ئېينىشتېيىننىڭ «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى
يېتەكچىلەر: شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتوتى مۇدىرىيەت رەئىسى غوپۇر يۇنۇس، فىزىكا لىكتورى پاتەمخان مەڭنىك. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى، دوتسېنت ئابدۇروسۇل كىچىك ئاخۇن.
ئاپتورلار: ھاكىم غېنى (تۇرپان)، ئادىل مەمەت (پەيزىۋات)، تۇردى ئۆمەر (كەلپىن)، ئارزۇگۈل قېيىم (توقسۇن)
ئاساسلىق مەزمۇنى:
(1) تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنى 2 - مەزمۇنى تامامەن ئىنكار قىلىدۇ، بۇ دەل ئېينىشتېيىندىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيا فىزىكىچىلىرىنىڭمۇ بۇ نەزىرىيەنى تولۇق چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
(2) تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ماكان - زامان ئۆلچىمى بىر ئۆلچەملىكتىن بولۇپ، جەمئىي 2 ئۆلچەم، لېكىن بۇنى 1916 – يىلى ئېينىشتېيىن يەنە ئۆزى ئىنكار قىلىدۇ.
(3) ماسسا - ئېنېرگىيە فورمۇلىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، نيۇتون بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ مېخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلىغان بولسا،ئېينىشتېيىن بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ فىزىكىلىق ياكى خىمىيەلىك شەكلىگە يىغىنچاقلىغان.
(4) «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئالىملار بىكارغىلا خۇشال بولۇشۇپ، نيۇتوننىڭ مۇتلەق ماكان - زامان قارىشى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى دەپ قارىغان، لېكىن ئېينىشتېيىندىن كېيىن ئىسپاتلانغان قاراش مىكروزەرىچىلەر دائىرىسدە چەكلەنگەن بولۇپ، نيۇتوننىڭ لوگىكىسى بىلەن بۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئورتاقلىقى يوق. يەنى بۇلارنىڭ ئىككىسى ئىككى گەپ.
ھالقىلىق سۆزلەر: نيۇتون، ئېينىشتېيىننىڭ ۋە سىتىفون خوكنىڭ ماددىنى مۇئەييەن بىرلا خىل شەكىلگە يىغىنچالاش لوگىكىسىدىكى ئوخشاشلىق، بۇ ئىدىيالىزمنىڭ تىپىك ئىپادىسى، ماركسىزمنىڭ «بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش پىرىنسىپى» نى دۇنيا بويىچە ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.
بىزگە مەلۇم، فىزىكا ئىلىمى پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليارد ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئورتاق دەرسلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى ماركسىزمدىن كۆپ ئۇزۇن. بۇنىڭدىكى سەۋەب دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ئوخشاش ئەمەس. بىز كۆپ ئادەم ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش پىرىنسىپىنى پۈتۈن دۇنيا ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇزگەرتسە، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىكى نۇرغۇن بىمەنە قاراشلاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدىغانلىقىغا پاكىت تاپتۇق. بۇلار تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل.
1. بىز ئادەتتە دەرسلىكلەردە تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەندىكى ماددا ئۇقۇمىنى بىر خىل ئەمەس دەپ قارايمىز. لېكىن بۇنى 1905 – يىلى ئېينىشتېيىن ئىنكار قىلغان، يەنى ئۇ «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «قوش كېزەكلەر سەپسەتىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئادەمنىڭ نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئادەتتىكىدىن ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەگەر ھايۋاناتلارمۇ شۇ نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەت بىلەن ئۇچسا، ئۇنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، مانا بۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى پادىشاھ چىنشىخۇاڭدىن باشلاپ ئىزلەپ كېلىۋاتقان قېرىماسلىقنىڭ يەنە بىر يېڭى رېتسېپىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن تېپىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. لېكىن تەڭرىمۇ جەننەتتىمۇ بۇنداق ئەھۋال بار دەپ ئوتتۇرىغا قويمىغان، ماركسىزملىق پەلسەپەدە ئادەم بىلەن ھايۋاننى ماددا دەيمىز،ئېينىشتېيىن بولسا جىسىم دەيدۇ. لېكىن بۇ ھۆكۈم تاكى ھازىرغىچە فىزىكلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان. قوبۇل قىلسا قانداق بولىدۇ،
