ئىككى شېئىر
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
بالا باققۇچى قىزغا
كىملەرچۈن توزۇدۇڭ ئەي يۇمران ياپراق،
كىملەرچۈن ئەتكەنتىڭ تال چىۋىقتىن ئات؟
كىملەرچۈن ئېيتىسەن مۇڭلۇق كۈي-قوشاق،
كىملەرچۈن سەن بىزگە بولۇپ قالدىڭ يات؟
كىملەرنىڭ بەختىنى تىلەيسەن بۇدەم،
كىملەرگە تېۋىنىپ سۈرىسەن خىيال؟
كىملەرگە تىلەيسەن ئۇزۇن ئۆمۈر ھەم،
كىملەرچۈن يوقاتتىڭ بەخت-ئىستىقبال؟
كىملەرنىڭ بۆشۈكى ئۇ سەن تەۋرەتكەن،
پاك-سەبىي قەلبىڭنى تىترىتىپ دەھشەت؟
كىملەرنىڭ پىغانى سېنى ئۆرلەتكەن،
كىملەر ئۇ يان ئۆيدە قىلىشقان ئىشرەت؟
كىملەرگە تەلمۈرۈپ باقىسەن ئۇزاق،
قەلبىڭدىن بەكمۇ يات شەھەردە تىمتاس؟
كىملەرگە كىر يۇيۇپ ئېتىسەن تاماق،
ئون ئىككى ياشتا سەن مومايغا تەققاس؟!
كىملەرگە پىچىرلاپ تۆكىسەن كۆز ياش،
ئېسىڭدىن كەچتىمۇ سەھرادىكى يول؟
يالقۇنجاپ ئۆڭدىمۇ كۆزۈڭدىن قۇياش،
كىملەرگە ياندىشىپ ماڭدىڭ تۇتۇپ قول؟
ئېسىڭدىن كەچتىمۇ كونا ئورۇندۇق،
جىجىلغان پارتا ۋە پۈرلەنگەن كىتاب؟
-قېنى،- دەپ ئۇ سىنىپ ئازادە-يۇرۇق،
قەلبىڭدىن ئۇرغۇمدۇ چۇقان ۋە خىتاپ؟
چاقنامدۇ ئالدىڭدا قايتا دوسكا، بور،
مەن سېنى يېتەكلەپ ماڭغان نۇر يولى؟
بار ئىدى سەن ئۈچۈن تالاي يۈز نومۇر،
چاك كەتتى، ئاھ، سېنىڭ بەختىڭنىڭ ھۇلى!
مۇڭلانما خىيالچان، سەبىي ئوماق قىز،
ئەللىيىڭ قەلبىمنى ئەيلىدى چاك-چاك.
بۆشۈكتە ياتقان قىز قالدۇرمىسۇن ئىز،
سەن باسقان شۇ يولغا ياقاي مەن ماياك!
1997-يىلى،11-ئاي، يېڭىسار-قىزىل.
جەنۇپتىكى سەھرا بازىرى
ئەرۋاھتەك تەنلەرنىڭ كۆلەڭگۈسىگە،
سىنتەبىر قۇياشى كەتمەكتە چۆكۈپ.
ئۇپۇقتا پارلىغان چوغلۇق گۈللىرى،
سۈبھىنى ئۇزۇتار ساغۇچ نۇر تۆكۈپ.
كۆزۈمدىن تامچىلاپ تۆكۈلەر يامغۇر،
سارغايغان شامالدا لەيلەيدۇ تۇمان.
تامچىيدۇ قۇياشتىن مۇزدەك سوغ ئاپتاپ،
يېيىلار قەلبىمگە تۈندىكى ئاسمان.
نۇرلارنىڭ پەرۋازى يۇتەر بوشلۇقتىن،
تۇرىمەن ئۇپۇقتىن بەك يىراق جايدا.
خىياللار قەلبىمدە دەۋرەيدۇ تىرەن،
ئالتىنچى سېزىمدە ئويغىتىپ سادا.
جەنۇپنىڭ سەھراسى، خىلۋەت بۇ بازار،
سۈرەنچى ئادەملەر ھەممىسى گويا.
