كۆرۈش: 2072|ئىنكاس: 30

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: ئايرىمخانا قىزلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تىللا
201
تۆھپە
58
UID
8876
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:51:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئايرىمخانا قىزلىرى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

قېنى قەدىر-قىممىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

قېنى ئىززەت-ھۆرمىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

قېنى ئېسىل خىسلىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

قېنى نومۇس-ئىپپىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

قېنى غۇرۇر، شۆھرىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟

كىم ئىدىڭ سەن تارىختا، ئۇنۇتتۇڭمۇ ئەسلىڭىنى؟

قۇرۇتتۇڭمۇ نەفىسە، نۇزۇگۇمدەك نەسلىڭنى؟

ئۇيغۇر قىزى دىسەمدىم كۆرۈپ گۈلدەك ۋەسلىڭنى،

بىلمىدىڭ ئاھ، چەيلىدى كىملەر باھارپەسلىڭنى؟

بولدى ئىبلىس ئۈلپىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى..

ئانىلارنىڭ قەلبىدەك پاكىز ئىدى بۇ تۇپراق،

ئوغۇز سۈتى پۇرايتتى چاچسا ھەر گۈل خۇشپۇراق،

ئەجدادىمىز ئاسرىغان بولۇپ ئاڭا كۆزقاراق،

بۇلغىدىڭسەن،  ۋىجدانىم ياغدۇرىدۇ مىڭ سوراق،

تەقدىر ئەمەس قىسمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

چىقىپ كەتتىڭ ئۆيۈڭدىن كىرىپ تۇيۇق يولغا سەن،

تاشلاپ ئاتا-ئاناڭنى بۇزۇلغاچقا پۇلغا سەن،

خوجايىنىڭ ئالدىدا ئايلاندىڭغۇ قۇلغا سەن،

ماڭالمايسەن ئوڭغا بىر ۋە يا ئەمدى سولغاسەن،

قۇللۇق بولدى خىزمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

«رېستۇران»دەپ چىرايلىق ۋىۋىسكىغا باقتىڭسەن،

بىر شەرمەندە، ۋىجدانسىز خوجايىنغا ياقتىڭسەن،

نەسىھەتكە توختىماي پەشلىرىڭنى قاقتىڭسەن،

كالتە ئىشتان، قىزىل چاچ كوچىلاردا ئاقتىڭسەن،

بازار تاپتى ئىشرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

تالاي سەبى قىزلارنى ئالداپ ساتتىڭ شەيتانغا،

ئانا ئىدى ئۇلارمۇ ئوغۇز، سۇتۇق سۇلتانغا،

باقار ئىدۇق ئۇلارنىڭ كۆزىدە بىزجاھانغا،

قان يىغلىدى يۈرەكلەر يەتمەي ئارزۇ-ئارمانغا،

شۇمۇ بىزگە ھىممىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى..؟!.

ھەمراھ بولۇپ بايۋەچچە، كاتتىلارغا كۈندە سەن،

يېشىل چىراق ياندۇردۇڭ بوسۇغاڭدا تۈندە سەن،

كوچىلارنى بىر ئالدىڭ، سەت، چىقىراق ئۈندە سەن،

يۈزىمىزگە ياق! دىلغا چاچتىڭ شۇنداق يۇنداسەن،

يۇقتى رەزىل ئىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

ئاتاڭ شەربەت ئىچكەنتى، سەن ئوتلۇدۇڭ زەھەرنى،

ئاناڭ دەملەپ چاي بەرگەن بېسىپ كەلسەڭ سەپەرنى،

چەكتىڭ، ئىچتىڭ ئاھ، ئەجەپ تاشقا ئۇردۇڭ گۆھەرنى،

كىم ئۈگەتتى بىلەمسەن، ساڭا بۇ خۇي-ھۈنەرنى؟

ئۆلدى ئەردەك غەيرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

ئون بەش ياشلىق ئالۋاستى! ساتتىڭ خەخكە تېنىڭنى،

نومۇسۇڭنى ساتقىچە، ساتساڭ ئىدىڭ قېنىڭنى،

بارلىقىڭنى ساتساڭمۇ باقالمىدىڭ جېنىڭنى،

خوجايىنغا تۇتقازدىڭ ھەميىنىڭنى-يېنىڭنى،

دوزاق بولدى جەننىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.


