خوتۇن ئالساڭ باينى ئال
پۇلى بارنى ئاي دەيمىز،ئاسماندىكى ئاينى ئال.
قېچىر دىسە باشقىلار <دۇلدۇل>دىگىن تاينى ئال.
ئالتۇن بېلىق بېلىقتۇر،ئالتۇن سۈزسەڭ لاينى ئال.
چىچەكلەيدۇ باھارىڭ،خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
جاھان ساڭا باققاندا،شىر بولىسەن تۈزۈكلا.
جانان قۇچاق ئاچقاندا،پۇل يۇتىسەن سۈزۈكلا.
شېكەردىنمۇ پۇل تاتلىق،شاھزادىسەن ئاق ئاتلىق،
گەر بولساڭمۇ سەن ياتلىق خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
قاش-كۆزىگە كۆز سالماي،بىر كۆزۈڭنى قىسىپ يۈر.
ئەيىۋىگە سۆز سالماي،شەيتىنىڭنى بېسىپ يۈر.
پۇل كۆرىسەن ھىجىيىپ، بىر كېچىدە تىرىلىپ،
نامىڭ چىقار كىرىلىپ خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
چالما ئېتىپ پۇل بىلەن تىللا يامبۇ پۇراپ باق.
بىر تىللادا قۇل قىلىپ سەتەڭلەرنى سوراپ باق.
ئاچ يالىڭاچ كۈنىڭدىن،جۇلدۇر كەپە تۈنىڭدىن،
كۈيۈپ كەتكەن ئۈنۈڭدىن، خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
ئەر بولىسەن نازلىنىپ ئالتۇن ئورداڭ كەپىدۇر.
كىرسەڭ،چىقساڭ مىڭ ئۈسۈپ پىشانەڭدە شەپىدۇر.
لەببەي دىگەن ئاتاقتا،بەش يۇلتۇزلۇق ياتاقتا،
سەمىرىسەن قاماقتا خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
ياش ئۆتتۇزدا خوتۇن يوق قېرى بويتاق نامىڭدۇر.
سۆلەتۋازدەك يۈرسەڭمۇ <چاشقان>قاچار جايىڭدۇر.
بىنا ئۆيگە يۇل يىراق،ئەسقاتمىدى ئوت- پىراق،
يېقىڭ دەيدۇ جىن چىراق خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
چايغا چىلاپ ئىچەمتىڭ چىرايلىقتا دەرت تولا.
چالما ئېتىپ مەلەڭگە پۇل خەجلەشكە مەرت تولا.
يۈرەك دىگەن تاش بولسۇن،تېلەك دىگەن ئاش بولسۇن،
ئېتەك دىگەن ياش بولسۇن خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
مۈشۈك باينىڭ ئالدىدا سەنمۇ ئالچاڭ مېڭىپ باق.
سۇ تاپانچا بولسىمۇ سەنمۇ پاڭ-پاڭ ئېتىپ باق.
باي خوتۇنمۇ ساڭا قۇل،ئېتىنى قۇيۇپ بۇلبۇل ،
يۈرمەمسەن مېنىپ دۇلدۇل، خوتۇن ئالساڭ باينى ئال.
مەنبە: پەرۋىنبەگ