ئۆزۈمگە پۇتلۇشۇپ ۋەھىمە بېسىپ،
كېلىمەن تار، ئۇزۇن كوچىدا تەنھا.
مەنمۇ بۇ چۈشتىكى؟
بىلمىدىم ھەتتەڭ،
كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ قالىمەن غۇۋا.
ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىمۇ بۇ؟!
چۈشۈمدۇر بۇ بەلكى، تەڭرىلا گۇۋاھ(؟!).
بار بۇندا سۈرەنلەر مېنى ھۈركۈتكەن،
مۇدىھىش بىر چۈش كۆردۈم يۈركىمدە، ئاھ!
ئويغاندىم ئۈستۈمدە بورا سايىۋەن،
قولۇمدا چوكا مۇز، مۇزلىدى نىگاھ:
-ئېلىڭا، ھەي ئاكا يەنە بىر تالنى،
- بالىڭىز نوقۇتقا ئامراقتۇر تاغا.
-ئېلىڭا ئۈرۈكتىن....
-توغاچ، شاپتۇلدىن...
-ئۆيىڭىز سەھراغا يىراقتۇر تاغا؟
قايدىسەن سۆيۈملۈك ۋەتەن-ئاھ، مەكتەپ؟
قايدىسەن بۈركۈت ۋە سۇمرۇغ پەرۋازى؟
قايدىسەن ھاياتقا چاقىرغان سادا؟
قايدىسەن جاراڭلىق ئۇستاز ئاۋازى؟!
جەنۇپنىڭ سەھراسى، خىلۋەت بۇ بازار،
كېلىدۇ سۈرەنلەر، نىدالار قىستاپ.
ئارقىغا داجىيمەن، ئالمايمەن قەدەم،
قەلبىمدە ئۆرلەيدۇ ھەسرەت ۋە خىتاپ.
ساتامسەن مەھمۇدنىڭ يۈرىكىنىمۇ،
ئەي ماڭا چوكامۇز تەڭلىگەن بالا؟
ساتامسەن يۈسۈپنىڭ ھېكمىتىنىمۇ،
بىكارغا پۇل بەرسەم مەڭدىگەن بالا؟
ساتامسەن ئون ئىككى مۇقامىڭنىمۇ،
ئۈنئالغۇ ياڭرىتىپ ئولتۇرغان بالا؟
ساتامسەن نەفىسە غۇرۇرىنىمۇ،
مۇڭلۇق كۈي تارىتىپ ئولتۇرغان بالا؟
ساتامسەن ئەجدادىڭ ھالال قېنىنى،
ئىچىۋال قىيام دەپ توۋلىغان بال؟
ساتامسەن كۆك بۆرە روھىنىمۇ ھەم،
جاڭگالدىن ئاق توشقان ئوۋلىغان بالا؟
ساتامسەن ئاناڭنىڭ ئاپئاق سۈتىنى،
ئەي سۈتچى، چېلەكنى ئۆرىسە كالا؟
ساتامسەن ئاناڭنىڭ كۆكسىنى يەنە،
خازاندەك سارغايغان ئالمىچى بالا؟
ساتامسەن گۈل كەبىي ئېچىلسا چېھرىڭ،
تەشتەكتە گۈل تۇتۇپ ئولتۇرغان بالا؟
ساتامسەن ياندىكى گۈلچىنى قوشۇپ،
پۇل ئۈچۈن دەرد يۇتۇپ ئولتۇرغان بالا؟
ساتامسەن ئاتاڭنىڭ كېپەنلىكىنى،
ئون ياشتا بازارغا سېتىلغان بالا؟
دەپ بەرگىن ئىسمىڭنى، تۇرۇقۇڭنى ھەم،
كۆز يېشىڭ يېشىمغا قېتىلغان بالا؟.....
× × × ×
خوش سەھرا بازىرى، خوش ھەي بالىلار،
توپۇلۇق يوللار بار قەلبىمدە يەكتا.
يىراقلاپ تۈندىكى تەنھا بېكەتتىن،
قەلبىمگە پىچىرلاپ قايتىمەن ئاستا!...
1998-يىلى9-ئاي، يېڭىسار-قىزىل.