ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىدا ھەقسىز ئويۇن بېلىتى
تارقىتىش پائالىيىتىنى يەنە يولغا قويدى
«سالام، نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق مۇزىكىلىق سېرىك تىياتىرىنىڭ ھەقسىز بېلىتى
20 – ئاپرېل تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىدا ھەقسىز ئويۇن بېلىتى تارقىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان ئىدى. 28 – ئاپرېلمۇ ئوخشاشلا كەڭ تورداشلارغا ھەقسىز ئويۇن بېلىتى تارقاتماقچى. كونكېرت تەلەپلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشمەكچى بولغان تورداش چوقۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىغا تىزىملىتىپ، مەدەنىيەت نازارىتى مىكروبىلوگى چىقارغان ئويۇن ئۇچۇرىنى كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم تارقىتىشى شەرت. 2. ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشمەكچى بولغان تورداش مەدەنىيەت نازارىتى تەييارلىغان قىسقا، ئاددىي سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى چىقارغان سوئاللار تۆۋەندىكىچە:
1. «سالام، نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق مۇزىكىلىق سېرىك تىياتىرى قاچاندىن باشلاپ ئوينالغان؟ 2. بۇ مۇزىكىلىق سېرىك تىياتىرىنى قايسى ئۆمەك ئوينىغان؟ 3. ئۇيغۇر سېرىكچىلىكىنى دۇنياغا تونۇتقان تۈر قايسى؟ ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشمەكچى بولغان تورداش چوقۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىدا مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرىنى تارقاتقان بولۇشى، شۇنداقلا تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە يۇقىرىدىكى ئۈچ سوئالغا جاۋاب بەرگەن بولۇشى كېرەك.
يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ئورۇنلىغان توردىشىمىز «سالام، نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق مۇزىكىلىق سېرىك تىياتىرىنىڭ 28 -ئاپرېل شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دە، نەنمېن خەلق تىياتىرىدا قويۇلىدىغان ئويۇنىنىڭ ھەقسىز بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. يۇقىرىدىكى شەرتنى ئورۇنلىغان تورداشلار 0991-8521981 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ ھەقسىز ئويۇن بېلىتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ نومۇرغا ئەڭ يۇقىرىقى شەرتلەرنى ئورۇنلاپ، ئەڭ بالدۇر تېلېفون قىلغان تورداشلارغا بېلەت بېرىلىدۇ. تەڭرىتاغ مۇنبىرى ۋە تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز ئويۇن بېلىتىنىڭ ئۇچۇرلىرى داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ . تورداشلارنىڭ تەڭرىتاغ مۇنبىرى ۋە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 09:58