 10:25