ئايالىڭنى خارلىما
مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)
ياتنى كۈرۈپ ئۆيدىكىدىن زارلىما،
رەستىلەردە رەنالارنى ئارلىما؛قۇسۇر تېپىپ ئاق كۆڭۈلنى قارلىما،
چىن ۋاپادار ئايالىڭنى خارلىما.
دەسلەپ ئۇنى ئەل ئىچىدىن تاللىغان،
بارلىقىم دەپ ياخشى كۆرۈپ قوغلىغان؛
ئاڭا كۆيۈپ، سۆيۈپ-سۆيۈپ قانمىغان،
ئەمدىلىكتە ناتىۋاننى خارلىما.
ئۆيگە كىرسەڭ خۇش چىرايدا باقىدۇ،
ئېچىپ كەلسەڭ مەزلىك تاماق ياقىدۇ؛
ساقسىز بولساڭ پەرۋانەڭ بوپ باقىدۇ،
تۇزىكور بوپ ئايالىڭنى خارلىما.
سېنىڭ ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ،
خىزمەت، ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن تالمايدۇ؛
باي بول ياكى گاداي، سەندىن چانمايدۇ،
يولدىن ئېزىپ ئايالىڭنى خارلىما.
شۇم شەيتاننىڭ يوللىرىنى تۇتمىغىن،
ئەيش-ئىشرەت،قىمارلاردا ئۇتمىغىن؛
كۆڭۈل ئۈچۈن ئۆينى يالماپ يۇتمىغىن،
ئائىلەڭنى، ئايالىڭنى خارلىما.
پۇراقسىز گۈل قىلماس ۋاپا،يارىماس،
پۇلۇڭ تۈگىسە يۈز ئۆرۈيدۇ،قارىماس؛
مۈشكۈلۈڭگە شىرىك بولماس، يارىماس،
قەدىرلە، ئۆز ئايالىڭنى خارلىما.
بىلسەڭ گۈلنىڭ سەرخىلىدۇر ئايالىڭ،
چىن ۋاپانىڭ ئۆزخىلىدۇر ئايالىڭ؛
ئائىلەڭنىڭ پاك نۇرىدۇر ئايالىڭ، مەندىن خىتاپ: ئايالىڭنى خارلىما!
شېىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)