كۆرۈش: 3046|ئىنكاس: 54

24 ياشلىق قىز بىلەن 30 ياشلىق ئەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
90
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:31:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ، ئەر بىلەن قىز ئولتۇرۇشقان .
" مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن " . قىز قولىدىكى رومكىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى .
" مېنىڭ ئايالىم بار " . ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى سىىلاپ قويۇپ جاۋاپ بەردى .
" ئۇنىڭ بىلەن چاتىغىم يوق ، مەن پەقەت سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى بىلمەكچى . سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ " .
تەسەۋۋۇردىكى جاۋاپ . ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى .
24 ياش ، چىرايلىق ، ھاياتى كۈچكە تولغان ، خېلىلا بولىدىغان بىر ياش .
سۈزۈك تېرە ، تولغان بەدەن ، بىر جۈپ گەپ قىلالايدىغان سېھىرلىك كۆز .
نىمە دېگەن ئېسىل قىز ، ئېسىت . ..
" ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىىڭىز ، ئاشنىڭىز بولساممۇ بولىدۇ " . قىز ئەرنىڭ جاۋابىنى كۈتەلمىدى .
" مەن ئايالىمنى سۆيىمەن ." ئەر قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بەردى .
" ئۇنى سۆيىسىز ؟ ئۇنىڭ نىمىسىنى ؟ ھازىر ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ ، بىرسىىگە كۆرسەتكۈسىىز بولۇپ كەتكەندۇ . ئەمىسە نىمەدەپ ئۇنى ئىدارىنىڭ پائالىيەتلىرىگە باشقا ئەرلەردەك بىرگە ئېلىپ كېلەلمەيسىز . . . . . . "
قىز يەنە داۋاملىق سۆزلىمەكچى بولدىيۇ ، ئەرنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى .
جىمجىتلىق . . . . . .
" سىز مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟ " ئەر ئېغىز ئاچتى .
" سىز سالماق ، تەمكىن ، سۆز - ھەرىكەتلىرىڭىزدە كۈچلۈك ئەرلىك پۇراق بار ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىسىز . بەك جىق ، ئىشقىلىپ مەن بۇرۇن كۆرگەن ئادەملەرگە پەقەت ئوخشىمايسىز ، سىز ئالاھىدە "
" ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قانداقلىغىمنى بىلەمسىز ؟ " ئەر تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى .
" بىلمەيمەن . كارىممۇ يوق ، ھەتتا تۇرمىدە ياتقان بولسىڭىزمۇ... "
" ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئادەتتىكى ئەرلەرنىڭ بىرى . " ئەر قىزنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
" ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ، خىزمەت كۆڭۈلسىز ، كۈندە ھاراق ئىچىپ ، جىدەل ماجرا بىلەن يۈرەتتىم ، قىزلارغا پەرۋا قىلمايتتىم ، ****لەردىن ئۆزەمنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇراتتىم . ئىشرەتخانىلاردا پاھىشە ئىزلەپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپمۇ باققان "
" ئۇنداقتا ؟ " قىز خېلىلا قىززىقتى ، ئۇنىڭ قانداق نەرسىنىڭ بىر ئەرنى باشقىچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىگىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى . " ئايالىڭىز ئۈچۈنمۇ " .
" شۇنداق " .
" ئۇ ، ھەمىشە ئاسانلا بىر ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايتى . ماڭا نۇرغۇن نەرسىىلەرنى ئۆگەتتى ، ئېرىشكەن ياكى يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە ئارتۇقچە قايغۇرماسلىقنى ؛ كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمەسلىكنى ؛ كىشىلەرگە ئامالنىڭ بارىچە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈردى . شۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىش بىلمەيدىغان بالا ئىدىم . شۇ ھېسىياتلار بەلكىم ، سىزنىڭ ھازىر ماڭا بولغان ھېسياتىڭىزغا ئوخشاشدۇر . ھەيرانمەن ، مىجەزىم شۇنچە چۇس تۇرۇپ نىمە ئۈچۈنكى ئۇنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايتىم . ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئەمەلىيەتچىل بولدۇم ، ئۆزەمنىڭ كارغا كەلمەيدىغىنىمنى بىلىپ تىرىشىپ ئىشلىدىم ، خېلىلا ياخشىلانغاندىن كېيىن بىز توي قىلدۇق . "
ئەر تاماكىسىنىڭ كۈلىنى كۈلدانغا چۈشىرىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
" ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقتاا ئىدى . ئىككى ئادەم بىرلا كارۋات ، ئۆي جابدۇقلىرىمۇ يوق دىيەرلىك . بىلسىڭىز ، توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا تويلۇق ئۈزۈك ئېلىپ بەرگەن ، شۇ پۇلنىمۇ بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت يىغقان ئىدىم . ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنچە ، ئەگەر بىلىپ قالسا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايتتى "
" ئۇ چاغلاردا ھاراق ، تاماكا سالامەتلىگىمنى ناچارلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى . قىشنىڭ قاتتىق سوغاقلىرىدا ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ماڭا شورپا قىلىپ بېرەتتى ، ئۇ خىل تەمدىكى شورپىنى پەقەت شۇلا قىلالايتى "
ئەر ئەسلىمىلەر ئىچىگە كىرىپلا كەتتى ، ۋاقىتنى ئۇنتىدى ، توختىماستىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەۋاتاتتى .
قىز بولسا قىلچە دەخلى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇراتتى .
ئەر تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك سائىتىگە قارىدى . سائەت ئاللىقاچان 10 بولغان ئىدى .
" توۋا ، كەچۈرىسىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن ، بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ "
" سىز ئەمدى مېنى چۈشەنگەنسىز ؟ مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن ھەم قىلالمايمەن "
" چۈشەندىم ، بۇنداق بىر ئايالغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىمغا ھەقىقەتەن تەن بەردىم " . قىز ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ، " مەن شۇ ياشقا بارغاندا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىمەن ، تېخىمۇ مېھرىبان... "
" ئۇنداقتا، تېخىمۇ ياخشى ئەردىن بىرنى تاپالايسىز ، شۇنداقمۇ ؟
بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ، شورپاممۇ سوۋۇپ قالدى ، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي " ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى .
"بولدى ، ئۆزەم قايتاي " قىز ئەدەپ بىلەن رەت قىلدى . " قايتىڭ ئۇ سىزنى ساقلاپ قالمىسۇن "
ئەر مېييىغىدا كۈلۈپ قويۇپ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى .
" ئۇ چىرايلىقمۇ ؟ "
" . . . . . . . . . شۇنداق ، ئىنتايىن چىرايلىق "
ئەرنىڭ سىماسى تۈن قاراڭغۇسىدا غايىپ بولدى ، يالغۇز قالغان قىز شامغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتاتتى .
ئەر كارۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى .
" خوتۇن ، بۇ تۆتىنجىسى . مېنى نىمانچە بۇنچە ياخشى قىلىۋەتكەنسەن ، نۇرغۇن ئادەملەر مېنى ياخشى كۆرىدۇ . دېققەت قىلمىسام ئۆزگۈرۈپ قالىمەن جۇمۇ . مېنى شۇنچە ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويۇپ، ئۆزۈڭنىڭ بالدۇرلا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغىنىڭ نىمىسى ؟ مەن ، مەن يالغۇز ، بەك غېرىپلىق ھېس قىلىۋاتىمەن "
ئەر بوغۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتالماي ئېسەدەپ كەتتى .
كۆز ياش ، توختىماستىن تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى . غۇۋا چىراق يورىقى ، تامدىكى كونا رەسىىمدىن ۋاپات بولغان سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى ...