سۆيەر ئىدىڭ بالاڭنى، ئاغزىڭ سېنىڭ بۇلغاندى،

قۇچاقلاردىڭ ئاناڭنى، ئېسىت، تېنىڭ بۇلغاندى،

ئۇيغۇر دەيتىڭ ئۆزۈڭنى، ئەمدى قېنىڭ بۇلغاندى،

ئېلىپ سېنى تىلغا مەن، تىلىم مېنىڭ بۇلغاندى،

يەتتى ئەجەل مۆھلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.

توۋا دەيمەن، قولۇڭدا«تىجارەت»كە خېتىڭ بار،

بىراق، ئەلنىڭ ئاغزىدا پاھىشە دەپ ئېتىڭ بار،

ھايۋان كەبى ياشايسەن، ئوچۇق ساغرا-چېتىڭ بار،

لەنەت قىلساق تالايدۇ، بوسۇغاڭدا ئىتىڭ بار،

كاتتا سېنىڭ «قۇدرىتىڭ»، ئايرىمخانا قىزلىرى.

ئۇچرىغاننىڭ ئالدىنى كوچىدىلا تورايسەن،

رېستۇرانغا سۆرەيسەن، چۆنتىكىنى سورايسەن،

قۇچىقىغا تاشلىنىپ«ۋاي جېنىم»دەپ توۋلايسەن،

تىللىرىڭنى چىقىرىپ ئەمەس يەرنى شورايسەن،

رەسۋالىقىڭ دۆلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.


ئېلىپ كەلدىڭ خىروئىن، ئەيدىز ئاتلىق ۋابانى،

نامىمىزنى سېسىتتىڭ، بۇلغىۋەتتىڭ ھاۋانى،

مىڭ بىر تەشۋىش ئويۇمدا، بۇلغارسەنمۇ دۇنيانى؟

بەندىلەرنىڭ ئالدىدا تەڭقىس قىلدىڭ خۇدانى،

تۈگىشەرمۇ مىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى؟؟؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
453
تۆھپە
260
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:28:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدىگەن ياخشى يېزىلغان شېئىر بۇ ..تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا جۇڭگۇ مىللەتلىرىدە شۇنداق بىر شېئىرىڭىزنى ئوقۇغاندەق قىلۋېدىم ...داۋامىلىق كۆرۈپ تۇرغايمىز ...


قەلەمىي بېلوگى

21 ئۇچۇر دۇنياسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5506
تۆھپە
2777
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:48:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىرئاللاھ ھەممىگە ئىدراك  ئاتا  قىلغان-يۇ، بۇ ئەقىل-ئىدراكنى  يۈرىكىنىڭ  ئىختىيارىغا تاپشۇرماي  چاترىقىنىڭ  ئىختىيارىغا  تاپشۇرغان  گۆشباش-پوقباشلار مانا  بۈگۈنكىدەك  ئەھۋالاتنىڭ  بارلىققا  كېلىشىگە جىنايەتكار  بولغان. ئاشۇ  «ئايرىمخانا قىزلىرى» نى ئايرىمخانىغا تۇنجى قېتىم  كىم  ئەكىرگەن؟ كىم  ئەكىرىدۇ؟ ئەكىرگەندىن  كېيىن  ئىگە بولالىدىمۇ؟

ھەييييييي! ئەستاغپۇرۇللا ! قېنى ما مۈرەمدىن  ھالقىغان ساقىلىم؟ خەپ!

ئەمدى مۇشۇنداق  مىسرالارنى  ياخشى يېزىلغان، دەمدۇق؟


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:48:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتەرمۇ كۈنلۈرۈڭ خىرىدار كۈتۈپ
پۇل ئۈچۈن ئۈمۈتتە ئەينەكتىن قاراپ؟
ئالدىڭغا كىپ قالسا مەينەتتىن بىرسى
غىلجڭلاپ ئالدىدا بىلىڭنى تۇلغاپ ؟
2