2. بىز ئالدىنقى ماقالە «كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خىرىستىئان دىنى ئىنستىتوتى دىققەت قىلمىغان نيوتوننىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى» دا كۆرسىتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، ماددا بىلەن ھەرىكەت ئايرىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ماددا شەكىللىرىنى نيۇتونغا ئوخشاش ماددىنىڭ مېخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلاش تەبىئىي ھالدا ماددا بىلەن ھەرىكەت تامامەن ئايرىم تۇرىدۇ، دېگەن خاتالىققا ئېلىپ بارىدۇ. دەل مۇشۇ قاراش نيۇتوننى تەڭرىنى چاقىرىشقا مەجبۇرلىغان، بولمىسا نيۇتوندەك دۇنياۋى ئالىم قانداق قىلىپ بۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىقنى ئوتكۈزىدۇ ھەم بۇ قاراشقا تاكى ھازىرغىچە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىدىغانلار ساماننىڭ نەرخىدە. ئېينىشتېيىنغا قارىساقمۇ، بۇ زات بۇ خاتالىقنى 100 يىل بۇرۇن يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان. ئەگەر نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى توغرا دېسەك، ماركسىزملىق پەلسەپەنى تامامەن خاتا دېگەن بولىمىز. مەسىلەن، ئادەتتىكى پەلسەپەدە «ئادەم بىر ئېقىمغا ئىككى قېتىم كىرەلمەيدۇ» دېيىلىدۇ، يەنى سىز بىر ئېقىنغا بۇرۇن بىر كىرگەن بولسىڭىز، يەنە بىر كىرگەندە،ئۇ ئەسلىدىكى ئېقىن بولماستىن يېڭىلانغان ئېقىن بولىدۇ، لېكىن «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دە ھەرىكەتنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ھەتتا تەڭرىمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە قىلغىلى بولىدۇ، يەنى ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ. شەرتى ھەرىكەتنىڭ سۈرئىتى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلىشىشى كېرەك (ئەلۋەتتە ھازىر نۇر تېزلىكىدىن يۇقىرى تېزلىك بايقالدى). لېكىن بۇنىڭدا سۈرئەت نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، نيۇتون ئوتتۇرىغا قويغان جىسىمنىڭ ماسسىسى (يەنى زىچلىقى بىلەن ھەجمى) نىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمايدۇ. مەسىلەن، جىسىمنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، راكىتانىڭ ماسسىسى، راكىتا ئىچىدىكى بارلىق جىسىملارنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. باشقا ئامىللارنى دېمەي تۇرايلى، ئادەمنىڭ 0.5 كىلوگىراملىق يۈرىكى ئەسلىدىكىدىن 80 - 90 ھەسسە يوغىناپ كېتىدۇ. يەنى40 - 50 كىلوگىرامغا چوڭلايدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەرقانداق بىر دوختۇر ۋە دۇنيادىكى سان - ساناقسىز تېببىي مەكتەپ ئىستۇدېنتلىرى بۇ ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغانلىقىنى سىزگە كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، لېكىن بۇنى تېخى ئۇلار بايقاپ بولالمىدى. لېكىن «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دە بولسا، راكىتا ئىچىدىكى بۇ ئادەم ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئېينىشتېيىن بۇ قاراشىنى تېزلىك ۋە ماسسا فورمۇلىسى ئارقىلىق ئىنكار قىلىدۇ، لېكىن ئۆزى سەزمەيدۇ. دۇنياۋى بۇ ئالىم راستىنلا سەزمىگەنمىدۇ؟ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» ۋە «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، شۇنداقلا بۇ نەزەرىيە بىلەن كۇۋنت مېخانىكىسى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكى دەپ قارىلىدۇ. كۆرۈشكە بولىدۇكى، تېببىي ئىلىم بىلەن تار دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى زىت كېلىدۇ. لېكىن پۈتۈن دۇنيا توغرا دەپ قاراۋاتقان نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق، يەنىلا ئۆز گېپىنى يورغىلىتىۋېرىدۇ. بۇنى مائارىپتىكى كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش پەقەت مۇمكىن ئەمەس.
3. نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى خاتا دېيىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بىز ماركسىزمنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئېنگلىسنىڭ «ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىقىنى بايقىدۇق. يەنى مۇشۇ ئاساستا «ماددىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى» نىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ئېنگىلىسنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان مېخانىك ھەرىكەت، فىزىكىلىق ھەرىكەت، خىمىيەلىك ھەرىكەت، بىيولوگىيەلىك ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت قاتارلىق 5 خىل ھەرىكەت شەكلىدىكى ھەرىكەت شەكىللىرى ئاددىيدىن مۇرەككەپكە قاراپ تىزىلغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلى بولغان ئىجتىمائىي ھەرىكەت شەكلى، بىيولوگىيەلىك ھەرىكەت قاتارلىقلار تۆۋەن دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلى بولغان مېخانىك ھەرىكەت، فىزىكىلىق ھەرىكەت ۋە خىمىيەلىك ھەرىكەت شەكىللىرىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ھەم بۇ ئاددىي ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ماددا ۋە ھەرىكەت شەكلى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت ۋە ماددا شەكلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ماددىي ئاساس.