  
  www.izlinix.com تور  بەتتىن كۆچۈرۇپ كەلدىم

Rank: 4

تىللا
367
تۆھپە
204
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 00:59:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك   تەسىرلىككەن  بۇ  ئەسەر


Rank: 1

ئىسىمى
ئەركىن تۇردى
تىللا
31
تۆھپە
13
UID
548
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:22:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:56:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك   تەسىرلىككەن  بۇ  ئەسەر


Rank: 4

تىللا
310
تۆھپە
173
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:01:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشىكەن  .  تەسىرلەندىم .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
191
تۆھپە
104
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:20:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرگەن ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئەسەركەن قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
148
تۆھپە
102
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:23:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم،ئۆيدە ئوقۇسام بوپتىكەن ئەسلى.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
161
تۆھپە
67
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:04:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەخمەت


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
161
تۆھپە
67
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:04:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى تەسىرلىككەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:06:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ھەممە ئەرلەر شۇنىڭدەك ياخشى بولسا ، بىر ئومۇر شۇ ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، ھورمىتىنى قىلىپ بۇ دۇنيادىن ئۆتسە نىمە ئارمان ھە ،
بەزى ئەرلەردەك،‹‹ سىزنى ياخشى كورىمەن ››دەپ بولغۇچە ، ‹‹ مەنمۇ شۇ ››دەيدىغان غىتمەكلەرنىڭ قولىغا  چۇشۇپ قالغان بىچارە ئايالارنىڭ ھالىغا ۋاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:24, Processed in 0.077199 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991