كىينىشىڭ زىمىندا ئىت ئشەك كەبى

ھاياتتا يۈرەمسەن تىنىڭنى خورلاپ
بۇ دۇنيا لەززەتسىز بىزسىز ئالەمدە   

بىر ئۆمۆر يۈرەمسەن ئۈزۈڭنى ئالداپ
3
چىكىشىڭ تاماكا ھاراققا قەبىھ!  
پۇلدارنىڭ ئالدىدا يۈرەمسەن سايراپ
كۈنۈڭنى تۆت تەڭگە پۇلغا تەڭ بۆلۆپ
ئاناڭنىڭ يۈركىنى قىلامسەن خاراپ
4
بارجايىڭ دىبادا ياتاق جۇبادا
كىتەمسەن مىللەتنىڭ نامىنى بۇلغاپ
دۇنيادا سىنىڭدەك ئىنسان دەستىدىن
چىرمىدى مىللەتنى كىسەللەرتاراپ
5
ئەزمەتتىن ساڭا بىر نەسھەت بولسا
مىللەتكە بىر ئۆمۆ ر بەرمىسەڭ ئازاپ
كەلگۈسى ئەۋلاتنىڭ كەلگۈس گۈزەل
ئاشۇلار سىنىڭدىن قالمىسا دۇراپ


Rank: 2

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
64
تۆھپە
38
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:42:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ  «ئايرىمخانا قىزلىرى» نى ئايرىمخانىغا تۇنجى قېتىم  كىم  ئەكىرگەن؟ كىم  ئەكىرىدۇ؟ ئەكىرگەندىن  كېيىن  ئىگە بولالىدىمۇ؟

ئەركمان ئاكا  ئىنكاسىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ...................ئەرلىرى زەيپانە ئەلنىڭ ئايالىرى رەسۋالىشىدۇ..................................................


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:50:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىرئاللاھ ھەممىگە ئىدراك  ئاتا  قىلغان-يۇ، بۇ ئەقىل-ئىدراكنى  يۈرىكىنىڭ  ئىختىيارىغا تاپشۇرماي  چاترىقىنىڭ  ئىختىيارىغا  تاپشۇرغان  گۆشباش-پوقباشلار مانا  بۈگۈنكىدەك  ئەھۋالاتنىڭ  بارلىققا  كېلىشىگە جىنايەتكار  بولغان. ئاشۇ  «ئايرىمخانا قىزلىرى» نى ئايرىمخانىغا تۇنجى قېتىم  كىم  ئەكىرگەن؟ كىم  ئەكىرىدۇ؟ ئەكىرگەندىن  كېيىن  ئىگە بولالىدىمۇ؟

ھەييييييي! ئەستاغپۇرۇللا ! قېنى ما مۈرەمدىن  ھالقىغان ساقىلىم؟ خەپ!

ئەمدى مۇشۇنداق  مىسرالارنى  ياخشى يېزىلغان، دەمدۇق؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
630
تۆھپە
544
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:13:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 16:48
قادىرئاللاھ ھەممىگە ئىدراك  ئاتا  قىلغان-يۇ، بۇ ئەقىل-ئ ...

ئۇف... ھەنىم بولسا مانداق سۆزلەيدىغان ئەركەكلەرمۇ  باكىنا!


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 4

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
272
تۆھپە
172
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:10:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئەسەر ئىكەن ، سۆيۇندىم !!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5506
تۆھپە
2777
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلىرىنى  ئايرىمخانىدا  ئويۇن  قويغۇزۇپ  سىگاندەك  سەنئەتكار قىلىۋەتكەن  خەقنىڭ  ئۆزى  بىز، بۇنىڭ  ئۈچۈن  ھېچكىمدىن  ئاغرىنىشقا  ھەققىمىز  يوق،  ئاغرىنىش توغرا كەلسە  ئوغلانلىرىمىزدىن  ئاغرىنىش، خوتۇن  ئۈستىگە خوتۇن  ئېلىپ كونىسىنى  ئۈچتالاق  قىلىۋېتىدىغان  ئاتالمىش بايلىرىمىز، بىرەر  شەھەرگە بېرىپ  قالسا ئايرىمخانا، مېھمانخانا ئىستەپ سۈيدۈك  پۇرايدىغان ئادەملىرىمىزدىن  ئاغرىنىش  كېرەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 20:05  



مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5506
تۆھپە
2777
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:58:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  مىسرالارغا  تەستىق  دەستىكىنى شىلتىگەن  باشقۇرغۇچىلىرىمىز، «ئايرىمخانا» لاردە  پەيدا  بولۇۋاتقانلارنىڭ  ۋەج-سەۋەبلىرى  خۇسۇسىدا  ئويلاپ  باقتىڭلارمۇ؟


مەن مەنسىز مەن !
مۇنبىرىمىز:
http://www.kulgin.com/bbs/forum.php
رادىيو قانىلىمىز:
http://www.kulgin.com/index.html
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:19, Processed in 0.079562 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991