شۇنىڭ ئۈچۈن ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەكلىنى تۆۋەن دەرىجىلىك شەكلىگە يىغىنچاقلاپ قويۇشقىمۇ، شۇنداقلا تۆۋەن دەرىجىلىك ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى يۇقىرى دەرىجىلىك شەكلىگە كۆتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل قاراش نيۇتون قانۇنلىرى پەيدا بولۇپ، 170 – يىلدىن كېيىن ئېنگىلس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا نيۇتون قانۇنلىرى تەڭرىنى ئاساس قىلغانلىقى، يەنە كېلىپ ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى مېخانىك ھەرىكەتكە يىغىنچاقلىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدىكىدىن تەرەققىي قىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى مېخانىك ھەرىكەت چۈشەنچىسى بىلەن ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
4. بىزنىڭ بۇ كونا مەسىلىنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى، نيۇتونغا ئۇخشاش بارلىق ھەرىكەت شەكىللىرىنى ھەرىكەتنىڭ مېخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى ئېينىشتېيىننىڭ «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئىدىيە بىرنىڭ تەپەككۇرىمىزنى ھازىرغىچە مونوپول قىلىپ كەلدى. مەسىلەن، ماسسا ۋە ئېنىرگيە فورمۇلىسىغا قارايدىغان بولساقلا بۇنى چۈشىنەلەيمىز، «ئېنېرگىيە = ماسسا (كۆپەيتىش) نۇر تېزلىكىنىڭ كىۋادراتى»، (بۇلارنى فورمۇلا شەكلىدە ئالالمىدۇق). بۇ فورمۇلا ئارقىلىق قۇياشنىڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ، ئاتوم بومبىسىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن ماسسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى خۇددىي نيۇتون بارلىق جىسىملارنى مېخانىك سائەتكە يىغىنچاقلىغان بولسا، ئېينىشتېيىن ئاتومنىڭ يادروسىغا ياكى ئاتومغا يىغىنچاقلايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى،ئاتوم بىلەن ئادەم ۋە ھايۋانات پەرق قىلىدۇ، بۇلارنىڭ كۈچىنى ئاتوم بومبىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىسىڭىز بولمايدۇ. «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئالىملار ئىسپاتلىدى، بىز بۇ ماقالىدە تار دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي لوگىكىلىق خاتالىقىنى مۇزاكىرە قىلىمىز.
5. تار دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى مۇنداق ئۈچ مەزمۇندىن تۈزۈلگەن.
1) جىسىم نۇر تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلغاندا،ماكان قىسقىراپ، زامان ئۇزىرايدۇ.
2) جىسىملار ھەرىكەت تېزلىكىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ماسسىسى ئېشىپ بارىدۇ.
3) ئېنېرگىيە تەڭ ماسسا ۋە نۇر تېزلىكىنىڭ كىۋادراتىنىڭ كۆپەتمىسى.
4) بىز ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىمۇ 1 - ۋە 2 - مەزمۇن بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ دېگەن.
ئادەممۇ بىر جىسىم، فىزىكا جىسىم دەيدۇ، ماركسىزم ماددا دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر گەپ. نيوتون ئىككىنچى قانۇنىدا جىسىمنىڭ تېزلىنىشى ماسسىغا تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ، بۇ قانۇننى توغرا دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئىنكار قىلىپ تۇرىمىز. چۈنكى ماسسىسى بولمىغان فوتون نۇر تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلالىغان بىلەن ئىنسانلار نۇر تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلالمايدۇ. ئېينىشتېيىننىڭ دېگىنى ئەگەر ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلىپ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەندە، ئۇ نۇر تېزلىكىگە يېقىن تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلالايدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلغۇچى ماددىدا ماكان (شۇ ماددىنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا قىسقىرايدۇ، ئېگىزلىك ۋە كەڭلىكتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، شۇڭا بۇلارنى ھېسابقا ئالمايمىز)، زامان - مۇشۇ جىسىم ئىچىدىكى ۋاقىت ئاستا ئۆتىدۇ، فىزىكا ئالىملىرى ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېلىپ بارغان نۇرغۇن قېتىملىق تەجرىبىلەر، نىت مەنىدىكى نىدپىلىك نەزەرىيەسىنىڭ 2 - مەزمۇننىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن، يەنى پىروتوننىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن 100 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇ دېمەكلىك تەجرىبە نەتىجىسىدە پروتوننىڭ ھەجمى بىلەن زىچلىقى ئەسلىدىكىدىن 100 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان بولىدۇ، شۇنداقلا نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلغان زەررىچىلەرنىڭ يىمىرلىشىمۇ ئادەتتىكىدىن ئاستا بولغان. ئېينىشتېيىن بۇ زەررىچىنىڭ ئورنىغا ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ قارىغان، ھازىر پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئېينىشتېيىنچىلارمۇ بۇ قاراشتا، ئەگەر پروتون بىلەن ئادەم تەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا قانداق بولىدۇ، دەل بىز دېگەندەك 0.5 كىلوگىراملىق يۈرەك ئەسلىدىكىدىن 80 - 90 ھەسسە چوڭلايدۇ. ئېينىشتېيىن ياكى ھازىرقى زامان فىزىكا ئالىملىرى بۇ ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ دەپ قارايدۇ، تېببىي ئىلىم بولسا بۇ ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى جاكارلايدۇ، بۇنى فىزىكا ئالىملىرى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېينىشتېيىن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇللۇق ئالىملارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، بۇ باھانى بەرگۈچىلەرنىڭ بايىقى پاكىت بىلەن پەرۋايى پەلەك.
5) نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ فىزىكا ساھاسىنى مونوپول قىلغان. بۇنى بىز ھازىرقى زاماندىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مەسىلەن، قۇياش سىستېمىسى بىلەن باشقا سەييارىلەرنىڭ ئارىلىقى 4.3 نۇر يىلى بولۇپ، سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان (ھازىر بۇنىڭدىنمۇ تېزلىك بايقالدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن يەنە ئېينىشتېيىننىڭ نەزەرىيەسىنى مىسال قىلىمىز)، نۇرنىڭ سىرتقى سەييارىلەرگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈنمۇ 4.3 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەنگلىيە كېمبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سىتىفېن خوك يېقىندا «ئالەمگە تۇتاشقان مەخپىي قۇرۇلما» دېگەن ئەسىرىدە، بۇنچىلىك ئارىلىقنى بېسىپ بولۇش ئۈچۈن، ئىنسانلار ھازىرقى ئۇچۇش تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا 50000 يىل ۋاقىت كېتىدىغىنىنى، ئەگەر ئانتى ماددىنى ئالەم راكىتاسىنىڭ يېقىلغۇسى قىلغاندا بولسا، بۇنچىلىك ئارىلىقنى 6 يىلدا تاماملىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئالىممۇ ئادەم نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەجمى بىلەن زىچلىقىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغان. قىزىقارلىقى شۇكى، تېببىي ئىلىمنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرى بۇنى دائىم ئىنكار قىلىدۇ، لېكىن فىزىكىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق.
6) نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ماكان ۋە زامان ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئىلمىي ئاساسى يوق. چۈنكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىكى ماكان - زامان بىر ئۆلچەملىك ماكان ۋە بىر ئۆلچەملىك زامان قارىشى بولۇپ، بۇ ماركسىزملىق پەلسەپە ۋە فىزىكىدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك ماكان ۋە بىر ئۆلچەملىك زامان ئۇقۇمى بىلەن تامامەن قارمۇقارشى، بۇ خۇددىي نيۇتون بىرىنچى قانۇنى بىلەن فىزىكىدىكى كۈچ ئۇقۇمىنىڭ بىر - بىرىگە تامامەن قارمۇقارشى ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشاش. يەنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى پەيدا بولۇپ تاكى ھازىرغىچە خۇددىي نيۇتون قانۇنلىرىنىڭ بىرەر فىزىكىچىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسىي لوگىكىنى چۈشەنمىگەندەك، پۈتكۈل دۇنيادىكى بارلىق ئالىملارغىچە ھېچكىم «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى تولۇق چۈشەنگەن ئەمەس. بۇنى مۇنداق مېسال ئارقىلىقمۇ چۈشىنىمىز: «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دىكى 2 ئۆلچەم مۇنداق، يەنى «ھەرىكەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاپ، شىكالىنىڭ قىسقىرىشى» دىكى شىكالىنىڭ قىسقىرىشى ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە جىسىمنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى مەۋجۇت ئەمەس. ماكاننىڭ بىر ئۆلچەملىكلىكى دەل مۇشۇ. سائەتنىڭ ئاستىلىشىش مەسىلىسى بولسا، فىزىكلار بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ. يەنى بايىقى مېسال، زەررىچىلەرنىڭ تېزلىكى تېزلەتكۈچ تەرىپىدىن تېزلىتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يىمىرلىشى ئەسلىدىكىدىن ئاستا بولغان. يەنى فىزىكلار ئادەمنى ئاساسىي زەررىچە دەپ قارىغان. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تامامەن يوققا چىقارغان، ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىنى بۆلسەك ئەڭ ئاخىرى ئاساسىي زەررىچىلەرگە بۆلۈنىدۇ، ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكىتى فىزىكىلىق ھەرىكەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى بولسا ئىجتىمائىي ھەرىكەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، يەنى فىزىكلار ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى فىزىكىلىق ھەرىكەتكە يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ماركسىزملىق لوگىكىغا خىلاپ، لېكىن فىزىكىدا ماركسىزمنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ يەردە ماركسىزملىق ئىلمىي قاراشنىڭ ئىلمىي ئىكەنلىكىنى تېببىي ئىلىممۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
7) ئېينىشتېيىننىڭ كىشىلەر تېخى بايقىمىغان، فىزىكىغا ۋە پەلسەپەگە قوشقان تۆھپىسى بولسا، ئۇ 1905 - يىللىرىلا فىزىكىدىكى ماددا قارىشى بىلەن ماركسىزمدىكى ماددا قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغان. يەنى ئالەم راكىتاسى نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا ئېلېكتىر ماگنېت مەيدانى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ئادەم بەدىنىدىكى سائەتنىڭ ئاستا ئۆتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئادەم ئۇزۇن ياشايدۇ دەپ، «قوشكېزەكلەر سەپسەتىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەلىمات «تار دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى چۈشەندۈرۈشتە تازا ياخشى مېسال بولغان، بۇنىڭ بىلەن سان - ساناقسىز ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايىلەر، كىنولار، قونچاق – فىلىملەر مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئېينىشتېيىننىڭ ئەدەبىي ئوبرازى تېخىمۇ جەۋلان قىلغان، پارلىغان. يەنە كېلىپ، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا ماددىنىڭ ھامان بىر باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنىئوتتۇرغا قويغان. بۇ نەزەرىيە «ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسى» نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سالغان. بۇ نەزەرىيە بىزنىڭ «ماركسىزملىق ماددا كاتېگورىيەسى - ماددىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى» دېگەن ئىلمىي قارىشىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ناھايىتى كۈچلىك دەلىل بىلەن تەمىن ئەتكەن.
