ئىككى غەزەل
جۇنۇننامە
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئەزەلدىن پۈتمىشىم تۇپراق، يەنە تۇپراققا ئوخشايمەن،
ئۈنۈڭ ئۆركەشلىرى يەتمەس يوچۇن قىرغاققا ئوخشايمەن.
سەير ئەتمەكنى تەرك ئەتتىڭ مالامەتلىك باھارىمنى،
قاقاس باغرىڭدا سولغان بىر خازان ياپراققا ئوخشايمەن.
دىدار-ۋەسلىڭنى ئىزدەيمەن جاھانغا لىق مۇھەببەتتىن،
ئوتۇڭ كەلكۈنگە ئايلانسا، شۇئان قولۋاققا ئوخشايمەن.
مېنى بىر قېتىغا ئالماس كۆزۈڭدە يەتتە قات ئاسمان،
تۈنۈڭدە يالتىراپ ئۆچكەن چېقىن-چاقماققا ئوخشايمەن.
پىراقتىن تالجىقىپ چەندان ھىجىر سەرۋەرلىكىدە جان،
قەسەميادكى، تېنى بىھۇش، دىلى ئويغاققا ئوخشايمەن.
غېرىپلىق شەھرىدىن تەنھا كېلۇر مەشرەپ باياۋانى،
ئاڭا تەقدىر قاداپ قويغان قارا بايراققا ئوخشايمەن!
كۆزلەر زېمىستانى
جۇدالىق دەملىرى، ئاپئاق بىشارەتتىن زىيا كەتتى،
ماڭا ھەقتىن نېسىپ بولمىش مۇھەببەتتىن جۇلا كەتتى.
قۇيۇندەك قۇترىغان ھېجران جۇنۇنلۇقتىن نىشان بولدى،
بۇ قىسمەت بائىسى: ھۆسنى شاراپەتتىن ۋاپا كەتتى.
مۇھەببەت پەسلىگە كەلمىش سوغۇق كۆزلەر زېمىستانى،
ۋىسالنىڭ چۈشىدە تەنھا جەزىرەتتىن سادا كەتتى.
كۆزۈمدىن سايىسى يۈتمەس كۈيۈمدە يىرتىلىپ بوشلۇق،
ۋۇجۇد تەلقىنلىرىم پۈتكەن بالاغەتتىن ساما كەتتى.
«يېرىل تاشىم» دېدىم، سۆزلەر پىغانىمنى پەرىشان تاش،
تۈگەل قايغۇمغا چوغ تاشلاپ رىيازەتتىن لاۋا كەتتى.
سادالار پەرلىگەن ھۇقۇش كۈيى قوندى تەبەسسۇمغا،
يۈرەكتىن كۆكلىگەن قاخشال رىۋايەتتىن ھۇما كەتتى.