بىز ئەسلىدىكى فورمۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
8) ئەسلىي گەپكە كەلسەك، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ماكان قىسقىراپ، زامان ئۇزىرايدۇ، يەنى راكىتا ئىچىدىكى ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە سۈپەت جەھەتتە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بىرنەچچە تۈرلۈك ماددا شەكلى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم راكىتاسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇلار ئادەم، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئالەم راكىتاسىغا ۋە ئادەم، ھايۋانات،ئۆسۈملۈكلەرگە كېرەكلىك بولغان تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى بولۇپ، ئادەتتىكى مەيداندا تۇرۇپ قارىساقمۇ بۇنى چۈشىنىش ناھايىتى ئاسان.
دېمەك ئېينىشتېيىننىڭ «قوش كىزەكلەر تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالەم راكىتاسىنىڭ ماسسىسىلا ئەمەس، بەلكى پىروتون بىلەن تەڭ ماڭغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرىنىڭ ماسسىسمۇ ئەسلىدىكىدىن 80 - 90 ھەسسە چوڭلايدۇ، لېكىن ئالەم راكىتاسى بۇزۇلمايدۇ. ئالىملار پىروتوننىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن راكىتا، ئادەم، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. چۈنكى ئېتىراپ قىلسىلا «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ ماھىيىتى ئاشكارا بولىدۇ.
9) ئېينىشتېيىن 1905 – يىلى 5 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان، بۇلارنىڭ بىرى 1921 - يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ نەزەرىيە نۇرنىڭ ھەم زەررىچىلىك، ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىدى. ئېينىشتېيىن بۇ مۇكاپات سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى ئايالىغا بەرگەن، ئېنېرگىيە، ماسسا، نۇر تېزلىكى كىۋادراتى ھەققىدىكى نەزەرىيە بولسا، 1945 - يىلى ياپونىيەنىڭ خىروسىما ئارىلى بىلەن ناگاساكى ئارىلىدا پارتلىغان 2 دانە ئاتوم بومبىسى ھاسىل قىلغان غايەت زور ئېنېرگىيە نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ 3 - قانۇنىنىڭ تۇغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن بۇ ئىسپاتلاشمۇ ئاتوم دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدۇ، بايا دەپ ئۆتكەندەك، ئادەم ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېنېرگىيە كۈچىنى ھېسابلاشقا ماس كەلمەيدۇ. ئاتوم ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ھازىرقى دۇنيادىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، بۇنىڭ يارىتىدىغان ئىقتىسادىي ئۇنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەنلا نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ 1 – ۋە 2 - مەزمۇنىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېنىق چۈشىنىشى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان مېسال ئالايلى، ھازىرقى «خەلق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان لىياڭ خېڭ تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان «ماتېماتىكا - خىمىيە — فىزىكىدىن ئاممىباپ لېكسىيە» دېگەن كىتابنىڭ 554 – بېتىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئائىت مېسالنى كۆرەيلى. قارىماققا ئىنتايىن ئىشەنچسىز كۆرۈنىدىغان ‹سائەتنىڭ ئاستىلاپ، شىكالىنىڭ قىسقىرىشى›، بۇ دېگەنلىك، ھەرىكەت قىلىۋاتقاندىكى سائەت، تىنىچ تۇرغان ۋاقىتقا قارىغاندا ئاستا ماڭىدۇ، گەز شىكالىسىمۇ قىسقىراپ قالىدۇ، بىز ئادەتتە دائىم تۆۋەن تېزلىكتىكى ھەرىكەتتە - ئۇنى ھېس قىلالمايمىز، لېكىن، شىكالا سېكونتىغا 260000 كىلومېتىرلىق تېزلىك (يەنى 0.87 ھەسسە نۇر تېزلىكى) بىلەن ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا، بىر مېتىرلىق گەز قىسقىراپ يېرىم مېتىر بولۇپ قالىدۇ. يەردە بىر سائەت ئۆتسە، ھەرىكەتتىكى سائەت ئاران يېرىم سائەت ماڭغان بولىدۇ. بىر ئادەم ئەگەر فوتون راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ، ئالەمنى ساياھەت قىلغان بولسا، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوغلىنىڭ قېرىپ، چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يەنىلا ئاۋۋالقىدەك ياپياش تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. بۇنداق سىناقنى بىز ئەلۋەتتە قىلالمايمىز. ئەمما ئوخشاش قانۇنىيەتلىك سىناق ئارقىلىق ھەرىكەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا تامامەن بولىدۇ، ئالدىنقى بىر نەچچە باپتا، بىز ئاتومنىڭ رادىيوئاكتىپلىقىنى سۆزلىگىنىمىزدە، نېمىنىڭ «يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى» ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدۇق. مەلۇم بىرخىل ئېلېمېنتار زەررىچىلەرنىڭ «يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى» ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى «سائەت» دەپ قارايمىز، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ھەرىكەتتىكى زەررىچىلەرنىڭ تىنچ تۇرغان زەررىچىلەرگە نىسبەتەن يېرىم يىمىرلىش دەۋرى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك، تەجرىبىلەر ئسپاتلىدىكى، ئاكسېلېراتوردىن چىققان تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان زەررىچىلەرنىڭ يىمىرلىشى ھەقىقەتەن باشقا زەررىچىلەرگە قارىغاندا ئاستا بولغان. بۇنى بىز نەزەرىيەۋى تەجرىبە قىلىپ كۆرسەكمۇ بولىدۇ. ھازىرقى زامان تەجرىبە فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى گالىلېي بولۇپ، ئۇ تەجرىبىدىن ئۆتكەن پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز توغرا تاناسىپلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئالەم راكىتاسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى ماددا شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بايا دېگەندەك نەزەرىيەۋى فىزىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاپ كۆرەيلى. ئالدى بىلەن ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرلىق ئالەم راكىتاسىغا ئالەم راكىتاسى بىلان ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بىر شىكالا باغلايمىز. ئادەم ئالەم راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ سېكونتىغا 260 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچقاندا ئالدى بىلەن 10 مېتىرلىق راكىتا ۋە شىكالا قىسقىراپ 5 مېتىر بولۇپ قالىدۇ، بىز بۇ يەردە پەقەت شىكالا قىسقىرايدۇ، راكىتا قىسقارمايدۇ دەپلا قاراپ كەلدۇق. ماكان دېگەن مۇشۇ راكىتانىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بولۇپ، شىكالىنىڭ قىسقارغانلىقى راكىتانىڭمۇ قىسقارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ راكىتا ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكىنىڭمۇ كېمەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەل ماكان قىسقاردى دېگەن سۆز ھەم بۇ قاراش راكىتانىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز ئىچىگە لىق سۇ قاچىلانغان 10 مېتىرلىق گۇەنزىنى سىقىپ قىسقارتىپ بېقىڭ، ئىچىدىكى سۇ نەگە ئاقىدۇ. ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، راكىتانىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمى كۆيۈپ تۈگەمدۇ ياكى ئۇپراپ كېتەمدۇ، ئىشقىلىپ، يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئالەم راكىتاسىدىكى ئادەم 1 يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى قېرىپ كەتكەن بالىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندا بولسا، ھەممىسى يەنىلا ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ، دېمەك ئالەم راكىتاسى، ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى ھەم ئۇزىرايدىغان ھەم قىسقىرايدىغان رېزىنكىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لېكىن نيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ لوگىكىسى كىلاسسىك فىزىكا بىلەن ھازىرقى زامان فىزىكا دۇنياسىنى مونوپۇل قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن گۇمان قىلىدىغان بارلىق نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى چەتكە قېقىلىدۇ. يەنە كېلىپ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر پەندە بىر ئۆلچەملىك ماكان ۋە بىر ئۆلچەملىك زامان مەۋجۇت ئەمەس.
10) بىز لياڭ خېڭ ئەپەندىنىڭ مېسالى بىلەن ھېسابلاپ كۆرسەك، ئادەم ئالەم راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ سېكونتىغا 260 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭغاندا، ھەرىكەتتىكى سائەت 30 مىنۇت ماڭغان بولىدۇ، يەنى يەر يۈزىدىكى سائەت 1 يىل ماڭسا، ئالەم راكىتاسى ئىچىدىكى سائەت 6 ئاي ماڭغان بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا «قوش كېزەكلەر نەزەرىيەسى» گە ئېلىپ كەلسەك، ئىنىسى فوتون راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ ئالەمنى بىر ئايلىنىپ كەلسىمۇ فوتون راكىتاسى ئىچىدىكى ۋاقىت يەر يۈزىدىكى ۋاقىتقا قارىغاندا تەخمىنەن 6 ئايدىن سەل قىسقا بولىدۇ، ھەرگىز ئېينىشتېيىن دېگەندەك 25 يىل بولمايدۇ. بۇمۇ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى بىرەر كىشىنىڭ تېخى چۈشەنمىگەنلىكىنىڭ ئەمەلى پاكىتى. ئەلۋەتتە ھازىر نۇرغۇن ئالىملار پاكىتلار ئارقىلىق ئېينىشتېيىننىڭ بۇ قانۇنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى بايقىدى، بىزنىڭ ماقالىمىز بولسا ماركسىزملىق مەيداندا تۇرۇپ، ئۇلارمۇ بايقىمىغان يېڭى نەرسىلەرنى بايقاش بولدى، بولمىسا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟
«ماسسا ۋە تېزلىك» فورمۇلىسىغا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنىڭ پىروتون ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالەم راكىتاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەرىكەت جەريانىدا قىسقارماستىن ئۇزىرىشى كېرەك، چۈنكى ماسسا چوڭلىسا ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئەسلىدىكىدىن ئېشىپ ماڭىدۇ، ماكان ئۇزارسا راكىتا بۇزۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، فوتون راكىتاسىنىڭ نۇر تېزلىكىگە يېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. مانا بۇ ماركسىزملىق ئىلمىي دۇنيا قاراش. ئەلۋەتتە ماركسىزمغۇ ئىلمىي دۇنيا قاراش، دېمەك بىزغۇ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. ئۇنداق بولسا، لوگىكىغا ئۇيغۇن بولغان نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، شەپەرەڭ ياخشى كۆرمەيدۇ دەپلا، ھەممىمىزنىڭ قۇياشقا قارشى چىقىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتە، ئەلۋەتتە.
بۇ ماقالە بۇرۇن دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنال «تور بايلىقى» دا ئېلان قىلىنغان، كېيىن نۇرغۇن دوستلار، ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بۇ پىكىر ئېقىملىرى ئاساسەن ئېينىشتېيىننى قوللىغۇچىلار، ماركسىزمنىڭ «بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۇنۈشى» بويىچە پىكىر قىلغۇچىلار، ماتېماتىكىلىق، لوگىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ پىكىر بەرگۈچىلەر، تېببىي نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر بەرگۈچىلەر بولۇپ، پىكىرلەر ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ پىكىرلەرنىڭ ئايىغى زادىلا ئۈزۈلمىدى، ماقالىنى تولا تولۇقلاپ، ئۆزگەرتىپ ھېرىمپمۇ قالدىم، بۇنداق بولغاندا مۇشۇ 3 يىلدا ئالدىن كەلگەن پىكىرلەر ئاساسىدا ئۆزگەرگەن قىسمىنى تورداشلارغا يوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى باشقا ئاپتورلار قايتا - قايتا تاپىلىدى، بۇنىڭ بىلەن «بولدىلا، مۇسۇلماندارچىلىقمۇ ئاستا -ئاستا دەيدىغان» سۆز بارغۇ، تورداشلارمۇ بۇ ماقالىنى بىر كۇندىلا چۈشىنىپ كېتەلىشى، يەنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ كېتەلىشى تەسكە توختايدۇ دەپ قاراپ بۇنى تورغا يوللىدۇق، ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سەمىمىي، ئىجابىي ۋە سەلبىي پىكىرلەرنى بەرگەن دوستلار مۇنۇلار: شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتور، پىروفېسسور نۇرشات (بۇ ئۇستاز مېنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ئۇقۇتقۇچۇم)، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پىلانلاش ئىشخانىسىدىن تەتقىقاتچى ئەكبەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدارىلەر پارتكومىدىن مەمتىمىن (تۇرپان)، تۇرپان شەھەرلىك يار يېزا دوختۇرخانىسى قىيپاش ئۇدۇلىدىكى شەمشات دورىخانىسىدىن ئادىلە غېنى (بۇ مېنىڭ ئۆز سىڭلىم)، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدىن دوتسېنت غېنى ئابدىگۇل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىستېما ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ماتىماتىكا دوكتورى، پىروفېسسور ئابدۇرىشىت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىنستىتۇتىدىن دولقۇن ئابدۇللا، (شىنجاڭ پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى) نىڭ باش تەھرىرى، پىروفېسسور ئالاۋىدىن ئابدۇرېيىم (ئاتۇش)، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا پارتىيە مەكتىپىدىن ئەخمەت رەخمىتۇللا (كەلپىن)، خوتەن قاراقاش ناھىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن غۇجى ئابدۇللا ناسىر، بۈگۈر ناھىيە ئاق ساراي بازارلىق ھۆكۈمەتتىن زاكىر، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئادىل مەمەت، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، دوكتۇر، پىروفېسسور كېرىم ئېلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىدىن بەكرى (تۇرپان قارىغوجا)، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقارمىسىدىن تېببىي پەنلەر ماگېستىرى پەرىدە غۇپۇر، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىن مۇنىرە غۇپۇر، شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تۈرلەر باشقارمىسىدىن باشقارما باشلىقى قاھار ياسىن (كورلا)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىدىن پىروفېسسور ئەدىلقان مامۇقان (چۆچەك)، شىنجاڭ ئادىل - پاك ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئادۋوكات ئاسىپجان ياسىن (ئاتۇش)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى مالىيە باشقارمىسىدىن ئادىل سېيىت، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدىن ئەسئەت مەسئۇت (گۇچۇڭ)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرلۇش بانكىسىدىن ئالىي مۇخبىر گۇشۇيگېن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسىدىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دوتسېنت سادىقجان سايرام (قۇمۇل)، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا (شىنجاڭ يېزا پۇل مۇئامىلىسى) ژۇرنىلىدىن تەھرىر نىجات سوپىيوف (ئۈرۈمچى)، بىڭتۇەن بانكىسى ئۈرۈمچى شەھەر تارمىقىدىن شۆھرەت ئابدۇقادىر (غۇلجا چاپچال)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۆلۈمىدىن دوتسېنت ئەكبەر (غۇلجا)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۆلۈمىدىن دوتسېنت يالقۇن (قۇمۇل)، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ بۆلۈمىدىن خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى مەرھابا، خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەلىشىر، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى مېھرىگۈل، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈلزار، ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى خۇشتار، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى قەيسەر ، «شىنجاڭ پەن – تېخنىكا گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدىن سەمەتجان (لۈكچۈن)، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن مۇھەممەت باغراش (كورلا)، ياسىنجان ئابدۇشكۈر (شايار)، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 9 - قانالدىن ئادىلجان ئابلىمىت (پىچان)، تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئالىم ئىمىن، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى بارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ھەبىبۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى نېجىم ئابلەق، ئورمان پونكىتى مۇئاۋىن مۇدىرى ئوسمان، تۇرپان ۋىلايەتلىك تېخنىك كېڭەيتىش پونكىتىدىن ئۆمەر، تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى يار يېزا پونكىتىنىڭ مۇدىرى باۋدۇن زىياۋۇدۇن، يېزا ئامانەت كوپىراتىپى ئايدىڭكۆل پونكىتىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى، قۇمۇل شەھەرلىك سىياسى كېڭەش مالىيە بۆلۈمىدىن ئابلىز ئوسمان، تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۆل ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەتنىياز مەڭنىك، ئەخمەت مەمتىمىن، مەكتەپ مۇدىرى ئېلى توختىنىياز، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇل نېجىم، سېكرىتار غېنى ئابلىمىت، ئوقۇتۇش تەتقىقات رايونىدىن مەخمۇت ھەبىبۇل، مەمەت نىجىمدىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن، باۋدۇن سىراي، نىياز ئېزىز، ئەنۋەر ئامىسلىم، غاپپار غوپۇر، شىنجاڭ سۇ ئېلېكتىر مەكتەپتىن پەتتار مەمەت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف ئۇلاپ -يەتكۈزۈش ئىدارىسىدىن مەمەت سەيدۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشتىن ياسىن رىشىت، پىچان ناھىيە لەمجىن بازىرى مۇئاۋىن باشلىقى (ياپونىيەدە ئۇقۇپ ماگېستىرلىقنى تاماملىغان غېنى نېيىم، نېفىت دوختۇرخانىسىدىن دوختۇر ئەخمەت مەمەت، سۇ ئىشلار نازارىتىدىن ئەنۋەر ئابدۇرېيىم، بۇلاق تاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتتىن ئادىل ياسىن، شىنجاڭ شېنخۇا گۇرۇھىدىن ھامۇت مامۇت قاتارلىقلار بولۇپ، تالاش – تارتىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى، كېيىن يەنە تېخىمۇ سەرخىللاشقان ماقالىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز... دېمەك داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1- ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم، خەنزۇچە 89 - بەت.
2- مۇشۇ كىتاب 78-79-بەتلەر، مۇشۇ كىتاب 74-بەت. (100مەشھۇر شەخس - ئۇيغۇرچە 336-بەت).
3-دالى كارنىگنىڭ بارلىق كىتابلىرى.
4 -«كەڭ دائىرىدىكى» ۋە «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» - «ئېينىشتېيىن» بېكىتى.
5-«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رېتسېپلىرى»، شىنجاڭ نېفىت دوختۇرخانىسى ئەخمەت مەمەت، شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى 2000 - يىلى نەشىرى.
6-«بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورلار ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»
7- بېيجىڭ ئىلمىي مائارىپ كىنو ئىستۇدىيەسى بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 6 - قانال بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئىلمىي تەربىيەۋى فىلىم «ئالەم ۋە ئىنسانلار».
8-«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «مېۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم»، ئاپتورى سىتىفون خوك.
9- يىجوڭتيەننىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق» قا بەرگەن باھاسى - جەمئىي 52 قىسىم.
10-ماركس، ئېنگىلىس، لېنىن، ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4 توملار.
11-«تەبىئەت دىيالىكتىكىسى»--ئېنگىلىس 1979 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى يېڭى يېزىق نەشرى
12-ئەدەبىيات فاكولتېتى «ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر»، مەرھۇم يولۋاس راشىدىن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2002يىلى نەشر قىلدۇرغان.
13-ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر شەخس، ئاپتورى مېخائىل خارت، ئامېرىكا، تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس، تەلئەت ئىمىن، رىشىت ئابدۇراخمان، تىلەك، 2000 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
14-ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنۇت، سىتىۋىن بوگىن (ئامرىكا).
15- «ماتېماتىكا - فىزىكا - خىمىيەدىن ئاممىباپ لېكسىيە» - ئاپتورى لياڭ خېڭ، مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 12:21